24 ئادەمنى تۇتقۇن قىلىۋالغان ئوقۇغۇچى ئۆلىۋالغان |
مەنبە: سىنا تورى 2010-يىلى30-نويابىر
ئامېرىكا ۋېسكانسىن ئىشتاتى ماررىنېت ناھىيەسىدىكى ساقچىلارنىڭ ئېلان قىلىشىچە، بۇ ناھىيەدە يۈز بەرگەن مەكتەپتىكى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىنى تۇغدۇرغۇچى ئوقۇغۇچى ئۆلگەن، تۇتقۇن قىلىغان 24 ئادەم ھېچقانداق خەتەرگە ئۇچىرىمىغان. تېخى ئەمدىلا 15 ياشقا كىرگەن ئوقۇغۇچى 29-چېسلا چۈشتىن كىيىن، قورال كۆتۈرگەن ھالدا دەرىسخانىغا باستۇرۇپ كىرىپ، 23 ئوقۇغۇچى ۋە بىر ئوقۇتقۇچىنى تۇتقۇن قىلىۋالغان. شۇ يەرلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، باشقىلارنى تۇتقۇن قىلىۋالغان ئوقۇغۇچى ئەڭ دەسلەپتە بەش ئوقۇغۇچىنىڭ ھاجەتخانىغا بېرىشىغا يول قويغان. كىيىن ساقچىلار دەرىسخانىدىن ئۈچ پاي ئوق ئاۋازى ئاڭلىغان ۋە دەرھال باستۇرۇپ كىرگەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئوقۇغۇچى ئۆزىگە قارىتىپ بىر پاي ئوق ئاتقان. ساقچىلار نەق مەيداندىن ئىككى دانە تاپانچا تاپقان. بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ باشقىلارنى تۇتقۇن قىلىۋېلىشىنىڭ سەۋەبى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن. تۇتۇقۇن قىلىغان بىر ئوقۇغۇچى مۇنداق دىگەن، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ روھىي ھالىتى ناھايىتى سۇلغۇن بولۇپ، قارىماققا باشقىلانى يارلاندۇرۇش نىيتى باردەك قىلمايتتى. ماررىنېت ناھىيەسى ۋېسكانسىن ئاشتاتىدىكى يېشىل قولتۇقنىڭ شىمالىغا 80 كىلومېتر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەن مەكتەپتە تەخمىنەن 800 ئوقۇغۇچى بار ئىكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2010-12-1 13:45:13 ئۇقۇلۇشى: 472 قېتىم] |
|