زەھەر چەككۈچى ئوغرى تورغا چۈشتى |
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى 2010- يىلى 26- نويابىر
ئۆز خەۋىرىمىز : زەھەر چەككۈچى شۈ ** ئەتىگەندە باشقىلارنىڭ ئېھتىياتسىزلىقىدىن پايدىلىنىپ، دوختۇرخانا خىزمەتچىلەر ياتىقى ۋە ئىدارە ئورۇنلاردا ئوغرىلىق قىلىدىكەن، ئۇ بۇ جەرياندا بەش ئايدا سەككىز قېتىم ئوغرىلىق قىلغان، شەھىرىمىزنىڭ يۇقىرى يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونلۇق ج خ شۆبە ئىدارىسى رازۋېدكا چوڭ ئەترىتىدىكى ساقچىنىڭ 23- نويابىر تونۇشتۇرۇشىچە، شۈ** 20- نويابىر شەھىرىمىزنىڭ« بېيجىڭ يولى » دىكى مەلۇم ساراينىڭ ئىش بېجىرىش رايونىدا ئوغرىلىق قىلىۋاتقاندا ئامانلىق ساقچلىغۇچى تەرىپىدىن تۇتۇلغان، شۈ ** نىڭ زەھەر چېكىۋاتقىنىغا 10 يىلدىن ئاشقان ئىكەن ئۇ بۇ يىل ئىيۇلدىن 21- نويابىرغىچە شەھەرىمىزنىڭ «بېجىڭ» ،«چوڭكۆل» « غەربى شىمال يولى » ،«دوستلۇق يولى»، ۋە «ياشلار يولى » لىرىدا سەككىز قېتىم ئوغرىلىق قىلغان، ئۇ ئىشخانا ، كىسەلخانىلاردىن ئوغرىلىغان نەرسىلەرنى ئەرزان باھادا سېتىپ زەھەر چىكىدىكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2010-11-27 13:18:31 ئۇقۇلۇشى: 536 قېتىم] |
|