يىمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلەش |
مەنبە:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى 2010- يىلى 15- نويابىر
ئۆز خەۋىرىمىز : لى جىيەننىڭ بىر موتوسىكلىتى بار بولۇپ، دائىم دوستلىرىغا ئارىيەت بېرىپ تۇراتتى،بۇ يىل ماي ئايلىرىنىڭ بىر كۈنى كەچلىكى لىن جىيەننىڭ دوستى ۋۇفېڭ ئارىيەت ئالغان موتوسىكلىتنى ھەيدەپ 312 دۆلەت تاشيولىنىڭ شىخەنزە بۆلىكىدە ئالدىدا كېتىپ بارغان ۋېلىسىپىتلىق كىشىدىن يانداپ ئۆتمەكچى بولغاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن ۋېلىسىپتكە سوقۇلۇپ كەتكەن، ۋېلىسىپتنڭ كەينىدە ئولتۇرغان پەن خانىم يارىلانغان ، ئۇنىڭ ئوڭ ئوقۇرەك سۆڭىكى سۇنغان بېشى زەخىمىلەنگەن ، مېڭىسى سىلكىنىپ كەتكەن بولۇپ، «10- دەرىجىلىك مېيىپ» دەپ بېكىتىلگەن. ئىككى تەرەپ تۆلەم مەسىلىسىدە بىرلىككە كېلەلمىگەچكە، پەن خانىم بۇ يىل ئىيۇلدا ۋۇفېڭ ۋە موتوسىكلىتنىڭ ئىگىسى لىن جىيەننى سوتقا ئەرز قىلىپ، ئىككىسىنىڭ تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى بىرلىكتە ئۈستىگە ئېلىشىنى ، تۈرلۈك ئىقتىسادى زىيانلار ئۈچۈن 50 مىڭ يۈەن تۆلىشىنى تەلەپ قىلدى. سوت ئېچىپ ئىككى تەرەپنى مۇرەسسەلەشتۈرۈش نەتىجىسىدە پەن خانىم ۋۇفېڭنىڭ 31 مىڭ يۈەن لىن جىيەننىڭ 2020 يۈەن تۆلەم بېرىشىگە قوشۇلغان.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2010-11-20 16:48:32 ئۇقۇلۇشى: 511 قېتىم] |
|