بىر ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان تازىلىق قەغىزى |
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى 2010- يىلى 15- نويابىر
ئۆز خەۋىرىمىز :شەھىرىمىزدىن ئىككىيلەن كىچىككىنە تازىلىق قەغىزى سەۋەبىدىن ئۇرۇشۇپ قېلىپ بىرەيلەن ھاياتىدىن ئايرىلدى. نۆۋەتتە، جىنايەت گۇماندارى م** جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلدى. م** شەھىرىمىزنىڭ «داۋان يولى» دا كاۋاپچىلىق قىلاتتى.11- ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن ھ ** بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا ھاجىتى قىستىغانلىقتىن ، م** تىن تازاىلىق قەغىزى سورىغان م** قەغەز يوق دېگەن . ھ ** م** نىڭ سۆزىگە ئىشەنمەي ، ئۈستەل تارتمىسىنى ئېچىپ تېخى ئىشلىتىلمىگەن قەغەزنى چىقارغان شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن تاكاللاشقان كېيىن ھ ** بۇ يەردىن كەتكەن. بىراق م * ئۆچ ئېلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويغان. شۇ كۈنى كەچتە، ھ** بۇ يەردىن ئۆتكەندە م** ئۇنى تۇتۇۋېلىپ قورسىقىغا پىچاق تىقىۋەتكەن. ۋەقەدىن كېيىن چارلاش ساقچىلىرى م** نى تۇتقان.ھ** قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن، نۆۋەتتە دېلو داۋاملىق تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2010-11-20 16:46:35 ئۇقۇلۇشى: 513 قېتىم] |
|