ئامېرىكا ئىران بىلەن مۇناسىۋىتى بار 37 شىركەتكە جازا يۈرگۈزىدىكەن |
مەنبە:تەڭرىتاغ ئويغۇر تورى 2010-يىلى28-ئۆكتەبىر

( ماتېرىيال سۈرەت )
شىنخۇا تورى ۋاشىنگىتون 27 ــ ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى : ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى 27 ــ ئۆكتەبىر ، ياۋروپادىكى 37 شىركەتكە جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ ، جازا يۈرگۈزۈلىدىغان بۇ شىركەتلەر ئامېرىكا تەرىپىدىن ئىران دۆلەتلىك سۇ ترانسىپورتى شىركىتىنىڭ جازادىن قېچىشقا ھەمكارلاشقان ، دەپ بېكىتىلگەن .
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان بىر باياناتىدا مۇنداق دېگەن : بۇ 37 شىركەت گېرمانىيە ، مالتا ، سىپروس قاتارلىق دۆلەتلەرگە جايلاشقان بولۇپ ، ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى دۆلەتلىك سۇ ترانسىپورتى شىركىتىنىڭ كونتروللىقى ۋە ئىگىدارچىلىقىدا ئىكەن . ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى بۇ شىركەتلەرنى ئىران بىلەن قانۇنسىز قورال - ياراغ پىلانى ھەمدە ھەربىي مال - مۈلۈك ترانسىپورتى بىلەن چېتىشلىقى بار دەپ ئەيىپلىگەن . باياناتقا ئاساسلانغاندا ، جازا يۈرگۈزۈش ئوبېيكتى يەنە بۇ شىركەتلەردىكى بەش نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن .
باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ 13382 ــ نومۇرلۇق مەمۇرىي بۇيرۇقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ، بۇ شىركەتلەر ۋە شەخىسلەرنىڭ ئامېرىكا ئەدلىيە باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى مال ــ مۈلكى توڭلىتىلىدىكەن ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكىلىقلارنىڭ بۇ شىركەت ۋە شەخىسلەر بىلەن بولغان سودا ئالاقىسى توختىتىلىدىكەن .
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 16 ــ ئىيۇن ئىران پوچتا بانكىسى ، ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچى قىسمىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي گەۋدە ۋە شەخىسلەر ، ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى سۇ ترانسىپورتىغا مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي گەۋدە قاتارلىق ئورگان ۋە ئىقتىسادىي گەۋدىلەرگە جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان .
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2010-10-28 13:58:31 ئۇقۇلۇشى: 131 قېتىم] |
|