‹‹سەكسەنخالتا›› ئاتالغان دورا – دەرمانچىلىقىمىز خەلقىمىزدە ئومۇملاشقان كەسىپ بولۇپ، ئەمەلىيەتتە، ئۇنى ئۇيغۇر تېبابىتى شىپاخانىسى، دېيىشكە بولىدۇ.
خەلقىمىزدىكى دورىپۇرۇشلار ھەرخىل دورا - دەرمان سېتىش بىلەن بىللە، ئاغرىقلارنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ، كېسەللىرىگە دىئاگنوز قويىدۇ ۋە شۇ كېسەلگە باپ تەييار دورىلىرىنى بېرىدۇ. بەزى ئاغرىقلارنىڭ كېسىلىگە تەييار دورىلىرى ماس كەلمىسە، ھەرخىل دورا ماتېرىياللىرىدىن نىسبەت بويىچە تەڭشەپ دورا ياساپ بېرىدۇ ھەم ئىستېمال ئۇسۇلىنى تەپسىلىي ئۆگىتىپ قويىدۇ. بۇنداق دورىپۇرۇشلۇق دۇكانلىرىدا سېتىلىدىغان دورا – دەرمانلارنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، ئۇلار ئايرىم – ئايرىم خالتىلارغا قاچىلىنىپ تىزىلغاچقا، خەلقىمىز گەرچە ئۇنى »سەكسەنخالتا« دەپ ئاتىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، تۈرلىرى بويىچە دورا – دەرمان قاچىلانغان خالتىلار ئۇنىڭدىن خېلىلا كۆپ بولىدۇ.
ئەگەر ھەرقانداق ‹‹سەكسەنخالتا››غا بارسىڭىز، ئۇنىڭ يايمىسىدىن ئاقمۇچ، قارامۇچ، زىرە، ئارپىبەدىيان، پىننە، پىلپىل، قەلەمپۇر، قوۋزاقدارچىن، لاچىندانە، گۈلدارچىن، قاقىلە، كۆك لاچىندانە، قۇرۇتۇلغان يىلان، يىلان قاسىرىقى، موزا، كاۋاۋىچىن، سېرىق ھىلىلە، قارا ھىلىلە، پەرگە دارچىن، خولىنجان، ئاقچاچكار، چامغۇر، زەنجىۋىل، سىرە، سورۇنجان، بوز بېغى، جويۈز، ئىتئۈزۈمى، غۇنچە ئۈزۈم، سانا، ئەپيۈن غوزىكى، ئىسپەغول – قارا توغرىغا، قىزىلقولتۇق پاقا، كىلە – كەسلەنچۈك، زەمچە، نۆشۈدۈر، ئادراسمان ئۇرۇقى، رەۋەن، گۈڭگۈرت، قارىغاي يېلىمى، قارائەندىز، ئەقىل قارا، سەرسىتان، سىماب، سىر، كەپىرىس، ئالماس، ھۆل – قۇرۇق بۇغا مۈڭگۈزى، بۆكەن مۈڭگۈزى، ئىپار، زەپەر، مېھرىگىياھ، زەيتۇن مېيى قاتارلىق نەچچە يۈز خىل دورا – دەرمان ھەم ھەر خىل كۆكتات ئۇرۇقى، ماش، نوقۇت، پۇرچاق تۈرلىرى، خىلمۇ خىل يوپۇرماق، پوتلا، خىلمۇ خىل چېچەك قاتارلىق شىپالىق دورىلاردىن ئېھتىياجىڭىزنى قاندۇرالايسىز، پەسىل ۋە مىجەزنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ، ئۇنىڭغا ماس چاي دورىلىرىنى تاللاپ سېتىۋالالايسىز.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2010-8-24 14:02:00 ئۇقۇلۇشى: 426 قېتىم] |
|