مەنبە:تەڭرىتاغ ئويغۇر تورى 2010-يىلى24-ماي
19–ماي ، كۇچا ئىككىنچى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئىككىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى نۇرئەخمەت ئىتتىپاق يېڭى كۆۋرۈكى ئەتراپىدىكى كۆلدە سۇغا چۆمۈلۈپ ئوينىماقتا
شىنجاڭنىڭ كۇچا ناھىيەسى قەدىمكى كۈسەن پادىشاھلىقى ياشىغان جاي بولۇپ ، يىپەك يولىنىڭ سودا ، ھەربىي ئىشلار ، مەدەنىيەت ، قاتناش مۇھىم تۈگۈنى . كۇچا ناھىيەسى جۇغراپىيەلىك ئورنى جەھەتتىن يېڭى شەھەر رايونى ۋە كونا شەھەر رايونى دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ . كونا شەھەردە 30 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇس بار بولۇپ ، بۇنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇرلار . كونا شەھەر رايونىنىڭ يېڭى شەھەر رايونى بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى ، كونا شەھەر رايونى ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ھالىتىنى ساقلاپ قالغان . شۇ يەردە نامى بار ئىتتىپاق يېڭى كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈپ ، كونا شەھەر رايونىغا كىرسىڭىز ، خىلمۇ خىل مەنزىرىلەرنى كۆرەلەيسىز.
20–ماي ، كۇچا كونا شەھەر رايونى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرى يېنىدىكى بىر ناۋايخانىدا ، ئۇيغۇر يىگىتى ئەزىز نان ياقماقتا
18–ماي ، كۇچا ناھىيەسىنىڭ كونا شەھەر رايونى سايباغ مەھەللىسىدىكى ئەزىز ۋە ئۇنىڭ ئايالى نۇرنىساگۈل توققۇز ياشلىق ئوغلى پەخىردىن ۋە ئەزىزنىڭ ئىنىسىنىڭ قىزى بىلەن بىللە
كونا شەھەر ئاھالىسى نۇرنىساگۈل . نۇرنىساگۈل بۇ يىل 32 ياش ، توققۇز ياشلىق ئوغلى بار ، يولدىشى سىرتتا خىزمەت قىلىدۇ ، ئۇ ئۆيدە چوڭلار ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ
كۇچا ناھىيەسى كونا شەھەر ئاھالىسى مامۇت ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىگە لاي ئالماقتا
كۇچا ناھىيەسى كونا شەھەر ئاھالىسى مامۇت ئايالى پاتەمخان ، قىزى رەيھانگۈل ۋە نەۋرىسى نەبىجانلار بىلەن بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشتى
كۇچا كونا شەھەر رايونىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مەكتەپ ھويلىسىدا
كۇچا ناھىيەسىنىڭ كونا شەھەر رايونى سايباغ مەھەللىسىدىكى ئابدۇۋەلى ئۆيى ئالدىدىكى تۆمۈرچىلىك دۇكىنىدا ئورغاق ياسىماقتا
كۇچا ناھىيەسىنىڭ كونا شەھەر رايونىدا ، بىر ئۇيغۇر قىزچاق ئۆزىنىڭ قەنت ــ گېزەك دۇكىنى ئىچىدە
كۇچا ناھىيەسىنىڭ كونا شەھەر رايونىدا ، بىر ئۇيغۇر ئايال بالىسىنى ئېلىپ ‹‹ تاكسى ›› غا ئولتۇرۇپ بازارغا ماڭدى
كۇچا ناھىيەسىنىڭ كونا شەھەر رايونىدا ، ئۇيغۇر قىزچاق ئاپىسىغا ئەركىلىمەكتە
كۇچا ناھىيەسىنىڭ كونا شەھەر رايونى ئىتتىپاق يېڭى كۆۋرۈكى ئەتراپىدىكى كۆلدە ، ئىككى كىچىك بالا سۇغا چۆمۈلۈپ ئوينىماقتا
كۇچا ناھىيەسى كونا شەھەر رايونىدىكى بىر تىككۈچىلىك دۇكىنىدا ، 19 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى ئارزىگۈل كىيىم تىكمەكتە
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2010-5-25 10:54:45 ئۇقۇلۇشى: 1227 قېتىم] |
|