| |
| ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
| |
|
| |
|
| |
|
تويدا ئاتا - ئانىنىڭ رازى بولغىنى تۈزۈك
|
|
|
|
|

ئىلگىرى ئاتا - بوۋىمىزنىڭ زامانىسىدا قىز - ئوغۇللار توي قىلىش يېشىغا يەتكەندە ئاساسەن ئاتا - ئانىلىرىنىڭ ياكى ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن نىكاھلىناتتىكەن . ئەلۋەتتە بۇ خىل نىكاھ نىسبەتەن مەجبۇرلاش تۈسىنى ئالغان بولسىمۇ ، " نىكاھنىڭ مېھرى ئىسسىق دېگەندەك ، مۇتلەق كۆپچىلىق كىشىلەر يەنىلا جۆرىلىرى بىلەن مەڭگۈلۈك ھەمراھلاردىن بولۇپ قالاتتىكەن . ئاڭلىسام ، ئاتا - ئاناممۇ چوڭلارنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن بىرلا قېتىم يۈز كۆرۈشكەندىن كىيىن توي قىلغانىكەن ، مانا ئۇلار ھازىرغىچە مەن قاتارلىق ئۈچ بالىنى قاتارغا قوشۇپ ، ئىجىل - ئىناق ئۆتىۋاتىدۇ .
ھازىركى جەمىيىتىمىزگە نەزەر سالىدىغنا بولساق ، كۆپىنچە پەرزەنتلەر ئاتا - ئانىسىنىڭ رازىلىقى بىلەن جۆرە تاللاپ ، كۆڭۈللۈك نىكاھقا ئېرىشىۋاتىدۇ ، بىراق قىسمەنلەر ئەركىن مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىشنىڭ بەزى پايدىسىز تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن ، ئاتا - ئانىنىڭ رازىلىقىسىز نىكاھلىنىپ داغدا قېلىۋاتىدۇ ، يەنە بەزىلەر ئاتا - ئانىسى تويىغا قوشۇلمىسا باشقا يۇرتلارغا قېچىپ يۈرۈپ توي قىلىۋاتىدۇ . مىنىڭچە ، ئاتا - ئانىنىڭ ئۇشبۇ نىكاھقا نىسبەتەن ئالاھىدە غەرىزى بولمىغان ئەھۋالدا ، ئۇلارنىڭ رازىلىقىسىز قىلىنغان توي ئېنىقكى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ .
يېقىندا بىر تونۇشۇم بىر چاغلاردا كىتاپىمۇ ياكى تېلىۋېزوردىمۇ ، ئەيتاۋۇر بىر يەردە كۆرگەن ئامېرىلىقلارنىڭ ئەركىن مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىشىغا ئائىت بىر نىكاھ مىسالىنى سۆزلەپ بەردى : يىگىت ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي ، قىزى بار تۇل خوتۇن بىلەن ئۈچ يىل مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغان . بىر نەچچە يىلدىن كىيىن ئۆگەي قىزى بۇئەرنىڭ ئاتىسى بىلەن مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغان . شۇنىڭ بىلەن ئەر ئاتىسنىڭ قىينىئاتىسى بلۇپ قالغان . ئۇلار بالىلىق بولغاندىن كىيىن بۇ ئىشلار تېخىمۇ قالايمىقانلىشىپ كەتكەن . ئاتىسنىڭ بالىسى ئەرنىڭ ھەم ئىنىسى ، ھەم نەۋرىسى بولغان ....
شۇنداق ھېس قىلدىمكى ، ھەرقانداق ئىشنىڭ يامان تەرىپى بولغىنىدەك ، ئەركىن مۇھەببەتلىشىشمۇ ياخشى - يامان نەتىجىگە باشلايدىكەن ، شۇڭا بۇنىڭ ئۈچۈن " ياخشى كۆرۈپ قالدىم " دەپلا قانۇنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاققا قارشى چىقماستىن ، ئەڭ مۇھىمى ئاتا -ئانىنىڭ رازىلىقىنى ئالغان تۈزۈككەن . بولمىسا يۇقىرىقى مىسالدىكى ئامېرىكىلىقتەك غەلىتە ئەھۋالغا يولۇقۇپ قالمىغان تەغدىردىمۇ ، بەخىتلىك نىكاھ تۇرمۇشىغا ئېرىشكىلى بولماسلىقى مۇمكىن .
- شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى
|
| كۆرۈلۈشى:170 | قوشۇلغان ۋاقتى:2011/8/16 10:17:54 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
|
| | | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
| سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
| |
|
|