تىلسىمات520ئەپەندىم ، كەچۈرۈڭ ، بۇ گىپىمنىڭ سىزگە تېگىپ كېتىشىنى ئويلىماپتىمەن.مەن ئەزەلدىن باشقىلارنى چېقىۋىلىشنى ياكى تىللىۋىلىشنى ياخشى كۆرمەيمەن، مېنى خاتا چۈشەنمەسلىكىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن
سىزنىڭ تېمىڭىزنى ،ئىنكاسلىرىڭىزنى تولۇق ئوقۇدۇم ، مېنىڭ گېپىمنىڭ تىغ ئۇچى ھەرگىز سىزدەك مىللەتپەرۋەر قىرىنداشلىرىمغا قارالمىغان ، شۇنداق قىلسام مەنمۇ تۇزكورلار قاتارىدا تۇرسام بولىدۇ ئەلۋەتتە. سىزنىڭ ۋە باشقا مىللىتىمىزنى قىزغىن سۆيىدىغان ، باش قاتتۇردىغان قىرىنداشلىرىمنى مەن بار كۈچۈم بىلەن قوللايمەن ھەم سىزدەك كىشىلەرنىڭ ئارىمىزدا تېخمۇ كۆپ بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. بۇيەردە مەسىلە بار دىگەنلەر ،تۈنۈگۈندىن بېرى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى كۆردۈم ئارىمىزدا ئۆز-ئۆزىدىن شۈبىھلىنىدىغانلارمۇ يوق ئەمەسكەن ،بەزىبىر ئىنكاسلار ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىپ قويىدىكەن ،ئازساندىكىلىرىمىز پاسسىپ ئامىللارنىلا تۇتىۋىلىپ مىلەتنىڭ يوقۇلىشىدىن شۈبۈھلىنىپ قېلىۋىتىپتۇ ،مەن پەقەت مىللىتىمىزنىڭ يوقۇلىشىدىن شۈبۈھلىنىۋاتقانلارغا قارىتىپ يۇقارقى ئىنكاسنى يازغان ئىدىم ، بىزدىكى ئاكتىپ ئامىللارنى قارىسام ھىچكىم يازماپتىكەن ، تىيىز تەپەككۈرۈم بىلەن ئاتىكاچىلىق قىلىپ يېزىپ سالدىم ، كەچۈرسىلەر .
بۇ گەپنى دىگۈم يوق ئىدى ،چۈنكى مېنىڭ ھچكىمنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتقۇم يوق ،بىر-بىرىمىزبىلەن مۇڭدىشىدىغان پىكىر ئالماشتۇرىدىغان مۇشۇ سورۇندىمۇ ئۆزئارا كۆڭلىمىزنى ئاغرىتمىساقمۇ ھەممىزگە ئايان مۇشۇ كۈنلەردە كۆڭلىمىز باشقىلاردىن ئاغرىپ كېلىۋاتقان بىز!ھەممىزنىڭ قىسمىتى بىر.
لېكىن دوست يىغلىتىپ ئېيتار دەپ سىزگىمۇ شۇنى دەپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ ،ھەرگىز كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ،قوبۇل قىلغۇڭىز كەلمىسە كارىڭىز بولمىسا بولىۋىرىدۇ ،مەن ئۇنچىلا مۇھىم ئادەملەردىن ئەمەس سىز گەپلىرىمنى كۆڭلىڭىزگە ئېىلىپ كەتكۈدەك