120% مۇتلەق!!! ئۇيغۇرلار مەڭگۈ يوقالمايدۇ!!!
ئادەتتە مەلۇم گەپنى مۇتلەقلەشتۈرمەكچى بولساق 100پىرسەنت ئۇنداق 100 پىرسەنت مۇنداق دەپ كېسىپ ئېيتىپ قويىمىز. لېكىن بۈگۈن ئۇيغۇرچىلىقتا يەنە بىر يېڭى گەپ تېپىپ مۇنداق دېيىشكە بولىدۇ.
120% ئىشەنچىم كامىل، ئۇيغۇرلار مەڭگۈ يوقالمايدۇ!!!
يوقىلىپ كېتەرمۇ؟ ئاق بولارمۇ؟ كۆك بولارمۇ دېگەن كىشىلەرنىڭ ساددا ھېس خىياللىرىدا پەقەت ئاز بىر قىسىم ئىنسانىي ئىللەتلەر ئەكس ئەتكەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق ئاقماس ئوي خىياللاردا بوپ قالىدۇ. ئەلۋەتتە بۇنداق گەپنى شەبنەمدەك 100،000 دىن ئارتۇق ئادەم كىرىپ تۇرىدىغان يەردە دەۋەرسە ھېلىغۇ ئۇيغۇرلاركەن خەنزۇلار يوقىلىپ كېتەرمۇ؟ جوڭگۇ راستىنلا يوقىلىپ كېتەرمۇ؟ دەپ توۋلاۋەرسە دۆلىىتمىزنىڭ مەلۇم خەلىقئارالىق ئاجىز نۇقتىسىنى داۋراڭ سېلىۋەرسە ئەلۋەتتە ئادەمنىڭ كۆڭلىدە جۇڭگومۇ يوقىلىپ كېتىدىغان ئوخشايدۇ دەيدىغان بىر خىياللارمۇ پەيدا بولۇپ قالىدۇ....
لېكىن %120 شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى ئۇيغۇرلار مەڭگۈ يوقالمايدۇ!!!
نېمىشقا دېمەمسىز؟ شۇنداق خىياللاردا بولۇپ قالغان ئىككى توك توك ئادەم بەلكىم مىللىتىمىزنىڭ نۇرغۇن ئىللەتلىرىنىلا كۆرۈپ شۇنىلا ئويلاپ كۆڭلىگە شۇنىلا سىغدۇرسا، ئۇ يەر بۇ يەردە كەلسە كەلمەس شوئار توۋلاپ يۇرىۋەرسە بۇ ئەلۋەتتە شۇنىڭ تۈگەشكىنى ئۇنداق ئادەمنىڭ يوقالغىنىمۇ ياخشى... ئۇيغۇرلار يوقىلامدۇ دېگەن خىيالنى قىلغانلار پەقەت ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغان، ئەبگا، يارىماس نان قېپىلاردۇر خالاس.. ئۇنداق ئادەملەر ئۇيغۇرلار يوقىلامدۇ دېمەي ئالدى بىلەن مەن نېمە بولارمەن، مەن يوقىلامدىم، دەپ خىيال قىلسا توغرا بولىدۇ، نېمىشقا دېمەيسىز؟ ئەگەر ئۇ راستىلا ئۇيغۇر بولسا ئالدى بىلەن ئۆزىنى قۇتقۇزسا ئاندىن ئۇ بىر ئۇيغۇرنى قۇتقۇزغان بولىدۇ، ئۆزىنىمۇ قۇتقۇزالمىغان ئادەم قانداقمۇ بىر مىللەتنىڭ ئادەملىرىنىڭ تەغدىرى ئۈستىدىن ئېغىز ئاچالىشى مۇمكىن، بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىق ئاكا ھەقىقەتەن پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى بولۇشقا مۇناسىپ.
تارىختىن بۇيان ھازىرغىچە ئۇيغۇردەك بىر مىللەتنى ئۇ بولارمۇ بۇ بولارمۇ؟ ئۇ بولىدۇ، بۇ بولىدۇ.... دېگەنلەر، دەۋەتقانلار، دەيدىغانلار ئىتنىڭ تۈكىدىنمۇ جىق ھەممىمىز بۇنى بىلىمىز.... بۇ خىل ئىنتايىن رەزىل قىلمىشنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ... لېكىن شۇ ھەممىمىزنىڭ ئېسىدە ئېنىق تۇرسۇنكى ئۇيغۇرلار مۇتلەق يوقالمايدۇ.. ئاشۇ ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى بىر قانچە رەزىل ئىللەتلەر كۆزىمىزگە ھەممە ئۇيغۇرنى شۇنداق كۆرسىتىۋەتكەن، شۇنداق دۆت كۆرىنىپ كەتكەن بولساق ئۇنىڭغىمۇ ئامال يوق، بۇ پەقەت شۇ خىل شەخىسلەرنىڭ كۆز قارىشى خالاس. لېكىن تارىختىن بۇيان قايسى مىللەتنىڭ ئىللىتى بولۇپ باقمىغان، قايسى دۆلەتنىڭ ھېچقانداق ئاجىزلىقى يوق.. ھەر قانداق بىر مىللەت، ھەر قانداق بىر ئىجتىمائىي توپ ھەقىقەتەن يەنە بىر مىللەت ۋە ئىجتىمائىي توپنىڭ رىقابىتىگە،تەھدىتىگە ھەر سىكىنۇت دۇچ كىلىپ تۇرىدۇ. دۇنيادا رىقابەتسىز ھېچ ئىش مەۋجۇت بولۇپ باقمىغان، لېكىن رىقابەتنىڭ مەۋجۇدلىقى ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمەيدۇ... ئاشۇنداق كەسكىن رىقابەت ئىچىدە ھەربىر ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئالدىرىماي تونۇپ يېتىپ، ئاشۇنداق رىقابەت ئىچىدىن دۇنيادىكى بىرىنچى سەركەردە مىللەتلىك ئورنىغا چىقسا چىقىدۇكى ھەرگىزمۇ يوقىلىش غايىپ بولۇش، مەغلۇپ بولۇش گىرادابىغا چۈشۈپ قالمايدۇ. چۈنكى ئاشۇ ئىككى توك توك پىس رەزىل ئۇيغۇر ئىنسانلىرى ۋە ئۇيغۇر گومۇشلىرىدىن باشقا بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىدا ئاجايىپ كۈچلۈك، قۇدىرەتلىك قىزغىن ئىنسانىي مېھىر-مۇھاببەت، ئىرادە، غەيرەت-شىجائەت مەۋجۇت.. ئىشەنمىسىڭىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق مىجەز ئالاھىلىكىنى تەتقىق قىلىپ باقسىڭىزلا بۇ نۇقتىنى چۈشىنىپ يېتەلەيسىز..
قېنىڭىزدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ قېنى بولسا بۇنىڭىدىن كېيىنكى ئۆمرىڭىزدە ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر يوقىلارمۇ؟ بۇ بولارمۇ دەپ مىللەتنىڭ غېمىنى قىلماي ئۆزىڭىزنىڭ غېمىنى قىلىڭ، سىز ئاۋال ئۆزىڭىزنى قۇتقۇزسىڭىز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىر ئۇيغۇرىنى قۇتقازغان بولىسىز. ھەر بىر ئۇيغۇر ئۆزىنى قۇتقۇزالىسا ئاندىن باشقىلارنى قۇتقۇزالايدۇ. شەبنەمگە كىرىپ شوئار توۋلىغان بىلەن قورساق تويمايدۇ....
ئۇيغۇرلار مەڭگۈ يوقالمايدۇ!!! ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى چىدامچانلىقى ئەتىكى غەلبە ئۈچۈن ئاساس بولسا بولىدۇكى، ھەرگىز ئەتىكى مەغلۇبىيەت ئۈچۈن كۆۋرۈك بولمايدۇ.
سىز بىر ئۇيغۇر بولسىڭىز شۇنى ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلاڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن ئۆزىڭىزنى قۇتۇلدۇرۇشقا تىرىشىڭ، مۇۋاپىقىيەت قازىنىشقا تىرىشىڭ 100پىرسەنتلىك ئەمەس 120 پىرسەنتلىك ئىشەنچ بىلەن تىرىشچانلىقىڭىزنى داۋاملاشتۇرىۋېرىڭ... غايەت زور ئىشەنچ بىلەن داۋاملاشتۇرۇڭ، چۈنكى سىز ئۆزىڭىزنى قۇتۇلدۇرۇشقا موھتاج، بىر مىللەتنى قۇتۇلدۇرۇشقا موھتاج ئەمەس. سىز، مەن ۋە ئۇ ھەممىمىز پۈتۈن زېھنىمىز ۋە ئىرادىمىز بىلەن قىلچە بوشىشىپ قالماي ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىپ ئۆزىمىزنى قۇتۇلدۇرالىساقلا بۇ مىللەتنى قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى قالمايدۇ.
...
120% مۇتلەق!!! ئۇيغۇرلار مەڭگۈ يوقالمايدۇ!!!