ئىنكاس يازمىسام پەقەت چىدىمىدىم
ئۇيغۇرلار يوقۇلامدۇ دىگەن گەپنى دىگەن ئادەمنىڭ ئۆزىدە مەسىلە بار ئىكەن .
گەرچە مىللىتىمىزنى يوقىلىدۇ دىگەن تەرەپتارلار ئېيتقاندەك بىزدە ھەقىقەتەن نۇرغۇن پاسسىپ ئامىللار بولسىمۇ لېكىن ياخشى ئاكتىپ ئامىللارمۇ مېنىڭچە كۈنسىرى كۆپۈيىۋاتىدۇ ،مىسالەن ئۇيغۇرلىرىمىزدىن كارخانچىلار ، ئالىم تەتقىقاتچىلار، دوكتۇر ئاشتىلار ،تەبىي پەن مۇتەخەسسلىرى كۆپلەپ مەيدانغا كېلىۋاتىدۇ ،گەرچە ئومۇمىي مائارىپ تۈزۈلمىمىزدە ئېغىر مەسىلىلەر كۆرۈنىۋاتقان بولسىمۇ لېكىن يەنە نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ كەلگۈسى ،كىملىگى ئۈستىدە بۇرۇنقىدىن بەكرەك باش قاتتۇرۋاتىدۇ. دىن مەسىلىسىنى ئالساق نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە گەرچە جەمىيەت ھەقىقەتەن چېرىكلىشىپ ھەرخىل ناشايان ئىشلار ،ناشايان سورۇنلار ئەۋىج ئېلىپ ،ۋاقىت ئىسراپچىلىغى دىگەندەك نۇرغۇن ئىسراپچىلىقلار ئارقا -ئارقىدىن شەكىللىنىپ ،پۈتكۈل جەمىيەتتە بىر خىل ناچار ئېقىم ئۈستۈنلۈكتە تۇرغاندەك تۇرسىمۇ لېكىن مېنىڭچە دىنىمىزمۇ بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخمۇ بەكرەك ئېتبارغا ئېرىشىپ ھەرخىل ۋاستىلەر بىلەن مۆمىن مۇسۇلمان ئۇيغۇرلىرىمىز ئارىسىدا بارغانسىرى كېڭەيمەكتە . ئىلگىرى شەھەرلەردە بالىلىرىنى دىني دەرسلەرگە بېرىدىغانلار يوق دىيەرلىك ئىدى ،ئورۇنۇپ يۈرىدىغان ئېتقادلىق ئاياللىرىمىزنىمۇ ئۇنچە كۆپ ئۇچراتمايتتۇق، مەسچىدلەردە ناماز ئوقۇيدىغان ياشلىرىمىزمۇ ئاز ئىدى، لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بېرى مەسچتىلەرگە بېرىۋاتقان ياشلار بارغانسىرى كۆپىيۋاتىدۇ، ھەممىلا يەردە چېرايلىق ئورانغان ئېتقاتلىق قىز-ئاياللىرىمىزنى ئۇچرىتىمىز،
شەخسى ئۆيلەردە دىنىي ساۋاتىنى چىقىرىۋاتقان ئىسلامنى ئۆگۈنىۋاتقان بالىرىمىزمۇ ناھايىتى كۆپ ،
بۇ ئاكتىپ ئامىللار مېنىڭچە مىللىتىمىزنىڭ يوقۇلىشىدىن ئەمەس ئاستا-ئاستا ئۆزىنى تونۇۋاتقانلغىدىن ، ئويغۇنىۋاتقانلىغىدىن دېرەك بېرىدۇ ،گەرچە پاسسىپ ئامىللار شۇنچە كۆپ بولسىمۇ لېكىن مېنىڭچە بۇلارمۇ بىزنىڭ مىللىيلىكىمىزنىڭ ھامان بىر كۈنى پارتلاپ چىقىشغا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا مەيلى قايسى نۇقتىدىن ئالايلى ،بىز يوقۇلۇش ئەمەس بەلكى ئۆزىمىزنى قايتا تونۇشقا ، ئويغۇنۇشقا تېخمۇ تەرەققى قىلىشقا قاراپ مېڭىۋاتىمىز. بۇنىڭغا مەن شەكسىز ئىشىنىمەن ، بۇ يەردە پەقەت ۋە پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى بار. ئۇنى -بۇنى ئويلىماي داۋاملىق ئالغا قېرىنداشلىرىم!