ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 899 ـ ئوقۇرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: دۇنيا مەدەنىيەت مۆجىزىلىرى_ قىزىل مىڭ ئۆيلىرى پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

koxuk
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 11465
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 887
شۆھرەت: 1313 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 8717 سوم
تۆھپە: 209 نۇمۇر
ياخشى باھا: 175 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 2888(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

 دۇنيا مەدەنىيەت مۆجىزىلىرى_ قىزىل مىڭ ئۆيلىرى

tilek
(قىزىل مىڭ ئۆيلىرى مەن توردا  تەرجىمە قىلىپ كېلىۋاتقان «دۇنيا مەدەنىيەت مۆجىزىلىرى» دىگەن كىتاپقا كىرگۈزۈلمىگەن بولسىمۇ ، قىزىل مىڭ ئۆيلىرىنى دۇنيا مەدەنىيەت مۆجىزىلىرى قاتارىغا قويۇش تامامەن ھەقلىق . بەيدۇ تورىدىن ئىزدەپ تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. شەبنەمنىڭ 5 يىللىقىغا قىلغان سوۋغام بولۇپ قالسۇن، يوللىغان 100-تېمام )

دۇنيا مەدەنىيەت مۆجىزىلىرى (ئاسىيا )
./read.php?tid-41710-keyword-.html

دۇنيا مەدەنىيەت مۆجىزىلىرى (ياۋروپا)
./read.php?tid-41850-keyword-.html

دۇنيا مەدەنىيەت مۆجىزىلىرى ( ئافرىقا، ئامىرىكا قىتئەلىرى)
./read.php?tid-42061-keyword-.html



ئورنى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى باي ناھىيىسى
ياساش باشلانغان ۋاقىت: مىلادى 3-ئەسىر
باھا: جۇڭگودىكى تۆت چوڭ تاشكېمىرنىڭ بىرسى، جۇڭگودا ئەڭ بۇرۇن قېزىلغان تاشكېمىر

    قىزىل مىڭ ئۆيلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى باي ناھىيىسىدىن شەرقى جەنوپقا 60كىلومېتىر كېلىدىغان ئورۇندا بولۇپ، مەملىكەتلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىي يادىكارلىق ئورنى.
   «قىزىل» نىڭ مەنىسى ئۇيغۇر تىلىدىكى رەڭنى ئىپادىلەيدىغان قىزىلنى كۆرسىتىدۇ.  تاشكېمىرلار مۇزات دەرياسىنىڭ شىمالى قىرغىقىدىكى تىك قىيالارغا جايلاشقان. ھازىر ساقلىنىپ قالغان تاشكېمىرلار 236. بۇنىڭ ئىچىدە بىر قەدەر مۇكەممەل ساقلانغان تاشكېمىرلار تەخمىنەن 3\1ى ئەتراپىدا. تاشكېمىرلارنىڭ تۈزۈلمە ئالاھىدىلىكى، تام رەسىملىرى ئىپادىلىگەن مەزمۇن ۋە سەنئەت ئۇسلۇبى قاتارلىق تەرەپلەردىن تەھلىل قىلىش ، رادىئاكىتىپلىق كاربۇندىن پايدىلىنىپ يىل دەۋرىنى ئېنىقلاش ئۇسۇلىنى قوللۇنۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق تاشكېمىرلارنىڭ ياسالغان ۋاقتى ئاساسەن 4-ئەسىردىن 8-ئەسىرلەرگىچە بولغان دەۋر بولۇپ، دەسلەپكى ، ئارىلىق ۋە ئاخىرقى مەزگىل قاتارلىقلارغا ئايرىشقا بولىدۇ. بۇ تاشكېمىرلەر كۈسەن تاشكېمىر سەنئىتىنىڭ تىپىك ۋەكىلى.
      قىزىل تاشكېمىرلىرى ( قىزىل مىڭ ئۆيلىرى) كۇچا ناھىيەسىگە قوشنا بولغان باي ناھىيىسىنىڭ قىزىل يېزىسىدىكى مىڭئۆي تېغىدا بولۇپ، تاشكېمىرلەر مۇزات دەرياسىنىڭ شىمالى قىرغىقىدا. كۇچادىن 73كىلومېتىر، بايدىن 67كىلومېتىر يىراقلىقتا. بۇ تاشكېمىرلەر دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ بۇرۇن ياسالغان ۋە ئەڭ غەرپكە جايلاشقان زور كۆلەمدىكى تاشكېمىرلەر بولۇپ ، مىلادى 3-ئەسىرلەردە ياسىلىشقا باشلىغان. 5~7-ئەسىرلەر ئەڭ گۈللەنگەن مەزگىلى بولۇپ، 8-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ  توختاپ قېلىشقا قاراپ يۈزلەنگەن. بۇ تاشكېمىرلەر ياسىلىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنلىقى جەھەتتە دۇنيادا كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ.
    19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا چىڭ دەۋرىدىكى يازغۇچى شۈي سۇڭ «غەربى رايوننىڭ سۇ يوللىرى» دىگەن ئەسىرىدە قىزىل مىڭ ئۆيلىرى توغىرلىق توختالغان. 1903-يىلى ياپۇنىيەلىك 渡边哲信 بىلەن 崛贤雄 قىزىل مىڭ ئۆيلىرىدىن نۇرغۇن تاشكېمىر رەسىملىرىنى كېسىپ ، بەزى يادىكارلىقلارنى كولاپ ئېلىپ كەتكەن.  1913-يىلى ياپۇنىيەلىك 野村荣三郎 بىلەن吉川小一郎 تاشكېمىرلارغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. 1906-يىلىدىن 1913-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ،گىرمانيەلىك گرىنۋېدىل بىلەن لېكوك ئۇزۇن مۇددەتلىك تەكشۈرۈش، ئۆلچەش،سۆرەتكە ئېلىش، خاتىرىلەش ئېلىپ بېرىپ زور تۈركۈمدىكى تام رەسىملىرىنى، ھەيكەللەرنى،يازما يادىكارلىقلارنى ئوغۇرلاپ كەتكەن. بۇلاردىن باشقا يەنە روسىيەلىك ئولدىنبۇرگ، فىرانسيەلىك پېللىئوت، ئەنگىلىيەلىك سىتەيىنلەرمۇ بۇ جايغا كېلىپ كەتكەن. 1928-يىلى جۇڭگولۇق  خۇاڭ ۋېنبى ئەپەندى140 تىن ئارتۇق تاشكېمىرگە نومۇر قويۇپ،ئۆلچىگەن ھەمدە بەزى تاشكېمىرلارنى رەتلىگەن. 1953-يىلى غەربى شىمال رايونى مەدەنىيەت ئىدارىسى شىنجاڭ يادىكارلىق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تاشكېمىرلارغا قارىتا كەڭ دائىرىلىك تەكشۈرۈش، ئۆلچەش ئېلىپ بارغان.1973-يىلى قىزىل تاشكېمىر قوغداش ئورنى يەنە بىر تاشكېمىرنى بايقىغان.
     قىزىل مىڭ ئۆيلىرىدىكى تاشكېمىرلار ئادەتتە ئىككى خىل بولۇپ؛ بىرى راھىپلار بۇتقا تاۋاپ قىلىدىغان ۋە نوم سۆزلەيدىغان،يەنە بىرى راھىپلار ئىستىقامەتتە ئولتۇرۇدىغان گەمىلەر. گەمىلەرنىڭ بەزىلىرى چوڭ بولۇپ، ئۇدۇل تامغا بۇت ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بەزىلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۈۋرۇك بار. بەزىلىرى تۆت تەرەپلىك شەكىلدە. كۆپىنچە گەمىلەردە ئىككى تونىل شەكىللىك قۇرۇلما بار. گەمە ئىچىگە ئوچاق قاتارلىق ئادەتتىكى تۇرمۇش بۇيۇملىرى قويۇلغان. بۇ ئوخشىمىغان ، ئىشلىتىلىشى ھەرخىل بولغان گەمىلەر قانۇنىيەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ پارچە-پارچە بۆلەكلەرنى ھاسىل قىلغان. بۇ ھەربىر بۆلەكنى ئورۇنلاشتۇرۇلىشىدىن قارىغاندا بىر ئىبادەتخانا دەپ قارىغىلى بولىدۇ.
    قىزىل مىڭ ئۆيلىرىدىكى بۇت-ھەيكەللەر ۋە تام رەسىملىرى زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ساقلىنىپ قالغان تام رەسىملىرى 5000 كۇۋادىرات مېتىرغا يېتىدۇ.  تام رەسىملىرىدا تەسۋىرلەنگەن مەزمۇنلار ئاساسەن دىن تارقىتىش، نېرۋاناغا يېتىش ۋە بۇددانىڭ تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرىكى ئىشلىرى تەسۋىرلەنگەن ھىكايىلەر. گەمىدىكى بوشلۇق كىچىك بولغاچقا رەسىمدە ئىپادىلەنگەن ھىكايىلەر ئىخچام قىلىپ تەسۋىرلەنگەن.17-نومۇرلۇق تاشكېمىرنىڭ تورۇسىدىلا 38پارچە تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرىكى ئىشلار تەسۋىرلەنگەن ھېكايىلەر ئىپادىلەنگەن. تام رەسىملىرىدە يەنە ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئۆرپ-ئادەتلەرلەرمۇ ئىپادىلەنگەن. 38-نومۇرلۇق تاشكېمىردە ھەرخىل ساز-چالغۇلارنىڭ سىزمىلىرى بار.175-نومۇرلۇق تاشكېمىردە تېرىقچىلىق، ساپال ياساش قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى تەسۋىرلەنگەن كۆرۈنۇشلەر بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تارىخ، مەدەنىيەت سەنئىتىنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك ماتىرىياللار بولۇپ  ھېساپلىنىدۇ. قىزىل مىڭئۆيلىرى جۇڭگونىڭ تاشكېمىر سەنئىتى جەھەتتە بەلگىلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، كۈسەن مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش، بۇددىزىم مەدەنىيىتى ۋە شەرق بىلەن غەرپنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
    قىزىل مىڭ ئۆيلىرى بىلەن موگاۋ تاشكېمىرلىرى جۇڭگودىكى «تۆت چوڭ تاش كېمىر»نىڭ بىرى بولۇشتەك نامغا ئىگە بولۇپ، قىزىل تاشكېمىرلىرى دۆلىتىمىز ئىچىدە ئەڭ بۇرۇن ياسالغان تاشكېمىرلەردۇر.مىلادى 3-ئەسىردە ياسلىشقا باشلانغان بولۇپ،تارىخى دۇنخۇاڭدىكى موگاۋ تاشكېمىرلىرىدىنمۇ ئۇزۇن. ھازىرغىچە نومۇر قويۇلغان تاشكېمىرلەر 236 بولۇپ،نسبەتەن مۇكەممەل ساقلانغانلىرى 135،بۇلارنىڭ ئىچىدە 80پارچىدىن ئارتۇق تام رەسىم بولۇپ، تام رەسىمىنىڭ كۆلىمى 10مىڭ كوۋادىرات مېتىرغا يېتىدۇ. ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپقا ئىگە بولۇپ، كۈسەن مەدەنىيىتىنىڭ سەۋىيسىىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ناھايىتى زور تەتقىق قىلىش قىممىتىگە ئىگە.1961-يىلى مەملىكەت بويىچە1-تۈركۈمدىكى نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان يادىكارلىقلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.


قىزىل مىڭ ئۆيلىرى جايلاشقان تىك قىيالىق تاغ ۋە كومىراجىۋا ھەيكىلى


تام رەسىملىرى











بۇت ھەيكىلى


ماۋۇ ئىككى پارچە رەسىمنى ئۆزەم تارتقان.

مىڭ ئۆيلەرنىڭ ئالدىدىكى مۇزئارت دەرياسى بويىدىكى تېرىلغۇ يەرلەر


تەرجىمە قىلغۇچى: قوشۇق
كېلىش مەنبەسى : بەيدۇ تورى
[ بۇ يازما koxuk تەرپىدىن2008-12-29 15:44دە قايتا تە ]

ھەقىقىي مىسۋاك
قوشۇق
تېمىلىرىم بۇ يەردە!
./search.php?authorid-11465.html
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-29 15:09 |
ekmat
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 28851
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 31
شۆھرەت: 32 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 280 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 62(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

 

ھەي ~~~~~~~~~~ۋاقىت ياربەرگەن بولسا بىر زىيارەت قىلىپ كىلەتتىم~

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 15:13 |
palchi
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 24868
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 176
شۆھرەت: 182 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1760 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 483(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

 

بوز قىر ئەپەندى مىڭ ئويلەر توغرىسىدا خېلى كۆپ ئىلمى تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللاندى. ھازىر توردا بولغان بولسا تەپلىسى چۈشەدۈرۈپ قۇياتتى مىڭ ئۆيلەرنىڭ تارىخىنى....

ھەقىقىي مىسۋاك

پۇل تاپقۇچە يول تاپ، يول نىشان، ئۈمۈد دىمەكتۇر.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 18:42 |
akidam0999
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 7529
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 334
شۆھرەت: 785 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 274 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 242(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-08-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-29

 

  بەك پەيىزى ئىكەن ،،،،،مىنىڭ بىر بارغۇم بار ئىدى مۇشۇ يەرلەرگە

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 21:41 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » تارىخ بەتلىرى
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:12-30 13:00, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ