« 1 234» Pages: ( 1/4 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 11547 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: شەبنەم مۇنبىرى يېڭى قائىدە-تۈزۈمى(شەبنەم) پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

xabnam
شەبنەم تورى
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 468
شۆھرەت: 539 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2956 سوم
تۆھپە: 1051 نۇمۇر
ياخشى باھا: 176 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 753(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-02-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

 شەبنەم مۇنبىرى يېڭى قائىدە-تۈزۈمى(شەبنەم)

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما xabnam تەرپىدىن تاقالدى(2008-12-18)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شەبنەم مۇنبىرىنىڭ قىزغىن كۆرۈرمەنلىرى :
مۇنبىرىمىزدە تەڭشەش ئېلىپ بېرىلغان بىر نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان بىز تورداشلاردىن ئاز بولمىغان پىكىر- تەلەپلەرنى تاپشۇرۋالدۇق . شەبنەم تورى مۇنبەر گۇرۇپپىسى خادىملىرى ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ، شەبنەم تورىنىڭ ئاساسىي قىسمى بولغان مۇنبەر سەھىپىسىنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈش ، تېخىمۇ ساغلام قىلىش ئۈچۈن خىزمەت كۆرسەتمەكتە . شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تورداشلارنىڭ شەبنەم شىركىتى مۇنبەر خادىملىرىغا (xabnam.com نامى بىلەن باشلانغان باشقۇرغۇچىلار) غا ئالاھىدە ماسلىشىشىنى ، ئۇلار بىلەن كۆپ پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز !

مۇنبىرىمىز باشقۇرغۇچى ۋە ئالىي ئەزالارنى تەڭشەش ئىشىنى داۋاملىق يۈرگۈزىدۇ . بىر ئاي مۇنبىرىمىز يۈزىدە مەشغۇلات قىلمىغان ، تېما تەستىقلاپ تەھىرىلىمىگەن باشقۇرغۇچىلار داۋاملىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ ، ئورنىغا ياراملىق ،ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان ئەزالار سەپلىنىدۇ . ئەلۋەتتە ، باشقۇرغۇچى بولۇشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى شەرتى ، ئەدەبىيات ، تەھرىرلىكتىن خەۋىرى بولۇش ۋە مەدەنىيەت ساپاسى يۇقىرى بولۇشتۇر . تۆۋەندە مۇنبىرىمىزنىڭ يېڭىدىن تۈزۈلگەن قائىدىلىرىنى ئوتتۇرغا قويماقچىمىز ، كەمچىل جايلىرى داۋاملىق تولۇقلىنىپ ماڭىدۇ ، مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ ھەر ۋاقىت كۆز سېلىپ تۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز .


شەبنەم مۇنبىرى يېڭى قائىدە - تۈزۈملىرى

تېما توغرىسىدا :

1. مۇنبىرىمىزدە سىياسىي ، دۆلىتىمىز قانۇنلىرىغا خىلاپ قۇتراتقۇ تېمىلار يوللىنىشقا بولمايدۇ . ئەگەر شۇنداق تېمىلارنى يوللىغانلار بايقالسا ج خ ئورۇنلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ . بىز ip ئادرېس ئارقىلىق ناھايىتى تېزلا تېما يوللىغۇچى تېپىپ چىقىمىز . ئۇنىڭدىن سىرت ، بىراۋنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى قىلىدىغان ، كىشىلىك تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان ، ھەقىقىي تۇرمۇشتىكى كىشى ئىسىملىرى بىلەن يېزىلغان ھەرخىل ئەدەبىي ئاخبارات خاتىرلىرى ، ھېكايە ، نەسىر ، شېئىر  ... قاتارلىق ژانىردىكى تېمىلار يوللىنىش چەكلىنىدۇ .

2. ماۋزۇلىرى قالايمىقان چۈشىنىكسىز يوللانغان ، ماۋزۇدىن تېما مەزمۇنىنىڭ نېمىلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان ، تىنىش بەلگىلىرى ھەددىدىن زىيادە خاتا قويۇلغان تېمىلار تەستىقلانمايدۇ . (باشقۇرغۇچىلار تېما ماۋزۇسىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك) . دائىم ئانا يېزىقىمىزنى قەدىرلەشنى تەۋسىيە قىلىمىز-يۇ ، ئۆزىمىزدىن باشلاشنى ئۇنتۇپ قالىمىز ، شۇڭا بارلىق ئەزالار تېما يوللىغاندا ئىملا ۋە ماۋزۇغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك .

3. تەكرار ، كۆچۈرۈلمە تېما يوللاپ ۋاقىت ئىسراپ قىلماڭ ! باشقۇرغۇچىلار ھەرگىز تەستىقلىمايدۇ .بىر پارچە رەسىم ، بىر تال ناخشا ، 2 كوبلىت شېئىر قاتارلىق تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ۋە قىسقا ئۇچۇردا ئۆچۈرۈلگەنلىك خەۋەر قىلىنمايدۇ . 4 كوبلىتتىن كەم شېئىرلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ . كۆچۈرۈلمە تېمىلار ، تەكرار تېمىلار ، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن خەۋەر تېمىلار ، ساپ ئۇيغۇرچە يېزىقتىن باشقا يېزىقتا يوللانغان تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ . مۇنبەردىكى تېمىلارنىڭ ساغلام ، پايدىلىنىش قىممىتى بولۇشى ئۈچۈن «تېمام نىمىشقا تەستىقلانمايدۇ» نى يادلىماي ، «مەن قانداق تېما يوللۇدۇم؟» نى كۆپرەك ئويلاش زۆرۈردۇر .

4. ئىنكاس جەھەتتىن : «ياخشى بوپتۇ ، رەھمەت سىزگە ، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن ، پەيزىكەن .....»ۋە خېتى يوق چىراي ئىپادىلىرى، بۇ خىل ئىنكاسلار بىز تەكىتلىمىسەكمۇ بارلىق تورداشلارنى بىزار قىلغان ئىنكاسلاردۇر . بۇنداق ئىنكاسلار بىردەك قىسقا ئۇچۇر بېرىلمەي ئۆچۈرۈپ تاشلىنىدۇ . ئەگەر پىكىرىڭىز بولسا شەبنەم قۇرغۇچىلىرى بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ .

5. شەبنەم مۇنبەر خادىملىرى ھەر ۋاقىت مۇنبەر يۈزىدە بار ، ھەر قانداق ناچار تېما ، سىياسىي خارەكتىردىكى قۇتراتقۇ تېمىلارنى ئۇچراتسىڭىز دەرھال (xabnam.com001، xabnam.com002....) قاتارلىقلار باشقۇرغۇچىلارغا ئۇچۇر بېرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز !



باشقۇرغۇچىلار توغرىسىدا :

1. شەبنەم باشقۇرغۇچىسدا بولۇشقا تېگىشلىك 1- تەلەپ «شەبنەم تورىنى قىزغىن سۆيۈش» تۇر . شەبنەم ئۇقتۇرۇشلىرىغا سەل قارىغان ، ئۆزىنىڭ باشقۇرغۇچىلىق ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلەتكەن ھەر بىر باشقۇرغۇچى دەرھال ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلىدۇ . شەبنەم ماركىسىنى قالايمىقان ئىشلەتكەن ، شەبنەم نامىدىن پايدىلىنىپ ئەزالارغا زىيان يەتكۈزگەن  باشقۇرغۇچىلار بايقالسا ، زىيان تۆلىتىلگەندىن سىرت ، ۋەزىپىسىدىن ئۆمۈرلۈك قالدۇرۇلىدۇ .

2. باشقۇرغۇچى - سىز ئەمەلىيەتتە شەبنەم مۇنبىرىدە ئەڭ ئالىي ساۋادلىق كىشى بولۇشىڭىز كېرەك . چۈنكى ھەر بىر تېما ئىگىسى ئەجىر قىلغاندىن كېيىن ، تېمىنى سىز تەستىقلاپ خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرىسىز . ئەگەر سىزدىكى تەھرىرلىك چولتا بولسا ياكى ئەدەبىيات سەۋىيىڭىز تۆۋەن بولسا ، سىزنىڭ تەستىقلايدىغىنىڭىز ئېنىقلا پايدىسىز تېمىلاردۇر . شۇڭا ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ، ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىڭىزدىكى سەۋىيەنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرىشىڭ !

3. ھەر بىر باشقۇرغۇچى مەيلى تەھرىرخانىدا بولسۇن ، مەيلى تېما يۈزىدە بولسۇن ، ھەر قانداق مەشغۇلات ئېلىپ بارغاندا چوقۇم تېما يوللىغۇچىغا قىسقا ئۇچۇردا ئەسكەرتىشى شەرت . بىر ئايچە باشقۇرغۇچىلىق مەشغۇلاتى قىلمىغان ، تەھرىرخانىنى يوقلىمغان ، تېما تەھرىرلەپ ، ئىنكاس تازلىمىغان باشقۇرغۇچىلار ، مۇنبەر بىلەن كارى بولماي ، چ چ توپىدا ئۆز ئىشى ، قۇرۇق گېپى بىلەن مەشغۇل بولغانلار بىردەك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ يېڭى نامزات سايلىنىدۇ . باشقۇرغۇچىلار ئۆز تېمىسىنى ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا ، «نادىرلاش ، ئىلگىرلىتىش، چوققىلاش ...» چەكلىنىدۇ .

4. باشقۇرغۇچىلار چوقۇم ۋاقتى - ۋاقتىدا ئەزالارنىڭ تېمىلىرىنى باھالىشى ، مېدال تارقىتىشى ، ئەزالارغا كۆيۈنىشى ، ئۇلارغا مەدەت بېرىشى شەرت . ئەزالار بىلەن نارازىلىشىپ ، كۆڭۈل ئاغرىقى تېپىش بىزگە كېرەك ئەمەس ، ئۆز-ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىش ، ئەدەپ بىلەن مۇنازىرە قىلىش ئەڭ ئەقەللىي ساۋاتتۇر . شۇڭا باشقۇرغۇچىلار ئۈستىدىن پىكىر - تەلەپلەر بولسا ، بارلىق باشقۇرغۇچىلار ئالدىدا ئوتتۇرغا قويۇلۇپ ئاندىن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ . ھەرگىز مەلۇم شەخىسنىڭ كۆز قارىشى بويىچە ئىش تۇتۇلمايدۇ . شۇڭا كونا باشقۇرغۇچىلار يېڭى نامزاتلارغا ئۈلگە بولۇپ ، ئەڭ ئاۋۋال ئۆزى قول تۇتۇپ تېما تەھرىرلەشكە يېتەكلەش كېرەك .



ئالىي ئەزالار توغرىسىدا:

1. ئالىي ئەزالار مۇنبىرىمىزنىڭ ئەڭ ئەركىن ، ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلىرىدۇر . ئالىي ئەزالاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدىمىز : ئالىي ئەزا بولغانكەنمىز ، چوقۇم شەبنەمنىڭ تەرەققىياتىغا بىر كىشلىك ھەسسىمىزنى قوشۇشىمىز شەرت . بولمىسا بۇ خىل دەرىجىنىڭ ھېچ ئەھمىيىتى قالمايدۇ . ئالىي ئەزالىق ھوقۇقىنى خالىغانچە تارقىتىشقا ، ئالىي ئەزا ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ناچار ، ھېچ ئەھمىيەتسىز تېمىلارنى مۇنبەر يۈزىدە پەيدا قىلىشقا بولمايدۇ . (ئالىي ئەزالارنىڭ تېمىسى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تەستىقسىز مۇنبەر يۈزىگە چىقىدۇ ) .

2. ئۆز كۈچىگە تايىنىپ نادىر تېما ۋە خەۋەرلەرنى يوللاپ ، مۇنبەر ئەھلىنى ، جۈملىدىن تورغا چىققۇچى ئابونتلارنى جاھاننىڭ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلىرىدىن خەۋەردار قىلغان ئالىي ئەزالار (بۇ يەردە شەبنەمدىكى بارلىق ئەزالار كۆرسىتىلىدۇ ، خەۋەرنى ھەر قانداق دەرىجىدىكى ئەزا يوللىسا بولىۋېرىدۇ)شەبنەم شىركىتى تارقاتقان نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ . مۇكاپات ھەر ئاينىڭ 1-5- كۈنلىرى تارقىتىلىدۇ .

3. ئالىي ئەزا ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ، قالايمىقان تېما يوللىغان ، ئادەم تىللىغان ، بۆھتان چاپلىغان ۋە قۇتراتقۇ تېمىلارغا ئىنكاس يېزىپ شېرىك بولغانلار ئالىي ئەزالىق ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ . مۇنبىرىمىزگە بىر ئايچە قەدەم باسمىغان ئالىي ئەزالار ئۆزلىكىدىن دەرىجىسىدىن قالدۇرۇلىدۇ.


ئەزالار توغرىسىدا :

1. سىز مەيلى تىرىشچان ئەزا ، تۆھپىكار ئەزا ۋە ياكى يېڭى ئۆگەنگۈچى بولۇڭ ، شەبنەم مۇنبىرىگە ئەزا بولۇپ كىرگەنكەنسىز ، بۇ جاي سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ ! ئەمما ئۆزىڭىزنىڭ ئىدىيىسى بويىچە بۇ جايدىكى تېمىلارغا سەپسەتە تارقاتماڭ ! ئەڭ ئەقەللىي ساۋادنىڭ «ئەدەپلىك بولۇش ، ئەدەپلىك مۇنازىرە قىلىش » ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماڭ ! سىز ناچار ئىنكاس يوللىغانكەنسىز ھەممە سىزدىن بىزار بولىدۇ .

2. سالامەت بولۇش ھەر بىر ئەزانىڭ زور بايلىقى ! مۇنبەردە ئۆزىڭىزنى ئازادە ۋە راھەت ھېس قىلاي دېسىڭىز ، ئەھمىيەتلىك ، خەلق پايدىلىنالىغۇدەك نەرسىلەرنى يوللاڭ . ھەرگىزمۇ قىسمەن كىچىك ئىشلار ئۈچۈن چېچىلىپ ئۆزىڭىزگە ئاغرىق ئارتىۋالماڭ ! مۇنبەر بوشلۇقى چەكسىز ، لېكىن ئەخلەت يازمىلار كۆپىيىۋەرسە ، ھەر قانچە چەكسىز بوشلۇقمۇ كۆتۈرۈپ بولالمايدۇ . شۇڭا ئەخلەت يازما يوللاشتىن ساقلىنىڭ ! بۇ يەر ساغلام كەڭرى مۇھىتقا مۇھتاج !


___________________________________________________________

شەبنەم ھەممىمىزنىڭ ئىللىق ئائىلىسى ! ئۇنى تەرەققىي قىلغۇزۇش ، تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى شەبنەمدىن كۆرۈش ئۈچۈن تىرىشىش ، ھەر بىر شەبنەم ئەزاسىنىڭ مەجبۇرىيىتى ! مۇنبەردە 60 مىڭدىن ئارتۇق ئەزا بار ، بەزى مەسلىلەردە ھەممە ئادەم ئوخشاش پىكىردە بولماق مۈشكۈل ! 60 مىڭ ئەزا 60 مىڭ خىل كاللا ، 60مىڭ خىل ئىدىيە بىلەن سۆزلەيدۇ ! سىزنىڭ ۋە مېنىڭ دېگىنىم مۇتلەق توغرا بولۇشى ناتايىن ! مۇنبەرنى پەقەت تۈزۈم باشقۇرۇپ تۇرالايدۇ . تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش شەبنەم شىركىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى !

ئۆزىڭىز ۋە شەبنەم تورىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ، كۈندە كومپىيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇش ۋاقتىڭىز سەككىز سائەتتىن ئېشىپ كەتمىسۇن ! سالامەت بولۇڭ !


________ شەبنەم شىركىتى مۇنبەر بۆلۈمى
2008-يىل 12-ئاينىڭ 17- كۈنى


باشقۇرغۇچىلار توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش نى بۇ يەردىن كۆرۈڭ !
./read.php?tid-86301.html

شەبنەم ئىللىق ئائىلىمىز ، بىز شەبنەمدە كۆكلەيمىز !
[img]./imza.gif[/img]
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-17 17:26 |
YURGUM
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 67862
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 41
شۆھرەت: 41 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 410 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 133(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-16

 

بىلۋالدىم مەن چوقۇم يۇقۇردىكى تۈزۈملەرگە  بويسۇنمەن

basbas
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 17:40 |
ئىشەنچ
قىزىم ، دۇنيا سىنىڭ قۇلۇڭدا !
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 21746
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 2197
شۆھرەت: 2747 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 112803 سوم
تۆھپە: 50 نۇمۇر
ياخشى باھا: 110 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1071(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-15

 

بۇ ئىككى تېمىغا قاراڭ «شەبنەم» ئەپەندى . تېخى تۈنۆگۈنلا تېمىنىڭ ماۋزوسى ئۇخشاش ئەمەس , مەزمونى تۈپتىن ئۇخشايدىغان ئىككى تېما مۇنبەر يۈزىدە يوللاندى
 .بۇنى قانداق چۈشەنسەك بۇلا ،،، ئەجىبا بىرەر باشقۇرغۇچىمۇ بۇ تېمىلارنى ئىچىپ باقمىغاندىمۇ ؟

./read.php?tid-86477.html#753243

./read.php?tid-86462.html#753154
[ بۇ يازما ئىشەنچ تەرپىدىن2008-12-16 22:00دە قايتا ت ]

ھەقىقىي مىسۋاك
ئەگەر دۇنيادا پاك ھەقىقىي ساپ ۋە مۇكەممەل مۇھەببەت بار دىيىلسە ئۇ دەل ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتىدۇر !!!


چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 17:41 |
艾斯卡尔
ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 10283
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1045
شۆھرەت: 1093 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 13019 سوم
تۆھپە: 57 نۇمۇر
ياخشى باھا: 39 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 336(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-06

 

ياخشى پىكىرلەر كەن ...

   سىز يۇقىردا  60 مىڭ ئەزا  دەپسىز ...    ئاشۇ  60 مىڭ نىڭ  قانچىسى  مۇشۇ يەرگە  كىرۋاتقاندۇ  ..    

  مۇشۇ  ئەزالارنى تازلاش  ئىلىپ بارسا  دەيمەن .. بىزگە  سان ئەمەس  ،  ھەقىيقى ئىش كىرەك....

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 17:42 |
sapra121
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 58366
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1423
شۆھرەت: 2423 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 9075 سوم
تۆھپە: 57 نۇمۇر
ياخشى باھا: 25 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 742(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

 

رەھمەت مەن چوقۇم تىرىشىمەن ....... قائىدىلەرگە بىردەك ئەمەل قىلىمەن ........

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 17:44 |
tulpar-yurti
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 26263
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 765
شۆھرەت: 841 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 7420 سوم
تۆھپە: 98 نۇمۇر
ياخشى باھا: 103 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 540(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

 

ئىشەنىچ خانقىز ئوتتورىغا قويغان  تىمىلارنى كۆرۈپ چىقتىم، دەسلەپ  ئالىي ئەزا مەڭگۈ تاش ئەپەندىم  يوللاپتۇ .
كىيىنكى تىمىنى  شەبنەم شىركەت خادىملىرى تەستىقلاپتۇ.
مىنىڭچە  شىركەت خادىملىرى ھوشيارلىغىنى تىخىمۇ بەكرەك يۇقۇرى كۆتۈرۈش كىرەكمۇ قانداق؟

شىنجاڭ تور مەكتىپى
مىنىڭ تىمىلىرىم بۇ يەردە:./search.php?authorid-26263.html
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 17:47 |
HENRY
ئالاھىدە ئىلگىرلەش رەسىم يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 26768
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 3133
شۆھرەت: 3156 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 560 سوم
تۆھپە: 68 نۇمۇر
ياخشى باھا: 107 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 962(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

 

مانا ئەمدى ياخشى بولدى مۇشۇنداق قاتتىق قول بولغاندىلا باشقۇرغۇچىلارغا بولغان پىكىر ئازلايدۇ.. قېنى بىر كۆرۈپ باقمايمىزمۇ !!
ھەراست يەنە بىرگەپنى ئۇنتۇلۇپ قاپتىمەن ھېلى قانداق سەت گەپلەر بىلەن باشقىلارنى ئورۇنسىز تىللىغان مەددىلەرنى كۆرگەندە ماۋۇ باشقۇرغۇچىللىرىمىز تاماششا كۆرۈپ ئولتۇرماي دەرھال چەكلەيلى بولمىسا ئۇلار تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشىدۇ ..  
[ بۇ يازما HENRY تەرپىدىن2008-12-17 21:13دە قايتا ت ]

ھەقىقىي مىسۋاك
                                                    
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 17:47 |
0999yurut
ساغلام تەندە ساپ ئەقىل
ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 31008
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 2393
شۆھرەت: 2463 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1120 سوم
تۆھپە: 225 نۇمۇر
ياخشى باھا: 211 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1098(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

 

بۇ تۇزۇمنى بۇرۇنلا يولغا قويغۇلۇقتى ...ھىلىمۇ كىچىكمىدىڭلار . شۇنداق بولغاندا پۇچەك تىمىلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .مۇنبەر تىخىمۇ گۈللىنىدۇ ، تەرەققى قىلىدۇ ئەمەسمۇ ھاجىم . ئەمدى گەپ قانۇن ئىلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ  بۇ تۇزۇمنى قاتتىق ئىجرا قىلىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن .
ھە راس مۇكاپات پۇلى نەچچىدۇر ... ئايدا ئىككى مىڭ سوم بەرسىڭىز خىزمىتىمنى تاشلاپ تىما دىگەندىن ئوت چىقىرۋىتەتتۇق  

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 17:48 |
munajat7
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 40796
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 1331
شۆھرەت: 1453 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 12281 سوم
تۆھپە: 137 نۇمۇر
ياخشى باھا: 150 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 511(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

 


ئورۇنلۇق قائىدە تۈزۈم بوپتۇ بۇ، بىراق شۇ بىزگە ئوخشاش تىما چولپىنى دىگەن ئاتالغۇلار تىلغا ئىلىنماپتىغۇ ؟
ئازراق چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار.


يەنە بىر گەپ ،يازمىلارنى رەڭلىك قىلىشتا رەڭ كاتەكچىسىنى شەيتان توپتەك قىلىپ قويدىڭلارمۇ قاندا تۇتقىنى بولمايدىغان  ،يازما چوڭايتىشمۇ شۇنداق..

ھەقىقىي مىسۋاك
خوپ ئۆزۆڭ دۇنيا بىراق،شەيتانلىرىڭدىن قورقىمەن،
بىگۇنانى باغلىغان ئارقانلىرىڭدىن  قورقىمەن.
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 17:57 |
tughrul
تۇغرۇل _ بۈركۈت سەردارى !
ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىلغار باشقۇرغۇچى
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 48638
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3610
شۆھرەت: 71580 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 210924 سوم
تۆھپە: 145 نۇمۇر
ياخشى باھا: 44 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1758(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

 

مۇنبەرنىڭ قائىدە_ تۈزۈملىرى خېلى مۇكەممەل بولۇپتۇ ، مەن بۇندىن كىيىن مۇنبەرنىڭ قائىدىسىگە ئاساسەن ئۆز خىزمىتىمنى تىرىشىپ ئىشلەيمەن .
قائىدە تۈزۈم ياخشى تۈزۈلسە مۇنبەردىكى قېرىنداشلارمۇ ياخشى ئەمەل قىلىدۇ ، بۇندىن كىيىن تىمام نىمە ئۈچۈن مۇنبەرگە چىقمايدۇ  ؟ ئەمەس شەبنەم ئەپەندى دىگەندەك مەن قانداق تىما يوللۇدۇم دەپ ھەممىمىز ئۈزىمىزگە سۇئال قۇيۇپ تۇرۇپ تىما يوللىساق ئاندىن ، مۇنبەر يۈزىگە چىقمىسا بىزلەردىن ئاغرىنساڭلار بولىدۇ ، لىكىن قالايمىقان تىللايدىغان بۇنداق قىلمىش مەدەنىيەتسىزلىكنىڭ ئالامىتىدۇر .
بۇندىن كىيىن قېرىنداشلار تىما يوللىغاندا ، مەزمۇنىنى بىر قېتىم قايتا كۈرۈپ ، ئىملا خاتالىقى ھەم باشقا ئەھۋال كۈرۈلمىسە ئاندىن مۇنبەرگە يوللىساڭلار .
ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ساپلىقى ، ئىملانىڭ توغرىلىقىنى ساقلاش مەن ئۇيغۇر دەپ قارىغان ھەر بىرىمىزنىڭ باش تارتىپ بۇلالمايدىغان  مۇقەددەس مەجبۇريىتى !!!!

چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 18:05 |
Uzer
يۈكسەل
ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 40822
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 369
شۆھرەت: 414 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4036 سوم
تۆھپە: 36 نۇمۇر
ياخشى باھا: 25 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1386(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-13

 

شەبنەمنىڭ ئالىي ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىمنى تونۇپ يەتتىم. بۇندىن كېيىن تېگىشلىك ھەسسەمنى داۋاملىق قوشۇشقا تىرىشىمەن.

ھەقىقىي مىسۋاك

يۈكسەل بلوگى    http://www.yukselblog.com/
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 18:07 |
kuxbeg526
http://www.elkut.com
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 11743
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 520
شۆھرەت: 641 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 620 سوم
تۆھپە: 32 نۇمۇر
ياخشى باھا: 21 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 211(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

 

Quote:
بۇ مەزمون3قەۋەتتىكى艾斯卡尔نىڭ2008-12-17 17:42 دە يوللىغان يازمىسى   :
ياخشى پىكىرلەر كەن ...

   سىز يۇقىردا  60 مىڭ ئەزا  دەپسىز ...    ئاشۇ  60 مىڭ نىڭ  قانچىسى  مۇشۇ يەرگە  كىرۋاتقاندۇ  ..    

  مۇشۇ  ئەزالارنى تازلاش  ئىلىپ بارسا  دەيمەن .. بىزگە  سان ئەمەس  ،  ھەقىيقى ئىش كىرەك....

توغرا دەيدۇ...


ھەر دائىم مۇشۇ جايغا كەلگىنىمدە ئۆزەمنىڭ مەۋجۇتلۇقۇمنى ھىس قىلىمەن...
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 18:16 |
manggutax
مەڭگۈتاش
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 1362
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1755
شۆھرەت: 1843 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2322 سوم
تۆھپە: 68 نۇمۇر
ياخشى باھا: 78 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1353(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

 

مەن «شەبنەم» ئەپەندى يوللىغان مۇنبەرنىڭ ئەڭ يېڭى قائىدە-تۈزۈملىرىنى باشتىن - ئاخىر تەپسلى كۆرۈپ چىقتىم.
بۇ تۈزۈمدە-مەيلى تېما توغرىسىدا بولسۇن، مەيلى باشقۇرغۇچىلار توغرىسىدا بولسۇن، مەيلى ئالى ئەزالار توغرىسىدا بولسۇن ۋە ياكى ئەزالار توغرىسىدا بولسۇن ناھايىتىمۇ ئورۇنلۇق ھەم مۇكەممەل بولغان ھەقىقى سۆزنى قىپتۇ.
بىز «شەبنەم» مۇنبىرىنى تېخىمۇ گۈللەنسۇن، تېخىمۇ تەرەققىي قىلسۇن دەپ ئويلىساق، باشقۇرغۇچىلار ۋە ئەزالار  ئىتتىپاقلىق ۋە باراۋەرلىكنى ئاساس قىلىپ، ئۆز تىرىشچانلىقىمىزغا تايىنىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە تەڭ ئالغا ئىلگىرلەپ، ئەمەلىي كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك.
«شەبنەم» مۇنبىرىگە كېرەكلىكى ئەڭ يېڭى، ئەڭ ئېسىل، ئەڭ پايدىلىق تېمىلار ۋە ئىنكاسلاردىن ئىبارەت.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەخلەت تېما ۋە ئەخلەت ئىنكاسلار «شەبنەم» مۇنبىرىدىن مەڭگۈ يوقالسۇن~!
شەبنەم- ھەممىمىزنىڭ ئىللىق ئائىلىسى.

ھەقىقىي مىسۋاك
http://www.menggutax.com تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ~!
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 18:17 |
UYGHURAAA
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 62532
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 477
شۆھرەت: 1007 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3960 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 25 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 248(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

 

    شەبنەم مۇنازىرە مۇنبىرىنى لايىھەلەپ ،بىزلەرنى

ئەدىبىيات -سەنئەت،
پەن-مائارپ،ئۆرپ-ئادەت،تارىخ-مەدىنىيەت شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھە ،ھەر قايسى تەرەپلەردىن ئەڭ تىز،
ئەڭ ئەتراپلىق خەۋەر ،ئۇچۇرلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈش،بىلىش پۇرسىتىگە ئىگەقىلغان توردىكى بارلىق دوستلارغارەھمەت،شۇنداقلا ئارقا سەپتە جاپالىق ئىزدىنىپ،ئۈزلۈكسىزتۆھپە
قوشۇۋاتقان بارلىق ھەرقايسى خادىملارغا   ئالاھىدە                              رەھمەت.            تىمىلارنىڭ ئەڭ يېڭى ،ئەڭ تېز ،ئەڭ مۇۋاپىق ھالەتتە مۇنبەر يۈزىگە چىقىشى ئۈچۇن تېخىمۇمۇۋاپىق ،ماس بولغان قائىدىلەرنى
تۈزۈپ ،ئوقۇرمەن-كۆرۈرمەنلەرنى،ھوزۇر ئېلىپ،بەخىش ئىتىپ ،قۇ
بۇل قىلىپ،سىڭدۇرغىدەك يوللىساق،شۇنىڭغا لايىق ئىنكاس قايتۇرغۇچى تودارشلارمۇ ئۆزسەۋىيەسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن مۇۋاپىق بولغان قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويساق،ھەرگىزمۇ يەكلەش،سۆكۈش،كەمسىتىش خارەكتىرىنى ئالغان مەزمۇندىكى
ئىنكاسلارنى قايتۇرمىساق،قۇربەتنىڭ يىتىشىچەئىنكاس قىلىپ ،ئىجابى مۆتىدىل ھالەتتەبولساق،شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن بىز
نىڭ شەبنەم مۇنازىرەمۇنبىرىمىزداۋاملىق تەرەققى قىلىپ ،تېخىمۇ مول مەزمۇنلۇق بولغۇسى.ئۇيغۇرلار .........................ئورتاق تى
رىشايلى،چۈنكى مەزكۇر مۇنبەر، ئەلئارا مۇنبەر. شۇڭا ئۇيغۇرشەبنەم مۇنبىرى چوقۇم ئەلئاراغا تەسىر قىلغىدەك قۇرۇپ
چىقايلى.......................................ھەممىڭلارغا رەھمەت.  

    گۇمان ئىماننى قاچۇرىدۇ .
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 18:33 |
nigara616
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 9683
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1280
شۆھرەت: 1280 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 12687 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 953(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

 

مەن مۇنبەردىكى بىر تىما چولپىنى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن سىز دىگەن قائىدە - تۈزۇملەرگە چۇقۇم بوي سۇنىمەن ..
دەپ ۋەدە  بەرگۇچى ---------------------نىگارە 616
2008يىلى12ئاينىڭ 17كۈنى ،،(ئىشتىن چۇشۇشكە ئازقالغان چاغ ،،،)    
[ بۇ يازما nigara616 تەرپىدىن2008-12-18 10:37دە قايت ]

كۆڭلۈمنىڭ ئارامى يوق ، كۈلەي دەپمۇ كۈلەلمەيمەن ،،،،،،،،،
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 18:35 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 234» Pages: ( 1/4 total )
XabnamBBS » مۇنبەر مەخسۇس سەھىپىسى
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:02-18 04:05, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ