قۇياش نۇرىدىن مۇداپىئەلىنىش كىيىمى
ئامېرىدىكى مەلۇم بىر شىركەت ساپال ۋە فار -فور تاۋارلىرى بىلەن بىرىكمە تالانى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق قۇياش نۇرىدىن مۇداپىئەلەنگىلى بولىدىغان كىيىمنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى .بۇ كىيىمنىڭ ياز كۈنلىرى قۇياش نۇرىنىڭ قىزدۇرۇشىدىن ساقلاش ئۈنۈمى ئادەتتىكى كىيىملەردىن ئىككى ھەسسە يۇقۇرى ئىكەن.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا زىيانلىق ئولتۇرا بىنەپشە نۇرنى تارقىتىش رولىغا ئىگە ئىكەن .ساپال ۋە فار -فور تالاسى ئىسىقلىق ساقلايدىغان ئىنفىرا قىزىل نۇرنىڭ سۇنۇشىنى توسىدىكەن .
يۇيۇش ھاجەتسىز كىيىم
ئامېرىكا ئالىملىرى يېقىندا ئۆز- ئۆزىنى تازىلاش ئىقدىدارىغا ئىگە تالانى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى .بۇ خىل تالاغا مىكرو دولقۇندىن پايدىلىنىپ مەلۇم خىل ئىئون قوشۇۋىتىلگەن .بۇ ئىئون سۇ ۋە ماي ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىرگە،يەنە باكتىريەگە قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە.
ئىسىقلىق ساقلايدىغان كىيىم
بۇ خىل كىيىمگە مەلۇم خىل مىكرو كاپسۇل قوشۇۋىتىلگەن بولۇپ،بۇنى كىيىۋالغاندا سوغۇقتىن قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوقكەن . چۈنكى تالادىكى مىكرو شارچىلارغا قوشۇلغان نېپىز پەردىلىك كاپسول تەركىۋىدە ئالاھىدا بىر خىل ماددا بولۇپ ،بۇ ماددا نورمال تېمپۇراتۇرادا ئىسىقلىق ئىنىرگىيىسىنى ساقلىيالايدىكەن .تېمپۇراتۇرا تۆۋەنلىگەندە ئىسىقلىق ئىنىرگىيىسىنى قويۇپ بېرىش ئارقىلىق ئىسىقلىق ساقلايدىكەن .
ئوق ئۆتمەس كىيىم
كەلگۈسىدە كاربون نانومېتىر تالاسىنى بېرىكتۈرۈش ئارقىلىق ياسىلىدىغان كىيىملەرگە بىر خىل مۇرەككەپ بىرىكمە ماددا قوشۇلغاندىن كېيىن ،زەربىگە ياكى سوقۇلۇشقا ئۇچۇرىغاندا ناھايتى تېزلىكتە قېتىۋىلىپ ،خەتەرنىڭ ئالدىنى ئالالايدىكەن .
يىگىلى بولىدىغان كىيىم
بۇ خىل كىيىمگە ئاقسىل ،ئامىنو كىسلاتاسى ۋە كۆپ خىل ۋىتامىنلار قۇشۇلۇپ ياسالغان بولۇپ،بۇ خىل كىيىملەرنى ھەم يىگىلى ھەم كىيگىلى بولىدىكەن.بىر قۇر كىيىم بىر كىشىنىڭ ئالتە كۈن ئېھتىياجلىق بولىدىغان ئوزۇقلۇقى ۋە ئېنىرگىيىسىگە كاپالەتلىك قىلالايدىكەن.بىراق بۇ كىيىمنىڭ ئېغىرلىغى ئىككى يېرىم كىلوگىرام كېلىدىكەن.
مەنبە:
http://www.ufizika.cn(ئۇيغۇر فىزىكا مۇنبىرى)