‹‹ئاياغ ئېتىش›› ۋەقەسىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى
2008- 12- 22 15:11 شىنجاڭ گېزىتى
يېقىندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بۇش ئىراق ۋە ئافغانىستاندىكى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇردى. بۇ قېتىمقى زىيارەت بۇشنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى بۇ ئىككى دۆلەتكە قىلغان خوشلىشىش سەپىرى بولغانلىقى ھەم بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىلگىرىكى ھاكىمىيەتلىرى ئامېرىكا قوزغىغان ئۇرۇش تۈپەيلىدىن ئاغدۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىدى.
بۇش ئىراقنى مەخپىي زىيارەت قىلغان بولۇپ، بۇ ئامېرىكىنىڭ ئىراق ۋەزىيىتىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ يەنە يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. گەرچە بۇ زىيارەت مەخپىي بولغان بولسىمۇ، بۇش يەنىلا ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىدى. ئۇ ئىراق زۇڭلىسى مالىك بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈۋاتقاندا، غەزەپلەنگەن ئىراقلىق بىر مۇخبىر ئىككى ئايىغىنى بۇشقا ئېتىپ، ئىراق ئۇرۇشىغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى. بۇش گەرچە ئەپچىللىك بىلەن ئۆزىنى قاچۇرۇۋالالىغان ھەم بۇ ئىشنى چاقچاققا ئايلاندۇرغان بولسىمۇ، بەرىبىر ئوڭايسىز ھالغا چۈشۈپ قالدى. ئىسلام مەدەنىيىتىدە، ئاياغ ئېتىش زور ھاقارەت ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا بۇ ئىش دۇنيادىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە دەرھال بەس – بەستە خەۋەر قىلىندى ھەم ئىراقتا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.
بۇشنىڭ بۇ قېتىمقى تۇيۇقسىز زىيارىتىنىڭ مۇنداق ئۈچ مەقسىتى بار: بىرىنچى، نەتىجىسىنى كۆز – كۆز قىلىش. ئىراق بىلەن ئافغانىستان بۇش ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە كۈچەپ ئەجىر قىلغان ئىككى ‹‹تەجرىبە ئېتىزى›› ئىدى. بۇش ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدا كىشىلەرنىڭ ‹‹نامراتلىق›› ياكى ‹‹غۇربەتچىلىك›› نى ئەمەس، بەلكى ‹‹تەجرىبە ئېتىزى›› دىن ‹‹مول ھوسۇل›› ئېلىنغانلىقىنى كۆرۈشنى ھەم بۇنى ئۆزىنىڭ ‹‹سىياسىي مىراسى›› قىلىشنى ئۈمىد قىلاتتى. بۇش زىيارەت جەريانىدا ئىراق بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئەسكەر تۇرغۇزۇش كېلىشىمى ۋە ئىككى دۆلەت ئىستراتېگىيىلىك رامكا كېلىشىمى ئىمزالاپ، ‹‹مول ھوسۇل››ىنى نامايان قىلغانىدى. ئىككىنچى، نارازىلىقنى پەسەيتىش. ب د ت ھوقۇق بەرمىگەن ئىراق ئۇرۇشى خەلقئارا تەرتىپ ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ‹‹سىياسىي ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقى››نى بۇزۇۋەتتى، بۇ ئۇرۇشتىن قالغان ئەگەشمە كېسەللىك ۋە ئاسارەتنىڭ زىيىنى چەكسىز بولۇپ، خەلقئارادا كەڭ نارازىلىققا ئۇچرىدى، كۆپ ساندىكى ئامېرىكىلىقمۇ ئىراق ئۇرۇشى خاتا ئۇرۇش، دەپ قارىدى. بۇش بۇ كەيپىياتنى تۈگىتىش ئۈچۈن، ئىراقنى ئۈچ قېتىم زىيارەت قىلدى. بىراق بۇ قېتىمقى خوشلىشىش سەپىرىدە ئۇنىڭ ‹‹ئاياغ ئېتىش›› ۋەقەسىگە يولۇقۇشىدىن ئىشلارنىڭ ئۇنىڭ ئىرادىسىدەك بولمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئۈچىنچى، ئەسكەرلەرنىڭ جاسارىتىگە ئىلھام بېرىش. بۇش ئىراقتا ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ‹‹غەلىبە لاگېرى››غا بېرىپ سۆز قىلدى، ئافغانىستاندا ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بازىسىغا بېرىپ، ئەسكەرلەردىن ھال سورىدى. ئۇ، بۇ ئىككى قېتىملىق ئۇرۇشنىڭ ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ئۇلۇغ ئىشلىرىدا كەم بولسا بولمايدىغانلىقىنى، سادام ۋە تالىبان ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشنىڭ ئامېرىكىنى ‹‹تېخىمۇ بىخەتەر›› قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئەسكەرلەرنىڭ جاسارىتىگە ئىلھام بېرىش ئۈچۈن قىلدى.
بۇشنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىدە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئەڭ جەلپ قىلغىنى يەنىلا ئۇنىڭ ئىراق بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئەسكەر تۇرغۇزۇش كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقى بولدى. كېلىشىمدە، ئامېرىكا ئارمىيىسى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنۈپ، 2012 – يىلىدىن بۇرۇن ئىراقتىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىدۇ، دەپ بەلگىلەندى. بۇش ئۇزاقتىن بۇيان قوشۇن چېكىندۈرۈش ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈشكە قارشى ئىدى، ئۇنىڭ بۇ قېتىم قوشۇن چېكىندۈرۈشكە قوشۇلۇشىدا مۇنداق سەۋەبلەر بار: بىرىنچى، بۇ ئارقىلىق ئىراقنىڭ خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىنىڭ ‹‹ياخشىلانغانلىقى››نى نامايان قىلماقچى بولغان. ئىككىنچى، ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى ئىراق مەسىلىسىگە ئاخىرقى قېتىم ‹‹سىياسىي ئورۇنلاشتۇرۇش›› قىلىپ، ئىزباسارىنىڭ ھەممىنى ئىنكار قىلىۋېتىشى ياكى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ساقلىنىشقا ئالدىرىغان. ئۈچىنچى، ئامېرىكىنىڭ مەنپەئىتىنى قىسمەن كاپالەتلەندۈرگەن. مەسىلەن: كېلىشىمدە، كېلەر يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئامېرىكا ئىراقنىڭ شەھەر، بازارلىرىدىن قوشۇن چېكىندۈرۈپ كەتكەندىن كېيىن، شەھەر، بازارلاردىكى گازارمىلار داۋاملىق مەسلىھەتچىلەر ۋە ھەربىي ئىشلار يېتەكچىلىرىنىڭ بازىسى قىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. كېلىشىمدە يەنە ئامېرىكا بىلەن ئىراق ‹‹ئورتاق كومىتېت قۇرۇپ، مېخانىزم ۋە تەپسىلىي پرىنسىپ تۈزۈپ يولغا قويىدۇ››، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئۇزاق مۇددەت تۇرۇشىغا يوشۇرۇن شارائىت ھازىرلىدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئىراق ۋە ئافغانىستان ئۇرۇشىغا ئاجراتقان مەبلىغى 1 تىرىليون 600 مىليارد دوللارغا يەتكەن بولۇپ، ئىراق بىلەن ئافغانىستاننىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات يۈزلىنىشى بۇش ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ھەقىقەتەن ئاجراتقان مەبلىغىگە تۇشلۇق ئىش بولمىغان. بۇشنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىدە ‹‹تىرىلمەس ھېساب››نى ئوڭشاش غەرىزىمۇ بار بولۇپ، ئۆزى بىر قوللۇق كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ ئىككى مەيدان ئۇرۇشتىن يەكۈن چىقارماقچى بولغان. ھالبۇكى، ئۇنىڭ بۇ ئىشقا قۇربى يەتمىدى، ئۇ ئۆزىمۇ زىيارەت جەريانىدا ‹‹ئۇرۇش تېخى ئاياغلاشمىدى، بىزنىڭ قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلىرىمىز بار››، دەپ ئېتىراپ قىلدى. بۇ سۆز ئەمەلىيەتتە سايلانغان زۇڭتۇڭ ئوباماغا ئېيتىلغان. ئەمەلىيەتتە، بۇش ئوباماغا ئېغىر سىياسىي ۋە مالىيە يۈكى قالدۇردى. ئىراقتىن بالدۇرراق قوشۇن چېكىندۈرۈش ھەم ئافغانىستاندىكى قوشۇننى كۆپەيتىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئوباماغا نىسبەتەن، بۇشتىن قالغان زىياننى قانداق تولدۇرۇش يەنىلا ئىنتايىن قىيىن مەسىلە.
‹‹خەلق گېزىتى››دىن
مەنبە:
http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/news/content/2008-12/22/content_138389.htm