ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 308 ـ ئوقۇرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: «ئېچىۋىتىلگەن كۈندىلىك خاتىرە»نى ئوقىغاندىن كىيىنكى تەسىراتىم پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

قەلبىم
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 67868
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 21
شۆھرەت: 191 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 40 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

 «ئېچىۋىتىلگەن كۈندىلىك خاتىرە»نى ئوقىغاندىن كىيىنكى تەسىراتىم

تىمام سەل چۈشىنىكسىز شۇڭا ئاۋۋال خامشۇخلا يازغان«ئىچۋىتىلگەن كۈندىلىك خاتىرە»
دىگەن ئەسەرنى كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلىمەن.
ئادىرسى:./read.php?tid-47476.html
ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم شەبنەم تورىدىكى بارلىق تورداشلار شەبنەم مۇنازىرسىگە يىڭى ئەزا بولۇپلا بۇ تىمىنى يىزىشنى لايىق تاپتىم. چۈنكى مەن توردىكى ئىسمى خامشوخلا دىگەن ئەزانىڭ يازغان«ئىچۋىتىلگەن كۈندىلىك خاتىرە »ناملىق ئەسىرىنى ئوقۇپ كاللامدا مىڭلىغان خىياللار چىرمىۋالدى.مەرداننىڭ مۇھەببەت كەچمىشى ،مۇھەببەتكە بۇلغان قارىشىمدا 90گىرادۇس بۇرلۇش بولۇپ،يىڭى يىڭى ئۆزگىرىش پەيدا بولدى. بۇرۇنقى مۇھەببەتنى شەھۋەتكە باغلاپ مۇلاھىزە قىلىدىغان كاللامدا، مۇھەببەتنىڭ قۇدىرتى توغىرسىىدا يىڭى چۈشەنچىلەر بىخ سۈرىشكە باشلىدى.
ئەسەرنى ئوقىۋىتىپ بىر يىقىن رەھمەتلىك دوستۇمنىڭ ئۆلىمى ئىسىمگە كىلىپ قالدى.دۇستۇم بىر قىز بىلەن 5 يىل ئارلاشقان بولۇپ تۇي قىلىدىغان چىغىدا، قىز تەرەپنىڭ ئاتا ئانىسى دوستۇمنىڭ ئائىلىسىنى نامرات كۆرۈپ قىزىنى بىرىشكە ئۇنماي، ئۆزىگە توغقاندارچىلىق بولغان بىر كىشى بىلەن قىزنىڭ تۇيىنى قىلىپ قۇيغان ئىدى. قىزنىڭ تۇي كۈنى كىچىسى دوستۇمغا يازغان ئاتاپ بىر توپلامدا خەت قالدۇرۇپتۇ. دوستۇم كىتىدىغان كۈنى ماڭا ئۇ توپلامنى كۆرسەتكەن ئىدى .توپلامنىڭ 1-بىتىدىن باشلاپ ئاخىرغىچە« مەن سىنى سۆيىمەن»دىگەن خەت بىلەن تولغان ئىدى .كۆرۈپ مۇھەببەتنىڭ ئۇلۇغلىقىغا،ھازىرمۇ شۇنداق ئاشىق مەشۇقلارنىڭ بالىقىغا ئىشەنگەن ئىدىم . بىچارە رەھمەتلىك ئاغىنەم دەرتكە چىدىماي شۇ كۈنى ھاراقنى كۆپ ئىچىپ ئىسپرتتىن زەھەرلىنىپ، بىزدىن بالدۇرلا خوشلاشقان ئىدى. ئۇغۇ كەتتى ،
لىكىن مەردان سەن تىخى سەن ھايات ئاشۇ رەھمەتلىك ئاغىنەمگە دىيەلمىگەن سۆزلىرىمنى مۇھەببەت شەھرىنىڭ ئاددىي پۇخرالىرىدىن بۇلغان كۆپلىگەن مەردانلارغا دىيىشنى لايىق تاپتىم.
شۇ ئىشلار تىخى ئەستىن تولۇق كۆتۈرلۈپ بۇلالماي، توردا يىزىلغان بۇ مۇھەببەت پاجەسى، قەلبىمنى كۈز شاماللىرىدەك شۈركەندۈردى.مۇھەببەتنى بۇنچىلىق ئۇلۇغلۇققا كۆتىرىپ، ھاياتتا ئۇنتۇلماس ئەسىلىمە قالدۇرگەن نەۋقىران يىگىت ھالىڭغا ئىچىنمەن.ۋاقىتسىز غازاڭ بۇلغان ياشلىقىڭغا ئىچىنىمەن.ئاتا-ئاناڭنىڭ سەن ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىگە ئىچىنىمەن. يىڭى چىقىش يولى ئىزدىمەي، بىر ۋاپاسىزدىن (ئەسىرىڭدىكى قىزغا بەرگەن باھارىمنىڭ بىرىنجىسى) ئۈمىد كۈتۋاتقان كۆزلىرىڭگە ئىچىنىمەن. ئىشەنسەڭ مۇشۇ دەمدە سۇ كىرىپ بۇلدى قىلمايۋاتقان بۇرنىڭنى كىسۋەتكىم كىلۋاتىدۇ.
ئويلاپ باقمامسەن مۇھەببەتتىن ئىرىشكىنىڭ پەقەت چىدۇغىسىز ئازاپ،تىراگىدىيەگە تولغان شۈشكۈنلىك ئەسلىمە ئىكەن . تۆلىگەن بەدەللىرىڭ ئازما. ھەر قىتىم ئەسكە ئالغىنىڭدا ماغدۇرسىزلانغان جىسمىڭ بەرداشلىق بىرەلەمدا؟ ئادەمنىڭمىچۇ بەرداشلىق بىرىدىغان كۈچى چەكلىك، ئاشۇ چەكتىن ئۆتۈپ كەتتى ئادەم بوككلا چۇشىدىغان گەپ! ھاياتىڭنى بىر بۇزۇققا(ئىككىنجىسى) باغلاپ قۇيۋاتقانلىقىڭ بۇ بىر قاملاشمىغان بىر ئىش.قاملاشمىغان ئىش تەكرالىنىۋەرسە،شۇنىڭ بىلەن خەلق(قۇيە)دەيدۇ شۇ. ئاشۇ گەپنى ئاڭلىغۇڭ بارما ھىلىقى ئەسقەر مۇختەرمۇ ناخشىسىدا ئىتتىغۇ
تاشلاپ كەتسە سىنى يات بىلىپ،
قوغلىمىغىن ۋىخدانىڭ بۇلسا.
دەپ
باشقىلار يەكۈنلەپ بۇلغان گەپنى يەنە قايتا ئىغىزغا ئالساق قاملاشماس. يەنە دىسەك يەنە شۇ مۇھەببەت قانچە رۇمانتىكىلاشقانسىرى،سىرەردەك مۇھەببەت سارالىرى كۆپلەپ يىتىشىپ چىقىدۇ.مۇھەببەتنىمۇ لايىقىدا قىلغان ياخشى، بۇلمىسا مانا مۇشۇنداق ھازىرقى زاماننىڭ مۇھەببەت داستانلىرىنىڭ باش قەھرىمانى بولىدىغان گەپ شۇ.
گەپنى قىسقا قىلاي: جەمىيىتىمىزدىكى مەردانلار باش قەھرىمانىڭلار ئوقىغان ئادەم قويىدىغان مەكتەپتە ھەرگىز ئوقىماڭ. ئوقىسىز شۇ بىرىدىغىنى ئەس قاتمايدىغان دىپلۇم. كىرەككە كەلمەيدۇ ،كەلسىمۇ تۇردا داستان يىزىشقا كىلە. ئۇقىۋاتقانلار بولسا ئاستا مەكتەپتىن چىقىپ كىتىڭ باشقا ئىش قىلىڭ باشقا مەكتەپتە ئۇقۇمسىز. يا تىجارەت قىلامسىز نىمىش قىلسىڭىز قىلمامسىز ئاشۇ سىزگە نەپ بىرىدىغىنى
بۇنداق دىسەم- بۇ نىمىنى ئۇقىدۇ، تۆتە ۋاي- دەپ يۇرمەڭلار ئەمىليەتنى سۆزلىدىم ئىدىيەدىن ئۆتمىسە ئىنكاس يازارسىز تاياقلار بىلەن ئۇرۇپ ئۆتكۈزەرمىز

تېما تەستىقلىغۇچى : Naikon.x
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-16, 14:13

 

يانفون قوڭغۇراقلىرى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-16 18:26 |
KoglumYok
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 65064
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 2 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 20 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 67(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

 

توغرا دىدىڭىز.بىزنىڭ يۈرۈكىمىز پەقەت ئاللاھ ئۈچۈن سوقىشى كېرەك!ئاللاھ ئۈچۈن كۆز يېشى قىلىشىمىز كېرەك!مۇھەببەت ئۈچۈن كۆز يېشى قىلش ئەرزىمەيدۇ.پەقەت ئاللاھ ئۈچۈن ،بۇ دۇنيادا قىلغان گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن ياش تۆكسەك ئەرزىيدۇ.(بۇ پەقەت مىنىڭ ئويلايدىغانلىرىم)

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 00:33 |
sadakatguli
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 62370
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 37
شۆھرەت: 40 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 390 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 25(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

 

بەلكىم سىزنىڭ دېگەنلىرىڭىز ئۆزىڭىزگە نىسبەتەن توغرىدۇ. بىراق مەردان يەنىلا ئاخىرىدا ئۆز يولنى تاپتى. سىز ئۇنىڭ <<ئاھ، كىچىكىلىك>>ناملىق ئەسىرنى ئوقوپ بېقىڭ.ئىنكاسىڭزدىن قارىغاندا سىز بۇ ئەسەرنى تېخى كۆرمىگەن ئوخشايسىز.مەردان ئاكاش ئاللىقاچان ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغان ھەم ئۆزىمۇ ياخشى كۆردىغان قىز يېڭى مۇھەببەت ھېكايسىنى  باشلاپ بولدى. ئاللا ئۇلارنى مەڭگۈ بەختىلىك قىلسۇن. مېنىڭ نەزىرمدە مەردان بىر ئۇلۇغ ئىنسان.بۇ مېنىڭ ئۇنىڭغا مۇنداقلا بەرگەن باھايىم ئەمەس. مەن بۇ ئەسىەرنى ساۋاقداشلىرىمغا تەۋسىيە قىلغاندا بىز ياتاقتا كومپيوتىرنى ئېچىپ قۇيۇپ ئېزىلىپ يىغلاپ ئولتۇرۇپ ئوقىغان. ئۇ ۋاقىتلاردا بۇ ئەسەر تېخى يېڭى يوللانغان. كەينى بەزىدە كۈن ئاتلاپ،بەزىدە ھەپتە ئاتلاپ چىققاتتى. بىز خۇددى چۆلدىكى سۇغا تەشنا بولغان يۇلۇچىدەك كۈندە ئەللىك -ئاتمش قېتىم كومپىيوتىرنى ئاچاتتۇق. كېيىن ئارقدىنىلا <<ئاھ، كىچىكىلىك>> ئېلان قىلنىدى. ئەڭ ئاخىردىكى نەتىجىسى بىزنى شۇنداق خۇشال قىلدىكى  مەن دوستۇمنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ يىغلىۋەتكەن ئىدىم.
   سىز مەرداننى بۇرنىغا سۇ كىرمىگەن دەپسىز.ئويلاپ بېقىڭ .سىز بىرەرسىنى چىن كۆڭلۈڭىزدىن.ئۆزىڭىزنىڭ ھاياتىدن ئارتۇق بىلىپ ياخشى كۆرمىگەنمۇ؟! كۆڭۈل دېگەن ئاشۇنداق نەرسە. بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالساڭ كۆزۈڭگە باشقا نەرسە كۆرۈنمەيدۇ.مەرداننىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئۇ قىزنى كەچۈرۋېتىشى ئۇ ئىنتايىن ياخشى كۆرگەنلىكىدىن بولغان. ئۇنىڭ غۇرۇرى يوق ئەمەس. ئۇ ھەقىقىي بىر يىگىت، تەرپلەشكە  تېگشىلىك ئىنسان. بىراق سىز كۆڭۈلنى ، ھېسياتنى چەكلەپ قويالمايسىز.
  يەنە بىر گەپ سىز يازغان ئىنكاسىڭزدا مەكتەپنى تىلغا ئېلىپسز. مەردان مېنىڭ بىلشىمچە يىشۆيۇەندە (تىببىي ئۇنۋېرسېتتا )ئوقىغان. سىزنىڭ شۇ مەكتەپتە ئوقىۋاتغانلار ئوقۇماي چىقىپ كېتىڭلار دېگىنڭىزنى تازا چۈشنەلمىدىم.ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتغانلار ئارسىدا ياخشى ئوقۇپ خىزمەتكە ئۇرۇنلاشقانلارمۇ نۇرغۇن. ياخشى ئوقۇۋاتغانلار ئۆزنىڭ مەقستىنىڭ نېمە ئىكەنلكنى ،نېمە ئۈچۈن ئوقۇيدىغانلىغىنى ئوبدان بىلدۇ. شۇڭا ھەممەيلەننى بىر تاياقتا ھەيدىمەڭ.
   ئاخىردا دەيدىغىنم ئۆز كۆز-قاراشلىرىڭىزنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرغا قۇيۇپسىز. قەلىمزڭىزگە رەھمەت. ئەگەر پىكىرمىگە قارىتا قاراشلىرىڭىز بولسا يېزىپ قۇيۇڭ.
    مەرداننى ئۇلۇغ ئاللاھ ئامان قىلسۇن. ئۇ ئەڭ بەختىلىك بۇلۇشقا ھەقلىق.

ئەزىز بوۋاق
 
  ساداقەت  مەڭگۈلۈك!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-18 11:29 |
قەلبىم
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 67868
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 21
شۆھرەت: 191 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 40 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

 

Quote:
بۇ مەزمون2قەۋەتتىكىsadakatguliنىڭ2008-12-18 11:29 دە يوللىغان يازمىسى :

  يەنە بىر گەپ سىز يازغان ئىنكاسىڭزدا مەكتەپنى تىلغا ئېلىپسز. مەردان مېنىڭ بىلشىمچە يىشۆيۇەندە (تىببىي ئۇنۋېرسېتتا )ئوقىغان. سىزنىڭ شۇ مەكتەپتە ئوقىۋاتغانلار ئوقۇماي چىقىپ كېتىڭلار دېگىنڭىزنى تازا چۈشنەلمىدىم.ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتغانلار ئارسىدا ياخشى ئوقۇپ خىزمەتكە ئۇرۇنلاشقانلارمۇ نۇرغۇن. ياخشى ئوقۇۋاتغانلار ئۆزنىڭ مەقستىنىڭ نېمە ئىكەنلكنى ،نېمە ئۈچۈن ئوقۇيدىغانلىغىنى ئوبدان بىلدۇ. شۇڭا ھەممەيلەننى بىر تاياقتا ھەيدىمەڭ.
   ئاخىردا دەيدىغىنم ئۆز كۆز-قاراشلىرىڭىزنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرغا قۇيۇپسىز. قەلىمزڭىزگە رەھمەت. ئەگەر پىكىرمىگە قارىتا قاراشلىرىڭىز بولسا يېزىپ قۇيۇڭ.
    مەرداننى ئۇلۇغ ئاللاھ ئامان قىلسۇن. ئۇ ئەڭ بەختىلىك بۇلۇشقا ھەقلىق.

ئىنكاسىڭىزنى ناھايىتى ياخشى يىزىپسڭز
مەن ھىكايىنى بىر دۇستۇمنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ئۇقىغان ئىدىم ھىكاينىڭ باشلىنىشىنى ئوقۇپ يەنە ئۇنىڭ ئىشلەتكەن ھەربىر چىسلا نىڭ ئەسكەرتىلىپ ئۆتىشى مىنى شەك-شۈبىسىز بۇ ھىكايىنىڭ رىئاللىقتا بولۇپ ئۆتكەن ئىش ئىكەنلىكىگە ئىشەندۇردى
ھىكايىنى تۇلىمۇ كىچىكىپ ئوقىغان بولساممۇ،لىكىن ماڭا بەرگەن تەسىرى بەكلا چوڭقۇر بولدى مۇھەببەتنى ئەتراپلىق چۈشىنىشىمگە بىر قەدەر مۇنتىزىم ئاساس تىكلەپ بەردى سىز دىگەن ئەسەرنى تىخى ئوقىمىدىم لىكىن چوقۇم ئوقىيمەن.مەنمۇ بۇ ئەسەرنىڭ تۇردىكى نادىر ئەسەر ئىكەنلىكىگە قول قويىمەن . لىكىن مەرداننىڭ ئەسەرنىڭ تۇگىشىگە ئەگىشىپ دىگەن :<<شۇنداقتىمۇ سىزنى يەنىلا ساداقىتىم بىلەن سۆيۈپ سىزگە ھېلىھەم ئىنتىلىمەن:>>دىگەن گىپى پەقەت كاللامدىن ئۆتمىدى بەلكىم بۇ بۇمىنىڭ خارەكتىرىمدىكى مەسىلىدۇ.
ھە راسىت مەن مەرداننىڭ ئەمدى ئۇنداق قىزلاربىلەن ئارلاشماسلىقىنى ۋە مەردانغا ئوخشاش يىگىتلەرنىڭ ئۇ قىزغا ئوخشاشلارغا نىسپەتەن بەكلا ئەپۇچان بۇلۇپ كەتمەسلىكنى مەكتەپتە ئوقۇشقا سىمىۋۇل قىلماقچى بولۇپ ئىشلەتكەن ئىدىم
ئىسسىتىلىستىك ۋاستىلارنى جايىدا ئىشلىتەلمىدىممۇ ياكى سىز خاتا چۇشىنۋالدىڭىزمۇ بىلمىدىم
يىشۆيۇەن دىگەن مەكتەپكە كىتىپ قاپسىز ئەمەسمۇ؟

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-18 11:56 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:12-19 13:43, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ