xabnam
سىز بۇ تېمىنىڭ 28219ـ ئوقۇرمىنى
« 1 2345» Pages: ( 1/16 total )
بۇ بەتتىكى تېما: ئېچىۋىتىلگەن كۈندىلىك خاتىرە IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
hamxohla

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 35505
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 201
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە201دانە
شۆھرەت: 204 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2030 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :160(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-15
ئاخىرقى :2008-06-24

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 ئېچىۋىتىلگەن كۈندىلىك خاتىرە

بۇ تىمىنى xabnam ئىلگىرلەتتى(2008-04-25)

 

  ئېچىۋتىلگەن خاتىرە





سىزنى (جانىم ياريارى، قەدىرلىك ئاق كەپتىرىم،نازۇك پەرىشتەم،تەڭداشسىز چىرايلىقىم...)دىگەندەك سىزگە شۇنداقلا ئۆزۈمگە ئەڭ تونۇش بولغان يېقىملىق چاقىرىشلىرىم بىلەن چاقىرىش شەرپىدىن مەھرۇم بولغانلىقىمدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشىم تولىدىن تولا ئېغىر كىلىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە سېغىنىشلىق بايانلىرىمنى ، ھەسرەتلىك ئۇھ لىرىمنى ئىكران يۈزىدىكى مۇشۇ بەت يۈزىگە تۆكمىسەم ، بۇ چەت چىگرادا مىنىڭ ھەسرىتىمنى تىڭشىغۇدەك كىمىمىۇ بار دەيسىز...
سىز سىڭلىڭىزنى ئەگەشتۈرۈپ ھويلىدا تۇغان چېغىڭىزدا دەرۋازىدىن خوش ياقماسلىق كەيپىياتىمدا كىرىپ كىلىۋاتقان مەن بىلەن كۆزلىرىڭىز ئۇچراشقان تۇنجى دىدار لاشقان چىغىمىزدا ھەر ئىككىلىمىز پەقەت رەسمىيەت يۈزسىدىنلا ئەھۋال سورۇشۇپ قويۇشتۇق، سىز ھويلىغا قانداق تۇيۇقسىز پەيدا بولغان بولسىڭڭىز شۇنداق تۇيۇقسىز غايىپ بولدىڭڭىز، مەن سىزنى تۇنجى كۆرگەن شۇ چېغىمدىكى ماڭا بەرگەن تۇنجى تەسىرىڭڭىز ، ھەجەپمۇ چىرايلىق قىز كىنا دەپ قىلىشلا بولدى، بىز شۇ قېتىمقى تۇيۇقسىز ئۇچرىشىتىن 2يىل كىيىن يەنە بىر رەت ئۇچراشتۇق بۇقىتىمقىسىمۇ يەنىلا شۇنچە ئويلىمىغان چاغدىكى ئويلىمىغان يۈز كۆرۈشۈشلەر بولدى ، تۇققىنىڭڭىزنى ئالىي مەكتەپ ئارزۇ كۆرسەتكۈچىنى تولدۇرۇپ بىرىشكە ئىزدەپ كەلگەن ئىكەنسىز ، مەن سىز ئىزدىگەن ئىنساننىڭ ساۋاقدىشى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىزنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاراقلىرىڭىزغىمۇ ھەم سىزگىمۇ ئۇزۇندىن ئۇزۇن ئوغۇرلۇقچە قارىۋىلىش ئىمكانىيتىگە ئىرىشتىم ، ئىمتاھاننى كۆڭلىڭىزدىكىدەك بىرەلمىگەن لىكىڭڭىزسەۋەپلىك كۆزلىرىڭڭىزدىن ياش قۇيلۇپ توختىمايتى، ئۆزەممۇ بىلمەيمەن سىزنىڭ كۆزلىرىڭڭىزدىن يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلىۋاتقان ياشلارمىنىڭ كۆڭلىمنى ئۆزۈممۇ ئىپادىلەپ بىرەلمەيدىغان بىرخىل دەششەت ئازاپلىق تەشۋىشلىنىشلەر قوينىغا باشلايتى،ئەشۇ چىرايلىق زەڭگەر كۆزلىرىڭىزدىكى ئازاپتىن شەكىللىنىۋاتقان قايغۇ ئۇچقۇنلىرىنى كۆرۈشكە تاقەت قىلالمايۋاتاتتىم،مومكىن بولسا ئۆزۈم ئوقىۋاتقان ، سىز ئارزۇ قىلىۋاتقان مۇشۇ نوقتقلىق ئالىي مەكتەپنىڭ  مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ قالسام ھە مۇشۇ زەڭگەر كۆزلۈك ناتىۋان قىزنىڭ كۆز ياشلىرى ئۈچۈن بولسىمۇ بۇيىللىق نۇمۇر سىزىقىنى راسا تۆۋەنلىتىپ بۇ بىچچارىنى قايغۇ ھەسرەت چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرسام دەپ ئويلايتىم ئەمما بۇنىڭ تاتلىق خىيالدىنىلا ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم.ئۇزۇنغا سوزۇلغان مەسلىھەتلىشىشلەردىن كىيىن سىزنىڭ ئارزۇلىرىڭىز ھەم بىزنىڭ پىكىرلىرىمىز نەتىجىسىدە شۇ قەغەز بويلۇپ پۈتتى. ئەمما مىنىڭچە بولسا سىزنى ئۇزاققىچە كۆرۈۋىلىش يۈزسىدىن بولسىمۇ  شۇ قەغەزنىڭ نەچچە ۋاراق كۆپۈيىشىنى تىلەيتىم ،سىز نى ئۇزاقراق تۇتۇپ قىلىشنى ئويلايتىم،بىراق سىزنى ئېپ قىلىشقا كۆرسەتكۈدەك باھاننەم يوق دە.سىز كىتىش ئۈچۈن ئورنىڭىزدىن قوزغالدىڭڭىز بىز سىزنى بىكەتكىچە ئۇزتۇپ چىقتۇق سىز كەتتىڭڭىز ئەڭ شاتلانغىنىم سىز كىتىش ئالدىدا ساۋاقدىشىم بىلەن يەنە ئىزدىشىپ تۇرۇشقا قۇلايلىق بولۇش يۈزسىدىن ئۇنىڭ تىلفۇن نۇمىرىنى سوراپ قالدىڭڭىز، شۇ مىنىۇتلاردا ئىچىمدىكى ھاياجاننى بىر ئاللاھ بىلەتتى ، چۈنكى ئۇنىڭدا تىلفۇن يوق، سىز ئىزدىگەندە ئاسان تېپىشىڭىز ئۈچۈن مىنىڭ يانفۇن نۇمۇرۇمنى دەپ بەردى، ئەسلىدە ياتاقنىڭكىنى دەپ بەرمەكچى ئىدى ، مەن گىپىنى تارتىۋىلىپلا، بىز ياتاقتا داۋاملىق ئولتۇرۇپ بولالامايمىز ، شۇڭا مىنىڭ قول تىلفۇنۇمغىلا ئۇرسۇن چۇ دىدىم ئالدىراپ تىنەپ سىز مىنىڭ نۇمۇرۇمنى قالدۇرۋالدىڭىز، شۇنىڭدىن كىيىن ئۇنى ئىزدەپ بىر قانچە رەت تىلفۇن قىلدىڭڭىز سىز تىلفۇن ئۇرغان شۇ چاغلاردا سىزنىڭ ياخشىمۇ سىز دىگەن يېقىملىق ئاۋازىڭڭىزدىن باشقىچە جانلىنىپ كىتەتتىم، سىز ئىزدىگەن ئۇنىڭ مىنىڭ يىنىمدا بولماسلىقىنى سىزنىڭ مەن بىلەنلا پاراڭلىشىشىڭىزنى كۈتسەممۇ قېيىشقاندەك ھەر نۆۋەتلىك تىلفۇنلار نى قوبۇل قىلغىنىمدا ئۇ بار بولۇپ قالاتتى ، ئۇ سىز بىلەن تىلفۇن پاراڭلاشقاندا تىلفۇن ئاۋازىنى چوڭايتىپ قويۇپ مەنمۇ ئاڭلايتىم ئەمما تىلفۇننى قويۋەتكەندە بولسا ئەسلا ئاڭلىمىغاندەك   (نىمە دەيدۇ؟)دەپ سورايتىم ئۇ كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ سەن ساراڭمۇ يە؟سەنمۇ ھازىرلا ئۇنىڭ نىمە دىگەنلىكىنى ئاڭلىدىڭغۇ دەيتى ھەيرانلىقىنى ھەسسىلەندۈرۈپ. ئاڭلىغان بولساممۇ يەنە بىر قېتىم دەپ بىرە دەيتىم نارازىلىقىمنى يوشۇرماستىن ئۇ ئارتۇق گەپ قىلماي سىز دىگەن گەپلەرنى يەنە بىر رەت دەپ ئۆتەتتى، ماۋۇ يەرنى چۈشۈرۈپ قويدۇڭغۇ دەيتىم ئۇ ئاتلاپ كەتكەن بىر ئىككى ئىغىز سۆزنى ئەسكەرتىپ ئۇ ماڭا قاراپ بىشىنى چايقاپ كۈلۈپ كىتەتتى، سىنىڭ تۇتىۋىلىش قابىليىتىڭ ئاجايىپ يۇقىرى ھە؟دەيتى مەنىلىك كۈلۈپ .ھۇدۇقۇپ قالاتتىم دەرىسلىكتىكى يادلاپ كىلىشكە بۇيرۇلغان مەزمۇنلارنى قايتا قايتىلاپ يادلاپ ئاران ئىسىمدە ساقلىيالىغىنىم بىلەن سىزنىڭ قانچىكى ئۇزۇن گەپلىرىڭڭىز بولسىمۇ بىرنى قالدۇرماي يادىمدا ساقلىۋالالايتىم دىسە...
شۇنداق تىلفۇنلاردىكى ئاددى سالاملاردىن كىيىن بىز ھەر ھالدا ياخشىمۇ سىز؟ دىگەندىن ئۇزۇنراق ئەھۋاللىشىدىغان بولۇشتۇق، مەنمۇ سىزنىڭ تىلفۇن نۇمىرىڭڭىزنى بىلىۋالدىم ، شۇ خىل ئاددى ئەھۋال سورشىشىلار بىلەن ئۆتىۋاتقان كۈنلەردە بىزنى تەتىل قويۇپ بەردى مەن ئۆيگە كەتتىم ئەمما سىزگە ناگانلاردا تىلفۇن قىلىپ ئەھۋاللىشىپ ئىمتاھان نۇمۇرىڭڭىزنى ، چاقىرىق كەلگەن كەلمىگەنلىكىنى سورايتىم، سىز ھەر قىتىم ئېغىر تىنىپ ياق دەپ جاۋاپ بەرگىنىڭڭىزدە مىنىڭمۇ كۆڭلۈم يىرىم بولۇپ كىتەتتى.سىز نىڭ مىنىڭ ئۆيۈمنىڭ نۇمۇرىنى سورغانلىقىز پەقەت يادىمدىن كەتمەيدۇ، مەن سىزگە ئۆيۈمنىڭ نۇمىرىنى دەپ بەرگەن شۇ مىنىۇتلىرىمدا شۇنچىلىك ئەستايىدىل پوزىتسىيەدە بولغان ئىدىمكى بەلكىم ئۆيۈمنىڭ تىلفۇن نۇمىرىغا تۇنجى قېتىم ئەڭ ئەستايىدىل پوزىتسىيە تۇتقىنىم شۇ بولسا كىرەك، سىزنىڭ خاتا يىزىۋىلىشىڭڭىزدىنمۇبەكرەك ئۆزۈمنىڭ  ھاياجانلىنىپ كىتىپ خاتا دەپ سىلىشىمدىن ئەنسىرەيتىم، كۆپۈنچە چاغلاردا ئادەم ئەڭ ئىنچىكە پوزىتسىيدە بولغان نەرسىلەردىن شۇنچە ئاسان سەۋەنلىك چىقىپ قالىدۇ ئەمەسمۇ،سىز مەن سىزگە تىلفۇن نۇمىرىمنى دەپ بىرىپ 3كۈندىن كىيىن تىلفۇن قىلدىڭڭىز بىز قىسقىلا سۆزلەشكەن بولساقمۇ مىنىڭ ھاياجانلىق ھېسياتىم يۈركىمنى رېتىمدىن ئازدۇراتتى، ئاردىن بىرقانچە كۈن ئۆتۈپ مەن ساۋاقدىشىمنىڭ ئۆيىگە تىلفۇن قىلدىم تىلفۇننى سىز ئالغان ئىكەنسىز مەن سىزنىڭ ئاۋازىڭڭىزنى دەماللىقتا پەرىقلەندۈرەلمىگەنلىكىم تۈپەيلى سىزنىڭ ئەخمەق قىلىشىڭڭىزغا ئۇچۇردۇم ، سىز ئۇنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ مەن بىلەن چاندۇرماستىن نەچچە مىنىۇت پاراڭلاشقاندىن كىيىن ئۇ سىزنىڭ يېنىڭىزغا كىلىپ سىزدىن كىم بىلەن پاراڭلىشىۋاتىسەن دەپ سورغاندىلا سىز كۈلۈپ كىتىپ ئۇنىڭغا تىلفۇن تۇرۇپكىسىنى بەردىڭڭىز، مەن سىزنىڭ قاقاقلاپ كۈلگەندىكى  جاراڭلىق ئاۋازىڭىزنى ئەنە شۇ قېتىم تۇنجى ئاڭلىدىم، سىزنىڭ شۇخىىل چاقچىقىڭڭىز مىنىڭ سىزدىن تارتىنىشىمنى ئاز تولا پەسەيتتى.بەلكىم سىز شۇ قېتىم مەن بىلەن ئاشۇنداق چاقچاقلاشمىغان بولسىڭىز بىزنىڭ ئارمىزدىكى بۇ ئۇنتۇلماس ھېكايىلەرمۇ ۋۇجۇتقا چىقمايدىغان بولغىيتى...
تەتىلمۇ توشۇپ بىزمۇ مەكتەپكە يىغىلدۇق، مەن سىزگە قايتىپ كەلگەن كۈنۈملا تىلفۇن قىلدىم ، سىزنى قورقۇپ تۇرۇپ تاماققا تەكلىپ قىلدىم، خۇداغا شۈكىرى سىز تەلىۋىمنى رەت قىلمىدىڭڭىز ، بىز ئەتىسى يىشۆيۈەندە كۆرشىدىغان بولدۇق ، شۇكۈنى سىم سىم يامغۇر يىغىۋاتاتتى، ئەپسۇس مىڭ ئەپسۇس  قېرىشقاندەك يىشۆيۈەننىڭ ئالدىدا بىر توپ ئاغىنىلەر بىلەن دوقۇرشۇپ قالدىم، ئۇلار قارمايدىكى يېقىن دوستلۇرۇم ئىدى ئەمدى قانداقمۇ ئۇلارنى تاشلاپ قويۇپ سىزنى ساقلىغىلى بولسۇن . سىزگە كەلمەڭ ئەتە كۆرشەيلى دەپ تىلفۇن قىلدىم، ئەمما تىلفۇننى ئاپىڭڭىز ئېلىپ سىزنىڭ ئۆيدە يوقلىقىڭڭىزنى ئېيىتتى، سىزنىڭ يولغا چىقىپ بولغانلىقىڭڭىزنى بىلدىم، ئەمدى سىز بىلەن قانداق ئالاقىلاشقىلى بولسۇن ، يە سىزنىڭ قولىڭڭىزدا تىلفۇن بولمىسا ، ھەي...
ئاغىنىلىرىمنى ئاشخانىغا باشلىدىم، سەي بۇيرۇتۇپ قويۇپ سىرىتتىن ئىچىملىك ئەپ كىرىش ئۈچۈن چىقتىم ، كۆزلۈرۈم بىكەتتە، ئىچىملىك ئەكىرىپ ئەمدى ئولتۇرشۇمغا تىلفۇن كەلدى، قارسام ئاممىۋى تىلفۇننىڭ نۇمىرى، تىلفۇننى چاققانلىق بىلەن ئالدىم،
ياخشىمۇ سىز؟
-ياخشىمۇ سىز؟سىز نەدە؟
-مەن خوڭشەندىكى بىكەتتە سىز چۇ؟
-مەن ئاغىنىلىرىم بىلەن يىشۆيۈەندە، كەچۈرۈڭ سىز بىلەن كۆرشەلمەيدىغان بولۇپ قالدىم، بىز ئەتە كۆرشەيلى بولامدۇ؟
-مەيلى ئەمسە، مەن ئۆيگە قايتىپ كىتەي.
-رەنجىپ قالدىڭڭىز ھە...
-ياق ، رەنجىمىدىم .خوش.
سىز مىنىڭ خوش دىيشىمنىمۇ كۈتمەستىن تىلفۇننى قويۋەتتىڭڭىز، ئاۋازىڭىزدىن چانمىغىنى بىلەن  ھەركىتىڭڭىزدىن رەنجىگەنلىكىڭڭز بىلىنپلا تۇراتتى، ئەلۋەتتە مۇشۇنداق لاكا لوزۇڭ ئىشقا ئۇچۇرسا كىمنىڭمۇ ئاچچىقى كەلمىسۇن...
ئاردىن ساق 5كۈن ئۆتتى يە سىزگە تىلفۇن قىلالمايمەن يە سىز قىلمايسىز...ئەلۋەتتە سىزنىڭ قىلماسلىق ھوقۇقۇڭڭىز بارئىدى، مەن سىزگە سىزنى ئەخمەق قىلىۋاتقاندەك تەسىر بەرگەن تۇرسام.ئاخىرى چوڭ غەيرەتكە كىلىپ مەن تىلفۇن قىلدىم، خۇداغا شۈكىرى سىز مىڭ تەسلىكتە ماقۇل بولدىڭڭىز بىز خەلىق مەيدانىدا كۆرۈشىدىغانغا كىلىشتۇق، مەن بىز دىيىشكەن ۋاقىتتىن 2سائەت بۇرۇن كىلىپ سىزنى ساقلاشقا باشلىدىم مەن سىزنى ساقلاپ 2سائەت 30مىنۇت بولغاندا سىز كەلدىڭڭىز، سىزنى ئالدىنىقى قىتىم رەنجىتىپ قويغىنىمدىن خىجىل بولۇپ سىزدىن ئەپۇ سوراش يۈزسىدىن جىڭدى شاكىلات سىتىۋالغان ئىدىم سىزنى مەن ياخشى كۆرىدىغا ن مۇشۇ شاكىلات بىلەن ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان شۈي مىتاۋ ئىچىملىكى بىلەن خوش قىلىشقا تىرشاتتىم.سىز كەلدىڭڭىز ئەمما مىنىڭ تۇرغان ئورنۇمنى كۆرمەي ئۆتۈپ كەتتىڭڭىز، مەن ئارقىڭڭىزدىن ئەگىشىپ مېڭىپ سىزگە يېقىنلاپ بوش ئاۋازدا
-ھەي دىدىم تولىمۇ ئىھتىياتچانلىق بىلەن سىزنى چۈچىتىۋەتمەسلىككە تىرشىپ.
سىز ئارقىڭىزغا ئىتتىك بورۇلدىڭڭىز كۆزلۈرۈمىز شۇنچە تىز ئۇچرىشىپ شۇنچە تىز باشقا ياققا قارۋالدىڭڭىز كۆزلىرىڭڭىز كۈلۈپ تۇرۇپ سوردىڭڭىز
-ئۇزاق ساقلىتىۋەتتىمۇ؟
-ياق مەنمۇ ھازىرلا كەلگەن.ئۆيدىن نىمە دەپ چىقتىڭڭىز؟
-ئاچامنىڭ تويىغا ئاز قالدى ئەمەسمۇ، باغاق يىزىشىپ بىرىمەن دەپ چىقتىم.
-ئاچىڭڭىزنىڭ يىنىغا بارامسىز؟
-ھە ئە.
-مەن ئاپىرىپ قويايمۇ؟
-مەيلى.
-بۇلارنى سىزگە ئالغان.
-نىمىشقا؟
-يىسۇن دەپچۇ.
كۈلۈپ كەتتىڭڭىز تارتىنىپ تۇرۇپراق قولۇمدىن ئالدىڭڭىز.
ئاچىڭڭىز نىڭ ئۆيى نەدە؟
-جۇۋ جاۋەندە.
-مېڭىپ بارايلىمۇ؟
-مۇشۇ يەردىن جۇۋجاۋەنگنما؟
-ھەئە، چىدىيالمامسىز؟
-چىدايمەن، سىزنى چىدالماي قالارمۇ دەپ چۇ..
-مەن چىدىيالمايدىىغان بولسام  ماڭايلىمۇ دىمەيتىم.
-ئەمسە ماڭامدۇق .
-ماڭايلى.
بىز مېڭىپ كەتتۇق.خەلىق مەيدانىدىن شۇ ماڭغانچە راستىنلا جۇجاۋەنگىچە مېڭىپ باردۇق يولدىكى پاراڭلاشقان سۆزلىرىمىز ھەرخىل پاراڭ تىمىلىرىمىزدىن گاھ كۈلۈشۈپ گاھ چاقچاقلىشاتتۇق.جۇۋجاۋەنگە بارغاندا بولسا يولنىڭ يەنىمۇ ئۇزۇنراق بولىشىنى يەنىمۇ ئۇزۇنراق مېڭىشىمىزنى تىلەيتىم ئەپسۇس بىزنىڭ ماڭغان يولىمزنىڭ ماڭسا تۈگىمەس يول بولماستىن ، ماڭسا تۈگەيدىغان يول بۇلۇپ قالغانلىقىنى دىمەمدىغان.سىز نى ئاپىرىپ قويۇپ قايىتتىم.شۇ كۈندىن كىيىن ماڭا ھەر ھالدا تىلفۇن قىلىدىغان بولدىڭڭىز،ئەمما 6كۈن ئۆتۈپ مەن ساۋاقدىشىمنى ئىزدەپ قىلغان تىلفۇننى سىز ئېلىپ ، مەن شۇ چاغدىكى ناچار كەيپىياتىمدا سىزنى سەتلەپ سالدىم. شۇنىڭدىن كىيىن ماڭا ئۇرىدىغان تىلفۇنىڭڭىز بىراقلا توختىدى.بىز شۇ ئىزدەشمىگەنچە تاكى ئاچىڭڭىزنىڭ تويىدا كۆرۈشكەنگە قەدەر ئىزدەشمىدۇق.ئاچىڭڭىزنىڭ تويىدا ماڭا مەجبۇريەت يۈزسىدىنلا  ياخىشىمۇ سىز ؟دەپ قويدىڭڭىز خالاس.ئەمما ئەتىسى ساۋاقدىشىمنى ئىزدەپ ياتاققا   كەلدىڭڭىز ،مەن سىرىتتىن توخۇ قورۇتۇپ كىردى، سىز قايىتماقچى بولغان چېغىڭڭىزدا كەچ كۈزنىڭ سوغۇق شامىلى سىزنى بىر ئاز سوغۇقلاندۇرۇپ قويغان چېغى چۈشكۈردىڭڭىز،مەن شۇندىلا سىزنىڭ سەل يىلىڭ كىينىۋالغانلىقىڭڭىزنى ھېس قىلىپ چاپىنىمنى تەڭلىدىم.
-كىيىپ كىتىڭ ، ئۆيڭىزگە بېرىپ بولغىچە زۇكامداپ قالماڭ .
-رەھمەت، بولدى بىردەمدىلا بېرىپ بولىمەن.
-ياراتمايۋاتامسىز؟
-ياق ياق...ھەرگىز ئۇنداق ئويلىماڭ.
-ئەمسە كىيىڭڭە.  سىز چاپىنىمنى كىيدىڭڭىز ئەمما چاپان سىزگە بەكلا چوڭ كىلىپ قالدى.بىز كۈلشۈپ كەتتۇق.
-بولدى بولدى سېلىۋىتەي بەك چوڭكەن. سىزنى يەنىلا بىكەتكىچە ئۇزتۇپ چىقتۇق سىز كەتتىڭڭىز. 2كۈندىن كىيىن تولۇق ئوتتۇرىدا قايتا ئوقۇيدىغان بولغانلىقىڭڭىزنى دەپ تىلفۇن قىلدىڭڭىز، ساۋاقدىشىمغا فىزىكا  تەكرارلاپ بىرەلەيدىغان ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى تىپىپ بىرىشنى ھاۋالە قىلىپ تىلفۇن قىلدىڭڭىز، ئۇ سىزگە تېپىپ بەردى، شۇنىڭدىن كىيىن بىزنىڭ مەكتەپكە كىلىپ دەرىس تەكرارلايدىغان بولدىڭڭىز، ھەر قېتىم مەكتەپكە كەلگەندە ساۋاقدىشىمنى ئىزدەپ تلفۇن قىلاتتىڭڭىز، بىر كۈنى كەچ قالدىڭڭىز ساۋاقدىشىم ئالدىراش بولغاچقا سىزنى بىكەتكىچە مەن ئۇزتۇپ چىقتىم، 8دىن كىيىن ئاپتۇبۇس كارتىڭڭىز ئىشلىمەيدۇ يېنىڭىزدا ئارتۇق پۇل بار يوقلىقىنى بىلمەيمەن سوراشتىن ئەسلا خىجىل بولىمەن، ماشىنا كەلدى،ئاخىرى غەيرەتكە كەلدىم.
-بۇ 20كوينى ئېلىۋىلىڭ .
-نىمە قىلغىنىڭڭىز بۇ؟
-سىز ئۆيگە بارغىچە 2ماشىنا ئالمىشىسىز، سىز بارغىچە ئاپتۇبۇس قالمىسا تاكسىغا ئولتۇرمامسىز.
-ياق ياق ياق يېنىمدا پۇل بار.
-پۇلى يوق دىمىدىم  يەتمەي قالسا ئىشلەتمەمسىز.
-ياق ياق
-تولا چىشىمغا تەگمەڭچۇ، ئېلىڭڭە بولمىسا يىرتىۋىتىمەن.
-ئەمسە 10كويلا بىرىڭ شۇ يىتىدۇ، سىزمۇ ئوقۇغۇچى تۇرسىڭڭىز.
مەن ئارتۇق گەپ قىلماستىن 10كوينى قولىڭڭىزغا تۇتقازدىم.ماشىنا كەلدى سىز ماشىنىغا چىقىپ مەن بىلەن بوشقىنە باش لىڭشىتىپ خوشلاشتىڭڭىز.ئەتىسى كەچتە بىز بىللە تاماق يىدۇق ساۋاقدىشىم سىز ھەم مەن گۈرۈچ ئۇنى لەغمىنى يىدۇق ساۋاقدىشىم سامساق بىلەن قوشۇپ تاماق يەۋاتاتتى سىز تۇيۇقسىزلا مەن سامساق يىيەلمەيمەن ھەم سامساق يىگەن ئادەم بىلەن پاراڭلاشقۇممۇ كەلمەيدۇ، بەك سېسېق پۇرايدۇ دوپ سالدىڭڭىز، مەنمۇ راسا سامساق ئالدالاۋاتقان ئىدىم تېخى يىيىشكە ئۈلگۈر مىگىنىمگە ئىچىمدە ئاجايىپ خوش بولۇپ كەتتىم ھەم دەرھاللا سامساقلارنى تاماق شىرەسىگە تاشلاپ قويدۇم مىنىڭ سامساق يەيدىغان ئادىتىممۇ ئەنە شۇنىڭدىن كىيىن يوقالدى،كىم بىلسۇن سىز مىنىڭ ھەركىتىمگە قاراپ ئولتۇرغا ئىكەنسىز كۆزلۈرىمىزنىڭ شۇنچە تىز ئۇچرىشىشىدىن نىمە قىلارىمنى بىلمەي قالغان شۇ دەقىقىلەردە بەكمۇ بەكمۇ تاتلىق كۈلۈمسىردىڭڭىز سىزنىڭ شۇ كۈلۈمسىرشىڭڭىزدىن مىنىڭ ھەركىتىمنى كۈزتۈپ ئولتۇرغانلىقىڭىزنى سەزدىم.  ئاردىن يەنە بىر قانچە ھەپتە ئۆتتى ناگانلاردا تىلفۇن قىلمىسىڭڭىز، قىلماسلا بولۇپ كەتتىڭڭىز. 3ھەپتە بولغان كۈنى دەرس ۋاقتىدا تىلفۇنۇم قىسقا ئۇچۇر سىگىنالى سايراتتى قارسام ناتونۇشلا كىچىك زىرەك نۇمۇرى، ئۇچۇرنى ئىچىپ كۆردۈم
-ياخشىمۇ سىز؟نىمە قىلىۋاتىسىز؟مىنىڭ كىملىكىمنى بىلدىڭىزمۇ؟يۈركۈم توساتتىنلا تىتىرەپ كەتتى، دەرھال خەت قايتۇردۇم.
-ياخشىمۇ سىز؟سىز  (*******)شۇنداقمۇ؟باركەنسىزھە؟
- بىلىۋاپسىزدە...بۇ ساۋاقدىشىمنىڭ تىلفۇنى ھازىر قايتۇرۇپ بىرىمەن ، سىزگە سەل تۇرۇپ تىلفۇن قىلاي خوش.
يۈرەكلىرىم ئويناپ كەتتى.سىز 5مىنۇتلاردىن كىيىن تىلفۇن قىلدىڭڭىز،گەرچە دەرىس ۋاقتى بولسىمۇ سىزدىن كەلگەن تىلفۇننى ئالماي بولاتتىمۇ بىز قىزغىن پاراڭلاشتۇق.10مىنىۇتتەك سۆزلۈشۈپ تىلفۇننى قويۋەتتۇق، شۇكۈنى كەچتە مەكتەپتىمۇ كۆرۈشتۇق، شۇنىڭدىن باشلاپ 1ھەپتىگىچە ھەركۈنى 2-سائەتلك دەرىستىن چۈشۈپلا تىلفۇن قىلىدىغان بولدىڭڭىز گەرچە سىلەرنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتىڭلار بىزنىڭ دەرىس ۋاقتىمىزغا توغرا كەلسىمۇ مەن ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن تىل ئاڭلاشتىن قەتىي  سىزنىڭ تىلفۇنىڭڭىزنى ئالاتتىم ،ئەمما بۇخىل پاراڭلىشىشىلارمۇ1ھەپتە داۋاملاشتى.يەنە 1ھەپتە غايىپ بولۇپ كەتتىڭڭىز 1ھەپتىدىن كىيىن يەكشەنبە كۈنلىكى مەن ۋۇجا چۈدىكى دوستلۇرۇمنىڭ يېنىدىن قايتىۋاتقىنىمدا تىللفۇن قىلدىڭڭىز
-ياخشىمۇسىز؟
-قانداق ئەھۋال؟يەنە يوقاپ كەتتىڭڭىزغۇ؟
-ئالدىراش بولۇپ كەتتۇق شۇ، بۈگۈن ۋاقتىڭڭىز بارمۇ؟
-قانداق دەيسىز؟
-سىزنى مىھمان قىلاي دەيمەنغۇ.
-خاتا ئۇرۇپ قالمىغانسىز تىلفۇننى؟
-ياق.
-ئەلۋەتتە بار، نەدە كۆرشىمىز؟
-خەلىق مەيدانىغا كىلەمسىز؟
-ماقۇل ، مىنى ساقلاڭ .
-قانچىلىك ساقلايمەن ؟مىنىڭ 1دىن 30ئۆتكەندە دەرسىم بار ئىدى، سىز نەدە؟
-مەن سىزنى ئۇنچە ئۇزۇنمۇ ساقلاتمايمەن، مەن ئەننىڭچۈگە كىلەي دەپ قالدىم ھازىرلا كىچىك ماشىنا توراپ باراي بولامدۇ؟
-مەيلى ئەمسە،سىزنى بىكەتتە ساقلايمەن ھە.
-بولىدۇ،خوش بارغاندا كۆرشەيلى.
-خوش.
دەرھال ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپ قالدىم، ئەننىڭچۈگىمۇ كەپ بولالماپتىكەنمىز، شۇنداقتىمۇ ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپ قېلىپ يولدىنلا كىچىك ماشىن تورۇدۇم ، باھا تالىشىپ ئولتۇرماستىنلا شوپۇرنىڭ دىگىنىگە باش لىڭشىتتىم پۈتكۈل ئەس يادىم ئوي خىيالىم يېنىڭڭىزغا تىزرەك بېرىشتا ئىدى.

--- بىپەرۋا تەستىقلىدى .
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • تۆھپە:+10(Ark-zat) ئالقىشلانغا ..
  • تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
    | ۋاقتى : 2008-03-18 14:37 [باش يازما]
    hamxohla

    دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 35505
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 201
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە201دانە
    شۆھرەت: 204 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2030 سوم
    تۆھپە: 20 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :160(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-03-15
    ئاخىرقى :2008-06-24

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    قانچە تىت تىت بولغانسىرى بو يولدىكى ماشىنىلارنىڭ شۇنچە كۆپلىكىنى دىمەمسىز، مومكىن بولسا مەن ئولتۇرغان ماشىنىنى قاتناش چىراغلىرىدىمۇ توختىمىسىكەن دەيتىم . ئەمما مومكىن بولمايدىغانلىقى كۆڭلۈمگە ئايان ئادەم بەزىدە ئاشۇنداق مومكىن بولمايدىغان ئىشلارغا ئۈمۈت باغلاپ ئۆتىدىغان چاغلارنىمۇ بېشىدىن ئۆتكۈزىدىكەن،قېيىشقاندەك بېيمېر بىكەتتە قاتناش توسۇلۇپ قاپتۇ، دەرھاللا پۇلنى تۆلەپ ماشىنىدىن چۈشتۈم، سىز تۇرغان بىكەتكە 1بىكەت يۈگۈرۈپ يىتىپ باردىم، سىز مىنى ساقلاۋىتىپسىز،
    -قانداق ئەھۋال؟
    -ياخشىغۇ، ئۆزۈڭىزنىڭ چۇ؟
    -كۆرۈپ تۇرۋاتىسىزغۇ.
    -ئۇزاق ساقلىتىۋەتتىم ھە.
    -ئۇنچە ئەمەس...
    -ئەمسە يەنە بىردەم كىچىكىپ كەلسەم بوپتىكەندۇق دە.
    كۈلۈپ كەتتىڭڭىز، سىز كۈلسىڭڭىز تېخىمۇ چىرايلىقلىشىپ كىتىدىكەنسىز دىسە...
    -ھە ،مىنى نىمە بىلەن مېھمان قىلماقچى؟
    -سىز دەڭ نىمە بىلەن دىسىڭڭىز شۇنىڭ بىلەن بولسۇن.
    -نەدە ئۇنداق گەپ بار،سىز نىمىدە مېھمان قىلىشنى ئويلۇشۇپ باقمىغانما؟
    -مىفېن يەيلىمۇ؟سۈيقاش ئىچەيلىمۇ؟
    -بولىۋىرىدۇ.
    -مەن سۈيقىشى بەك ئوخشايدىغان بىر يەرگە باشلاپ بارايمۇ ئەمسە؟
    -مەيلى،بولمىسا سۈيقاشنى كىيىن ئىچىپ ھازىر مىفىن يەيلىمۇ؟
    -نىمىشقا؟
    -سىز مىفىنغا ئامراققۇ.
    -بىراق مەن سىزنى مېھمان قىلىمەن دەپ ئۆزەم ئامراق نەرسىنى زورلىسام بولماس.
    -ئەملىيەتتە مەنمۇ مىفىننى ياخشى كۆرىمەن.
    -بولىدۇ ئەمسە، يۈرۈڭ ئاۋۇ لىڭ لىڭ غا كىرەيلى. بىز ئاشخانىغا كىرىپ مىفىم بۇيرۇتتۇق، تاماق چىققىچە پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشتۇق،تاماقنى بىر بىرىمىزدىن قورۇنۇشۇپ تولىمۇ تەسلىكتە يىيىشسەكمۇ ئۆزىمىزنى زورىغا ئەركىن تۇتۇشقا تىرشىپ باقاتتۇق.
    -نىمىشقا پۇلنى سىز تۆلەيسىز؟مەن مېھمان قىلىمەن دىگەن تۇرسام...
    -سىز مېھمان قىلدىڭىز، مەن پۇل تۆلۈدۈم شۇ.كىم سىزنى مېھمان قىلمىدى دەيدۇ؟
    -ساراڭ.
    بۇسىزنىڭ مىنى تۇنجى قېتىم ئەركىلەپ تۇرۇپ تىللىشىڭڭىز ئىدى، شۇنىڭدىن كىيىن مەن مۇشۇ ساراڭ سۆزىگە ئالاھىدە ئىتىبار بىلەن قارايدىغان بولۇپ قالدىم ، چۈنكى بۇ سۆز سىزنىڭ ئاغزىڭىزدىن ماڭا شۇنچە يېقىملىق تەلەپپۇزدا بايان ئەيلىنەتتى.
    -ئايلىنىپ كىلەيلىمۇ؟
    -نەگە بېرىپ؟
    -ساراڭلار دوختۇر خانسىغا چۇ.
    -راس دەۋاتامسىز؟
    -ھەئە.
    -مىنىڭ دەرسىم بار تۇرسا.
    -بولدىلا دەرىسىڭڭىزنى ئەتە تولۇقلىۋالمامسىز، يۈرىڭڭە كەتتۇق.
    -سىز راستىنلا 4-دوختۇر خانىغا بارماقچىما؟
    -ھەئە، مېڭىڭە. شۇنداق دەپلا ئالدىڭىزدا مېڭىپ كەتتىم ئارقامدىن يىتىشىپ ماڭدىڭڭىز يولدا بىز ھەرخىل قىززىق گەپلەر بىلەن كۈلىشەتتۇق، چاقچاقلىشاتتۇق، ماڭا ناخشا ئېيتىپ بىرىڭە دىدىم مەن تۇيۇقسىزلا ئۆزۈمنىڭ نىمىشقا شۇنچە تۇيۇقسىز بونداق دەيدىغانلىقىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيتىم.
    -بىر قېتىم سىنىپىمىزدا ناخشا ئوقۇغۇزغانتى مەن (ھاۋۋانى تۇمان باستى )دىگەن ناخشىنى ئوقۇپ بەرگىنىمدىن كىيىن 2-ناخشا
    Tordax
    | ۋاقتى : 2008-03-18 18:21 1 -قەۋەت
    sarang0998

    دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 28053
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 280
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە280دانە
    شۆھرەت: 291 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2180 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :114(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-12-19
    ئاخىرقى :2008-06-24

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    خۇدايىم تۆۋە ~~نېمىشقىمۇ كۆرگەندىمەن بۇنى ~~~ ئاران بىر ئۇنۇتقاندا ،مائاداشنىڭ تېمىسىنى كۆرۈپلا ، بىر قىسما بولۇپ قالدىما مەن ؟؟؟؟ يەنە قانچەكۈن ئەسلەرمەن ئەمدى ؟؟؟؟؟؟؟؟     
    Tordax
    ئاللاھۇ ئەكبەر !!!
    | ۋاقتى : 2008-03-18 19:51 2 -قەۋەت
    hamxohla

    دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 35505
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 201
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە201دانە
    شۆھرەت: 204 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2030 سوم
    تۆھپە: 20 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :160(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-03-15
    ئاخىرقى :2008-06-24

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ناخشا ئېيىتمايمەن دەپ ئۆز ئۆزەمگە ۋەدە بىرىۋەتكەن.
    -نىمىشقا؟
    -مەن ناخشىنى ھاۋۋانى تۇمان باستى ھەي.......دەپ بەك سوزىۋىتىپ ئاۋازىمنى يەتكۈزەلمەي كۈلكىگە قالغان.
    -ھ ھ ھ  ھ ھ ھ ھا.... ئۆزەمنى تۇتۇۋالالماستى كۈلۈپ كەتتىم.
    -نىمىگە كۈلىۋاتىسىز؟
    -توۋا غەلىتە قىزكەنسىز جۇمۇ...
    -قانداق غەلىتە ئىكەنمەن؟
    -شۇنچە چىرايلىق ئاۋازىڭڭىزنى قانداق تونۇتۇشنىمۇ بىلمەيدىغان غەلىتە قىز چۇ...
    -نىمىشقا ئۇنداق دەيسىز؟
    -مەن سىزنىڭ ئاۋازىڭڭىزنى بەكمۇ گۈليار ياقۇپنىڭ ئاۋازىغا ئوخشىتىمەن.شۇنچە يېقىملىق ئاۋازىڭىزنى چۈشىدىغان ناخشىلارغا سەرىپ قىلسىڭڭىز بولماسمىدى.
    -سىز گۈليارنىڭ ناخشىلىرىنى بەك ياخشى كۆرەمسىز؟
    -ھەئە ، مەن ئەكپەر قەھرىمان بىلەن گۈليار ياقۇپنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلاشنى ياقتۇرمەن. سىزنىڭ ئاۋازىڭڭىز راستىنلا بەك ئوخشىشىدۇ...
    -بۇنىڭدىن كىيىن سىز ناخشىنى ئوقوپ بىرىڭ دىمەڭ بولامدۇ؟
    -ئوقۇڭ دىمەي نىمە دەيمەن؟
    -ناخشا دىگەننى ئېيتىدۇ، كىتاپ دىگەننى ئوقۇيدۇ، بايام ناخشا ئوقۇپ بىرىڭ دىدىڭڭىزغۇ.
    -نەدە ئۇنداق دىدىم؟مەن ئەزەلدىن ناخشا ئېيتىپ بىرىڭ دەيمەن.ئۆزىڭڭىز شۇنداق دىدىڭڭىزغۇ.
    -بىزنىڭ سىنىپتا قايتا ئوقۇغىلى كەلگگن بىر قىز بار ھەر قېتىم ناخشا ئوقۇپ بىرەي ، كىتاپ ئوقۇپ بىرەي دەپ گەپ قىلىدۇ بەلكىم ئۇنىڭ بىلەن كۆپ پاراڭلاشقاچقا بايام شۇنداق دەپ سالغاندىمەن.
    -كاللىڭڭىز تازا جايىدا ئەمەسمۇ قانداق؟يېنىڭڭىزدا مەن تۇرساممۇ باشقىلارنىڭ گىپى يادىمدا قېلىپ دەپ يۈرۈيسىزغۇ؟
    -ياق ئۇنداق ئەمەس شۇ ئۆزەمچە، ئويلاپ قالدىم.
    -قاراڭ ئاۋۇ كۆرۈنگىنى 4-دوختۇرخانىنىڭ ياتاق بىناسى.
    -سىز بۇ يەرگە كۆپ كىلەمسىز؟
    -مىنىڭ بىر ئاغىنەم مۇشۇ يەردە ياتاقتا.
    -نىمە بولۇپ؟
    -ساراڭ بولۇپ شۇ.
    يوقلاپ كىلىپ باققانمۇ؟
    -تولا كىلىمەن.
    -ۋاي بىچچارە...
    بىز 4-دوختۇرخانىنىڭ ئىچىگە كىرىپ بۇغىنىڭ ھەيكىلى قاتۇرۇلغان چىملىقنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇقتا يانمۇ يان ئولتۇرۇشتۇق.سىزنىڭ سۇس تىتىرەۋاتقانلىقىڭڭىزدىن سوغۇق ئۆتكەنلىكىنى جەزىم قىلدىم.شۇنداقتىمۇ ھەرخىل تىمىلاردا قىزغىن پاراڭلىشىشتۇق، سىز رەسمى تىتىرەشكە باشلىدىڭڭىز كەچ كۈزنىڭ سوغۇقى كەچ كىرگەنسىرى ئۆزىنى كۆرسۈتىۋاتاتتى.
    -كىتەيلىمۇ؟
    -ماقۇل.، ھە راس ماۋۇ ئاسقۇچنى تىلفۇنىڭڭىزغا ئېسىۋىلىڭ.
    قولىڭڭىزدىن ئاللاھ دىگەن خەت بار ئەينەك ئاسقۇچنى ئېلىېىتىپ دىدىم
    -سىز ئېسىپ بەرسىڭڭىز بولمامدۇ؟
    -ئەكىلىڭ ئەمسە. سىز قولۇمدىن ئاسقۇچنى قوللۇرىمىزنىڭ تىگىشىپ كىتىشىدىن تولىمۇ ئھتىيات قىلىپ تۇرۇپ ئالدىڭڭىز ئەمما ئىھتىياتچانلىقىڭڭىزغا چاققانلىق قوشۇلغان ئىدى.بىر دەمدىلا ئېسىپ بولدىڭڭىز.
    -رەھمەت.
    -رەھمەت دىگىچىلىكى يوق، سىز ياراتسىڭڭىزلا بولدى.
    -مەن بەك ياخشى كۆردۈم ، سىز سېرىق رەڭنى ياخشى كۆرەمسىز؟
    -قانداق دەيسىز؟
    -بۇنىڭ ئىچى سېرىق ئىكەنغۇ.
    -ھەئە.
    -ئۆزىڭڭىزمۇ سېرىق بولغاچقا سېرىق رەڭلىكنى ئالدىڭڭىزمۇ يە مىنى ئەسلەپ تۇرسۇن دەپ؟
    -ساراڭ.
    -كۆزلىرىڭڭىزنىڭ رەڭگىنى بەك ياخشى كۆرىمەن ئاجايىپ چىرايلىق زەڭگەر كۆزلىرىڭڭىز بار دە.
    قىزىرىپ كەتتىڭڭىز، سىزنىڭ ئاناردەك قىززىرىپ كەتكەن مەڭزىڭىزنى كۆرۈپ ئۆزەمنىڭ سەل چەكتىن ئاشۇرۇپ سۆزلەپ قويغۇنۇمنى ھېس قىلىپ قالدىم.بىز قايىتتۇق.قايتاشىمىزدا ھېلىقى 4-دوختۇرخانىغا بارىدىغان يولدىكى ئاسما كۆرۈكتە بىردەم تۇردۇق.
    -مەن بۇرۇنمۇ بۇ كۆرۈكتىن مېڭىپ باققان ، ئەمما يالغۇز ... سىز بىلەن ماڭدىم ئەمدى بۇ كۆرۈك بىلەن 4-دوختۇرخانىنى  ئۇنتالمايدىغان بولدۇم دە.
    -نىمە دىگىنىڭڭىز بۇ؟
    -نىمە دەۋاتقانلىقىمنى چۈشىنەلمەيۋاتامسىز؟  كۆزلۈرىڭڭىزگە شۇنچىلىك مەنىلىك قاراپ قويدۇم سىز يەنە قىزىرىپ كەتتىڭڭىز. بىز تاكى خەلىق مەيدانىغا كەلگىچە پاراڭلىشىپ كەلدۇق ئەمما سىز مەندىن بارغانسىرى ككزلىرىڭڭىزنى قاچۇرىدىغان بولۇپ قالدىڭڭىز.
    -مەن مۇشۇ بىكەتتىن ماشىنىغا چىقاي.
    -قانچىنى يولغا چىقىسىز؟
    -931جى يولغا.
    -نەدە چۈشىسىز؟
    -گۇاڭ يۈئەن دە.
    -مەھەللىڭىزگىچە بارامدۇ؟
    -ھە ئە مەھەللىنىڭ ئىچىدە بىكىتى بار.
    -مەن ئاپىرىپ قويسام بولامدۇ؟
    -كەچ بولۇپ كەتتى سىزمۇ مەكتەپكە قايتىڭ مەن ئۆزۈم كىتەي.
    -ئاپىرىپ قوياي چۇ.
    -سىزنى ھېلىمۇ كۆپ ئاۋارە قىلىۋەتتىم ، بولدى رھمەت.
    -نىمىگە ئاۋارە قىلىۋەتتىڭڭىز؟مەندىن ئۆزىڭڭىزنى قاچۇرۋاتىسىز ھە.
    -ياق، ئۇنداق ئەمەس، قاراڭ ماشىن كىلىپ قالدى خوش مەن كىتەي.
    سىز شۇنداق دەپلا بىكەتكە كىرىپ ئەمدىلا تورمۇز دەسسسىگەن ئاپتۇبۇس تەرەپكە قاراپ سىلىق يۈگۈرۈپ چاققانلىق بىلەن چىقىپ ئۈلگۈردىڭڭىز. ئاپتۇبۇس قوزغالدى ماڭا يىنىك قول ئىشارىتى بىلەن خوش دىدىڭڭىز مەنمۇ بىشىمنى يىنىك لىڭشىتىپ سىز بىلەن خوشلۇشۇپ 101غا ئولتۇرۇپ مەكتەپكە قايىتتىم.
    شۇ كۈنى كىچىچە ياخشى ئۇخلىيالمىدىم يېرىم كىچىلەردىمۇ چاقمىقىمنى ياندۇرۇپ سىز سوۋغا قىلغان ئاسقۇچنى نەچچە سىلىدىم،ئۇ مۇشۇ ئاسقۇچنى نۇرغۇن ئاسقۇچلار ئىچىدىن تاللاپ ئالغىچە ئەشۇ زەڭگەر كۆزلىرىنى تىككەندۇ ھە،ئەشۇ زەڭگەر كۆزلىرى مۇشۇ ئاسقۇچقا قانچىلىك تىكىلگەندۇ؟دىگەن سۇئال ھېلىدىن ھېلى ئىچىمنى تىتىلدىتىپ ئۇيقۇسۇز كۆزلىرىمدىن يەنىمۇ ئۇيقۇ بىدار قىلاتتى.تاكى چاقماقنىڭ ئوتى تۈگەپ قالغانغا قەدەر شۇ ئاسقۇچنى كۆرۈپ سىلاپ قانمايتىم. شۇ كىچىنىڭ قانچىلىك تەسلىكتە ئاتقانلىقىنى بىلمەيسىز...
    ئەتىسى سىز يەنە بىزنىڭ مەكتەپكە دەرىس تەكرار قىلغىلى كەپسىز ئەمما ماڭا تىلفۇن قىلمىغان ئىدىڭڭىز بىز تۇيۇقسىزلا  ئاساسى ئوقۇتۇش بىناسى ئالدىدا ئۇچرۇشۇپ قالدۇق.سىز مەندىن ئىتتىك ئۆزىڭڭىزنى قاچۇرماقچى بولۇپ باقتىڭڭىز ئەمما ئۈلگىرەلمىدىڭڭىز مەن چاققانلىق بىلەن يۈگۈرۈپ دىگۈدەك ئالدىڭڭىزغا باردىم
    -ياخشىمۇ؟قاچان كەلگەنتىڭڭىز؟نىمە قىلىۋاتىسىزبۇ يەردە؟
    -ئوقۇتقۇچۇمنى ساقلاپ...
    -ئۇ قاچان چىقىدۇ؟
    -بىلمەيمەن.
    -ھاۋا سوغۇق تۇرسا نىمىشقا سىزنى ساقلىتىپ تېخىچە چىقمايدۇ؟ئېلىڭە تىلفۇن ئۇرۇپ بېقىڭچۇ.
    سىز تىلفۇنۇمنى يەنە شۇخىل قىزىرىش ئىچىدە ئالدىڭڭىز.بىردەم سۆزلۈشۈپ بولۇپلا قايتۇرۇپ بەرگەچ دىدىڭڭىز
    -كەچتە ئازراق ئىشى چىقىپ قاپتۇ شۇڭا بۈگۈن قايتىپ كىتىڭ دەيدۇ.
    -قايتىپ كىتەمسىز؟
    -ھە ئە.
    -ئاتايىن كەلگەندىن كىيىن خېبەنگە كىرىپ بىر ئاز بولسىمۇ كىتاپ كۆرۈپ كەتسىڭڭىز بولمامدۇ؟مەنمۇ خېبەنگە كىرىپ ئۈگىنىش قىلاي دەپ تۇرغان.
    ئەمەلىيەتتە مەن نەدىمۇ ئۈگىنىش قىلىشقا ماڭغان دەيسىز دەرىستىن چۈشۈپلا تاماق يىگىلى ئاشخانىغا قاراپ مېڭىۋاتقان ئىدى.
    -كەچ قالىمەن شۇڭا كىتەي.
    -مەن ئاپىرىپ قويسام بولىدىغۇ.
    سىز ماڭا گەپ تېپىپ بىرەلمىدىڭڭىز، ئىلاجسىز كەينىمدىن ئەگىشىپ 103خېبەنگە كىردىڭڭىز بىز بىر پارتىدا سىز ئىچى تەرەپتە مەن سىرتىدا ئولتۇرۇشتۇق بىردەم ماتاريال كۆرگەن بولىۋالدىم سىز بولسىڭڭىز توختىماي فورمىلالىق يىساپلاش ئېشلەيتىڭڭىز، ئاستا مەشىق دەپتىرىڭڭىزنى تارىتتىم سىز نىمە؟بولدى دىگگن نەزەردە ماڭا چاققان تىكىلىپلا ئالدىڭڭىزغا قارىۋالدىڭڭىز.
    -مەشىق دەپتىرىڭڭىزنى بىرىپ تۇرىڭە يازىدىغان ئازراق مەزمۇن بار ئىدى دىدىم بوش پىچچىرلاپ.
    سىز ئۈندىمەستىن قەلىمىڭڭىزنى توختۇتۇپ مەشىق دەپتىرىڭڭىزنى ئالدىمغا سۈرۈپ قويدىڭڭىز.
    <<مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن >>......
    مۇشۇ بىر جۈملىنى يىزىش ئۈچۈن قاق 15مىنۇت ئولتۇرۇپ كەتتىم ھەتتا پۈتۈن بەدىنىمدىن سوغۇق تەر چىقىپ كەتتى دەپتەرنى ئالدىڭڭىزغا بوشقىنە سۈرۈپ قويدۇ.سىز شۇ بىر جۈملىنى كۆرۈپلا ئونىڭىزدىن چاچراپ تۇردىڭڭىز.
    Tordax
    | ۋاقتى : 2008-03-18 21:13 3 -قەۋەت
    hamxohla

    دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 35505
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 201
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە201دانە
    شۆھرەت: 204 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2030 سوم
    تۆھپە: 20 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :160(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-03-15
    ئاخىرقى :2008-06-24

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    كىلىشتۈرۈپ بىر شاپىلاق سېلىۋىتىدىغان بولدى دەپ ئويلىغانلىقىمدىن يۈز مۈسكۇللىرىمنى چەبدەسلىك  بىلەن چىڭىتتىپ شاپىلاق يىيىشكە تەييارلىنىپ ئولتۇردۇم.-
    -بىر چەتكە ئۆتۈڭ مەن كىتىمەن، ئاۋازىڭڭىز پۈتۈن سىنىپنى بىر ئالغىدەك چىقار مىكىن دىسەم مەن مۇ ئاران ئاڭلىغىدەكلا چىقتى، ماتىرياللىرىڭڭىزنى بىردەمدىلا سومكىڭڭىزغا سېلىپمۇ ئۈلگۈرۈپسىز.
    -نەگە كىتىسىز؟
    -ئۆيگىچۇ.
    -خەتنى كۆرگەندىكىن ئىپادە بۈلدۈر مەيسىزغۇ.
    -ئۆتۈڭ بىر ياققا مەن كىتىمەن. سىز قاپاقلىرىڭىزدىن قار ياغدۇرۇشقا تىرشىپ باقسىڭىزمۇ ئۇنداق قىلالمىدىڭڭىز ، ئەمما چىرايىڭىزدىن جىددىيلەشكەنلىكىڭڭىز چىقىپلا تۇراتتى، مەنمۇ باشقا گەپ قىلماستىن ئورنۇمدىن قوپۇپ سىزگە چىقىدىغان ئورۇن ھازىرلاپ بەردىم،سىز باسماقتىن قۇتۇلغان قۇشتەكلا جىدىيلىك بىلەن يۈگىرەپ دىگۈدەك چىقىپ كەتتىڭڭىز ، ئارقىڭڭىزدىن ھاڭۋىقىپ بىر ئاز تۇرۇپ قېلىپ يەنىلا چاققانلىق بىلەن ئۆزەمنى ئوڭشاپ قوغلاپ چىقتىم، سىز ئاللىقاچان مەكتەپ دەرەخلىقىدىكى يولغا چىقىپ بوپسىز قارغاندا توختىماي يۈگەرگەن ئوخشايسىز، مەنمۇ ساداقتىن ئېتىلغان ئوقتەك چاققانلىق بىلەن سىزگە يىتىشىپ ھەتتا ئالدىڭىزنى توراپ ئۆزۈممۇ سەزمەستىن قوللىرىڭڭىزنى تۇتۇپمۇ ئۈلگۈرگەن ئىدىم سىز قولۇمنى سىلكىپ باققان بولسىڭڭىزمۇ ئالقانلىرىم ئارسىدىن ئاجىرتالمىدىڭىڭىز.
    -قويۇپ بىرىڭ. ئاۋازىڭڭىز ئىڭرىغاندەك چىقىپ كەتتى، مەن كىتىمەن...
    لاغىلداپ تىتىرەۋاتقانلىقىڭڭىزنى ھېس قىلدىم،
    -مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن،ئاڭلاۋاتامسىز؟سىز يەرگە قارۋالدىڭڭىز قوللىرىڭڭىزنى ئامال قىلىپ ئالقانلىرىم ئارسىدىن ئېلىپ چىقىشقا ھەركەت قىلاتتىڭڭىز ئەمما سىز قوللىرىڭڭىزنى چىقىرىۋالالىسىڭڭىزلا كۆكتىن ساقىغان يۇلتۇزدىنمۇ تىىز غايىپ بولاتتىڭڭىز، شۇڭا مەن قوللىرىڭڭىزنى چىڭڭىدە تۇتىۋالغان ئىدىم.
    -مەن كەچ قالدىم ئۆيگە ۋاق قالسام ئاپام تىللايدۇ.
    -مەن ئاپىرىپ قوياي بولامدۇ؟سىز قولۇمدىن قولىڭىزنى ئاجرىتىش يۈزسىدىنلا
    -ماقۇل دىدىڭڭىز،ئەمما مەن قولىڭىزنى قويۋەتمەستىن خېبەنگىچە بىرگە ئەكىرىپ تاكى ماتىرياللىرمنى يۇغۇشتۇرغىچە ھەرقاچان سىزنى قىچىپ كەتمىسۇن دىگەن تەييارلىق بىلەن تۇردۇم، بىز 101نىڭ ماشىنىسىغا چىقىپ خۇددى بىز ئۈچۈنلا ساقلاپ قويۇلغاندەك بوش قالغان جۈپ كىشىلىك ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشۇپ تاكى خەلىق مەيدانىغا كەلگىچە بىر ئىغىزمۇ پاراڭلاشماي كىلىشتۇق 931نىڭ ماشىنىسىغا ئولتۇرغاندا يەنىلا ئەڭ ئاخىردىكى ئورۇندۇقتا جۈپ ئولتۇردۇق،
    -نىمىشقا گەپ قىلمايسىز؟
    -ئۇيقۇم كىلىپ كەتتى.سىز شۇنداق دەپلا كۆزلىرىڭڭىزنى يۇمۇۋالدىڭڭىز.
    -مۈرەمگە بېشىڭڭىزنى قويۇپ ئۇخلاڭ بولامدۇ؟
    سىز ئۈندىمىدىڭڭىز،مەن ماشىنا ئەينىكىگە تىرەلگەن بىشىڭىزنى چاققانلىق بىلەن مۈرەمگە ياتقۇزۇپ ئۈلگۈردۈم.سىز قارشىلىق قىلسىڭىزمۇ بەربىر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىڭڭىز كىرەك مۈرەمدىن بىشىڭىزنى كۆتۈرمىدىڭڭىز.راس دىگەندەك 931نىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىكىتى سىلەرنىڭ مەھەللە ئىكەن بىز ماشىنىدىن چۈشتۇق.
    -بولدى سىز مۇشۇ يەردە قېپ قېلىڭ ، مەھەلىنىڭ ئىچىگە ئۆزۈم كىركىتەي.
    -نىمىشقا؟
    -ھېلىمۇ مۇشۇ يەرگىچە ئەكىلىپ قويدىڭڭىزغۇ.
    -تايىنلىق ئۆيۈڭىزگىلا ئەكىرىۋىتەي چۇ.
    -ساراڭ، ئاكام كۆرۈپ قالىدۇ مىنىڭ تىل ئىشتىشىمنى خالايدىغان ئوخشىمامسىز؟مەن ئۈندىمىدىم.
    -خوش، قايتىپ كىتىڭ مەن كىرىپ كەتتىم .
    سىز ئارقىڭڭىزغا ئجرۈلۈپ مىڭىپ كەتتىڭڭىز.
    -(*******)مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن!ئاۋازىمنىڭ بارىچە ۋارقىرىدىم.
    سىز ئارقىڭڭىزغا شۇنداق تىز ئۆرۈلدىڭىزكى بايامقى يۈگۈرۈشىڭڭىزدىنمۇ تىز سۈرئەتتە ئۆرۈلدىڭڭىز.
    -ساراڭمۇ سىز!ئاكام ئاڭلاپ قالسا قاانداق قىلىسىز؟
    -مەن ساراڭ بولغاندىن كىيىن، ئاكىڭىز ئاڭلاپ يۈگىرەپ چىقسا يەنە بىر قېتىم مۇشۇ گىپىمنى دەپ بىرىمەن.
    تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
    | ۋاقتى : 2008-03-18 22:03 4 -قەۋەت
    AZADAM

    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 18345
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 604
    ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە604دانە
    شۆھرەت: 605 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 6040 سوم
    تۆھپە: 10 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :243(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-07-02
    ئاخىرقى :2008-06-02

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    مەن ھەممىسى يىزىلىپ بولغاندا بىراقلا ئۇقاي  شوڭا ئىنكاس يىزىپ قويدۇم  تاپالماي قالماي دەپ
    izlax.com
    | ۋاقتى : 2008-03-18 22:33 5 -قەۋەت
    koknur217

    دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 23371
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 275
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە275دانە
    شۆھرەت: 276 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 754 سوم
    تۆھپە: 11 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :145(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-10-07
    ئاخىرقى :2008-06-17

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    بەك ياخشى چىقىپتۇ, مۇھەببەت دىگەن دەسلەپتە مۇشۇنداق ئاجايىپ تاتلىق بولدىغان نەرسە 。
    خام شوخلا رەھمەت سىزگە, ئەمما مەن سىزگە بىر تەكلىپ بىرىپ قوياي, بۇنىڭدىكى ئىسم ئورۇنلىرى ۋە بەزى بىر ئاتالغۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتلىشنى ئالغان بولسڭىز بوپتىكەن, ھازىر خۇددى مىكاۋ خەنلەرنىڭ ئەسىرگىلا ئوخشاپ قاپتۇ, داۋامنى ساقلاۋاتمەن تېزىراق يوللاپ قويسڭىز, يەنە يوقاپ كەتمەي。
    izlax.com
    | ۋاقتى : 2008-03-19 00:45 6 -قەۋەت
    hamxohla

    دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 35505
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 201
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە201دانە
    شۆھرەت: 204 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2030 سوم
    تۆھپە: 20 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :160(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-03-15
    ئاخىرقى :2008-06-24

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    سىز كەينىڭڭىزگە يېنىپ قايتىپ كەلدىڭڭىز
    -سىزدىن خوش بولۇپ كىتەي مىنى ئاياڭ تەرسالىق قىلماڭ بولامدۇ؟
    -ماڭا تىلفۇن قىلامسىز؟
    -چوقۇم قىلىمەن.
    -خوش...
    سىزگە خوش دەپ بولۇپلا مەنمۇ بايام سىز ئۆرۈلگەندەك تىز سۈرئەت بىلەن كەينىمگە ئۆرۈلۈپ ماڭدىم ئەمما بىرقانچە قەدەم مىڭىپلا ئارقامغا قارىدىم،سىزمۇ ماڭا قاراپ تۇرغانكەنسىز،بەكمۇ ھاياجانلىنىپ كەتتىم،سىز چاققانلىق بىلەن قول پۇلاڭلىتىپ خوش دەپلا ئىتتىك قەدەملەر بىلەن يۈرۈپ كەتتىڭڭىز.ئەتىنىڭ تىزراق بولىشىغا مىڭ ئىنتىڭگىنىم بىلەنمۇ كىچە ئۆتمەي تۇرۇپ تاڭ ئاتمايدىغانلىقىنى بىلىمەن يەنە بىر ئازاپلىق ئۇيقۇسىز كىچىنى تەستە تاڭغا ئۇلۇدۇم،ئەتىسى سىزدىن تىلفۇن كەلدى
    -مەن مەكتەپتە، سىزگە بىرىدىغان نەرسە بار ئىدى مەن بىلەن كۆرشەلەمسىز؟
    -سىز مەكتەپنىڭ نەرىدە؟
    -تۈنۈگۈنكى سىنىپقا چۈشۈڭ ، خوش.
    مەن دەرىستە بولساممۇ سىز بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن چىقىشقا باھانە ئىزدىدىم، نىمە دىسەم بولار ؟.........ئاخىرى ئاچقۇچۇمغا ئېسىۋالغان چىرايلىق پچىقىم بىلەن قولۇمنى شارتتىدە كەستىم.قاننىڭ بۇنداقمۇ تەستە چىقىدىغانلىقىنى بىلمەپتىكەنمەن شۇ بىر كىسىلىدىغان ئورۇنغا ئارقا ئارقىدىن 4قېتىم سۈركەپ يۈرۈپ ئاران قان چىقاردىم بۇقېتىم پىچاق گەرچە كىچىك بولسىمۇ بەك چوڭقۇر كىرگەنمۇ بىلمىدىم بۇلدۇقلاپلا ئېقىشقا باشلىدى.قاننى دەرھال بۇرنۇمغا سۈركۈدۈم ،ئىتتىك ئورنۇمدىن تۇرۇپ سىرىتقا قاراپ ماڭدىم كەسكەن بارمىقىم بىلەن بۇرنۇمنى تۇتۇپ ماڭغاچقا ئەسلا چانمىدى مۇئەللىممۇ ھېچ بىر گەپ قىلمىدى،كاردۇرغا چىقىپلا يۈگۈردۈم ئەلۋەتتە سىزنىڭ يېنىڭڭىزغا ئەمەس بەلكىم سۇخانىغا قاراپ چۈنكى سىزنىڭ ئالدىڭڭىزغا ھەرگىزمۇ بۇ ھالىتىمدە چىقالمايتىم سوغۇق سۇدا قولۇمنى پاكاز يۇيساممۇ قان ئەسلا توختايدىغاندەك ئەمەس شۇنداقتىمۇ يۈزلىرىمنىمۇ قوشۇپ يۇيۇپ يوشۇرۇن ساقلاپ يۈرۈيدىغان كىچىك ئەينىكىم بىلەن ئەپچىل تاغىقىمدا مەشغۇلات ئىېلىپ بىرىپمۇ ئۈلگۈردۈم ئەمەلىيەتتە مەن سىزنى ياقتۇرۇپ قالغان سىز بىلەن ئۇچرۇشۇشنى كىلىشىشىكە باشلىغان كۈنلەردىن باشلاپلا مۇشۇنداق سايمانلارنى يوشۇرۇن ساقلاپ پەيتى كەلگەندە ئىشلىتىشنى قانات يايدۇرۇپ كىلىۋاتاتتىم ، ئەمما سىزنىڭ ئالدىڭڭىزدا بىرەر قىتىم شۇلارنىڭ پاش بولۇپ قېلىشىدىن ھەزەر ئەيلەپ يۈرەتتىم ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولۇپ بىخەستەلەكىمدىن بىرەر نەسى توككىدە چۈشۈپ قالسا ئالدىڭىزدا ئۆلەتتىمغۇ دەيمەن ئاشۇنداق خىياللارنى ئويلىساملا پۈتۈن بەدىنىمگە تىتىرەك يامىشاتتى مۇھەببەت دىگەن ئادەمگە نىمىلەرنى ئۈگەتمەيدۇ ھە...
    شۇنداق قىلىپ تەييارلىق خىزمىتىمنى پۈتكۈزۈپ كىسىلگگەن بارمىقىمنى يانچۇقۇمدىكى قول ياغلىق بىلەن مەھكەم بىسىپ بىز كۆرۈشمەكچى بولغان سىنىپقا ئۈچقاندەك چۈشتۈم سىز مىنى سىنىپ ئىشىگى ئالدىدا ساقلاپ تۇرۇپسىز يارلانغان قولۇمنى ئىشتان يانچۇقۇمدىن ئەسلا چىقارماسلىققا ئىچىمدە ئۆزەمگە تالاي ئەسكەرتىپ تۇردۇم ، بىز ئادەتتىكىچە ئەھۋال سورۇشۇپ بولغاندىن كىيىن سومكىڭىزدىن  بىر پارچە خەتنى  چىقىرىپ ماڭا سۇندىڭڭىز
    -مىنىڭ تىيەن جابىڭ بىناسىدا دەرسىم بار ھازىر چىقمىسام بولمايدۇ .خوش...
    -كەچتە كىتىش ئالدىدا مەن بىلەن كۆرۈشۈشكە ماقۇل بولارسىزمۇ؟
    -ئىم ...
    سىز كىتىپ قالدىڭڭىز مەن ئارقىڭڭىزدىن تاكى سىز تىيەن جابىڭ بىناسىغا كىرىپ كەتكۈچە قاراپ تۇرۇپ ئاندىن قايىتتىم.سىنىپقا كىرسەم مۇئەللىم يەنىلا ئوتتەك قىزغىنلىقى بىلەن دەرىس سۆزلەۋىتىپتۇ مىنىڭ ئولتۇرشۇمغا باش ئىشارىسى بىلەنلا رۇخسەت قىلدى جايىمغا ئولتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ھاياجان ئارلاشقان تەشۋىشلىنىش ئىچىدە خېتىڭڭىزنى كىتاۋىم ئىچىگە قىستۇرۇپ كۆرۈشكە باشلىدىم.خېتىڭڭىز مىنى ھەم شاتلاندۇردى ھەم نۇرغۇن خىياللارغا باشلاپ كىردى خېتىڭىزنى تاكى ماڭا يادا بولۇپ كەتكۈچە قايتىلاپ قايتىلاپ كۆرۈپ كەتتىم... تاماق يىگىلىمۇ چىقمىدىم ، تاكى كەچلىك مۇزاكىرە باشلىنىپ سىز ماڭا مەن قايتىمەن دەپ تىلفۇن قىلغىچە بولغان ئارلىقتا ئوقۇپلا يېنىشلاپ ئوقۇپلا ئولتۇردۇم.سىز ماڭا قايتىدىغانلىقىڭڭىزنى ئېيتىپ تىلفۇن قىلدىڭڭىز
    -مەن قايتىمەن خوش.
    -ياق !تىلفۇننى قويۋەتمەڭ مەن ھازىرلا چىقىمەن سىز مەكتەپنىڭ نەرىدە؟
    -مەن بىكەتكە چىقىپ بولدۇم بولدى چىقماڭ بەربىر ئۈلگىرەلمەيسىز،خوش.
    سىز شۇنداق دەپلا تىلفۇننى قويۋەتتىڭڭىز،مەن ئولتۇرغان ئورۇنۇمدىن تەلۋىلەرچە تۇرۇپ سىرىتقا قاراپ ساراڭلرچە يۈگۈردۈم 7-قەۋەتتىن چۈشۈپ بولغىچە پەشتاقتىن چىقىۋاتقان قانچىلىغان ئادەملەرنى سوقۇپ قانچىسىنى يارلاندۇردۇم بىلمەيمەن قۇيۇندەك يۈگۈرۈپ بىر دەمدىلا مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىپ بولدۇم بىكەتتىن سىزنى ئىزدەيتىم سىزنى كۆردۈم سىزمۇ مىنى كۆردىڭڭىز مەن ماشىنىلار ئاۋات قاتنىشىپ يۈرىۋاتقان يولدىنمۇ ئىككى تاقلاپلا سىز بار تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتىم.سىزنىڭ يېنىڭزغا بارغىنىمدا ھاسىراپ نەپىسىممۇ يىتىشمەي كەتتى شۇنداقتىمۇ سىزگە گەپ قىلدىم
    -سىزنى ككرەلمەي قېلىشىمدىن بەكمۇ ئەنسىردىم........
    ئاھ تەڭرىم سىزنىڭ شۇ چىرايلىق زەڭگەر كۆزلىرىڭڭىزگە مۆللىدە ياش كەلدى جىنەستىدەك لەۋلىرىڭڭىز سۇس تىتىرەپ كەتتى،مەن سىزنىڭ بۇنچە مىسكىن تۇرقىڭىزغا سەۋەپ بولۇپ قالىدىغانلىقىمنى بىلسەم نىمىمۇ قىلار ئىدىم سىزگە ئۇنداق دەپ.....سىز ئۈندىمىدىڭڭىز
    -101نىڭ ماشىنىسى كەلدى مەن ئاپىرىپ قوياي بولامدۇ؟
    سىز بېشىڭڭىزنى بىلىنەر بىلىنمەس لىڭشىتتىڭڭىز بىز ماشىنىغا چىقىپ يەنىلا تەقدىرنىڭ شاپا ئىتىگە ئىرىشىپ بىر ئورۇندا ئولتۇرۇشتۇق.سىز بېشىڭڭىزنى ماشىن قوزغۇلۇپ بىر ئازدىن كىيىن مۈرەمگە قويدىڭڭىز ئاھ تەڭرىم مەن نىمانچە بەخىتلىك ھە....كۆزۈمنىڭ قۇيرىقىدا سىزگە سەپ سالدىم مەڭزىڭڭىزنىڭ تارام ياشلىرىڭڭىز بىلەن يۇيۇلغانلىقىنى ككرۈپ چىدىيالمىدىم
    -نىمە بولدى سىزگە؟يىغلاپسىزغۇ...
    -ھېچنىمە...سىز مىنى قولتۇقلاپ ئالدىڭڭىز ياشلىرىڭڭىز يەنىمۇ ئەۋجىگە چىقتى.
    -زادى نىمە بولدى سىزگە؟بەك جىلە بولۇپ كىتىۋاتىمەن دەڭچۇ...
    -سىزنىڭ چىقىدىغانلىقىڭڭىزنى ئويلىماپتىكەنمە....-مەن گەپنى بۇرۋەتتىم
    -نىمانداق چۈشۈنۈكسىز خەت يازدىڭڭىز؟مەن سىزنىڭ خېتىڭڭىزدىن ئازراق رەنجىدىم سىزنىڭچە مەن سىزنى كىچىك ككرۈپ ئەخماق قىلاي دەپ كۆڭۈل ئىزھارلاپتىمەن دە؟
    -ياق مەن ئۇنداق دىمەكچى ئەمەس...
    -ئەمما سىز خېتىڭڭىزدە شۇنداق دەپ بولدىڭڭىز....مەن ھەقىقەتەنمۇ سىزنى ياخشى كۆرىمەن...خالىسىڭڭىز ئارلىشىپ باقايلى بولامدۇ؟
    سىز ئۈندىمىدىڭڭىز،يەنىلا خەلىق مەيدانىغا بارغىچە سۈكۈتتە  ئولتۇردۇق.خەلىق مەيدانىدا ماشىندىن چۈشۈپ سىزنى بىكەتكە ئاپىرىش يولىدا سىزگە ھاڭۋېقىپ قاراپ مېڭىپ دۈم چۈشتۈم...ئاھ تەڭرىم نىمە دىگەن سەتچىلىك بۇ سىز داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قېلىپ يەنىلا چاققانلىق بىلەن ئۆزۈڭىزنى ئوڭشاپ مىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن قولىڭڭىزنى تەڭلىدىڭڭىز، مەنمۇ سىز قولىڭىزنى تەڭلىگگچە دۈم چۈشكەن ھالىتىمنى ئوڭشىۋالدىم ئەمما سىزگە قولۇمنى تەڭلىمەي  تۇراي دىسەممۇ ئەسلا تۇرالمىدىم يەنىلا ماڭا تەڭلەنگەن قولىڭىزغا ئېسىلىشقا مەجبۇر بولدۇم، ئورنىمدىن تۇرغىنىمدا سىز كىيىملىرىمدىكى توپىنى قېقىشتۇردىڭڭىز....
    تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
    | ۋاقتى : 2008-03-19 01:35 7 -قەۋەت
    hamxohla

    دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 35505
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 201
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە201دانە
    شۆھرەت: 204 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2030 سوم
    تۆھپە: 20 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :160(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-03-15
    ئاخىرقى :2008-06-24

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    پۇتۇم چىدىغۇسىز ئاغارىپ كىتىۋاتاتتى شۇنداقتىمۇ ئەڭ چوڭ چىدامچانلىقىم بىلەن سىزنى ئاپىرىپ قويۇش ئۈچۈن ماڭدىم......
    -بولدى سىز مىنى ئاپىرىپ قويىمەن دىمەڭ ..مەن سىزنى دوختۇرغا ئاپىراي ئاغرىۋاتامدۇ؟
    -ياق پەقەت ئاغرىمىدى ئۆيگە كەچ قالسىڭڭىز ئاپاشتىن تىل ئاڭلايسىز مەن ھېچنىمە بولمىدۇم سىزنى ئاپىرىپ قوياي ئاندىن بارساممۇ كىچىكمەيمەن..
    -ياق!ھازىر بارىمىز قارىڭە پىشاينىڭڭىزدىن تەر چىقىپ كەتتى چوقۇم بەك ئاغرىۋاتىدۇ شۇنداقمۇ؟مارجاندەك ياشلارنىڭ شۇ مەن ئاشىق بولۇپ قالغا زەڭگەر كۆزلىرىڭىزدىن مىنىڭ ئۈچۈن تۆكۈلۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئەشۇ دەملىرىمدە قەلبىمدە ھەتتا ئالدىڭڭىزدا ئۆلۈپ كەتسەممۇ ئارمىنىم يوق ھالەتكە كىلىپ قالغان ئىدىم.
    -راستىنلا ئاغرىمىدى يىغلىماڭ بولامدۇ، مەن سىزنى ئاپىرۋىتىپلا دوختۇرغا كۆرۈنەي چوقۇم شۇنداق قىلىمەن ماڭا ئىشىنىڭ بولامدۇ؟....سىزنى مىل تەسلىكتە گىپىمگە كىرگۈزۈپ 931نىڭ ماشىنىسىغا چىققىچە كۈلۈمسىرەپ ئۇزاتتىم سىز ماشىنىدىن ماڭا تاكى ماشىنا باشقا كوچىغا قايرىلغىچە قاراپ تۇردىڭڭىز، ماشىنا قايرىلىپ بولغاندىن كىيىن مەن ئاغىنەمگە تىلفۇن قىلدىم
    -ئسرايىل قانداق ئەھۋالىڭ ئاداش ، خوڭچىلۇغا (قىزىل بايراق)931-يولنىڭ بىكىتىگە چاپسان كىلە مەن ئازراق ئىشقا يولۇقۇپ قالدىم..
    -نىمە بولدۇڭ ئاداش خەخ بىلەن تۇتۇشۇپ قالدىڭما؟بالىلردىن بىر ئىككىنى ئېلىپ بارايمۇ؟
    -ياق ياق مىجەزىم يوق سەن تىز كەلمىسەڭ بولمايدۇ كىلەلەمسەن؟
    -ھازىرلا باراي تۇرۇپتۇر ھە..
    -تىزرەك كەلگىن ئەمسە...خوش ھە...
    ئىسرايىل ماشىنىسىنى ئېلىپ بىردەمدىلا يىتىپ كەلدى، بىز كۆرۈشكەندىن كىيىن مەن ئۇنىڭ يۆلەشتۈرشى بىلەن مىڭ مۇشەققەتتە كابىنكىغا چىقتىم، بىز 2-دوختۇرخانىغا كەلدۇق پۇتۇمنى رەسسىمگە ئالدى، پۇتۇم چىقىپ كىتىپتۇ جىددى جايىغا سالمىسا بولماسمىش،،،،،،،،ئاللا كارامەت بىر كىچە بەكمۇ تەستە تاڭ ئاتتى ئەتىسى ئىسرائىلدىن مىنىڭ ئىشىمنى ئاڭلىغان ئەل ئاغىنىلەر تەرەپ تەرەپتىن كىلىشتى دوختۇرلارمۇ ئىشقا چۈشۈپلا مىنىڭ پۇتۇمنى ئورنىغا سالىمىز دەپ مىنى بىر ئۆلتۈرۈپ بىر تىرىلدۈرگەندىنمۇ بەتتەر قىينىدى،سىز مەن دوختۇرلار كارۋىتىدا ئېچىنىشلىق قىينىلىۋاتقان چېغىمدا تىلفۇن قىلغانكەنسىز يۈسۈپ تىلفۇنۇمنى ئېلىپ مىنىڭ ئەھۋالىمنى سىزگە يەتكۈزۈپتۇ....بىز شۇ كۆرۈشمىگەنچە تىلفۇندا كۈندە تىلفۇندا پاراڭلاشقىنىمزنى دىمىگەندە خېلى كۈنلەرگىچە ككرۈشەلمىدۇق بەلكىم ئۈرۈمچىدە داۋالانغان بولسام ياتاققا بارار بولغىيتىڭڭىز،ئەمما ئاپام دوختۇر بولغاچقا مەن قارمايغا يېنىپ كىلىپ داۋالىنىپ ساقايغاندىن كىيىن ئۈرۈمچىگە قايىتتىم.بىز شۇ كۈنى خەلىق مەيدانىدا كۆرۈشتۇق سىز مەن ئۈچۈن 3تال ئەتىرگۈل تىزدۇرۇپ كەپسىز  مەن سىزنى كۆرۈپ شۇنداق ھاياجانلانغان بولسام گۈلنى كۆرۈپ شۇنچە بەخىت پەيزىگە چۆمدۈم
    izlax.com
    | ۋاقتى : 2008-03-19 02:10 8 -قەۋەت
    hamxohla

    دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 35505
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 201
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە201دانە
    شۆھرەت: 204 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2030 سوم
    تۆھپە: 20 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :160(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-03-15
    ئاخىرقى :2008-06-24

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    -مىنى سېغىندىڭڭىزمۇ؟......
    -ياق..
    -ئەمسە نىمىشكە گۈل ئالدىڭڭىز؟
    -سىزنى ئاغرىپ قالدى دەپ...
    -بەيفۇغا كىرىپ توخۇ يەيلىمۇ؟
    گىپىمنىڭ ئاخىرى چىقماي تۇرۇپلا بېشىم بىر نەرسىگە  جاڭڭىدە ئۇرۇلدى كۆزلۈرۈمگە يۇلتۇز كۆرۈنۈپ كەتتى،ھەتتا سىزنىمۇ بىرەر سىكىنۇتقىچە قاپ قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن ئەسلا كۆرەلمىدىم...
    -ۋاي خۇدايىم نىمە بولدىڭڭىز ؟ئاغرىۋاتامدۇ؟
    پۈتتۈن ئەس يادىم بىلەن سىزگە قاراپ  مېڭىپ خەلىق مەيدانىدىكى دەرەخكە جاڭڭىدە كاللا قويۇپتىمەن ئەمەسمۇ، بېشىمنى يېرىلىپ كەتتىمىكىن دىسەم خۇداغا شۈكىرى ھەر ھالدا قان چىقماپتۇ...ئەمما قانچىلىك ئاغرىغىنىنى ئۆزەم بىلىمەن...
    -نىمىشقا ئالدىڭڭىزغا قاراپ ماڭماي ھەر قېتىم ماڭىلا قاراپ ماڭىسىز؟ئالدىنقى قېتىممۇ دۈم چۈشۈپ ئاران ساقايدىڭڭىز، نىمانداق بۇرنىڭڭىزغا سۇ كىرمەيدۇ...دىگەنچىدىن پىشاينەمنى سىلاپ ئاۋارە ئىدىڭڭىز.
    -بۇرنۇمغا سۇ كىرگىدەك مەن يە سۇغا دۈم چۈشمىسەم نىمىدەپ سۇ كىرگىدەك...
    -ھە يەنە گەپچىلىك قىلىڭە.
    -سىز تاماق يەيلى دىسەم ئۇنىمىغاندىن كىيىن، ئۈسسىۋالدىم شۇ....
    -ئەمدىمۇ ماقۇل دىمىسەم چۇ؟
    -ئەمدى بېشىمنى يېرىپلا ۋالىمەن...
    ھا ھا ھا ھا...ۋۇ ساراڭ ..ئالجوقىدەك سۆزلەپ قويسىز ھە.
    -تاماق يەيلى ماقۇلمۇ؟
    -چۈشتىن كىيىنلىك دەرىسكە كىچىكىپ قالسامچۇ؟
    -مەن ئاپىرىپ قويمەن كىچىكمەسلىكىڭڭىزگە كاپالەتلىك قىلاي.
    -ئىم ...
    بىز خەلىق مەيدانىدىكى بەيفۇغا كىرىپ توخۇ ، خەنباۋ يىدۇق مەن سىزگە سىرىتقا چىقىپ شۈيمىتاۋ ئىچىملىكى ئالغاچ ئۆزەمگە فېيچاڭ پىڭگو ئەكىردىم.
    -نىمىشقا ئىچىملىكنى مۇشۇ يەردىن ئالمايسىز؟
    -بۇ يەردە سىز ياخشى كۆرىدىغان شۈيمىتاۋ بولمىسا.
    -سىز مىنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنىمنى قانداق بىلىسىز؟
    -شۈيمىتاۋنىڭ ئۈستىدىكى قونچاقنىڭ كۆزلىرى سىزنىڭ كۆزىڭڭىزنىڭ رەڭگىگە بەك ئوخشايدۇ شۇڭا سىزنىمۇ شۇ چىرايلىق كۆزلىرىڭڭىز رەڭگىدەك كۆزلىرى بار ئىچىملىكنى ياقتۇرامدىكىن دەيمەن غۇ...
    -ساراڭ...
    -سىز تىلفۇن ئاسقۇچ بەرگەندىمۇ چىرايىڭڭىزغا ئوخشاش روڭنى ياقشى كۆردىكەنسىز ھە دىسەم ئىپادە بۈلدۈرمىگەنغۇ...ئىپادە بۈلدۈرمەسلىكنىڭ سىزنىڭمۇ باشقا پىكرىڭڭىز يوقلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
    -سۈكۈت قېلىن ئادەمگە ھە دىگەننى بۈلدۈرگەن بىلەن نىپىز ئادەمگە ئۇنداق مەنە بىرەلمەيدۇ..
    -گىپىڭڭىزچە مەن قېلىن ئادەمكەنمەن دە؟ھە مەيلى قېلىن بولساممۇ بولۇپ تۇراي سىزگە نىپىز بولۇپ ئىرىشەلمىگەندىن كىيىن قېلىن بولۇپ ئىرىشمەمدىمەن...
    -ھا ھا ھا..ساراڭ دەكلا گەپلەرنى قىلىسىز ھە ئاخۇا...
    -مىنى ئاشۇ دەلدۈشكە ئوخشىتىۋاتامسىز؟
    -دىمىسىمۇ قىلىقلىرىڭڭىز ئاخۇا دەك تۇرسا...
    -ئا..نەدىكى ساراڭلارغا ئوخشاتماڭچۇ، مەن بەك ئۆچ ئۇ دەلدۈشنىڭ .ىسمىگە...
    -ئەمسە خۇا خۇا دەپ چاقىرايمۇ؟
    -ھا ھا ھا ھا....بىز ئەنە شۇنداق كۈلكە چاقچاق بىلەن تاماقلىنىپ ، ھەتتا ياشىن نىڭ ئاستىغا كىرىپ ئىلىكتۇرۇنلۇق ئويۇنچۇق ئويناپمۇ ئۈلگۈردۇق مەن سىزنى مەكتەپكە كىچىكتۈرمەسلىك ئۈچۈن تاكسىلىق ئاپىرىپ قويدۇم چۈشۈپ قېلىشىڭڭىزغا ئاز قالغاندا ئەتە بىزنىڭ مەكتەپتە كۆرۈشىدىغانغا كىلىشىپ خوشلاشتۇق.مەن مەكتەپكە قايىتقاندىن كىيىن سىزگە ئاتاپ بالا پەرىشتىنىڭ ھەيكىلى چۈشۈرۈلگەن قەلەم سالغۇچ ئالدىم ...ئەتىسى بىز مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا كۆرۈشتۇق بۇ 2005-يىلى 11-ئاينىڭ26كۈنى ئىدى. بىز مەكتەپ ئاشخانىسىدا بىللە ئەتىگەنلىك تاماق يىدۇق ئاندىىن بىرگە ئايلىنىپ يىشۆيۈئەن نىڭ  ئارقىسىدىكى تاققا چىقتۇق مەن سىزگە قولۇمدا كۆتۈرىۋالغان بولاقنى تەڭلىدىم
    -ماۋۇنى سىزگە ئالغان ئېلىڭڭە..
    -نىمە بۇ؟
    -ئاچقاندا بىلمەمسىز...
    سىز قولۇمدىن بولاقنى ئېلىپ سومكىڭڭىزغا سېلىپ قويدىڭڭىز
    بىز تاغنىڭ يېرىمىغا چىقىپ بولغان ئىدۇق، مەن قەدەملىرىمنى توختۇتۇپ سىزگە قارىدىم سىزمۇ قەدەملىرىڭڭىزنى توختاتتىڭڭىز سىزنى شۇنچىلىك چاققانلىق بىلەن قۇچاقلاپ باغرىمغا باستىم سىز بۇ تۇيۇقسىز ھۇجۇمدىن ماڭا قانداق تاقابىل تۇرۇشنىمۇ بىلىپ بولالمىغان  چېغىڭىزدا مەڭزىڭڭىزگە سۆيۈپمۇ ئۈلگۈردۈم سىز جېنىڭىزنىڭ بارىچە يۇلقۇنۇي باغرىمدىن ئاجرىدىڭڭىز.كۆزلىرىڭڭىزگە لىققىدە ياش تولۇپتۇ يۈزىڭڭىز شۇنچىلىك قىزىرىپ كىتىپتۇكى مەن شۇخىل قىزىلچىلىقنى نىمىگە ئوخشۇتۇشۇمنى تا بۈگۈنگىچە بىلمەيمەن.
    -سىزنى سۆيىمەن...ماڭا ماقۇل بولۇڭ بولامدۇ؟
    -مەن چۈشۈپ كىتىمەن تاققا چىققىم يوق.
    -سىز ئارقىڭڭىزغا ئۆرۈلۈپلا تاغدىن چۈشۈشكە باشلىدىڭڭىز، مەنمۇ كەينىڭڭىزدىن يىتىشىپ ماڭدىم بىز تاغدىن چۈشۈپ مەقسەتسىزلا تاغنىڭ يان تەرىپىدىكى 351نىڭ يولىدىن ماڭدۇق...مەن ئارىمىزدىكى سۈكۈتىنى بۇزدۇم .
    -ماڭا ناخشا ئېيتىپ بىرىڭڭە...
    -مەن سىزگە دىگەنغۇ مەن ناخشا ئېيتالمايمەن دەپ...
    -مەن قارمايدىكى چېغىمدا تىزراق ساقىيىپ قايتىپ كىلىڭ ئاندىن ئېيتىپ بىرىمەن دىگەنغۇ... سىز بىر ئاز سۈكۈت قىلغاندىن كىيىن
    -ئەمسە زاڭلىق قىلماڭ بولامدۇ؟
    -نىمىشقا زاڭلىق قىلغۇدەكمەن.
                                                    مېڭىپ مېڭىپ كەپقاپتىمەن،
                                                    بىز تونۇشقان شۇكونا جايغا.
                                                  بىرگە ئولتۇرغان ئورۇنگە قاراپ،
                                                  تولدى كۆزۈم ھەسرەتلىك ياشقا.................................

    -ئالامەت ياخشى ئىيىتىڭڭىز غۇ ۋاھ ...
    -سىزگە يارىغان بولسىلا بولدى...
    -ئەلۋەتتە يارايدۇ دە...ھەي  جىم تۇرىڭڭە ماۋۇ يىرىڭڭىزدە بىر نەرسە تۇرىدۇ...
    -نەرىمدە ؟
    -يۈزىڭڭىزدە، توختاڭ ھە مەن ئېلىۋىتەي.... شۇنداق دەپلا سىزنى بەك تىز سۈرئەتتە ئارقىڭڭىزغا قايرىپلا  جىنەستىدەك لەۋلىرىڭڭىزگە لەۋلىرىمنى ياقتىم .....لەۋلىرىمنىڭ چوغىنى تەككۈز ۋالمىغانلىقىنى بىلسەممۇ چوغ يېقىلغاندىنمۇ بەكرەك كۆيۈشۈپ كەتتى، مەنغۇ چوغ نى لىۋىمگە يېقىپ باقمىغان ئەمما ئويلايمەن چوغ بولسىمۇ بۇنچە بولماس بۇنچە كۆيدۈرمەس دەپ.......
    Tordax
    | ۋاقتى : 2008-03-19 12:43 9 -قەۋەت
    hamxohla

    دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 35505
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 201
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە201دانە
    شۆھرەت: 204 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2030 سوم
    تۆھپە: 20 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :160(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-03-15
    ئاخىرقى :2008-06-24

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ئەشۇ چوغ يېقىۋىتىلگەن دەملەر 2كى 3مىنۇتچە داۋام ئەتتتى. مەن سىزنىڭ تىپىچەكلەشلىرىڭزدىن ئەمەس كۆزلىرىڭڭىزدىن ئېقىپ ھەتتا مىنىڭ لەۋلىرىم ئۈستىگىچە سىرغىغان ياشلىرىڭڭىزغا چىدىماي لەۋلىرىمنى چوغ ئۈستىدىن ئاران ئاجىراتتىم، سىز ماڭا شۇنچىلىك مۇڭلۇق قاراپ كەتتىڭڭىز...يۈرىڭڭىزدىكى قىزىلچىلىق
    Tordax
    | ۋاقتى : 2008-03-19 12:53 10 -قەۋەت
    hamxohla

    دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 35505
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 201
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە201دانە
    شۆھرەت: 204 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2030 سوم
    تۆھپە: 20 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :160(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-03-15
    ئاخىرقى :2008-06-24

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    يەنىمۇ بەك كۈچىيىپ كىتىپتۇ...بىز بىر بىرىمىزگە توغرىسى سىز ماڭا ئەسلا قارىيالمىدىڭڭىز،...بىز يەنىلا ماڭدۇق ئەمما پاراڭلىشىپ ماڭدۇق سىز بىلەن شۇ ماڭغانچە تاكى تۆمۈر يولغىچە مېڭىپ باردۇق ، يولدا ھەربىلەر پوستا تۇرۋاتقان ئىدارە ئالدىدىن ئۆتۈشىمىزگە توغرا كەلدى...
    -ئەگەر سىز ساقچى بولۇپ قالغان بولسىڭڭىز ، ئەشۇلارنىڭ ئورنىدا سىز تۇرغان بولسىڭڭىز ، مەن ئالدىڭڭىزدىن باشقا بىر ئوغۇل بالا بىلەن قولتۇقلۇشۇپ ئۆتۈپ كەتكەن بولسام سىز قانداق قىلاتتىڭڭىز؟
    -شۇمۇ گەپمۇ قانداق قىلاتتىم سىزنى شۇنىڭ بىلەن قوشۇپ ئېتىپلا ۋىتەتىم...
    -ھە...ۋۇ ساراڭ...
    -ساراڭ بولساممۇ ئوڭ بولساممۇ ئىشقىلىپ مەن يۇمشاق باش ئەمەس دە...
    ماڭا ئاجايىپ چۈشۈنۈكسىز مەنىدە لاپپىدە قاراپ قويدىڭڭىز،.
    -ماڭا بۇرۇنقى ئىشلىرىڭڭىزنى سۆزلەپ بىرەلەمسىز؟
    -قانداق ئىشلارنى دەيسىز؟
    -سىزنىڭ بۇرۇنقى مۇھەببەت ھىكايىڭڭىزنى چۇ.
    -مەن ھېچكىم بىلەن مۇھەببەتلىشىپ باقمىغان.
    -مومكىنىمۇ؟!خىڭ...سىز مۇشۇنداق چىرايلىق تۇرسىڭڭىز سىزنى يۈرۈپ باقمىدى دىسە ئىشەنمەيمەن ، سىز قارۇغۇ گاس گاچىلار مەكتىۋىدە ئوقۇمىغان بولغىيتىڭڭىز ھەرقانچە بولسىمۇ؟
    -ھا ھا ھا...بەك گەپچى ھە سىز...
    -گەپچىلىك قىلمىدىم ئەمەلىيەتنى سۆزلۈدۈم شۇ.
    بىز ھەرخىىل تىمىلاردا پاراڭلىشىپ بۇ تىما ئۈستىدە شۇنچىلىكلا سۆزلۈشۈپ قالدۇق ئەمما مىنىڭ كۆڭلۈمدە سىز خۇددى مەندىن بىر ئىشنى يوشۇرۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتڭڭىز،شۇنداقتىمۇ مەن سىزدىن بەك كوچىلاپ سوراپ كەتمىدىم، بىز تاكى كەچ كىرگىچە ئايلاندۇق قاراڭغۇ چۈشكەندىن كىيىن مەن سىزنى ئۆيۈڭڭىزگە ئاپىرىپ قويماقچى بولۇپ مېڭىشتۇق.
    -بەك ھېرىپ كەتتىم ئاۋۇ ئۈچ چاقلىق موتوغا چىتىپ بىكەتكىچە بارايلىمۇ؟
    -بولىدۇ.
    بىز موتوغا چىقىپ ئولتۇردۇق ، مەن موتو ئىشىگنى تاقاپلا سىزنى باغرىمغا تارتىپ چوغ لەۋلىرىڭڭىزگە ئۇزۇندىن ئۇزۇن لىۋىمنى ياقتىم، ئەلۋەتتە قوللۇرۇمنىمۇ باشقۇرالمىدىم قوللۇرۇم ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا كۆكسۈڭىز ئۈستىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى....
    بىز تاكى 3بىكەت ئۆتكىچە قىزغىن سۆيۈشتۇق، مەن لەۋلىرىڭڭىزنى بەك كۈچەپ شورۋەتتىممىكىن بىلمىدىم لەۋلىرىڭڭىز كۆكۈرۈپ كىتىپتۇ ھەتتا كۆكۈرۈشتىنمۇ ھالقىپ قارداشقا باشلاپتۇ...بىز موتودىن چۈشتۇق مەن سىزنىڭ لىۋىڭڭىزنى كۆرۈپ سەل ئوڭايسىزلاندىم...
    -بىر گەپنى دىسەم رەنجىمەڭ بولامدۇ؟
    -نىمە گەپ ئىدى؟
    -لىۋىڭڭىزنى ئازراق قىزارتىپ قويۇپتىمەن.
    -بەك ئەمەستۇ؟
    -ياق بەكمۇ ئەمەس.....سىز ئىتتىك مېڭىپ كوچىدا سېتىقچىلىق قىلىۋاتقان ئوقەتچىلەر ھارۋىسىدىن ئەينەك ئېلىپ لىۋىڭڭىزگە قاراپلا توۋلاپ سالدىڭڭىز
    -ھوپ....ۋاي خۇدايىم نىمە دەيمەن ئەمدى!!!!
    سىز ئەينەكنى تاشلاپ ماڭا شۇنداق ئاچچىق بىلەن قارىدىڭڭىز.
    -كىمگە نىمە دەيسىز؟
    -ئاپامغىچۇ!ئاكامغىچۇ!ئاپامغۇ بىلمىسۇن ئاكاممۇ بىلمەسما؟؟؟؟؟!!!
    -بىلسە نىمە بولماقچى!؟مۇھەببەتلىشىۋىتىپتۇ دەيدۇ شۇ...
    -ساراڭ!....
    -خاپا بولماڭ بولامدۇ....
    -نىمانچە قىلىپ قويدىڭڭىز!ئەجەپ بىر....!!
    -ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماپتىمەن كەچۈرۈڭ.... مەن سىزنى باغرىمغا بېسىپ كۆتۈرۋالدىم.
    -ھەي . نىمانداق قىلىسىز!خەخ قاراۋاتىدۇ، مىنى تىز چۈشۈرۋىتىڭ...ساراڭ...
    -خاپا بولمۇدۇم دىسىڭڭىز چۈشۈرۋىتىمەن.
    -ۋاي خاپا بولمىدۇم...خاپا بولمىدۇم....
    مەن سىزنى پەسكە قويۇپ قويدۇم، 2-يولنىڭ ماشىنىسى كەلدى بىز ماشىنىغا چىقىپ بالوۋ دا چۈشۈپ 101غا ئالمىشىپ خەلىق مەيدانىدىن تاكسىغا ئولتۇرۇپ ماڭدۇق، سىز تاكسى مەھەللىنىڭ ئىچىگە كىرگەندە بېشىڭڭىزنى قۇچۇقۇمغا قويۇپ پەس يىتىۋىلىپ ماشىنا قاراڭغۇ خالىي يەرگە كەلگەندە بىشىڭڭىزنى كۆتۈردىڭڭىز بىز ماشىنىدىن چۈشتۇق .
    -بايام نىمشقا بېشىڭڭىزنى پەس قىلىۋالدىڭڭىز؟
    -ئاكام مەھەللە ئىچىدە بولسا كۆرۈپ قالمىسۇن دەپ.مەھەللەڭلاردىن سۇس دىسكۇ مۇزىكىسى ئاڭلىنىۋاتاتتى .
    -مەھەللەڭلەردە دىبا بارما؟
    -ياق جۇۋبا بار.
    -ھە....
    -ماۋۇ دىسكۇ مۇزىكىسىغا ماسلاشتۇرۇپ بىر قەپەس ئوينىۋەتمەمسىز خۇا خۇا..
    -ئوينىسام ئوينىدۇم.مەن شۇنداق دەپلا بەدەنلىرىمنى بېشىمنى شۇنچە قاملاشتۇرۇپ تولغاپ لىڭشىتتىم
    -ھا ھا ھا ھا ھا......ۋاي ساراڭ.....بەك ئوماق جۇمۇ سىز ،سىز مىنىڭ بوينۇمغا گىرە سېلىۋالدىڭڭىز.
    -يەنە ئويناپ بىرەيمۇ؟
    -ھا ھا ھا ھا  .......ياق ....بەك چىرايلىق ئوينىدىڭڭىز ھېلىمۇ.
    -سىز خوشال بولسىڭڭىزلا مەن ھەممىگە رازى. سىز يۈزۈمنى سىلىق سىلىدىڭڭىز ...
    -مەن كىرىپ كىتەي بەك كەچ قالدىم بولامدۇ ؟
    -ماقۇل، قاچان كۆرشىمىز؟ھېلىقى گەپنىڭ جاۋابىغا قاچان ئىرىشىمەن؟
    -مەن ئويلۇنۇپ باقاي بولامدۇ؟
    -بولىدۇ ئەمسە مەن كۈتىمەن بىراق بەك ئۇزاق ساقلىتىۋەتمەڭ ماقۇلمۇ؟
    -ئىم ...خوش.
    -خوش..
    سىز ماڭدىڭڭىز ئەمما مەن ئارقىڭڭىزدىن يەنە بارلىق ئاۋازىمنى بولىشىغا قويۇۋىتىپ توۋلۇدۇم
    -(********)مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن.
    -ھەي ساراڭ ۋاقىرماڭ ئاكام ئاڭلاپ قالىدۇ، دىدىڭڭىز شاققىدە ئارقىڭڭىزغا ئۆرۈلۈپ .
    -ئەمسە سۆيۈپ قويۇڭ ئاندىن ۋارقىرىمايمەن.
    سىز يېنىمغا كەلدىڭڭىز يۈزۈمگە بوشقىنە سۆيۈپ قويۇپ كەتمەكچى بولىۋىدىڭڭىز مەن ماڭغىلى قويماي يەنە سىزنىڭ چوغ لەۋلىرىڭڭىزگە سۆيدۈم، چىشلىۋالدىم لىۋىڭڭىز بەك ئاغرىپ كەتكەن بولسا كىرەك قولۇڭىزدىكى ئاچقۇچ بىلەن مۈرەمگە مۇشلاپ كەتتىڭڭىز، مەن سىزنى قويۇپ بەردىم.
    -ساراڭ!سىز شۇنداق دەپلا ئاچقۇچنى ماڭا قارتىپ ئاتتىڭڭىز كۆزلىرىڭڭىزدىن سىماپتەك قۇيلىۋاتقان ياش ئەسلا توختىمىدى.مەن ئېڭىشىپ يەردىن ئاچقۇچنى ئېلىپ بەردىم. سىز ئاچقۇچنى ئېلىپلا يۈگۈرگەنچە مېڭىپ كەتتىڭڭىز.
    تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
    | ۋاقتى : 2008-03-19 15:10 11 -قەۋەت
    zibah

    دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 30109
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 147
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە147دانە
    شۆھرەت: 163 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1420 سوم
    تۆھپە: 27 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :176(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-01-17
    ئاخىرقى :2008-06-17

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    گەرچە تىمىڭىزنىڭ ئاخىرىنى تىخى كۆرمىگەن بولساممۇ،سۆزلىرىڭىزدىن ئۇنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىز چىقىپ تۇرۇپتۇ.مىنىڭچە بىر ئادەمگە نىسبەتەن،ھەقىقي مۇھەببەت ئۆمرىدە بىرلا قىتىم بولۇشۇ كىرەك.سىز شۇ مۇھەببەتنى تىپىپ ،تىتىپ بوپسىز،سىزنىڭ مەڭگۈ شۇ مۇھەببەتنى قەدىرلىشىڭىزنى تىلەيمەن......ئىجايىتىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغاي!
    izlax.com
    | ۋاقتى : 2008-03-19 15:56 12 -قەۋەت
    hamxohla

    دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 35505
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 201
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە201دانە
    شۆھرەت: 204 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2030 سوم
    تۆھپە: 20 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :160(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-03-15
    ئاخىرقى :2008-06-24

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ئاخىرىنى داۋاملىق يوللايمەن ئەمما بۈگۈن كىچىلىك ئىشلەيمەن ، كەچۈرۈڭلار داۋامىنى ئەتە  يوللاي...
    Tordax
    | ۋاقتى : 2008-03-19 20:35 13 -قەۋەت
    hamxohla

    دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 35505
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 201
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە201دانە
    شۆھرەت: 204 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2030 سوم
    تۆھپە: 20 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :160(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-03-15
    ئاخىرقى :2008-06-24

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    1-بەتنى ئوقۇپ بولغان بولساڭلار 2-بەتنى ئوقۇغاچ تۇرۇڭلار ، چوقۇم ۋاقىت چىقىرىپ ئارلىقنى ئۇزارتىۋەتمەيلا يوللايمەن ....كەچۈرۈڭلار ساقلىتىدىغان بولدۇم....
    Tordax
    | ۋاقتى : 2008-03-19 20:36 14 -قەۋەت
    gul-zat

    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى :شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 753
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1414
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1414دانە
    شۆھرەت: 1497 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 4712 سوم
    تۆھپە: 35 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :200(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-01-18
    ئاخىرقى :2008-05-18

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ھەمىنى تەپسلى كۆرۇپ چىقتىم،داۋامىنى يوللاپ تۇرارسىز،
    izlax.com
    ئاياللار ئۈچۈن پەرزەنتىنى ياراملىق قىلىپ تەربىيەلەش--شەرەپ ۋە بۇرچ.
    | ۋاقتى : 2008-03-19 22:46 15 -قەۋەت
    GUL~BARNA

    دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 29230
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 280
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە280دانە
    شۆھرەت: 281 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2438 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :237(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-01-05
    ئاخىرقى :2008-06-25

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    داۋامىنى تېزرەك................................
    مەن ساقلىۋالدىم.  ئۇزۇن بوپتىكەن ئۆگۈنۈش بىلەن بولۇپ،مۇھەببەت ھېكايىلىرىنى ئوقۇپ باقمىغىلى.
    بەك ياخشى چىقىپتۇ.  سىلەرگە بەخىت تىلەيمەن.
    Tordax

    | ۋاقتى : 2008-03-20 12:08 16 -قەۋەت
    hamxohla

    دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 35505
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 201
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە201دانە
    شۆھرەت: 204 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2030 سوم
    تۆھپە: 20 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :160(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-03-15
    ئاخىرقى :2008-06-24

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ﻣﻪﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻗﺎﻳﯩﺘﺘﯩﻢ، ﺳﯩﺰ ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﻪﻟﺪﯨﯖﯖﺰ،ﺳﯩﺰ ﺩﻩﺭﯨﺴﻜﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻳﯩﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﻣﻪﻥ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﯚﻳﯜﯕﯖﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ ،ﺑﯩﺰ ﺋﯚﻳﯜﯕﯖﯩﺰﮔﻪ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﻜﻪﺕ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺮﯨﻠﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﺳﺘﻪﯓ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ ﺋﺎﭘﺘﯘﺑﯘﺳﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ...
    -ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻥ ﺳﯩﻨﯩﭙﻘﺎ ﺑﺎﺭﺳﺎﻡ ﺩﻭﺳﻠﯘﺭﯗﻡ ﻟﯩﯟﯨﯔ ﻧﯩﻤﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺩﯨﮕﻪﻧﺘﻰ، ﻣﻪﻥ ﻣﻪﺭﺩﺍﻥ ﺳﯩﺮﯨﺘﻤﺎﻣﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﻟﯩﯟﯨﻤﻨﻰ ﻗﯩﺴﺘﯘﺭﯞﻩﺗﺘﻰ ﺩﯨﺪﯨﻢ.
    -ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﺸﻪﻧﺪﯨﻤﯘ؟
    -ﮬﻪ ﺑﻪﻙ ﺋﯩﺴﺸﺸﻪﻧﺪﻯ ...ﺳﯩﺮﯨﺘﻤﺎﯕﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﺳﻪ ﺑﻮﻳﻨﯘﯕﻨﻰ ﻗﯩﺴﻤﺎﻱ ﻟﯩﯟﯨﯖﻨﻰ ﻗﯩﺴﺎﻣﺪﯨﻜﻪﻥ ﺩﯨﻴﯩﺸﺘﻰ ﻛﯜﻟﯜﺷﯜﭖ،.
    -ﮬﻪﺟﻪﭖ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﯩﺰﻻﺭﻛﻪﻥ ﮬﻪ...
    -ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺩﻩ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ.
    -ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻘﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺩﺍﺷﯚﮔﻪ ﺋﯚﺗﻪﻟﻤﻪﻱ ﻓﯘﺩﯗ ﺋﻮﻗﯘﭘﺘﯘﺩﻩ،ﺋﻪﻗﻠﯩﻨﻰ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺴﻪ ﺩﺍﺷﯚﮔﻪ 10ﻳﯩﻠﺪﯨﻤﯘ ﺋﯚﺗﻪﻟﻤﯩﮕﯩﺪﻩﻙ ﺋﯘﻻﺭ.
    -ﻧﯩﻤﻪ ﺩﯨﮕﯩﻨﯩﯖﯖﯩﺰ ﺑﯘ؟
    -ﻧﯩﻤﻪ ﺩﻩﭘﺘﯩﻤﻪﻥ؟
    -ﻧﯩﻤﻪ ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﯖﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﻪﻳﯟﺍﺗﺎﻣﺴﯩﺰ!
    -ﯞﺍﻱ،ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﭼﺎﻗﭽﺎﻕ ...ﻣﺎﯕﺎ ﻣﺎﯞﯗ ﺳﺎﻥ ﺳﯩﻔﯩﺮﻻﺭﻧﻰ 1ﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ 6ﺗﯩﮕﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ123456،123465،123546ﺩﯨﮕﻨﺪﻩﻙ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯘ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻳﯩﺰﯨﭗ ﺑﯩﺮﯨﯖﯖﻪ ﺋﻪﺗﻪ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﻛﭽﯩﺪﯨﻢ،.
    -ﯞﺍﻱ ﯞﯗﻱ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺯﺳﺎﻡ ﺗﺎﯓ ﺋﺎﺗﻘﯩﭽﯩﻤﯘ ﻳﯩﺰﯨﭗ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ،ﺋﻪﺗﻪ ﺩﻭﺳﻠﯘﺭﯗﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻳﯩﺰﯨﭗ ﺑﯩﺮﻩﻱ.
    -ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﻪﻣﺴﻪ.
    -ﻣﻪﻥ ﻛﯩﺮﻛﯩﺘﻪﻱ،ﺳﯩﺰﻣﯘ ﻗﺎﻳﺘﯩﯔ. ﺧﻮﺵ.
    -ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯘﺷﯘﭖ ﺑﻮﻟﺪﯨﯖﯖﯩﺰﻣﯘ؟
    -ﻳﺎﻕ ﺗﯧﺨﻰ،ﻛﯩﻴﯩﻨﭽﻪ ﺑﯩﺮﻧﯩﻤﻪ ﺩﻩﻱ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟
    -.....ﺑﯩﺮﺍﻕ...ﮬﻪ ﻣﻪﻳﻠﻰ....ﺧﻮﺵ.
    ﺑﯩﺰ ﺳﻮﻏﯘﻗﻼ ﺧﻮﺷﻼﺷﺘﯘﻕ،ﻣﻪﻥ ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻧﻪﻧﻤﯩﻦ ﻛﯩﺘﺎﭘﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺳﺎﻗﻠﯩﺪﯨﻢ ﺳﯩﺰ ﻣﻪﻥ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺳﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻳﯩﺰﯨﭗ ﺋﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﭙﺴﯩﺰ ،ﺑﯩﺰ ﺑﻪﻳﻔﯘﺩﯨﻦ ﺗﻮﺧﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻧﺒﺎﯞ ﻳﻪﭖ 931-ﻳﻮﻟﻨﯩﯔ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺴﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻳﯩﺘﺘﯘﻕ ،ﻣﻪﻥ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺋﯩﭽﻰ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﺍﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﭼﻮﻏﻠﯘﻕ ﻟﻪﯞﻟﯩﺮﯨﯖﯖﯩﺰﮔﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﻟﻪﯞ ﻳﺎﻗﺘﯩﻢ،ﺑﯩﺰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯚﺳﺘﻪﯓ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ.
    -ﺑﻪﻙ ﺟﺎﭘﺎ ﭼﻪﻛﺘﯩﯖﯖﯩﺰ،ﺩﻭﺳﻠﯘﺭﯗﯕﯖﯩﺰﻣﯘ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﻪﺷﻜﻪﻧﺪﯗ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﻪﺗﻪﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺷﯚﮔﺎﯞ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﻩﻱ ﻣﺎﻗﯘﻟﻤﯘ؟
    -ﺳﯩﺰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﻠﯩﺴﯩﺰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﯩﺸﻨﯩﯔ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺳﯩﻨﯩﭙﻘﺎ ﺷﯚﮔﺎﯞ ﺋﻪﭘﭽﯩﻘﯩﭗ ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻧﻰ؟
    -ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﯩﻨﯩﭙﻨﯩﯔ ﺳﺎﺭﺍﯓ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ﺗﺎﺯﺍ ﻗﺎﺭ ﻳﺎﻗﻘﺎﻥ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﻳﻪﻳﺪﯗ،ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﻗﯩﺸﺘﺎ ﺷﯚﮔﺎﯞ ﻳﯩﻴﯩﺸﻜﻪ ﺋﺎﻣﺮﺍﻗﻤﯩﻜﯩﻦ ﺩﻩﻳﻤﻪﻧﻐﯘ.
    -ﯞﺍﮬ،ﺑﻪﻙ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺟﯘﻣﯘ ﺳﯩﺰ.
    -ﻣﻪﻥ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯘﺷﯘﭖ ﺑﻮﻟﺪﯨﯖﯖﯩﺰﻣﯘ؟
    -ﺋﻪﺗﻪ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯩﺮﻩﻱ ﻣﺎﻗﯘﻟﻤﯘ؟
    -ﺋﯧﻢ...
    -ﻣﻪﻥ ﻗﺎﻳﺘﺎﻱ ﺧﻮﺵ.
    -ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺳﯚﻳﯜﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺧﻮﺷﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﭼﺎﻧﻤﯘ ﺋﯩﺮﯨﺸﻪﺭﻣﻪﻥ ﮬﻪ...
    -ﺳﺎﺭﺍﯓ،...
    ﺳﯩﺰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﭘﻼ ﻳﯜﮔﯜﺭﮔﯩﻨﯩﯖﯖﯩﺰﭼﻪ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﯖﯖﯩﺰ ،ﻣﻪﻥ ﻗﺎﻳﺘﯩﺶ ﻳﻮﻟﯘﻣﺪﺍ ﻳﯩﺸﯚﻳﯜﻩﻥ ﻧﯩﯔ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺷﯩﻚ ﻣﺎﺭﯗﺟﻨﺎ ﺋﯩﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻳﯩﺘﺘﯩﻢ،ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﻪﻛﯩﺮﻛﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﺋﯘﻧﯘﺗﻤﯩﺪﯗﻡ،ﻳﺎﺗﺎﻗﻘﺎ ﺋﻪﻛﯩﺮﯨﭗ ﻳﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﺷﯩﻜﻨﻰ ﭼﯩﮕﯩﭗ ﺩﻩﺭﯨﺰﻩ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﯕﮕﯩﻠﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ،ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﻟﻐﺎﭺ ﺑﺎﺭﺩﯨﻢ،ﺑﯩﺰ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﺍ ﺋﯘﭼﺮﯗﺷﯘﭖ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﯖﯖﯩﺰﮔﻪ ﺑﺎﺭﺩﯨﻢ،ﺳﯩﺰ ﻗﻮﻟﯘﻣﺪﯨﻦ ﻳﻪﺷﯩﻜﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﯖﯖﯩﺰﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﯩﭽﻪ ﺋﺎﺭﻗﯩﯖﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﯩﺘﺘﯩﻢ ، ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺗﻪﺟﺮﺑﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺑﺎﺭﺍﻟﻤﯩﺪﯨﻢ،ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺑﯩﺰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﭖ ﭼﯩﯔ ﺟﯧﻦ ﻓﯧﻨﯟﯦﺮ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﻪﭖ 931-ﻳﻮﻟﻐﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﯖﯖﯩﺰﮔﻪ ﺑﺎﺭﺩﯗﻕ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯚﺳﺘﻪﯓ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﺘﯘﻕ...
    -ﻣﯩﻨﻰ ﺑﻪﻙ ﺳﺎﻗﻠﯩﺘﯩﯟﻩﺗﺘﯩﯖﯖﯩﺰ،ﺋﻮﻳﻠﯘﻧﯘﭖ ﺑﻮﻟﺪﯨﯖﯖﯩﺰﻣﯘ؟
    -ﺋﯩﻢ،...
    -ﺋﻪﻣﺴﻪ ﺟﺎﯞﺍﺑﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺴﻪﻡ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟
    -ﺋﯩﻢ...
    -ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺴﯩﺰﻏﯘ؟
    -ﺋﯩﻢ...
    -ﻧﯩﻤﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻢ ﺋﯩﻢ ﺩﻩﯞﯨﺮﯨﺴﯩﺰ؟ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﺎﻣﺴﯩﺰ؟
    -ﺋﯩﻢ ﺩﯨﺪﯨﻤﻐﯘ!
    -ﻧﯩﻤﯩﮕﻪ ﺋﯩﻢ ﺩﯨﺪﯨﯖﯖﯩﺰ؟
    -ﺳﯩﺰ ﺋﻮﻳﻠﯘﻧﯘﭖ ﺑﯧﻘﯩﯔ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﮔﻪﭘﻜﯩﭽﯘ........
    -ﮬﻪ؟......!
    -ﺳﯩﺰ ﻣﺎﻗﯘﻝ ﺩﻩﭖ ﺑﻮﻟﺪﯨﯖﯖﯩﺰﻣﺎ؟
    -ﻣﺎﻗﯘﻝ ﺩﯨﻴﯩﺸﯩﻤﻨﻰ ﻛﯜﺗﻤﯩﮕﻪﻧﻤﺎ؟!
    -ﻳﺎﻕ ﻳﺎﻕ...ﻣﻪﻥ ....ﮬﯥ ﮬﯥ ﮬﯥ...
    -ﺑﻪﻙ ﺑﻪﻙ ﺑﻪﻙ ﮬﺎﯕﯟﺍﻗﺘﻰ، ﺑﻪﻙ ﺋﺎﺧﯘﺍ ﮬﻪ ﺳﯩﺰ....ﮔﯩﭙﯩﯖﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﭼﯩﻘﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﻟﯩﯟﯨﯖﯖﯩﺰﮔﻪ ﻟﻪﯞﻟﯩﺮﯨﻢ ﻗﻮﻧﯘﭖ ﺑﻮﻟﺪﻯ........ﺑﯩﺰ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺳﯚﻳﯜﺷﺘﯘﻕ،ﺑﻮﻳﺒﯘﻣﻐﺎ ﮔﯩﺮﻩ ﺳﺎﻟﺪﯨﯖﯖﯩﺰ،ﻳﯜﺯﻟﯩﺮﯨﯖﯖﯩﺰﻧﻰ ﺳﯩﻼﭖ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻳﺘﯩﻢ،ﺳﯩﺰ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﻟﯩﯟﯨﯖﯖﯩﺰﻧﻰ ﺟﯩﭙﺴﯩﻠﯩﺸﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﺎﺟﯩﺮﺍﺗﺘﯩﯖﯖﯩﺰ.
    -ﻣﻪﺭﺩﺍﻥ،ﻣﻪﻥ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯩﺘﻪﻱ ﺑﻪﻙ ﻛﻪﭺ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟
    -ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﻻﯞﭘﻮ ﺩﺍﺭﯦﻦ.
    -ﺑﯩﺰﻩﯓ!ﺩﻩﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﮔﯩﭙﯩﻨﻰ ﻛﯩﻢ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﯖﯖﯩﺰﻛﻪﻥ؟
    -ﺳﯩﺰﭼﯘ!
    -ﻛﯩﻢ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺗﯩﮕﯩﭙﺘﯘ؟
    -ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺗﯩﮕﻪﺳﯩﺰ!
    -ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﯓ...
    -ﺋﺎﻟﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ، ﺋﻪﻣﺪﯨﻐﯘ ﺋﯚﻳﯜﯕﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﯩﭽﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯚﻳﯜﯕﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﯩﻨﯩﭽﻰ ﻗﻪﯞﻩﺗﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺴﻪﻡ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪﯗ؟
    -ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.ﺑﯩﺰ ﻣﺎﯕﺪﯗﻕ ﺋﯚﻳﯜﯕﯖﯩﺰ ﺑﺎﺭ ﻛﻮﺭﭘﯘﺳﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺧﻮﺷﻼﺷﺘﯘﻕ ،ﻣﻪﻥ ﺳﯩﺰ ﺋﯚﻳﯜﯕﯖﯩﺰﮔﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﯩﭽﻪ ﺋﯚﻳﺪﯛﻛﯩﻠﯩﺮﯨﯖﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺩﺍﻟﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺳﻮﻗﯘﻧﯘﭖ ﺗﯘﺭﺩﯗﻡ ﺳﯩﺰ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ 3-ﻗﻪﯞﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﭼﯩﺮﯨﻘﻰ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﺩﻩﺭﯨﺰﯨﺴﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﺪﻯ ﻛﯚﯕﻠﯩﯖﯖﯩﺰ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﺳﺘﻪ ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻳﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺳﻪﺯﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯩﺮﻩﻙ،ﻣﻪﻥ ﺳﻮﻗﯘﻧﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺟﺎﻳﯩﻤﺪﯨﻦ ﺩﻩﺭﯨﺰﯨﯖﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯘﺩﯗﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﻩﺭﻩﺧﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﺩﯗﻡ،ﺳﯩﺰ ﻗﻮﻝ ﺋﯩﺸﺎﺭﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﺘﯩﺸﯩﻤﻨﻰ ﺋﯧﻴﯩﺘﺘﯩﯖﯖﯩﺰ.ﻣﻪﻥ ﺑﻮﺵ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺳﯩﺰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯩﺪﻩﻙ ﻗﯩﻠﯩﭗ
    -ﺧﻮﺵ  ﺋﻪﺗﻪ ﻛﯚﺭﺷﻪﻳﻠﻰ ﺩﯨﺪﯨﻢ ﺳﯩﺰ ﺑﯧﺸﯩﯖﯖﯩﺰﻧﻰ ﻟﯩﯖﺸﯩﺘﺘﯩﯖﯖﯩﺰ.ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﻮﻧﺘﯘﺭﯗﻝ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﺪﯨﻢ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﮬﻪﻟﯩﻨﻨﻰ ﺑﯩﺸﯩﻤﻐﺎ ﻛﯩﻴﯩﭗ ﺗﻮﯞﻟﯘﺩﯗﻡ
    -(*******)ﻣﻪﻥ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﻤﻪﻥ!ﺳﯩﺰ ﺩﻩﺭﯨﺰﯨﯖﯖﯩﺰﻧﻰ ﺟﺎﯕﯖﯩﺪﻩ ﻳﯧﭙﯩﯟﻩﺗﺘﯩﯖﯖﯩﺰ،ﻣﻪﻥ ﻗﺎﻳﯩﺘﺘﯩﻢ.ﺑﯘ ﺩﻩﻝ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﻛﯜﻧﯩﻤﯩﺰ2005-ﻳﯩﻠﻰ11-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 30-ﻛﯜﻧﻰ ﭼﺎﺭﺷﻪﻧﺒﻪ ﺋﯩﺪﻯ.
    ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﮬﻪﺭﻛﯜﻧﻰ ﺩﯨﮕﯩﺪﻩﻛﻼ ﺩﻩﺭﯨﺴﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﯜﭘﻼ 101ﻧﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﯘﺑﯘﺳﯩﻐﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﻧﻪﻧﻤﯩﻨﺪﺍ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺳﺎﻗﻼﻳﺘﯩﻢ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﻳﻔﯘﺩﯨﻦ ﺗﻮﺧﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻧﺒﺎﯞ ﻳﻪﻳﺘﯘﻕ ﻳﺎﻛﻰ ﭼﯩﯖﺴﻪﻥ ﮔﻪ ﻛﯩﺮﻩﺗﺘﯘﻕ،ﻣﻪﻥ ﺳﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﻪﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺳﯩﺰﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﺩﻩﻡ ﻣﺎﯕﺎﺗﺘﯘﻕ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺷﯘ ﺟﺎﯕﺠﺎﯓ ﺳﻮﻏﯘﻗﻼﺭﺩﯨﻤﯘ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﺮﯨﻘﯩﯖﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﺎﺭﯗﺟﻨﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﺸﻨﻰ ﺋﯘﻧﯘﺗﻤﺎﻳﺘﯩﻢ ﺋﻪﻣﻤﻪ ﻣﺎﺭﯗﺟﻨﯩﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﻳﻪﭖ ﮔﯧﻠﯩﯖﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﺸﺸﯩﺘﯩﯟﺍﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﺩﻩﭖ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﭙﻼ ﻣﻪﻥ ﻛﯚﭖ ﻳﻪﯞﯨﻼﺗﺘﯩﻢ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﺎﺗﻨﺎﭖ ﻗﻮﻳﺎﺗﺘﯩﯖﯖﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻠﻪﭖ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﭗ ﻳﻪﭖ ﻛﯩﺘﻪﺗﺘﯘﻕ،ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺋﯚﻳﯜﯕﯖﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﺎﺗﺘﯩﻢ ،ﺋﯩﺴﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻤﯘ ﻗﻮﻟﯩﯖﯖﯩﺰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﺯﻻﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﮬﯩﻠﯩﻘﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﻣﻪﻥ ﻗﻮﻟﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﺭﺳﯘﻗﯘﻣﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﭗ ﺋﯩﺴﺴﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﯘﻧﯘﻣﺪﺍ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺘﯩﯖﯖﯩﺰ، ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻣﻤﯘ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﯖﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﺎﻛﻰ ﻗﯩﺶ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﻘﯩﭽﻪ ﻗﻮﻟﺴﯘﻗﯘﻣﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﭗ ﺋﯩﺴﺴﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ ،ﺳﯩﺰ ﻣﯩﻨﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﮬﯧﻠﯩﻖ ﺳﯜﻳﻘﯩﺸﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﯩﮕﻪﻧﺘﯩﯖﯖﯩﺰ ﺋﯘﻳﻪﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﺗﻮﻻ ﺳﯜﻳﻘﺎﺵ ﺋﯩﭽﻪﺗﺘﯘﻕ.ﺑﯩﺰ ﻳﯜﺭﯛﭖ 3ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺯﯨﺮﻩﻙ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ ،ﺑﯩﺰ ﺷﯘ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﻳﻮﻟﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯘﻕ،ﺳﯩﺰﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯜﺭﯛﭖ 25ﻛﯜﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﻘﻘﯩﻦ ﺋﺎﻏﯩﻨﻪﻡ ﭘﻪﺭﮬﺎﺕ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﺪﻩ ﺗﯜﮔﻪﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﻣﻪﻥ 12-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 25-ﻛﯜﻧﻰ ﺳﺎﻧﺠﯩﻐﺎ ﺋﯚﻟﯜﻣﮕﻪ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ ، ﺳﯩﺰ ﮔﻪ ﺩﯨﻴﯩﺸﻜﯩﻤﯘ ﺋﯜﻟﮕﯜﺭﻣﯜﺩﯛﻡ،ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﺎﺧﺸﺎﻣﻼ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﭘﯩﭽﭽﯩﺮﻻﺷﻘﺎﻥ ﺗﯩﻠﻔﯘﻧﯩﯖﯖﯩﺰ ﺋﻪﺗﯩﮕﯩﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ،ﺷﯘ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﭽﻪ 5ﻛﯜﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺸﺎﻟﻤﯩﺪﯗﻕ.30-ﭼﯩﺴﻼ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ 1ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﻛﯜﻧﻰ ﻣﻪﻥ ﺳﺎﻧﺠﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ ،ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺗﯩﻠﻔﯘﻥ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ ﺋﯘﻻﻧﺪﻯ،
    -ﯞﻩﻱ ،ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ؟
    -ﺑﺎﺭﻛﻪﻧﺴﯩﺰﮬﻪ؟ﻣﻪﻥ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯚﻟﺪﯨﻤﯩﻜﯩﻦ ﺩﻩﭘﺘﯩﻤﻪﻥ!ﺗﯩﻠﻔﯘﻧﯩﯖﯖﯩﺰﻧﻰ ﮬﻪﺟﻪﭖ ﺋﺎﭼﻤﺎﻳﺴﯩﺰﻏﯘ!
    -ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯚﻟﻤﯜﺩﯛﻡ،ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﺯﯗﺗﯘﭖ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ....ﺗﯩﻠﻔﯘﻧﻨﯩﯔ ﺗﻮﻛﻰ ﻳﻮﻕ...
    -ﻧﯩﻢ ﺩﻩﻳﺴﯩﺰ؟ﻧﻪﺩﯨﻜﻰ ﺋﯚﻟﯜﻣﻨﻰ؟
    -ﮬﯧﻠﻰ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﺮﻩﻱ ، ﺧﻪﻟﯩﻖ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﺷﻪﻳﻠﯩﻤﯘ؟
    -ﺋﯩﻢ، ﻗﺎﭼﺎﻧﺮﺍﻕ ﻛﯩﻠﯩﺴﯩﺰ؟
    -ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺳﺎﺋﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ.
    -ﻣﺎﻗﯘﻝ، ﺧﻮﺵ،ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻣﯧﯖﯖﯩﯔ ﮬﻪ.
    -ﮬﻪ ..ﺧﻮﺵ ﺳﻪﻝ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻛﯚﺭﺷﻪﻳﻠﻰ.
    101ﻧﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﯘﺑﻮﺳﯩﺪﺍ ﺑﺎﺭﻏﯩﭽﻪ 5ﻛﯜﻥ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺳﯩﺰ ﺋﯘﺧﻠﯩﻴﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻢ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﻪﻟﻠﻪﻱ ﻧﺎﺧﺸﺎﻡ ﺋﯩﺴﯩﻤﮕﻪ ﻛﯩﻠﯩﯟﺍﻟﺪﻯ
    -ﻣﻪﺭﺩﺍﻥ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯘﺧﻠﯩﻴﺎﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ ﺩﯨﺪﯨﯖﯖﯩﺰ ﺷﯘﻛﯜﻧﻰ ﺳﺎﺋﻪﺕ 11ﻻﺭﺩﺍ ﺗﯩﻠﻔﯘﻥ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯩﯧﯩﺘﯩﭗ
    -ﻣﻪﻥ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺋﯘﺧﻠﯩﺘﯘﭖ ﻗﻮﻳﺎﻳﻤﯘ؟
    -ﺋﯩﻢ...
                                                  ﺋﻪﻟﻠﻪﻱ ﺋﯘﺧﻼﯓ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﻗﻮﺯﺍﻡ،
                                                  ﻣﻪﺭﺩﺍﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﭘﻪﭘﯩﻠﻪﺭ ﺳﯩﺰﻧﻰ.
                                                    ﺋﯘﺧﻼﭖ ﺋﻮﻳﻐﯘﻧﯘﯓ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺷﺎﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ،
                                                  ﮔﯜﻟﻠﻪﺭ ﻗﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﺋﻮﺭﺍﻳﺪﯗ ﺳﯩﺰﻧﻰ.....
    -ﯞﺍﮬ ﺳﯩﺰ ﻧﯩﻤﺎﻧﭽﻪ ﻧﺎﺧﺸﯩﻐﺎ ﺋﯘﺳﺘﺎ؟
    -ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﺎﻟﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﺳﺘﺎ.....
    Tordax
    | ۋاقتى : 2008-03-21 02:29 17 -قەۋەت
    hamxohla

    دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 35505
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 201
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە201دانە
    شۆھرەت: 204 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2030 سوم
    تۆھپە: 20 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :160(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-03-15
    ئاخىرقى :2008-06-24

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﯘﺧﻼﯓ ﻛﻪﭺ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﻣﺎﻗﯘﻟﻤﯘ؟
    -ﺋﯩﻢ ، ﺧﻮﺵ.
    -ﺧﻮﺵ ﻳﺎﺭﻳﺎﺭﻯ.
    -ﻧﯩﻢ ﺩﯨﺪﯨﯖﯖﯩﺰ ﻣﻪﺭﺩﺍﻥ؟
    -ﺧﻮﺵ ﻳﺎﺭﻳﺎﺭﻯ ﺩﯨﺪﯨﻢ ﻧﯩﻢ ﺑﻮﻟﺪﻯ؟
    -ﻳﺎﺭﻳﺎﺭﻯ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﯩﻤﻪ ﮔﻪﭖ؟
    -ﻣﻪﻥ ﺋﯩﺠﺎﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺟﯧﻨﯩﻢ ﺋﺎﭘﭙﯩﻘﻢ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﮔﻪﭖ.
    -ﮬﻪ....
    -ﺧﻮﺵ ﺋﻪﻣﺴﻪ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭﺭﺍﻕ ﺋﯘﺧﻼﯓ ﮬﻪ.
    -ﺧﻮﺵ.
    ﺷﯘﻛﯩﭽﯩﺴﻰ ﻣﻪﻥ ﺗﯩﻠﻔﯘﻧﻨﻰ ﻗﻮﻳﯟﯨﺘﯩﭗ ﺋﻮﺑﯩﺮﻧﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﯘﺧﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﺋﯘﺧﻠﯩﻴﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻤﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﺗﯩﻠﻔﯘﻥ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ ﺗﯩﻠﻔﯘﻧﯩﯖﯖﯩﺰ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺳﺎﺋﻪﺗﻜﯩﭽﻪ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺷﻼ ﭼﯩﻘﺘﻰ، ﻛﯩﭽﻪ ﺳﺎﺋﻪﺕ 3ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﺭﺩﯗﻡ ﺗﯩﻠﻔﯘﻧﯩﯖﯖﯩﺰ ﺗﻮﺧﺘﯘﺗﯘﻟﯘﭘﺘﯘ،ﺷﯘﻛﯩﭽﯩﺴﻰ ﺋﻪﺳﻼ ﻳﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻢ، ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﻪ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯩﻜﯩﭙﻼ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ ،ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺋﻪﺗﺘﯩﮕﻪﻥ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﯖﯩﺰﻧﻰ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﻣﻪﻛﭽﻰ ﺋﯩﺪﯨﻢ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﻪﺗﺘﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻼ ﺩﻭﺳﺘﯘﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ ﻛﻪﻟﺪﻯ.ﻣﺎﺷﯩﻨﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﺷﯘ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ،ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰﻻ ﻛﺎﻟﻼﻣﻐﺎ ﺗﯩﻠﮕﯩﺮﺍﻑ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺑﯧﻘﯩﺶ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﺧﻮﯕﺸﻪﻧﺪﻩ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﺗﯩﻠﮕﯩﺮﺍﻑ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﮕﻪ ﺗﺎﻛﺴﯩﻠﯩﻘﻼ ﺑﺎﺭﺩﯨﻢ،ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻐﺎ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﺴﯩﯖﯖﯩﺰ ﺳﻮﻏﯘﻗﺘﺎ ﺗﻮﯕﯘﭖ ﺗﯘﺭﺷﯩﯖﯖﯩﺰﻧﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺘﯩﻢ.ﺗﯩﻠﮕﯩﺮﺍﻑ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻛﯩﻠﯩﺸﯩﻤﻨﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﭼﻪ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺑﯩﺮﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﯩﺘﺘﻰ.ﻣﻪﻥ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻐﯩﻤﯘ ﺗﺎﻛﺴﯩﻴﻠﯩﻘﻼ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ ،.ﻣﻪﻥ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺗﻮﭖ ﺗﻮﻏﺮﺍ1ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯩﻨﯩﻤﺪﯨﻼ ﺳﯩﺰ ﻛﻪﻟﺪﯨﯖﯖﯩﺰ،ﻗﻮﻟﯩﯖﯩﺰﺩﺍ ﻣﻪﻥ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﺳﯚﺳﯜﻥ ﺋﻪﺗﯩﺮﮔﯜﻟﺪﯨﻦ 3ﺗﺎﻝ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ.
    -ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ؟
    -ﻳﺎﺧﺸﯩﻐﯘ ﺋﯚﺯﯛﯕﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﭼﯘ؟
    -ﻳﺎﺧﺸﻰ.
    -ﻣﻪﯓ ،ﺑﯘ ﺋﻪﺗﯩﺮﮔﯜﻟﻨﻰ ﺋﺎﺗﺎﻳﯩﺘﯩﻦ ﺳﯩﺰﺋﯜﭼﯜﻥ 1ﺋﺎﻱ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺑﯘﻳﺮﯗﺗﯘﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯜﮔﯜﻧﮕﻪ ﺋﯜﻟﮕﯜﺭﺗﯜﭖ ﺋﻪﻛﻪﻟﮕﯜﺯﺩﯛﻡ.
    -ﻗﻮﻟﯘﻣﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﻮﻻﻕ ﺷﺎﻛﯩﻼﺗﻨﻰ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺗﻪﯕﻠﯩﺪﯨﻢ
    -ﺑﯘﻧﻰ ﻳﻪﭖ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﺷﺎﻛﯩﻼﺗﺘﻪﻙ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﻩﭖ ﻣﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯞﯨﻠﯩﯔ ﮬﻪ....
    -ﺳﺎﺭﺍﯓ...ﻣﻪﻥ ﻗﻮﻟﯩﯖﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﮔﯜﻟﻨﻰ ﺳﯩﺰ ﻗﻮﻟﯘﻣﺪﯨﻦ ﺷﺎﻛﯩﻼﺗﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﯘﻕ.ﺑﯩﺰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺑﻪﻳﺎﯘﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺗﻮﺧﯘ ﺧﻪﻧﺒﺎﯞ ﻳﯩﺪﯗﻕ.ﻣﻪﻥ ﮬﻪﻳﻜﻪﻝ ﺗﯘﺭﺍﭼﻠﯩﻖ ﻛﻪﺳﭙﯩﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻏﯩﻨﻪﻣﮕﻪ ﺑﯘﻳﺮﯗﺗﯘﭖ ﻳﺎﺳﺎﺗﻘﯘﺯﻏﺎﻥ ﺑﺎﻻ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﻪ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﯩﻼﮬﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻳﻜﯩﻠﯩﻨﻰ ، ﻳﻮﻏﺎﻥ ﺑﻪﻙ ﻳﻮﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﺳﻜﯩﻨﻰ ﻡ، ﺑﯩﺰ ﺑﻪﻳﻔﯘﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﯩﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﭼﯧﻐﯩﻨﯩﺰﺩﺍ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻗﻮﻟﯘﻣﺪﺍ ﺑﺎﻳﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺋﺎﯞﺍﻳﻼﭖ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺳﯘﻟﻴﺎﯞ ﺧﺎﻟﺘﺎ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﻪﯕﻠﯩﺪﯨﻢ
    -ﻣﻪﯓ،ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﻳﺎﺳﺎﺗﻘﺎﻥ.
    -ﮬﻮﭖ......ﻧﯩﻤﺎﻧﭽﻪ ﺳﯩﭙﺘﺎ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﮬﻪﻳﻜﻪﻝ ﺑﯘ؟ﻧﻪﺩﯨﻦ ﺗﺎﭘﺘﯩﯖﯖﯩﺰ؟ﻧﯩﻤﺎﻧﭽﻪ ﻳﻮﻏﺎﻥ ﺳﻮﺳﻜﺎ ﺑﯘ؟
    -ﺋﺎﻏﯩﻨﻪﻣﮕﻪ ﺩﻩﭖ ﺑﯘﻧﻰ ﺳﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻧﻼ ﻳﺎﺳﺎﺗﺘﯩﻢ ،ﺑﺎﻟﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺩﻩﭖ ﺑﯘﻧﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﯨﻢ...
    -ﯞﯗ ﺳﺎﺭﺍﯓ،ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﻟﺠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﺩﯨﯖﯖﯩﺰ ﮬﻪ...
    -ﺩﯨﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺭﺍﺳﻘﯘ...
    -ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯩﻤﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ ﺋﯘ ﺳﯘﻟﻴﺎﯞ ﺧﺎﻟﺘﯩﯖﯖﯩﺰﺩﺍ؟
    -ﺳﯘﻟﻴﺎﯞ ﺧﺎﻟﺘﺎ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﯔ ﺩﺍﺳﺘﯩﺨﯩﻨﯩﻢ ﺩﻩﯓ...ﺳﯩﺰ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﯖﯖﯩﺰ.
    -ﻣﻪﯓ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯩﭽﯩﯔ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻜﯩﯖﯖﯩﺰ.ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺗﯜﮔﯩﺪﻯ.
    -ﻣﻪﺭﺩﺍﻥ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﻓﯧﻴﭽﺎﯓ ﭘﯩﯖﮕﻮﻻ ﺋﯩﭽﯩﺴﯩﺰ؟
    -ﺗﻪﻣﻰ ﭘﯩﯟﯨﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ ﺷﯘﯕﺎ.
    -ﭘﯩﯟﯨﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﭽﻪﻣﺴﯩﺰ؟
    -ﻳﺎﻕ ﭘﯩﯟﺍ ﺋﯩﭽﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻣﯘﺷﯘﻧﻰ ﺋﯩﭽﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩ.ﺑﯩﺰ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯩﭗ ﺗﺎﻣﺎﻗﺘﯩﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻳﺎﺷﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﯩﻨﻰ ﭘﯩﻘﯩﺮﺍﭖ ﺋﯩﻠﯩﻜﺘﯘﺭﯗﻧﻠﯘﻕ ﺋﻮﻳﯘﻧﭽﯘﻕ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﺘﯘﻕ.ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺗﺎﻛﺴﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺋﺎﭘﯩﺮﯞﯨﺘﯩﭗ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻗﺎﻳﯩﺘﺘﻰ.ﻳﺎﺗﺎﻗﻘﺎ ﻛﯩﺮﺳﻪﻣﻤﻼ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻮﺭﯞﯨﻠﯩﺸﺘﻰ.
    -ﭘﺎﮬ، ﭘﺎﮬ ،ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﯚﺳﯜﻥ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﮔﯜﻟﻨﻰ ﻧﻪﺩﯨﻨﻤﯘ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﺴﻪﻥ...ﺑﻪﻙ ﻛﻪﻡ ﺗﯧﭙﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﯜﻝ ﺟﯘﻣﯘ ﺑﯘ....
    -ﮬﻪﻱ ﮬﻪﻱ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﺳﯩﻠﯩﻤﺎﯕﻼ ﺑﻪﺭﮔﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﯚﻛﯜﻟﯜﭖ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ!ﻛﯩﻢ ﮔﯜﻟﯜﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺗﺎﻝ ﺑﻪﺭﮔﯩﺴﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯞﯨﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ﻣﻪﻥ ﺷﯘﻧﯘﯕﻐﺎ ﺟﯧﻨﯩﻤﻨﻰ ﺗﯩﻜﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ!!!!...ﺗﯘﺗﻤﺎﯕﻼ ﺗﯘﺗﻤﺎﯕﻼ.....ﮔﯜﻟﻨﻰ ﻛﺎﺭﯞﯨﺘﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻣﻐﺎ ﭼﺎﭘﻼﭖ ﺳﯩﺰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﯩﻘﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﻮﯞﻏﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮔﯜﻟﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺩﺍﭖ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ.
    Tordax
    | ۋاقتى : 2008-03-21 03:05 18 -قەۋەت
    ANKA831

    دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 7200
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 205
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە205دانە
    شۆھرەت: 209 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1004 سوم
    تۆھپە: 6 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :124(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-08-07
    ئاخىرقى :2008-06-17

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    پاھ-پاھ !مەنمۇ سىزگە ئوخشاش داشۆسىڭلىكىن سىزدەك گەپدان ئەمەس،ياخشى كۆرگىنىممۇ بارتى لىكىن ماڭا ئۇنىماي قويدى...تۇنجى سۆيگىنىنى ئۇنىتالمىدى...نە چارە دەيسىز،ئۇ بەكلا تاش چىشلەپ تۇرۇرىلىپ يا مەن گەپ قىلالماي ئىچىم بەكلا سىقىلىدۇ،ئەسلى ئەتە دەرىس بارتى،لىكىن بۈگۈن كىچىنىڭ ئازاپ دەستىدىن ئۇيقۇنىڭ  ھارام بولۇپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ باۋيې قىلغان ،ھىكايىڭىزنى ئوقۇپ كۆزلىرىمگە ياش كىپكەتتى،ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز شۇنداق بولۇپ قالغان بولساق-ھە؟!----يۈرۈكۇم يىرىلىپ كىتەرمىدى...مىنىڭچە شۇنداق بولاتتى...ئەمما مەن شۇنىڭغا رازى بولغان بولاتتىم...خەيىر!بىر كۈنى قەدرىمگە يىتەرسەن...داۋامىنى بەك تەقەززا قىلىۋەتمەي يىزىۋىتەرسىز!(ئەگەر بىرەر كۆڭۈلسىز ئىش يازىدىغان بولۇپ قالسىڭىز بىشىغا ئەسكەرتىپ قويسىڭىز!چىدىيالمىغۇدەكمەن...)
    تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
    بىر ئۆمۈر كۈتىمەن
    | ۋاقتى : 2008-03-21 06:13 19 -قەۋەت
    « 1 2345» Pages: ( 1/16 total )


     

    Time now is:06-25 11:14, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation