<< ئامەت ۋە ئاپەت >> ھەققىدە
ــ يازغۇچى جالالىدىن بەھرام بىلەن سۆھبەت
سوئال : جالالىدىن ئاكا ، << ئامەت ۋە ئاپەت >> رومانىڭىزنى قىزىقىش ۋە ھاياجان بىلەن ئوقۇپ چىقتىم . ئالدى بىلەن ، سادىق ئوقۇرمەنىڭىز بولۇش سۈپىتىم بىلەن ، ئىجادىي ئەمگەكلىرىڭىز ئۈچۈن سىزنى قۇتلۇقلايمەن . قېنى ئېيتىڭچۇ ، بىر قىسىم ياشلىرىمىزغا ۋابادەك چاپلاشقان خروئېن خۇمارى ۋە خروئېن ئەتكەسچىلىكى ھەققىدە سېستېمىلىق قەلەم تەۋرىتىپ ، مۇشۇنداق بىر مۇكەممەل ئەسەرنى روياپقا چىقىرىشىڭىزغا نېمە سەۋەب بولدى ؟ جالالىدىن بەھرام : تارىخقا ، دەۋرگە سۈنئىي رەڭلەر بەرمەسلىكى بىلەن دەۋرنىڭ سەزگۈسى ، قۇلىقى ، كۆزى ۋە يۈرىكى بولۇشقا مۇناسىپ ساپ دىل ، ئىمانى پاكىز ، دىلى يورۇق يازغۇچى ھەر قانداق زامان ، شارائىت ۋە ئىجتىمائىي بوران - چاپقۇنلاردىمۇ ۋەتەننى ، خەلقىنى ، مىللىتىنى ھەم ئۇلارنىڭ تەقدىر - ئىقبالىنى ، ئۇلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بالايىئاپەتلەرنى ، دەھشەتلىك رىيازەتلەرنى قەلبىگە پۈكىدۇ . ئۇلار ئۈچۈن ئازابلىنىدۇ ، ئېچىنىدۇ ، قەلىمى ئارقىلىق خەيرخاھلىق قىلىدۇ ، توغرا يول كۆرسىتىدۇ . . .
ھەممىگە مەلۇم ، ئىسلاھات ھەم ئېچىۋېتىش تىنىق كۆل سۈيىدەك تۇرغان دەۋر مۇھىتىنى بىردىنلا داۋالغۇتۇپ ، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ، يۈكسەك ئىلىم - پەن ، زامانىۋېلىشىش ، يۇقىرى تېخنىكا ھەم بايلىققا يۈزلىنىشتەك مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇلۇغ ئېقىن ھەم يۈكسىلىش ، رىقابەتنى مەيدانغا كەلتۈردى . رىقابەتتىن ئىبارەت كۈچلۈك ئىسلاھات بورىنى زامانىمىز ۋە دەۋرىمىز ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەت ھەم پەيت ئاتا قىلدى ، مۆلچەرلىگۈسىز ئامەت ھەم بايلىق يوللىرىنى ئاچتى . بۇنىڭ ئەكىسچە ، بەزى دەۋرىي قاباھەتلەر بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ ئۆزىنىڭ زەھەر - زۇقۇملىرىنى ھە دەپ بازارغا سالدى . بۇ ئاپەت تۇرمۇش ۋە جەمئىيەت سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي روھىيەتتە زەئىپلەشكەن ساپاسىز ، بىلىمسىز بىر قىسىم ياشلىرىمىز ئۈچۈن گويا ئەنقانىڭ تۇخۇمىدەك تۇتىيا بىلىندى . خۇلاسە كالام شۇكى ، خروئېندىن ئېبارەت زەھەر گۈزەل ، پاك زېمىنىمىزنىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغىچە تاراپ باردى . دەۋرىي قاباھەتلەر رەزىل مەقسەتلەرگە يېتىش يولىدا شەھەر ، بازارلاردا ، ناھىيە ، يېزىلاردا ، ساختا يەككە ۋە كوللىكتىپ سائۇنا ، مېھمانخانا ، ياتاق ، مۇنچا ، ساتىراشخانا قۇرۇپ ، خروئېن ئۈچۈن كەڭ بازار مۇھىتى ياراتتى . زەھەرلىك چېكىملىك ، ئەيدىز ۋە باشقا جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئىپلاس يۇندا - مەرەزلىرى ياش قىز - يىگىتلىرىمىزنى دوزاخ ئەۋرەزلىرىگە تاشلىدى . 17 ياش بىلەن 30 ياش ئارلىقىدىكى بىر قىسىم يىگىت - قىزلىرىمىز بۇ ئاپەت تۈلەيلى گۈلدەك ئېچىلىۋاتقان ئۆمۈر بوستانىنى نابۇت قىلدى ، ھاياتىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلدى . خۇمارنىڭ ۋەھشىيتى بىلەن ئوغرىلىق ، بۇلاڭچىلىق ، قاتىللىق قىلىشتى ، ھەتتا ئاتا - ئانىسىنى ئۆلتۈرۈپ ، ئۇلارنىڭ ئازغىنە بىساتىنى << ئاق تۈتۈن >> گە دەسمىي قىلىشتى . خروئېندىن ئىبارەت بۇ << ئالۋاستى >> نىڭ زىيانكەشلىكى شۇ دەرىجىگە يەتتكى ، ئاجايىپ قىران يىگىتلىرىمىز ، بەرنا قىزلىرىمىز ئېسىلىپ ئۆلۈۋېلىش ماشىنا ئاستىغا ئۆزىنى ئېتىش ، كانىيىنى بوغۇزلاش ، سۇغا ئۆزىنى تاشلاپ تۈنجۇقۇپ ئۆلۈۋېلىش قاتارلىق ياراتقۇچىمۇ كەچۈرمەيدىغان مامات يوللىرىنى تاللىدى ، ھەتتا بەزى قىزلىرىمىز خۇمار ئازابىغا چىدىيالماي تىغ ئىشلىتىپ يۈز - كۆزلىرىنى قىيما - چىيما قىلىۋەتكەن پاجىئەلەرمۇ يۈز بەردى . مەن بالىلىرى موشۇنداق ئۆلگەن ئائىلىلەرنىڭ ئۆلۈم نامىزىغا ، نەزىرلىرىگە قاتناشتىم . بىراق ئاتا - ئانا ، تۇغقانلارنىڭ كۆزلىرىدە ياش ، چىرايىدا ھەسرەت - نادامەت ئىزلىرىنى كۆرەلمىدىم . . . قارىغاندا ئۇلار بالا قازادىن قۇتۇلۇپ ، ئارام تاپقاندەك قىلاتتى . . . بۇنداق مىساللارنىڭ سۆزلەپ تۈگىتەلمەيمىز . . . مانا بۇلار << ئامەت - ۋە ئاپەت >> رومانىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللار . سوئال : جالالىدىن ئاكا ، مەن تورداشلارنىڭ پاراڭلىرىدىن << ئەقىل تاپقان ئۇيغۇر پۇل تاپالمىدى ، پۇل تاپقان ئۇيغۇر ئەقىل تاپالمىدى >> دەيدىغان بىر نىسپىي ھۆكۈمنى ئاڭلىغانىدىم . رومانىڭىزنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن ، بۇ ھۆكۈمنىڭ خېلى ئاقىلانىلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلۈانلىقىنى ھېس قىلدىم . باش قەھرىمانىڭىز قەدىرداننىڭ بېشىغا قونغان ئامەت قۇشى ۋە ئۇ خروئېنغا خۇمار بولغاندىن كېيىن دۇچار بولغان ئازاپ - ئوقۇبەتلىك كەچۈرمىشلەر بۇ قاراشنىڭ نىشبەتەن توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى . سىزدىن سورىغۇم كېلىدۇ : رومانىڭىزغا قەلەم تەۋرىتىۋاتقان شۇ ئاي ، شۇ كۈنلەردە سىزدىمۇ موشۇنداقراق بىر ئىدىيە ھۆكۈمران ئورنىدا تۇرغانمۇ ؟ باش قەھرىمانىڭىز قەدىرداننى << پۇل تېپىپ ئەقىل تاپالمىغان >> بىر قىسىم ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنىڭ تىپىك ۋەكىلى دەپ چۈشەنسەك بولارمۇ ؟ جالالىدىن بەھرام : شەرىق ئەخلاق سىستېمىسىنىڭ ئىسلام ئەخلاق تۈركۈمىگە مەنسۇپ بولغان مىللىتىمىزنىڭ ئەخلاق - ئەھكاملىرىدا ئەزەلدىن << سودا - سېتىق ، تىجارەت ، ئېلىم - بېرىم ئىشلىرى پاك ، سەمىمىي ھەم ھالال بولسۇن >> دەيدىغان ئەنئەنىۋى ئەقىدە بار . شۇڭا ، كۆپلىگەن سودىگەرلەر ، تىجارەتچىلەر ھاراق - شاراپقا يولىمايدۇ ، تاماكا ، نەشە چەكمەيدۇ ، ناشايان سورۇنلارنى تەرك ئېتىدۇ . ياراتقۇچىدىن سودا - تىجارىتنىڭ بەرىكىتىنى بېرىشنى تىلەيدۇ . . . مانا بۇ ، ئۇلارنىڭ سودا تىجارەت يولىدا ئەقەللىي ئەقىل تاپقىنى . كونىلارنىڭ تىلى بىلەن ئېيىتقاندا << شەيتان >> دىن يىراق تۇرغىنى ، ئەلۋەتتە . ھازىر بىزدە باي بولغان ، روناق تاپقان ، يۈز تاپقان ياش ، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان سودىگەر ، تىجارەتچىلەر بار . ئەمما ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىككى پۇتى بىلەن يەرنى چىڭ دەسسەپ ، مەزمۇت قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەپ كېتىۋاتقانلىرى يەنىلا ئاز . ۋەيران بولۇۋاتقىنى خېلى سالماقنى ئىگىلەيدۇ . قوپالراق تىل بىلەن ئېيىتقاندا ، ئۇلار << ئىككى نان تاپسا ، بىرىنى داپ قىلىپ چالىدۇ >> غان ، << پايدىدىن ھوشىنى يوقىتىپ ، ئۆزىنى تەڭداشسىز چاغلايدۇ >> غان ، << پۇل تاپقانسىرى ئاشنا ئويناپ ، خوتۇن ئۈستىگە خوتۇن ئالىدۇ >> غان ، << بەزمە - مەشرەپ ، شەھۋەتخانىلاردا ئىمان - ئېتقادىنى بولغايدۇ >> غان << ئىسلام ئەخلاقىنىڭ مىزانى بولغان < ھايا > نى تەرك ئېتىدىغانلار >> دۇر . كونىلارنىڭ تىلى بىلەن ئېيىتقاندا ، << شەيتان >> نىڭ يېتىلىكىگە چۈشۈپ قالغان ئازغۇنلاردۇر . زادى << شەيتان >> كىم ؟ بۇ ئاشۇ روناق تېپىش كويىدا ھاسىراپ - ھۆمۈدەپ ، رەڭگارەڭ ئامال - چارىلەرنى قوغلىشىپ يۈرگەن سودىگەرنىڭ ۋۇجۇدىنى چىرمىۋالغان ئەقىلسىزلىكتۇر . سودىدىكى بىر ئوڭۇشسىزلىق بىز ئەقىلنىڭ يانغان چىرىغىدۇر . بىزنىڭ ئادەملىرىمىزدە زامانىۋىلاشقان سودا ئېڭى ، دەۋر رىقابىتىگە ماسلىشالايدىغان ئىلمىي سودا بىلىمى ، زىياننى پايدىغا يۈزلەندۇرەلەيدىغان قابىلىيەت ۋە ئىرادە ، ئۇسۇل - چارە ، سودا ھۇشيارلىقى قاتارلىق ئەقىل - پاراسەت كەمرەك . << ئامەت - ۋە ئاپەت >> رومانىمدىكى قەدىرداننى << پۇل تېپىپ ، ئەقىل تاپمىغان >> ، ھۇشيارلىق پاراسىتى كەم بىر قىسىم ئۇيغۇر سودىگەر ، تىجارەتچىلىرىمىزنىڭ ۋەكىلى دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ . . . سوئال : جالالىدىن ئاكا سىز يېڭى دەۋردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا خېلى چوڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ۋە تەسىرگە ئېرىشكەن يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ، دەۋر رېئاللىقىنى كەڭ تۈردە ئەكىس ئەتتۈرۈپ ، تۇرمۇش پۇرىقى كۈچلۈك ، زىددىيەت - توقۇنۇشلىرى كەسكىن ، پىرسۇناژلىرى ئۆزىگە خاس خاراكتىرگە ئىگە بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر رومانلارنى يېزىپ ، يېڭى دەۋردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ، جۈملىدىن ئۇنىڭ رومانچىلىق ساھەسىگگ گەۋدىلىك تۆھپىلەرنى قوشتىڭىز . << ئەمەلىيەتكە ، تۇرمۇشقا ، خەلق ئاممىسىغا يېقىن نولۇش >> يازغۇچىلار ئىجادىيەتتە رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك پرىنسىپ ، شۇنداقلا كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئارزۇسى . موشۇ پرىنسىپنى ئۆلچەم قىلىپ ، ئۆزىڭىزنىڭ ئىجادىيەت مۇئاددىئايىڭىزنى سۆزلەپ بىرەلەمسىز ؟ جالالىدىن بەھرام : يازغۇچىنىڭ دۇنيا قارىشى ئۇنىڭ ئەسىرىدە ئەكىس ئەتكەن ئىدىيىۋى مەزمۇننىڭ قەغەز يۈزىدىكى نامايەندىسىدۇر ، يەنى يازغۇچىنىڭ دۇنيا قارىشى ئۇنىڭ ھەرقانداق شەيئى توغرىسىدىكى پەلسەپىۋى قارىشى ، شۇنداقلا تۇرمۇش قارىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . رېئاللىق ئىچىدە ياشاۋاتقان يازغۇچى ئەنە شۇ رېئاللىقتىكى تۈرلۈك - تۈمەن ئادەم ، ۋەقە ، ھادىسە ، تراگىدىيە ، غەليانلىق تۇرمۇش دېتاللىرىنى جەملەپ ، ئۇنى سەنئەت دەرىجىسىگە كۆتۈرىدۇ ، پەلسەپىۋى يۈكسەك تاجىنى كىيدۈرىدۇ . تۇرمۇشنى مول تەسەۋۋۇر بىلەن غايىۋىلەشتۈرۈپ ، بەدىئىي ئىخچاملاشتۇرۇشتىن ئۆتكۈزىدۇ . . . قىسقىسى ، ئوبرازلىق تەپەككۇرنىڭ سىھرىي كۈچى بىلەن ئەقەللىي ۋە ھىسسىي گۈزەللىك بوستانىنى ئەھيا قىلىدۇ . پېرسوناژلىرىنى رەڭ بىلەن بىزەپ ئاجايىپ - غارايىپ مەبۇدقا ئايلاندۇرماي ، << ئادەم >> دەك يازىدۇ .
ھازىر بەزى يازغۇچىلىرىمىز رېئاللىققا توغرا مۇئامىلە قىلماي ، پېرسوناژ ۋە قەھرىمانلىرىنى << مەدھىيلىنىدىغان ئىجابىيلار >> ، << ئوتتۇردىكىلەر >> ، << نەپرەتكە لايىق ، قامچىلىنىدىغان سەلبىيلەر >> دېگەندەك نوقۇل ۋە قاتمال ئۈچ ھېسسىي بۆلەككە ئايرىيدۇ . ئامما مېنىڭچە ، ھازىرقى دۇنياۋى ئەدەبىيات ئېقىمى ۋە يۈزلىنىشگە نەزەر سالغىنىمىزدا ، ئەدەبىي ئەسەرلەردە پېرسوناژلارنىڭ بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ھەم پېرسوناژلارنڭ ئەڭ مۇرەككەپ ، نازۇك ۋە سىرلىق ئىچكى دۇنياسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش كۆپرەك تەكىتلىنىدۇ . بۇ ئەلۋەتتە ئەدەبىياتتىكى ئىككى ياقلىما خاراكتىېرىنى ئىپادىلەشنى كۆزدە تۇتىدۇ . ئەدەبىيات ئادەم شۇناسلىق پېنى ئىكەن ، ئۇنداقتا ئادەمنى ئادەمگە ئوخشىتىپ يېزىش كېرەك . ئادەم ئۈچۈن ئەڭ تەش ئىش پاك بولۇش . بىراق ھەرقانداق ئىنسساندا بىرەر بوقسان ، سەۋەنلىك ، كىشىلەر بىلمەيدىغان نومۇسلۇق ھەم گۇناھلىق ئىزتىراپلار بولۇشى تەبئىي . شۇڭا ، << يامان >> لارنىڭ بەزىدە ياخشى ئىشلارنى قىلىپ قويىشىغا ، << ياخشىلار >> لارنىڭ بەزىدە يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈشىگە ھەيران قېلىشقا ئەرزىمەيدۇ . ئادەملەرنىڭ ئەنە شۇنداق مۇرەككەپ ئىچكى دۇنياسىنى يېزىش ھەقىقىي ئەدەبىياتنىڭ ۋەزىپىسىدۇر .
ئۇكام ئۆركەش ، ئىجادىيەت يولۇم توغرىسىدىكى بۇ سوئالنى بەلكىم ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن سورىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن . شۇڭا ، مەن دانالارنىڭ مۇنى مىسرالىرىنى نەقىل ئېلىپ ، بۇ سوئالغا بېرىدىغان جاۋابىمنى ئاخىرلاشتۇراي : بولماسلىق كېرەك دوستلۇقتا ئۇنداق ،
ئىككى ئارىغا سىغمىغۇدەك مۇي .
دۈشمەنلىكمۇ ھەم بولمىغان ئۇنداق ،
ئالالمىغۇدەك مۇھەببەتتىن بۇي .
ئىككى تەرەپنى ئەيلىگەي رازى ،
بولسا ھەركىمدە مۆتىدىلرەك خۇي . . .
سوئال : جالالىدىن ئاكا ، << ئامەت - ۋە ئاپەت >> رومانىڭىزدا بىزگە تونۇشتۇرغان قەھرىمانلىرىڭىزنىڭ تەقدىرىنى تولىمۇ ئۇستىلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇردىڭىز . روماننى ئوقۇپ كېتىۋېتىپ ، مەن باش قەھرىمان قەدىرداننى ئۆلۈپ كېتىدۇ ، دەپ پەرەز قىلغانىدىم . لېكىم ، سىز ئۇنى خروئېن خۇمارىدىن ئازاد قىلىپ ، يېڭى ھاياتقا ، گۈزەل كېلەچەككە باشلاپ ماڭدىڭىز . ھۆسنارخان ، ئابابەكىرى ، ئەسئەت ئەرۋاھ ، زۇلئاي ، مېھرىبان ، ياقۇپ ھاجىم قاتارلىقلار ئىجابىي سەلبىي پېرسوناژلارنىڭ تەقدىرىنى ياھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇردىڭىز ، ھەتتا كۈتمىەەن يەردىن چىقىپ ، بىر بىر روماننىڭ باش قىسىمىدا غىل - پاللا تونۇشۇپ ئۆتۈپ كەتكەن مەدىنە قىزنىڭ تەقدىرى ھەققىدىمۇ باش قاتۇردىڭىز . ئەپسۇس ، قەدىرداننىڭ ئوغلى قەيسەرنى << رىزقى چېچىلغان >> يىراق شەھەرلەرگە سەرگەردانلىققا تاشلاپ قويدىڭىز ، قەيسەرنىڭ تەقدىرىنى مۇشۇنداق << يەڭگىلتەكلىك >> بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىڭىزدىكى مەقسىدىڭىز نېمە ؟ جالالىدىن بەھرام : بەزىدە << يازغۇچى ئەسەرنى باشلاپ بېرىدۇ ، پېرسوناژلار داۋاملاشتۇرىدۇ . . . >> دېگەن سۆزگە ئىشىنىپمۇ قالىمەن . دەرۋەقە يازغۇچى يوقىرى يېزىقچىلىق ماھارىتى ، پىشقان بەدىئىي دىتى ، مول تەسەۋۋۇر كۈچى ، گۈزەل تىل سەنئىتى ، شۇنداقلا ھاياجانلىق مۇھەببىتى بىلەن يېزىپ چىققان كەچمىش ۋە قىسمەتلەر قەغەز يۈزىدىكى تىزمىلار تۆۋىسى بولماي ، بەلكى ئاشۇ ۋەقە ، ھادىسلەر قايتا تەكرارلىنىۋاتقاندەك كىشىلەرنى ھاياجانغا سالىدۇ ، كۈلدۈرىدۇ ، يىغلىتىدۇ ، خياللار قاينىمىغا باشلايدۇ . . .
بۇنداق ئەسەرلەردىكى پېرسوناژلار ئاپتۇر بىلەن مۇڭدىشىدۇ ، تىللىشىدۇ ، ئۇرۇشىدۇ ، ھەتتا بەزىدە ئاپتۇرنىڭ سىزغان سىزىقلىرىنى رەت قىلىدۇ ، گېپىگە كىرمەيدۇ . << مېنى سەن ئوغرى قىلىپ ياراتقانىكەنسەن ، نېمە ئۈچۈن بىرەر قېتىممۇ ئوغرىلىققا سالمايسەن ؟ بۇنداق يازساڭ ، مەندەك ئوغرى ئوغرى بولماي قالىمەن >> دەپ يازغۇچىغا خىتاپ قىلىدۇ ( ھەتتا ئوقۇرمەن بىلەنمۇ تاكاللىشىدۇ ) . لېكىن ، ئۇكام ئۆركەش ، ھازىر نەشىر قىلىنىۋاتقان يىرىك ئەسەرلەر بەكلا كۆپ ( ئۇلارنىڭ قانداق يوللار بىلەن نەشىر قىلىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالمايمەن ) . بۇ ئەسەرلەردىكى پېرسوناژلار خۇددى بىر كوماندىرنىڭ << ئوڭغا بۇرۇل ، سولغا بۇرۇل ، قەدەملەپ مارش ! >> دەپ مەشىققە سېلىۋاتقان بىر توپ ئەسكەرلەردەك كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ . ئاپتۇر ھەربىرىگە مەلۇم ۋەزىپىنى ئارتىپ قويغان بۇ پېرسوناژلار شۇنچە تىپىرلاپ باققاندەك قىلىدۇ ، لېكىن ئاپتۇرنىڭ سىزىپ بەرگەن رامكىسىدىن چىكىپ كېتەلمەيدۇ . ئۇلار شۇنچە رايىش ، ياۋاش ، قۇلىقى يۇمشاقلاركى . . . ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالمايدۇ .
مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم ، راۋان ، زورۇقۇشتىن خالىي ، ئاڭ ياخشى يېزىلغان ئەسەرلەردىكى پۋرسوناژلارنىڭ كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالغۇدەك يارقىن ، ئىندىۋىدۇئال خاراكتىرىدۇر .
ئۇكام ئۆركەش ، سىز تىلغا ئالغان قەدىردان ، ھۆسنارخان ، ئابابەكرى ، ئەسئەت ئەرۋاھ ، زۇلئاي ، مېھرىبان ، ياقۇپ ھاجىم قاتارلىق ئىجابىي ۋە سەلبىي پېرسوناژلار زورۇقماي ، چىڭقالماي ، كۆڭۈل ئازادىلىكى بىلەن راۋاج تاپقان ، روماننىڭ تەبئىي ، ئەركىن ، چىن گۈل تاجىلىرى . ئۇلارنىڭ ئاخىرقى تەقدىر - قىسمەتلىرى ئۆز خاراكتېرىگە ماس ھالدا ئاخىرلىشىدۇ . بىرى ماتەنلىك ھاياتتىن ئورۇن ئالسا ، يەنە بىرى گۇندىخانىدىن ، ھەتتا لەھەتتىن ئورۇن تۇتىدۇ .
ئەمدى روماندىكى قەدىرداننىڭ ئوغلى توققۇز ياشلىق قەيسەرنىڭ << رىزقى چېچىلغان >> يىراق يوقاپ كېتىشى ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق پاجىئە بولدى . ئەسلىدىمۇ << قەيسەر >> رېئاللىقتىكى چىن ئىنسان بولۇپ ، ئۇنىڭ دادىسى ( قەدىردان ) ماڭا : << مۇشۇ رومان يېزىلسا ، بالام تېپىلىپ قالارمىكىن >> دېگەنىدى . رېئاللىقتىكى قەيسەر قاچتى ، قاچمىغان تەقدىردىمۇ مەن ئۇنى << قاچتى >> قىلىپ يېزىشىم ياكى << ئۆلتۈرۈۋېتىشىم >> مۇمكىن ئېدى . چۈنكى ، بۇ ئارقىلىق خروئېندىن ئىبارەت بۇ << ئالۋاستى >> نىڭ چوڭلارغىلا ئەمەس ، ھەتتا ئەۋلادلارغىمۇ كەلتۈرىۋاتقان ئاسارەتلىرىنى يېزىشنى بۇرچۇم دەپ بىلەتتىم . سوئال : سىز ئەسەرلىرىڭىزدە << رېئاللىىنى ، تۇرمۇشنى بەدىئىي ، ئەمما پەردارسىز سۈرەتلەشكە ، چىنلىقنى يېزىشقا >> تىرشتىڭىز . بۇ مەندىن سىزنى رېئالىزىملىق ئىجادىيەت يولىدا ماڭدى ، دەپ قارىساق بولامدۇ ؟ جالىدىن بەھرام : << رېئاللىقنى ، تۇرمۇشنى بەدىئىي ، ئەمما پەردازسىز سۈرەتلەش ، چىنلىقنى يېزىش >> مەسىلىسىنى تەكىتلەپ قالدىڭىز . مەنىۋى ئاچلىقتىن كۆرە ماددىي ئاچلىقنى ، مەنىۋىي يالىڭاچلىقتىن كۆرە ماددىي قۇللۇقنى ئازابنىڭ يۇقىرى پەللىسى دەپ قارايدىغان ھەم شۇنداق يازىدىغان ئەدىب بولۇشنى خالىمايمەن . قەلبىگە مىللەت ۋە خەلقنى ئابىدە قىلىپ تىكلىگەن ھەقىقىي يازغۇچى چىنلىققا ھۆرمەت قىلىپ ، ھەقىقەت ئالدىدا قىلچە تەۋرەنمەي ، خلق مۇھتاج بولغان ھەقىقىي سەنئىتىنى يارىتىدۇ . مېنىڭچە ، رېئالىزىملىق ئىجادىيەت مېتودى بادىئىي ئىجادىيەتتە يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە . بۇرۇن شۇنداق بولغان ، بۇنىڭدىن كىيىنمۇ شۇنداق بولىدۇ . ھازىرغىچە يازغان رومانلىرىمنى رېئالىزملىق ئىجادىيەت مېتودىنىڭ پرىنسىپلىرى بويىچە ياراتتىم . سوئال : جالالىدىن ئاكا ، سىزنىڭ رومانىڭىزدىكى قەدىردان ،مۇتتەرخان ، ھۆسنارخان قاتارلىق تىپىك ئوبزەرلار بىزنىڭ قەلبىمىزگە ھۆمۈردەك ئورناپ كەتكەن ئاجايىپ مۇكەممەل بەدىئىي ئونرازلاردۇر . مۇشۇ ئوبرازلارنى يارىتىشتىكى ئىجادىي ئەمگەكلىرىڭىزگە باغلاپ ، بەدىئىي ئوبراز يارىتىش ھەققىدە سۆزلەپ بەرسىڭىز قانداق ؟ جالالىدىن بەھرام : ھەممىگە مەلۇمكى ، ھەرقانداق روماننىڭ بەدىئىي ، ئىجتىمائىي قىممىتى ئۇنىڭدا تەسۋىرلىگەن پېرسوناژلار خاراكتىرىنىڭ چىنلىقى ۋە قايىل قىلارلىق تىپىكلىكىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ . مېنىڭ رومانىمدىكى مۇتتەئەرخان ، ھۆسنارخان قاتارلىق ئوبرازلارنىڭ كىشىلەر قەلبىگە << مۆھۈردەك ئورناپ كەتكەن >> مۇكەممەل بەدىئىي ئوبراز بولۇپ قېلىشى ئۇلارنىڭ ئىندىۋىدۇئال ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈشتىن ، شۇنداقلا رېئاللىقتىكى ئىش - ھەرىكىتى ، ھېس - تۇيغۇسى ، گەپ سۆزلىرى ، ئىما - ئىشارەتلىرىنىڭ بەدىئىي ئەدەبىياتقا ئوبرازلىق كۆچۈرۈلىشىدىن بولدى . ئۇلارنىڭ ئەستە قالغۇدەك ھايات پائالىيەتلىرى ، ئوقۇرمەن بىلەن ھەمپىكىر ، دوسىت ، بۇرادەر م سىزداش بولۇپ كېتىشى تاسادىپىي ئەھۋال ئەمەس ، بەلكى پېرسوناژلار نىڭ خاراكتىرى ، مىجەزى ، خاس ئالاھىدىلىكلىرى ئاپتۇرنىڭ ئىزاھاتىدىن ، باياناتىدىن ، تەسۋىرىدىن ( قىسمەن ھاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا ) بېرەلمەي ، ئۇلارنىڭ ئىش - ھەرىكىتى ، گەپ - سۆزلىرى ، شادلىق ۋە خاپىلىقلىرى ، ھېس - تۇيغۇلىرى ، خىياللىرى ئارقىلىق گەۋدىلەندى . يەنە بىر تەرەپتىن ، مەن بۇ پېرسوناژلارنىڭ بەزىلىرى بىلەن بىر نەچچە قېتىم ئەسىرا بولۇپ مۇڭداشتىم . سىرداشتىم . بەزىلىرىنى بولسا بالىلىق ۋاقتىمدىن تارتىپ بەش قولدەك بىلەتتىم ۋە چۈشىنەتتىم . بۇلارنىڭ ئىچىدە ھەتتا ئاتا - بالىدەك ، قېرىنداشتەك شۇ قەدەر يېقىن بولۇپ كەتكەن پېرسوناژلارمۇ بار ئېدى . مەن << ناتىۋانلار >> ، << ئامەت - ۋە ئاپەت >> رومانلىرىمنى يېزىش جەريانىدا ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ ، يازغانلىرىم ھەققىدە پىكىرلىشىپ تۇردۇم . شۇڭا ، ئوقۇرمەنلەر كۆڭلىگە << ھۆمۈردەك ئورناپ كەتكەن >> بۇ پېرسوناژلار مېنىڭمۇ بەدىئىي تەپەككۇرۇمغا ، دىل پىنھانلىرىمغا ، ھەتتا قەلىمىم سىياھلىرىغىچە سىڭىپ كەتكەن . سۆھبەتلەسكۈچى ① : << شىنجاڭ گېزىتى >> ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە ،
سۆھبەتنى قوبۇل قىلغۇچى : شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتىدىن ئارامغا چىققان .① ئۆركەش جاپپار
<جۇڭگو مىللەتلىرى> ژۇرنىلىنىڭ 2008-يىللىق 2- سانىدىن ئېلىندى.