| ||||||
xabnam شەبنەم تورى | ئەركىن ئابدۇللا چوڭ ھەجىملىك ناخشا كېچىلىگىبۇ تىمىنى qumqazi ئىلگىرلەتتى(2008-09-14)
ئەركىن ئابدۇللا چوڭ ھەجىملىك بالىلار ناخشا كېچىلىگى ___________________________________________________________________ 9-ئاينىڭ 19 -كۈنى خەۋىرى : ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﭼﻮﯓ ﻫﻪﺟﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻧﺎﺧﺸﺎ - ﺋﯘﺳﯘﻝ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﺩﻯ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﮔﯧﺘﺘﺎﺭ ﻣﺎﻫﯩﺮﻯ، ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ، ﻳﺎﺵ ﻛﻮﻣﭙﻮﺯﯨﺘﻮﺭ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﯩﻼ ﺗﻮﻧﯘﺷﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺭﺍ - ﺑﺎﺭﺍجوڭگۇ ﺋﯩﭽﻰ ﻫﻪﻡ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﻫﻨﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﺋﯚﺯ ﺗﺎﻻﻧﺘﯩﻨﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﺎﺧﺸﺎ - ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯧﻬﺮﻯ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﻮﻟﭙﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﺑﺎﯞﻟﻰ ﺳﺎﺭﯨﻴﯩﺪﺍ ﺑﯘ ﻳﺎﺵ ﺳﻪﺗﺌﻪﺗﻜﺎﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻮﯓ ﻫﻪﺟﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻧﺎﺧﺸﺎ - ﺋﯘﺳﯘﻝ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﻪﺯﻛﯜﺭ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺮﯨﻤﻰ شىنجاڭنىڭ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﭘﻪﺕ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. 18 - ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﭘﻪﻳﺸﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﺑﺎﯞﻟﻰ ﺳﺎﺭﯨﻴﯩﺪﺍ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮔﯧﺘﺘﺎﺭ ﺷﺎﻫﺰﺍﺩﯨﺴﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﻪﻫﻨﻪ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ " ﺭﻩﯕﺪﺍﺭ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ - ﭘﺎﻣﯩﺮ ﺋﯩﮕﯩﺰﻟﯩﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺭﯨﯟﺍﻳﯩﺘﻰ " ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﭼﻮﯓ ﻫﻪﺟﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻧﺎﺧﺸﺎ - ﺋﯘﺳﯘﻝ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﺒﯩﻨﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯜﺯ ﻛﯚﺭﯛﺷﺘﻰ. ﺑﯘ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻚ 21 - ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮﮔﯩﭽﻪ ﺗﯚﺕ ﻛﯜﻥ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﻳﺎﺵ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎﻧﺘﻼﺭ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ 41 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﻪﺯﻛﯜﺭ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺮﯨﻤﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ شىنجاڭدىكى ﺋﺎﭘﻪﺕ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﻧﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﻮﻳﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﻯ ﭘﺎﻣﯩﺮ ﺋﯩﮕﯩﺰﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ 12 ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ، ﺗﺎﺟﯩﻚ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﺑﻪﻙ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﻪﺭ ﺋﯚﻣﯩﻜﯩﺪﻩ، 5 ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ 14 ﻳﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻫﻪﻡ ﺯﯦﺮﻩﻙ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﺎﺭﺗﯩﺴﺘﻼﺭﻧﯩﯔ، ﭼﯜﭼﯜﻙ ﺗﯩﻠﻰ، ﻣﯘﯕﻠﯘﻕ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺧﯩﻞ ﺗﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﻧﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﻯ، ﺭﻩﯕﺪﺍﺭ، ﺋﻮﻣﺎﻕ، ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﺒﯩﻨﻼﺭﻧﻰ ﻫﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﻫﻪﻡ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ. ﻣﻪﺯﻛﯜﺭ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻜﻰ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻧﻮﻣﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻧﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﭼﯚﭼﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻲ ﻧﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﻯ، ﺋﻪﻟﻨﻪﻏﻤﯩﻠﻪﺭ، ﻳﯧﯖﻰ ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﻧﻪﻕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﺍ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﻫﻪﻡ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺧﻮﺭ، ﻧﺎﺧﺸﺎ - ﺋﯘﺳﯘﻝ ﻧﻮﻣﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ. ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺩﯨﻴﺎﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺭﻩﯕﺪﺍﺭ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻟﯩﺮﻯ ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ جوڭگۇنىڭ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﻗﺎﻧﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ، ﺧﻮﯕﻜﻮﯓ ﺳﯘﻣﺮﯗﻍ ﻗﺎﻧﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺧﻮﯕﻜﻮﯓ ﺳﯘﻣﺮﯗﻍ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﺴﻰ ﻳﯘﻩﻥ ﺳﯩﺸﻪﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻣﻪﺯﻛﯜﺭ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻧﻪﻕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺳﯘﻣﺮﯗﻍ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻐﺎ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻫﻪﻡ ﺳﻪﺑﯩﻲ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﭖ، ﺑﯘ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ - ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻫﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯨﻢ" ﺩﯦﮕﻪﻥ. ﻣﻪﺯﻛﯜﺭ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﻏﯘﭼﻰ ﺭﯦﮋﯨﺴﻮﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺷﻴﺎﯞ ﺷﻰ " ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺑﺎﻻ ﺋﺎﺭﺗﯩﺴﺘﻼﺭﻧﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﯩﻐﻤﯩﻐﯩﻤﯩﺰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺗﻪﺱ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﻣﭽﯩﻤﯘ - ﺗﺎﻣﭽﻪ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﻫﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ، ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯘﭼﻘﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﭼﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ " ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ. ﻣﻪﺯﻛﯜﺭ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻐﯘﭼﯩﺴﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﯞﻩ ﭘﺎﻣﯩﺮ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﯚﻣﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻻﺭﻏﺎ، ﺑﯘ ﺷﺎﻛﯩﭽﯩﻚ ﭼﻮﻟﭙﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﻣﻪﺷﯩﻖ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻫﻪﻡ ﺳﻪﯞﯨﺮﭼﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻫﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺳﯚﻳﯜﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ، ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺋﻮﻳﯘﻧﻨﯩﯔ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﺪﺍ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯚﻫﭙﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺯﻭﺭﻟﯘﻗﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﭖ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﺩﯨﻦ، ﺋﯚﺯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ، ﻧﺎﺧﺸﺎ - ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﮕﻪﻥ. ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺷﯩﭽﻪ، ﻣﻪﺯﻛﯜﺭ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻧﺎﺧﺸﺎ - ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺋﯚﻣﯩﻜﻰ ﺧﺎﻟﯩﺲ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻳﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﺮﯨﻤﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ شىنجاڭدىكىﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﻫﻪﻡ ﺋﺎﭘﻪﺕ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. _______________________________________________________________ شەبنەم تورى خەۋىرى : 9-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە ، ئەركىن ئابدۇللا مۇزىكا تەھرىرلىكى باشچىلىقىدىكى «رەڭدار قەشقەر - پامىر ئېگىزلىكى بالىلار چۆچىكى» چوڭ ھەجىملىك بالىلار ناخشا-ئۇسسۇل كېچىلىگى بېيجىڭ باۋلى چوڭ تىياتىرخانىسىدا تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرىشىدۇ . بۇ قېتىملىق ئويۇن ئەركىن ئابدۇللا باشىلىقىدىكى چوڭ ھەجىملىك ئويۇن بولۇپ ، شىنجاڭ مەدەنىيىتى تارىخىغا يېڭى بىر ئىز قالدۇرغۇسى ! بېيجىڭ ۋە ھەرقايسى جايلاردىكى ئەركىن مۇزىكىلىرى ياقتۇرىدىغان قېرىنداشلارنىڭ ئويۇن پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلىمىز ! بۇ قېتىملىق ناخشا كېچىلىكىگە شىنجاڭدىن يېتىلگەن مۇزىكانىتلار تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ ، مۇزىكانىتلار تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە : گېتتار : ئەركىن ئابدۇللا گېتتار : ئۆمەر قۇربان چاتما دۇمباق : لوچاۋۋىن باس گېتتار : جەۋلان جەسۇر ئېلىكتىرونلۇق رويال : ئەلشىر كېرىموف دۇمباق : نۇرمۇھەممەت ئەزىز چاڭ : قەيسەر ئوسمان تەمبۇر : مەھمۇد مەمەت نەي : ئەزىز ئابدۇمىجىت غېجەك : ئادىل ئابلىز ________________________________________________________ ئورنى : بېيجىڭ دۇڭچىڭ رايونى دۇڭجىمىن جەنۇبىي چوڭ كوچىسى 14-نومۇر بېلەت زاكاس قىلىش تېلفونى : 010-65065343 65065345 65001188 - 5126 / 5682 بۇ قېتىملىق ئويۇن كىرىمى پۈتۈنلەي جەنۇبىي شىنجاڭ ئاپەت رايونلىرىغا ئىئانە قىلىنىدۇ ! ئەركىن ئابدۇللا بىلەن شەبنەمدە سۆھبەتنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ : ./read.php?tid-57243.html رەڭدار قەشقەر ـ مۇخبېرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئەركىن ۋە مۇزىكانىتلار جىددىي رەپىتىس ئۈستىدە تەيۋەندىن قىلىنغان ئاۋاز تېخنىك خادىملىرى | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
al_zat خاككىر بىرلەشمىسى | ناھايتى ئەھمىيەتللىك ئىشقا تۇتۇش قىپسىز.....
پۈتۈن بىلەت كىرمىنى ئىئانە قىلسىڭىز نىمدىگەن خەيرىلىك كۆزۈمگە ئىسىق ياش كەلدى... ئەپسۇس بىر كۆرەلمىگدەكمىز... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
uygan928 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ھەقىقەتەنمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بۇلۇپتۇ ،
بىز مۇشۇنداق خەيىرلىك ئىشلارنىڭ كۆپرەك چىقىشىنى تۇلىمۇ ئۈمىد قىلىمىز بىز ئەركىن ئابدۇللانىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق ، خىزمەتلىرىگە نەتىجە ،ئائىلىسىگە چەكسىز بەخىتلەر تىلەيمىز . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tograh0997 | ئەركىن ئابدۇللارنىڭ پىلانى زورغۇ، مۇاپىقىيەت تىلەيمەن
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kumbah دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | بەك ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ.مۇۋاپىقيەتلىك بولشىنى تىلەيمەن.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
TarimDadxah ت.ئابدۇلئەزىز دادخاھ | مۇقامدىن بىرنى ئېيتىۋەتكەن بولسا - ھە ...
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
alparzanti دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئەركىن ئابدۇللا ھەقىقەتەن ياخشى ئىشقا تۇتۇش قىلىپتو
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
alkalip دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مۇۋاپىقىيەتلىك بولىشغا تىلەكداشمىز! تېخىمۇ تېرىشىڭ!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
sabiha bbs.xabnam | ناخشا كېچىلىگىنىڭ مۇۋاپىقيەتلىك چىقىشىغا تىلەكداشمەن!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
alim0012 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئاپىرىن!!!!!!!!ئەركىن ئەپەندىنىڭ ھىممىتىگە.
ئۆمەرنىڭ بۇ قېتىمقى كېچىلىككە قاتنىشىشى ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قۇيغاندەك يارىشىپتۇ. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
samat011 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئەركىن ئابدۇللانىڭ سەنئەت كېچىلىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.ئارلىق يېقىن بولغان بولسا چوقۇم باراتتىم.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ordihan دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئەركىن ئابدۇللانىڭ ناخشىللىرنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن . ئەپسۇس ئارلىق يىراق يول ئۇزۇن كىرا قىممەت.
ئۇيۇننىڭ مۇۋاپپىقيەتلىك ئۆتكۈزلىشگە تىلەكداشمەن | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
molla pok-pok شەبنەم تورى | نەق مەيدان لىنتىسى چىقارمۇ ھە ؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
艾斯卡尔 | ھەي شىنجاڭدا ئۆتكەزسىچۇ ،، بۇنى ،،،،
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ئۇيغۇرۇم007 كىسەل ئىملاچىلاردىن زىرىكتىم! | ئەركىن ئابدۇللا ئانا يۇرتى قاغىلىق ناھىيەسىدە سەنئەت كىچىلىكى ئۆتكۈزگەندىمۇ ، شۇ قىتىملىق بارلىق كىرىمنى قاغىلىقتىكى يىتىم بالىلار مەكتىپىگە ئىئانە قىلغان ، ئۇنىڭ بۇروھى ھەقىقەتەن ئالقىشلاشقا ئەرزىيدۇ ، بىز ئۇنىڭ تىخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىگە تىلەكداشمىز .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|