تالانتلىق رىياسەتچى نېغمەت بىلەن سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 8335ـ ئوقۇرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: «ئىخلاس»يىمەكلىك زاۋۇتى لېنتا كېسىش مۇراسىمى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
xabnam
شەبنەم تورى

ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى
دەرىجىسى :شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 442
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە442دانە
شۆھرەت: 505 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2616 سوم
تۆھپە: 1031 نۇمۇر
ياخشى باھا: 176 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :558(سائەت)
تىزىملاتقان :2005-02-12
ئاخىرقى :2008-09-15

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 «ئىخلاس»يىمەكلىك زاۋۇتى لېنتا كېسىش مۇراسىمى

بۇ تىمىنى Juda ئىلگىرلەتتى(2008-09-15)

 

«ئىخلاس»يىمەكلىك زاۋۇتى لېنتا كېسىش مۇراسىمى


مول-ھوسۇلغا تولغان ئالتۇن كۈز پەسلى ئەمدىلا باشلانغان ، 17-نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى تاشقى ئىقتىساد - سودا يەرمەنكىسىنىڭ ئىككىنجى كۈنى يەنى 2- سىنتەبىر ئۈرۈمچىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى خۇڭيەنچى 2- ئوت ئىلكتىر ئىستانسىسى يېنىدىكى «ئىخلاس» يىمەكلىك سانائەت زاۋۇتىدا ، مەزكۇر زاۋۇتنىڭ پۈتۈن لىنىيە بويىچە ئىشلەپچىقىرىشنى باشلاش ، لېنتا كېسىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى . زاۋۇت بىناسىنىڭ ئۆگىزىسىدە ياڭراۋاتقان ناغرا-سۇناي ئاۋازى مۇراسىمغا قاتنىشىشقا كەلگەن مۇتەخەسىس -ئالىملار ، ئۈرۈمچىدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ، ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر ، تۈركىيە سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ۋە «ئىخلاس» شىركىتىنىڭ ۋاكالەتچىلىرى ، ھەر ساھەدىن كەلگەن ئامما بولۇپ 1000 دىن ئارتۇق كىشىنى ئۆزىگە رام قىلىۋالدى . مۇراسىم مەيدانىغا ئېسىلغان لوزۇنكا ، پلاكات ، شارلار ، لەپىلدەپ تۇرغان ھەر خىل رەڭدىكى بايراقلار بۇ يەرنى بايرام تۈسىگە كىرگۈزگەن ئىدى . تۈركىيىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى كۇرشاد تۈزمېن ، ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نەيىم ياسىن ، ئاپتونۇم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت ھەسەن توختالى قاتارلىق رەھبەرلەر «ئىخلاس» شىركىتىنىڭ مەسئۇللىرى مۇراسىم سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغاندا ، ھەممەيلەن قىزغىن چاۋاك چېلىپ ، ئۇلارغا ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈشتى .
تەكلىپ بىلەن سۆزگە چىققان تۈركىيىنىڭ تاشقى سودا ، تاموژنا ، سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىگى ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت ئىشلىرى مېنىستىرى كۈرشاد تۈزمەن غۇلىچىنى كەڭ كېرىپ ، «ئىخلاس» شېركىتىنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ ، كۆكتە پەرۋاز قىلىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرگەندە ، مۇراسىم مەيدانىدا يەنە بىر قېتىم گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى .
ئىگىلىنىشچە ، كېڭەيتىپ قۇرۇلغان مەزكۇر «ئىخلاس» سانائەت بازىسىدا ، 5 چوڭ مۇستەقىل ئايرىم-ئايرىم زاۋۇت بولۇپ ، بۇلارنىڭ بىرىنجىسىدە ھەرخىل ئىخلاس فرىما ، ھەرخىل ئىخلاس قۇۋۋەت تولۇقلاش ئوزۇقلۇقلىرى ئىشلەپ چىقىرىلىدىكەن . ئىككىنجىسىدە ھەرخىل ئىخلاس شاكىلاتلىرى ۋە شاكىلاتلىق كەمپۈتلەر ئىشلەپ چىقىرىلىدىكەن . ئۈچىنجىسىدە ھەرخىل ئىخلاس گوفرەتلىرى ئىشلەپ چىقىرىلىدىكەن . تۆتىنجىسىدە ھەرخىل مىۋە تەملىك ئىخلاس كەمپۈتلىرى ئىشلەپ چىقىرىلىدىكەن . بەشىنجىسىدە ئىخلاس تۇخۇم تۈرمەللىرى ، ئىخلاس ئاي توقاچلىرى ئىشلەپ چىقىرىلىدىكەن .
«ئىخلاس» شىركىتىنىڭ ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى زاۋۇتىدا ئاۋالقىدەكلا ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ ، ئىخلاس پىرەنىكلىرى ئىخلاس كەمپۈتلىرىقاتارلىق مەھسۇلاتلار ئىشلەپ چىقىرىلىدىكەن.



ئىخلاس يىمەكلىك سانائەت زاۋۇتى چوڭ دارۋازىسى


ھەيۋەت قەد كۆتۈرگەن ئىخلاس يىمەكلىك سانائەت زاۋۇتى


مۇراسىمغا قاتناشقا مېھمانلار


ئاپتونۇم رايون رەھبەرلىرى مۇراسىمدا


رەھبەرلەر رەئىس سەھنىسىدە




ئىخلاس شېركىتىنىڭ باش دېرىكتورى - روزاخۇن ئاتۇش مۇراسىم نۇتىقى سۆزلىمەكتە


تۈركىيىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى كۇرشاد تۈزمەن ئەپەندىم ۋە ھەمراھلىرى ئىخلاس يىمەكلىك زاۋۇتىغا قەدەم تەشرىپ قىلماقتا


تۈركىيىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى كۇرشاد تۈزمەن ئەپەندىم مۇراسىم نۇتىقى سۆزلىمەكتە


ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ رەھبەرلىرى نۇتۇق سۆزلىمەكتە


ئىخلاس يىمەكلىك سانائەت زاۋۇتى لېنتا كېىسىش مۇراسىمى


ئاتاقلىق ناخشىچى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئىخلاس ناخشىسىنى ئورۇنلىماقتا






قىزغىن سەنئەت نومۇرلىرى مېھمانلار ھوزۇرىدا


تۈركىيە دۆلەت ئىشلىرى مېنىستىرى كۈرشاد تۈزمەن ئەپەندى ئىخلاس مەھسۇلاتلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرىنى زىيارەت قىلماقتا




مېھمانلار ۋە رەھبەرلەر زاۋۇتنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا


_______________________________________________________________

ئىخلاس يىمەكلىك سانائەت زاۋۇتى ئېچىلىش مۇراسىمى نۇتقى
ئىخلاس شىركىتى باش دېرىكتورى روزى ئاخۇن ئاتۇش ئەپەندى


ئەسسالامۇئەلەيكۇم، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مىنىستىرى، ھۆرمەتلىك كۈرشاد تۈزمەن ئەپەندىم،
ھۆرمەتلىك رەھبەرلەر، مىھمانلار، ئاخبارات ساھەسىدىكى دوستلار، ھەر ساھە قېرىنداشلار، جايلاردىكى ۋاكالەتچىلەر، ئىخلاس چوڭ ئائىلىمىزدىكى قەدىرلىك ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ياخشىمۇ سىلەر!
مانا بۈگۈن ئالتۇن كۈز پەسلىنىڭ بەرىكەتلىك كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، دۇنيا ئەھلى كۆز تىككەن بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشقان، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى خوشاللىققا چۆمگەن خاسىيەتلىك مىنوتلاردا،  بىزمۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە ھاياجانغا چۆمگەن ھالدا بىزنىڭ ئىخلاس چوڭ ئائىلىمىزنىڭ پەخرى بولغان ئىخلاس يىمەكلىك سانائىتى زاۋۇتىنىڭ كەڭرى مەيدانىغا جەم بولۇپ، ئىخلاس يىمەكلىك سانائىتى زاۋۇتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە قىران بۈركۈت ئۇنىۋېرسال بىناسىنىڭ ئۇل سېلىش مۇراسىمىغا ئىشتراك قىلىپ تۇرۇپتىمىز. مەن بۇ كاتتا ئىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئارلىقنى يىراق كۆرمەي، قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى ئاجرىتىپ بىزنىڭ بۇ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭلارغا ئىخلاس چوڭ ئائىلىمىزدىكى بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ۋاكالىتەن چوڭقۇر تەشەككۈرىمنى بىلدۈرىمەن، قىزغىن سالام يوللايمەن، قەدىمىڭلارغا مەرھابا!
ئىخلاس يىمەكلىك سانائىتى زاۋۇتىمىزنىڭ ئىچىلىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلىپ تۇرغىنىمىزدا، بىز كەينىمىزگە قاراپ ئىخلاس شىركىتىمىزنىڭ 8يىللىق تارىخى تەرەققىيات مۇساپىسىگە قارىغىنىمىزدا ئىخلاس شىركىتىمىز بېسىپ ئۆتكەن يوللار، قولغا كەلگەن نەتىجىلەر بىزنى سۆيۈندۈرمەي قالمايدۇ.
2000-يىلى ئىخلاس شىركىتىمىز قۇرۇلغاندا ئىمپورت ماللار ۋە تاللا بازىرى ئېچىش ئاساسى تىجارەت يۆلىنىشى ئىدى. شىركىتىمىز تۈركىيە ئۈلكەر گۇروھىنىڭ تۈرلۈك شاكىلات، كەمپۈت پىرەنىك، قەھۋە، ئىچىملىك قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنى كىرگۈزۈپ تاللا بازىرىمىز ئارقىلىق كەڭ ئىستمالچىلارنىڭ قىزغىن ئالقشىغا ئېرىشكەن ئىدۇق. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا شىركىتىمىز ئۆز مەھسۇلاتلىرىمىزنى ئىشلەشنىڭ زۆرۆرىيىتىنى ۋە شارائىتنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى كۆزدەتۇتۇپ ئىخلاس ماركىسى ئاستىدىكى ھەرخىل پىرەنىك، سۈت تالقىنى، شاكىلات، قۇۋۋەت تولۇقلاش ئوزۇقلۇقى قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىمىزنى ئىشلەپچىقاردۇق.
نۆۋەتتە شىركىتىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرى پىرەنىك، كەمپۈت، شاكىلات، قۇۋۋەت تولۇقلاش ئوزۇقلۇقلىرى، فرىما، تۇخۇم تۈرمىلى قاتارلىق بىر نەچچە چوڭ تۈر بويىچە ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ، مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ ئومومى تۈرى 200خىلدىن ئاشىدۇ. ئىخلاس مەھسۇلاتلىرى سۈپەت ئۆتكىلىنىڭ چىڭ تۇتۇلۇشى، خام ئەشيا ۋە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىگە يۇقىرى تەلەپ قويۇلىشى، ئىشلەپچىقىرىلغان زاۋۇت مۇھىتىنىڭ، ئوراپ –قاچىلاش مۇھىتىنىڭ پاكىز، بىخەتەر، ئىشەنچىلىك بولۇشى، سېخ ۋە ماشىنا، ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئالدىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق روھى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە ئامىللارنىڭ تۈرتكىسىدە ساپ، پاكىز، ئىشەنچىلىك، سۈپەتلىك بولۇش ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ناھايىتى زور كۆلەملىك خېرىدارلار قاتلىمىغا ئىگە بولۇپ، بۇ مەھسۇلاتلار ئۆز زاۋۇتىمىزدا سۈپەتكە يۇقىرى تەلەپ قويۇش ئاستىدا ئىشلەپچىقىرىلغاچقا ئىخلاس مەھسۇلاتلىرى داڭلىق، ئىناۋەتلىك، ئىشەنچىلىك مەھسۇلات سۈپىتىدە كەڭ ئىستىمالچى خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا، ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىشىغا ئېرىشتى. ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش جەھەتتە يۇقىرى ئۈنۈم ياراتتى. شۇنداقلا دۆلەتنىڭ سۈپەت-تېخنىكا تارماقلىرىنىڭ ئېتىراپنامىسى ۋە خىلمۇ-خىل شان-شەرەپلەرگە ئېرىشتى. ئىخلاس ماركىسى "شىنجاڭنىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى" ، ئىخلاس مەھسۇاتلىرى ئاپتونۇم رايونلۇق ئىستىمالچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن كەڭ خېرىدارلارغا " تەۋسىيە قىلىنغان مەھسۇلات " دىگەن نامغا ئېرىشتى.
ئىخلاس مەھسۇلاتلىرى 2003-يىللىق، 2004-يىللىق، 2005-يىللىق، 2006-يىللىق ئۈرۈمچى يەرمەنكىلىرىدە ئالتۇن مىدال ۋە كۈمۈش مىدالغا، 2007-يىللىق ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە ئەڭ كۈچلۈك رىقابەت كۈچىگە ئىگە مەھسۇلات دىگەن نامغا ئېرىشتى. مەملىكەتلىك سۈپەت-تېخنىكا ئىدارىسى تەرىپىدىن خەلقئارالىق سۈپەت ئۆلچىمىISO9001,2000 ئۆتكىلى، يىمەكلىك بىخەتەرلىكىHACCP ئۆتكىلىدىن ئۆتتى ۋە مەملىكەتلىك يېشىل يىمەكلىكلەرنى تەرەققى قىلدۇرۇش مەركىزى تەرىپىدىن "جۇڭگونىڭ يېشىل يىمەكلىكى" دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى.
ئىخلاس شىركىتىمىز ئاپتونۇم رايونلۇق پەن-تېخنىكا نازارىتى تەرىپىدىن "يۇقىرى پەن-تېخنىكا كارخانىسى"، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك نازارىتى يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن "يېزا ئىگىلىكنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانا "  ۋە دۆلەت مىللى ئىشلار ئىدارىسى تەرىپىدىن "ئاز سانلىق مىللەتلەر ئېھتىياجلىق بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان نۇقتىلىق كارخانا " دىگەن شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى. شۇنداقلا شىركىتىمىز ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، ئىمپورت-ئىكىسپورت ماللار تىجارىتى بىرلەشكەن چوڭ ئىقتىسادى گەۋدىگە ئايلاندى.
پارتىيە-ھۆكۈمىتىمىزنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە ھەممەيلەننىڭ قىزغىن، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىشلەش روھى ئاستىدا بىزنىڭ ئىخلاس شىركىتىمىز بارغانسېرى تەرەققى قىلىپ كەلدى. نۆۋەتتە بىزگە بىۋاستە قاراشلىق ئىشچى-خىزمەتچىمىز1000دىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە ئىشچى-خىزمەتچىلەر%70نى ئىگىلەيدۇ. نۆۋەتتە بىزنىڭ ئىككى زاۋۇتىمىز، ئىخلاس نامىدىكى  500 دىن ئارتۇق تاللا بازىرى، 40دىن ئارتۇق توپ تارقىتىش نۇقتىمىز بار بولۇپ، بۇئورۇنلاردا ۋاستىلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 10مىڭغا يېتىدۇ. نۆۋەتتە مەھسۇلاتلىرىمىز ئاپتونۇم رايونىمىز بازارلىرىدىن ھالقىپ ئىچكىرى ئۆلكە بازارلىرى ۋە چەتئەللەرگە ئېكىسپورت قىلىنماقتا.
بىز ھازىرقىدەك رىقابەت دەۋرىدە، ئۆزىمىزگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇپ، زاۋۇتىمىزنى كېڭەيتىپ قۇرۇشنىڭ زۆرۆرلىكىنى ھېس قىلدۇق ھەمدە 2005-يىلىدىن باشلاپ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە ئىشەنچ بىلەن زاۋۇت قۇرۇشقا كىرىشتۇق شۇنداقلا 2007-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە زاۋۇتىمىز پۈتۈپ دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا كىرىشتۈردۇق. بۇ زاۋۇتقا ئومومى سېلىنىدىغان مەبلەغ 50مىليون يۈەن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 25مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى. مانا ھازىر بۇ زاۋۇتىمىزنىڭ ئىشلەپچىقرىش لىنىيەسى پۈتۈپ رەسمى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ بولدى. ھازىر بۇ زاۋۇتتا ئىخلاس ماركىسى ئاستىدىكى ھەرخىل قۇۋۋەت تولۇقلاش ئوزۇقلۇقلىرى، ھەرخىل ئەتكەن چاي ھەمرىيى، شاكىلات، شاكىلاتلىق كەمپۈت، گوفرەت، تۇخۇم تۈرمىلى قاتارلىق 5تۈر، 100خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. زاۋۇتىمىزنىڭ ئومومى كۆلىمى 35 مىڭ كۋادرات مېتىر، ئەمەلى قۇرۇلۇش كۆلىمى28 مىڭ كۋادرات مېتىر ، ھازىرئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن سېخ 10 مىڭ كۋادرات مېتىر بولۇپ، 5 سېخ، 250نەپەر ئىشچى-خىزمەتچىمىز بار. بۇ زاۋۇتىمىزنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىشى شىركىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى بۈيۈك نامايەندە، ئەھمىيىتى زور كاتتا ئىش بولۇپ، بىز بۇ زاۋۇتىمىز ئارقىلىق سانائەتلىشىش قەدىمىمىزنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىپ خەلققە سۇنالايمىز ھەمدە بۇ سېخلارنىڭ يېنىغا يېڭى سېخلارنى قۇرۇپ يەنىمۇ كۆپلگەن مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا تىرىشىمىز، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى بارلىققا كەلتۈرەلەيمىز، تېخىمۇ كۆپ پايدا ۋە باج يارىتالايمىز، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ ئىختىساس ئىگىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرالايمىز، ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە چەتئەللەر، جۈملىدىن تۈركىيە ھەمدە جۇڭگودىن ئىبارەت دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ سودا ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرەلەيمىز! شىركىتىمىزنىڭ تىجارىتى تۈركىيە ۋە جۇڭگونىڭ دوستلىقى ۋە سودا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىنى ۋە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شىركىتىمىز تۈركىيە ئۈلكەر گۇروھى، ئەۋياپ گۇروھى ۋە باشقا ئورۇنلار بىلەن سودا قىلىۋاتقىنىغا 8يىل بولدى، بۇ جەرياندا ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا سودا ھەمكارلىقىمىز كۆڭۈلدىكىدەك بولماقتا،  بىز 2008-يىللىق ئىمپورت قىلىش سوممىسىنى 3مىليون دوللاردىن ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز.
شىركىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان مائارىپ، تەنتەربىيە، پاراۋانلىق، خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرى قاتارلىق ساھەلەرگە ياردەم قولىنى سۇنۇپ كەلدى،  ئاتۇش دېھقانلىرى ئۈچۈن زامانىۋى قۇدۇق كولاپ بەردى، 27كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئۆستەڭ ياسىتىپ بەردى، مارالبىشىدا يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندە 1000خالتا ئۇن قاتارلىق ماددى بۇيۇملارنى ياردەم قىلدى. سىچۈەندىكى يەر تەۋرەشكە 250مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ماددى بۇيۇم ۋە نەق پۇل ئىئانە قىلدى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا 100مىڭ يۈەن نەق پۇل، ئاتۇش لەنگەر باشلانغۇچ مەكتىپىگە 100مىڭ يۈەن نەق پۇل ئىئانە قىلدى ھەمدە خوتەن ناھىيىسى ئويشۇما كەنتىگە بىر ئىخلاس باشلانغۇچ مەكتىپى، قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسى قاقۇللا  كەنتىگە بىر ئىخلاس باشلانغۇچ مەكتىپى سېلىپ بەردى. شىركتىمىز يەنە شىنجاڭنىڭ  پۇتبولچىلىق ئىشلىرىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن قوللاپ 100مىڭ يۈەن نەق پۇل ۋە ماددى بۇيۇم ئىئانە قىلدى. شىركىتىمىز بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مائارىپ،  تەنتەربىيە، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرىنى داۋاملىق قوللايدۇ ۋە ياردەم بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.  
شۇڭا بىز بۇ نەتىجىلىرىمىزدىن پەخىرلىنىمىز، ئۆزىمىزنى بەختىيار چاغلايمىز! مەن يەنە بىر قېتىم كېڭەيتىپ قۇرۇلغان يېمەكلىك سانائەت زاۋۇتىمىزنىڭ بۈگۈنكىدەك كۆركەم، ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرىشىگە ياردەمدە بولغان پارتىيە ھۆكۈمەتكە، ھەرقايسى ئىدارە ئورگانلارغا، ھەردەرىجىلىك رەھبىرى يولداشلارغا ۋە بارلىق دوستلارغا، قېرىنداشلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن! شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ھەممىمىزنىڭ بىردەك تىرىشچانلىقى، قەلبىمىزگە چىڭ پۈكۈلگەن ئەقىدە-ئىخلاس روھى، مەسئۇلىيەتچانلىق روھىمىزلا بولىدىكەن، بىزنىڭ ئىخلاس يېمەكلىك سانائەت زاۋۇتىمىز، ئىخلاس شىركىتمىزنىڭ ھەربىر خىزمەتلىرى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ، قەلبىمىزدىكى ئەقىدە-ئىخلاس روھىلا بولىدىكەن، بىزگە تېخىمۇ كۆپ  شان-شەرەپلەر قۇچاق ئاچىدۇ! يېڭى-يېڭى زەپەر ئىشىكلىرى بىزگە مەرھابا دەپ ئېچىلىدۇ!!
كۆپچىلىككە رەھمەت! 
izlax.com
شەبنەم ئىللىق ئائىلىمىز ، بىز شەبنەمدە كۆكلەيمىز !
| ۋاقتى : 2008-09-08 18:49 [باش يازما]


 


Time now is:09-16 00:46, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation

互联网电子公告(BBS)服务资质