| |||||||
abdirim8589 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | شەبنەملىكلەر چوقۇم كۆرۇڭئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلەر ،مەن شەبنەم تورىغا كىرگەندىن بۇيان دوستلارنىڭ يازغان ماقالىلىرنى ئوقۇپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى چۇشىنىۋالدىم ،بولۇپمۇ مىللەت ،ئەرلەر -ئاياللار غا مەسلىھەت ،پەلسەپەۋى پىكىرلەر،بىز بىلمەيدىغان خەۋەرلەر نى ئوقۇدۇم ،بەزى نەرسىلەرنى ئوقۇپ چۇڭقۇر ئۇيغا پاتتىم ،بەزىدە ئىچىندىم ،بەزىدە كۆزۇمگە ياش كەپمۇ قالدى ،قىسقىسى تورغا چىقىپ شەبنەم مۇنبىرىگە ئەزا بولغىنىمغا ،تورغا چىقىپ ۋاقتىمنى قۇرۇق ئويان ئويناشقا بەرمەي مۇنازىرلەشكىنىمگە خوش بولدۇم .بۇ جەرياندا بەزى ئەھۋاللارنى كۆرۇپ سەل ئاچچىغىم كىلىپ قالدى ،نىمىگە دىسەڭلار بەزى تورداشلەر ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈنلام كىردىغان ئوخشايدۇ دەپ قالدىم ، تۇنۇگۇن بۇگۇن سىتاستىكا قىلىپ باقتىم: <<چوقۇم كۆرۇڭ >>.<<ناھايىتى قىززىق >>،<<ئاجايىپ -غارايىپ >>. <<ئاقكەن -كۆككەن >>.<<يۇمۇر >>.<<مۇنداق ئىشىنى كۆرگەنمۇ >>دىگەندەك تىمىلارنى كۆرگەنلەر ھەم ماس كەلمىسىمۇ ئىنكاس يازغانلار شۇنداق كۆپ،<<بىزنىڭ دوكتۇرىمىز >>،<<مىللىتىمىز ....>>،<<ئاياللىرىمىز ،ئەرلىرىمىز >>،<<پەلسەپەۋى پىكىرلەر >>،<<كۆمپىيۇتىرغا ئائىت ....>>دىگەندەك تىمىلارنى كۆرگەن ھەم ئىنكاس يازغانلار ئىنتايىن ئاز .
دوستلار ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۇزمەيلى ،تورغا چىقىشتىكى مەخسەت ۋاقىتنى ئوتكۇزۇش بولماي بىرەر نەرسىنى بىلىۋېلىش ،مۇنازىرلىشىش ،پايدىلىنىش بولسۇن . دوستلار ئاخىرىدا مەن تىمامنى قەستەنگە چوقۇم كۆرۇڭ دەپ يىزىپ دوستلارنىڭ كۆرگەندىن كىيىن تىمامنى توغرا چۇشىنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن . ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت ! ___ باشقۇرغۇچى : kisek تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-06-20
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
TarimDadxah ت.ئابدۇلئەزىز دادخاھ | مەن چوقۇم شۇنداق قىلىمەن ، كۆرمەي تۇرۇپ مۇنازىرىگە قاتناشقىلى بولمايدۇ ، تېمىنى قانچە كۆپ كۆرگەنسېرى شۇنچە مۇنازىرە قىلغۇسى كېلىدۇ !
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ئۇيغۇرئاي Wake Up Uighur | بەزى مۇنبەرداشلىرىمغا سەمىمىي تەكلىۋىم،ئۆتۈنۈشۈم ھەم ئاگاھلاندۇرۇشۇم،بۈگۈن بىر تورداش باشقا توربەتتىن تىمىدىن 10 دىن ئارتۇقنى كۆچۈرۈپ كەلدى، بۇ تىمىلار بەك ياخشى ،لىكىن ھەممىسى يوللىنىپ بولغان تىمىلار،،،،،،،،،،،،يا مەنبەسى يوق،،،،،،،،بولسا ئەجىر قىلىپ بىر خەت ئۇرۇپ بولسىمۇ ئۆزىڭىزنىڭكىنى يوللاڭ،،،،،،،يۈزىمىز ئازراق قىزارسۇن قىرىنداشلار،،،،،ئۆچۈرۈپ ئۈلگۈرۈپ بولالمايدىكەن ئادەم
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
uygurum007 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | مۇنبەردىكى بەزى ئەزالارغا كاللا قاتۇرۇش ئىغىر كىلەمدۇ ياكى كاللىسى ئىشلىمەمدۇ بۇنى ئۇقمىدىم . لىكىن ئادەمنى ئويلاندۇرمايدىغان ئىنكاس يىزىش ئاسان تىمىلار بىر تالاي ئىنكاسلار بىلەن توشۇپ كىتىدىكەن . ئادەمنى ئويلاندۇرىدىغان تەربىۋى ئەھمىيتى چوڭ تىمىلار تۆت بەش تال ئىنكاس بىلەنلا ئاياقلىشىدىكەن . زادى ئادەمنى ئويلاندۇرىدىغان تەربىۋى ئەھمىيتى چوڭ تىمىلارغا ئىنكاس يازمىساڭ بولمايدۇ دىمەكچى ئەمەسمەن . لىكىن كاللىمىزنى بەكرەك ئىشلىتەيلى . ھىچ بولمىغاندا تولۇق ئوقۇپ قويايلى .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
suzuk881 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | man xundak jliman.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
TANHA204 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | Quote:بۇ يازما3قەۋەتتىكىuygurum007نىڭ2008-06-20 15:22يوللىغان : شۇنى دەيمەن !!بەزى ئىنكاسلارنى كۆرسە ئادەمنىڭ قۇسقىسى كېلىدۇ !! | ||||
---|---|---|---|---|---|
kunduzay001 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ما گەپنى ئەجەپ ئۆزەمگە ئېپ كەتتىم مەن. مېنىڭچە مۇنبەرداشلانىڭ ھەممىسى قىزىقىش دائىرىسى ھەم ئېھتىياجىنىڭ ئوخشىماسلىقىغائاساسەن تېمىلارنى تاللاپ كۆرىدۇ.
ئىنكاس يېزىش مەسىلىسىگە كەلسەك، <قاغىمۇ بىلگىنىنى چىللايدۇ> دىگەن گەپ بار، دەسلەپتە بىلگىنىمىزنى ئاغىل-تاغىل چىللاپ تۇرىشىمىزغا ئاز-تولا يول قويساڭلار، كېيىنچە بىزمۇ «بۇلبۇل سۈپەت داڭلىق چولپان» لاردىن بوپ قالارمىز. مەن پەقەت ئويلىغىنىمنى دەپ قويدۇم، ھەرقانداق تەنقىدى پىكىرنى قوبۇل قىلىمەن. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
karwanoti | مۇنبەرگە ئىجادى تېمىلار كۆپىرەك يوللانسا ياخشى ، تېخى كۆچۈرۈپ ئەكەلگەن تېمىسىنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتمەيدىغان ئەزالىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس، ئەجىرنىڭ تىگى ئالتۇن !
| ||||
---|---|---|---|---|---|
abdirim8589 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | دوسلار مىنىڭ بۇ تىمىنى يوللىغىنىمنى توغرا چۇشىنىڭلەر ،مەن ھىچكىمنىڭ قىزىقىشىغا ياكى كورىشىنىى چەكلىمەكچى ئەمەسمەن ،مىنىڭ پەقەت ئويلىغىنىم دوسلار پەلسەپە تىمىسىدىكى ماقالىلەرنى كۆپىرەك كۆرۇپ ھازىر نۇرغۇن ئويلۇنىشقا تىگىشلىك ئىش بارلىقىنى بىلسۇن ،ئويلىنىپ باقسۇن ،ئىزدەنسۇن ،پىكىر قاتناشتۇرسۇن دىمەكچى .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
KYNAM دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ھەي ،دوستلار مەن مۇنبەرگە تـما يوللىماقچى ئىدىم ، قانداق يوللايدۇ؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
بايۋەتچە دەرىجىسى :تېما چولپىنى | Quote:بۇ يازما9قەۋەتتىكىKYNAMنىڭ2008-06-20 17:20يوللىغان : بولدىلا يۇللىماڭ ................ ئوھ .................................. | ||||
---|---|---|---|---|---|
دىلئۇز دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ئىشقىلىپ مىنىڭچە ھەممە ئادەمنىڭ ئويلىغنى ئوخشاش بولمىغاندىن كيىن كۆرىدىغان تىملارمۇ ئوخشاش بولمايدۇ-دە!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
BOOS دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەنمۇ چوقۇم شۇنداق قىلىمەن ، كۆرمەي تۇرۇپ مۇنازىرىگە قاتناشقىلى بولمايدۇ ، تېمىنى قانچە كۆپ كۆرگەنسېرى شۇنچە مۇنازىرە قىلغۇسى كېلىدۇ !
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
muhterem مۇختېرېم | مۇنبەردىكى ئەڭ <نامرات > بولغان <پەلسەپە ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيتى >دىگەن سەھىپىگە يوللىنىدىغان تىمىلارنىڭ ئازلىقى ، يوللانسىمۇ كۆرگەن ئادەمنىڭ تولۇق ئوقۇپ چىقمايلا < ياخشى يىزىپسىز > دىگەنگە ئوخشاش ئىنكاس يىزىپلا قويدىغانلىقى ، تۇزۇكرەك مۇنازىرە ئىلىپ بىرىلماسلىقى ، بىزنىڭ قىنىمىزغا سىڭىپ كەتكەن بىر گەپكە مۇجەسسەملەشتۇرۇشكە بولىدۇ !
( پەلسەپە سۆزلەپ قۇلىقىمنى ئاغرىتما ) مۇشۇ باھانىدا مەنمۇ بىر ئەسەرنى سىلەرگە تەۋسىيە قىلار ! تۇزۇك ئوقۇپ مۇنازىرە قىلىپ باقايلى ! تىمىنىڭ ئىسمى <ئاياللار > . ئىمزا رايۇنىدىكى <تەۋسىيە تىما . چىكىپ كىرىڭ ! > دىگەن خەتنى باسسىڭىز كىرىسىز ! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
dilpara0903 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئۇيغۇر ياشلىرى شۇنداقلا تورغا چىقالايدىغان زور بىر تۈركۈم تورداشلارنىڭ قىزقىشى ئاساسى جەھەتتىن شۇ قىزىۋاتقان خاراكتېردىكى تىمىلار بولسا كېرەك شۇڭا بەك بازارلىق بولىدۇ ، سىز ياكى مەن ياكى شەبنەم ئەپەندىمنىڭ بىرەر ئىككى ئېغىز سۆزلەپ دەلىل ئېيتىش بىلەن ئۆزگىرىپ قالمايدۇ ، ئەڭ ئاساسلىقى شۇ تورغا چىقىدىغان، شەبنەمگە كىرىدىغان تورچىلار قىزىقىشى شۇ نۇقتىدىن ھازىرقى پەلسەپە، مائارىپ دېگەندەك نۇقتىلارغا يۆتكەلسە ئاندىن شۇ تىمىلار بازار تاپىدۇ بولمىسا بەرىبىر .........
مەنىۋى دۇنيارىمىزنى شۇ ناخشا، يۇمۇر ، ئاقماس ئىككى توك توك ھاياجان گەپ بىلەن بېيىتىشتىن باشقا گەپ ئەمەس ......... مەنمۇ قىزىقمايمەن ئۆزەمنىڭ كەسپىدىن باشقا نىمىلەرگە ، كۈرۈپ قويىمەنۇ ھاياجانلىنىپ كەتمەيمەن، | ||||
---|---|---|---|---|---|
-mehman- دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | Quote:بۇ يازما3قەۋەتتىكىuygurum007نىڭ2008-06-20 15:22يوللىغان : نىجات ئەپەندى زادى ،مۇنبەر قايدىسنى ئۆزگەرتىپ ئىنكاسنىمۇ باشقۇرغۇچلار تەستقىدىن ئۆتمىسە چىقىمايدىغان قىلمىسا بۇلمايدغان يەرەە يەتتى بۇنداق ئىنكاسنىمۇ ،تۇلا قىپ كەتتۇق ئانداق مانداق دەپ . يەنە دىسەك يەنە شۇگەپ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
BAHADER0998 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇ مەزمۇنلار Hantangri.net دىن كەلگەن ، رۇخسەتسىز ئىشلەتمەڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت !
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|