| |||||||
muhterem مۇختېرېم | شەبنەم مۇكاپاتلىق پائالىيتىگە قاتنىشىڭ!ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم بارلىق قېرىنداشلار ! ئانا تىل يۈرەك تىل ،ئۇ بىر مىللەتنى دۇنياغا تونۇتىدۇ ۋە يوقىتىدۇ ، ئۇيغۇرلار بۇرۇندىن تارتىپ ئانا تىلغا ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن ، ئۆز تىلغا مۇكەممەل بولۇپ ھەم باشقا تىللارنى ناھايىتى ياخشى ئۆگىنىپ ئۆز ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزغان . لېكىن ھازىرقى جەمىيتىمىزگە نەزەر سالىدىغان بولساق ئانا تىلىنىڭ <بۇلغىنىشى > ئىنتايىن ئېغىر بولماقتا ، ئانا تىلىمىزنىڭ ساپلىقى كۈنسايىن تۆۋەنلىمەكتە . ھەم ئانا تىل قاتتىق خىرىسقا دۇچار بولماقتا . شۇ سەۋەپ شەبنەم مۇنبىرىدە ئانا تىلنى قەدىرلەش ، تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە گۇللەندۇرۇشنى مەزمۇن قىلغان ئەدەبىي ئەسەرلەرنى (ژانىرى چەكلەنمەيدۇ ) يېزىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدۇق ! پائالىيەت مەزگىلىدە <ئانا تىل > توغرىسىدىكى ماقالە ، نەسىر ، شېئىر ۋە ھەرخىل لاھىيە ئەسەرلىرى قوبۇل قىلىنىدۇ ! (ئەسكەرتىش : < ئەسەر چوقۇم ئۆز ئىجادىيتىڭىز بولىشى كېرەك ! > باشقا مۇنبەرگە ھەم گېزىت ژۇرناللارغا يوللانمىغان، ھەم يىڭى بولىشى شەرت ! ) ئەسەر قوبۇل قىلىش ۋاقتى ئىككى ئاي بولىدۇ ! يوللانغان ئەسەرلەر [ ئۆزىمىزگە نەزەر ] سەھىيپىسىگە يوللىنىشنى كېرەك ! باشقا ئەسەرلەردىن پەرقلىق بولىشى ئۇچۇن تېما ئالدىغا < مۇكاپاتلىق ئەسەر > دېگەن خەتنى خەتنى قوشۇپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن ! ئەسەر قوبۇل قىلىش ۋاقتى توشقاندىن كىيىن بارلىق تېمىلار ئوچۇق ئاشكارە باھالاشقا قويۇلىدۇ ھەم ئۈچ دەرىجىگە تۇرغۇزۇپ باھالىنىدۇ ! بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن ئەسەر : ئەسىرى نادىرلىنىدۇ ، بىر مېدال ، 20تۆھپە ، 20 ياخشى باھا بىرىلىدۇ ! <ئۆز يېنىمدىن > 100 يۈەن خەلق پۇلى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ ! ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن ئەسەر : ئەسىرى نادىرلىنىدۇ ، 15تۆھپە ، 15 ياخشى باھا بىرىلىدۇ ! <ئۆز يېنىمدىن > 50 يۈەن خەلق پۇلى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ ! ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن ئەسەر : ئەسىرى نادىرلىنىدۇ ، ، 10تۆھپە ، 10ياخشى باھا بىرىلىدۇ ! <ئۆز يېنىمدىن > 50 يۈەن خەلق پۇلى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ ! ئەسەر يوللىغاندا چوقۇم تىما ئالدىغا <مۇكاپاتلىق ئەسەر > دەپ قوشۇپ قويشىڭىز شەرت ھەم <ئۆزىمىزگە نەزەر > سەھىپىسىگە يوللانسۇن .باشقۇرغۇچىلارمۇ ئاشۇنداق تىمىنى تەستىقلىغاندا باھالاش ئىلىپ بارمىساڭلار ! ئانا تىل توغرىسىدا يېزىلغان ئەسەر بولغاندىن كىيىن ئىملا خاتالىققا ئالاھىدە ئېتىبار بىرشىمىز كېرەك ! ئانا تىلنى قوغداش مىللەتنى قوغدىغانلىق جۈملىدىن ئۆزىمىزنى قوغدىغانلىق! مۇكاپاتلىق ئەسەرلىرىڭلارنى 6.ئاينىڭ 15.كۈنىدىن باشلاپ يوللىساڭلار بولىدۇ ! 8. ئاينىڭ 15 كۇنى ئەسەر قوبۇل قىلىش ئاخىرلىشىدۇ ! يوللانغان ئەسەرلەر : ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا(مۇكاپاتقا قاتناشتۇرۇلغان ئەسەر) ./read.php?tid-60574.html نىمە قىلىسىز ئۇيغۇر تىلىم دەپ(مۇكاپاتلىق ئەسەر) ./read.php?tid-60543.html مۇكاپاتلىق ئەسەر:بىز ئۇيغۇر ./read.php?tid-60611.html ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تىلى يىغلايدۇ (مۇكاپاتلىق ئەسەر) ./read.php?tid-60702.html مۇكاپاتلىق ئەسەر] 加油 دىگەن سۆزنى ئۇيغۇرچىمۇ ؟ ./read.php?tid-60693.html شۇنداقمىدى ئەسلىدە بىزنىڭ تىلىمىز؟(مۇكاپاتلىق) ./read.php?tid-60781.html پەرمانىي ئالىي (مۇكاپاتلىق ئەسەر ) ./read.php?tid-60809.html مۇكاپاتلىق ئەسەر. جان تىلىم_ ئانامنىڭ تىلى ./read.php?tid-60857.html مۇكاپاتلىق ئەسەر) مەن ۋە كىلون ئادەم (I and clone) ./read.php?tid-60873.html (مۇكاپاتلىق ئەسەر) ئۇيغۇر تىلىمىز يوقالمايدۇ! ./read.php?tid-60975.html (مۇكاپاتلىق ئەسەر) مەيلىمۇ ./read.php?tid-60902.html ئوتتۇزئىككى ئۇيغۇرنىڭ جېنى(مۇكاپاتلىق ئەسەر) ./read.php?tid-61140.html | ||||
---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
muhterem مۇختېرېم | مىللەتنىڭ يوقۇلۇشى ئەڭ ئاۋال تىلدىن باشلىنىدۇ. بىز ئىشلەتكەن ئاتالغۇلارنى ئەڭ موھىمى ئۇيغۇر دىھقانلىرىمىز چۈشىنەلىسۇن، ئۇيغۇر دىھقانلار چۈشىنەلمىگەن تىلنى ئۇيغۇرنىڭ تىلى ديىىش نۇمۇس ! چۈنكى بىز تۈركلەر ئىچىدىكى دىھقان مىللەت، بىزنىڭ نوپۇسىمىزنىڭ %85 تى دىھقان، بىز ئاشۇ دىھقاندىن ئايرىلىپ قالساق ھىچنىمىسى قالمىغان غەيرىي ئىنسان توپىغا ئايلىنىپ قالىمىز، قىسقىسى يەرشارىدىن يوقۇلۇپ كىتىمىز ................ | ||||
---|---|---|---|---|---|
uyghurjan مۇنبەردە يوق؟؟؟ دەرىجىسى :شەبنەم باشقۇرغۇچى | مۇختېرىم ئەپەندىنىڭ بۇ پائالىيتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ...!!!
بۇ مۇكاپاتقا مەن ئۆز يىنىمدىن 200 يۇەن چېقىرىمەن . «دوللار ئەمەس خەلق پۇلى جۇمۇ» 1-دەرىجە : 100يۇەن _ تېمىسى نادىرلىنىدۇ ، بىر ئاي ھەممە سەھپىدە چوققىلىنىدۇ ، 20تۆھپە 20ياخشى باھا مۇكاپات بېرىلىدۇ ، مىنىڭ شەخسىي شەبنەم مۇنبەر پۇلۇمدىن 30 مىڭ شەبنەم پۇلى قوشۇپ بېرىلىدۇ . 2-دەرىجە: 50 يۇەن _ تېمىسى نادىرلىنىدۇ ، بىر ئاي ھەممە سەھپىدە چوققىلىنىدۇ ، 15تۆھپە 15ياخشى باھا مۇكاپات بېرىلىدۇ ، مېنىڭ شەخسىي شەبنەم مۇنبەر پۇلۇمدىن 20 مىڭ شەبنەم پۇلى قوشۇپ بېرىلىدۇ . 3-دەرىجە : 50 يۇەن _ تېمىسى نادىرلىنىدۇ ، بىر ئاي ھەممە سەھپىدە چوققىلىنىدۇ ، 10تۆھپە 10ياخشى باھا مۇكاپات بېرىلىدۇ ، مېنىڭ شەخسىي شەبنەم مۇنبەر پۇلۇمدىن 10 مىڭ شەبنەم پۇلى قوشۇپ بېرىلىدۇ . بۇ تېمىلارنىڭ باھالىنىشى دېموكراتىك ئېلىپ بىرىلىشى ئۈچۈن پۇتۇن شەبنەم ئەھلىگە ئورتاق ئاۋازغا قويىلىدۇ .!!! بولسا تورداشلار تېمىسىنى يوللاپ بولۇپ شۇ تېمىنىڭ مۇنبەردىكى ئادىرىسىنى ، تېما ماۋزۇسىنى مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇپ قويغان بولسا ، بۇ تېمىمۇ مۇنبەر يۈزىدە كۆپرەك تۇراتتى ...!!! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
aliali | ھە ! ئەمدى ئەسەر يوللايدىغان ۋاقتىم كەپتۇ
ئۇيغۇرجاندىن 100 سوم ، مۇختىرىم دىن 100 سوم جەمىي 200 سوم . مەن قەشقەرگە بارغاندا قولۇمغا نەخ ئالىمەنغۇ [ يوللىغانalialiتەرىپىدىن2008-06-11 07:19قايتا تەھرى ] | ||||
---|---|---|---|---|---|
MIRAS117 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | مىللەتكە كۆڭۈل بۆلگەنلىك ئۈزىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكتۇر.<<ئانا>>تىللىمىزنى ھازىرقىدەك شارائىتتا قۇغداپ ئاسرىشىمىز ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بۇلالمايدىغان ئۇرتاق مەجبۇرىتىمىز.<<ئانا>>تىلىمىز بۈگۈنكىدەك خىرىسقا دۇچ كىلىۋاتقان پەيىتتە بىزنىڭ بەھرامان يۈرىشىمىز بىز ئۈچۈن نۇمۇس!
ھەممىمىز بۇتىمىغا ئاكتىپلىق بىلەن ئاۋاز قۇشۇپ <<ئانا>>تىلىمىزنى قۇغداپ قىلىش ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۇھپىمىزنى قۇشۇپ بۇندىن كىيىنمۇ <<ئانا>>تىلىمىزنىڭ مەڭگۇ نۇر چىچىپ تۇرىشى ئۈچۈن تىرىشىدىغانلا بۇلساق بىز چۇقۇم كۆزلىگەن مەخسەتلىرىمىزگە يىتىشىمىز ئىنىق!! بىزنىڭ تەقدىرىمىز ، تەدبىرىمىزگە باغلىق،بىز ھەممىنى يىڭىدىن باشلاپ ئۆز ئارا بىرلىشىپ مىللىتىمىز ۋە دىيارىمىز ئۈچۈن مۆرىنى-مۆرىگە تىرەپ ئۈزىمىزنى قۇتۇلدۇرىشىمىز كىرەك!!!! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
~~KAQUR~~ | ياخشى ئىشكەن مەنمۇ قاتنىشىپ قوياي جۇما ۋاقتى قاچانغىچە شۇنى ئىنىق ئەسكەرتىپ قويغان بولساڭلار رەخمەت
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
AbdulQuddus | ۋا ئەلەيكۇم ئەسسالام !
ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم ! قىممەتلىك چاقىرىق - تەشەببۇسىڭىزنى قىزغىن قوللايمەن . ئەمما مېنىڭ يازغىنىم مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىسىمۇ (؟) ئىنشا اللە بۇ جەھەتتە قېرىنداشلىرىم بىلەن يەنە بىر قېتىم سىردىشىۋالىدىغان بولدۇم ، كۆپ رەھمەت ! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
karwanoti | بۇ دەل بىزنىڭ كۈتكىنىمىزدەك ئىش بولدى ، جاپا چېكىدىغان بولدۇڭلار !
| ||||
---|---|---|---|---|---|
abdirim8589 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | ياخشى پائالىيەتكەن ،مەنمۇ تەييارلىق قىلاي،بولسا داۋاملىق ،كۆپىرەك تەشكىللەپ تۇرۇڭلار
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
butterfly سودا توپى : 61116981 | تەشەككۇر ...
تورداشلارنىڭ سۇستلىق قىلماي ئەمەلىي قىزغىنلىقى بىلەن قاتنىشىشىنى ئۇمۇد قىلمەن . | ||||
---|---|---|---|---|---|
uqkun235 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئەسەر يازالمىساممۇ ، باھالاشقا بېلەت تاشلاش پائالىيىتىگە ئاكىتىپ قاتنىشىمەن .
| ||||
---|---|---|---|---|---|
ardawil0997 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەنمۇ قاتنىشىش ئۈچۇن كۇچ چىقىرۋاتىمەن !!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
mamkap_86 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇ ناھايىتى ياخشى ئىش بۇپتۇ . مەنمۇ قوللايمەن . ئاللا خالىسا مەنمۇ قاتنىشاي .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
mehrigiya | شۇنداق ئەھمىيەتلىك ئىشقا تۇتۇش قىپسىز ئىنىم ، ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بېرەر . ئەسىرىم نەتىجىگە ئېرىشەلمەي قالسىمۇ مەيلى ، مەن ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇمەن .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kuysoyar كۈيسۆيەر | Quote:引用楼主muhterem于2008-06-11 05:45发表的 شەبنەم مۇكاپاتلىق پائالىيتىگە قاتنىشىڭ! : باشقۇرغۇچىلاردىن بىرسىڭلار مىنىڭ ئىنكاسىمنى ئاۋۇ تېمىدىكى مەزمۇن بىلەن ئالماشتۇرۇپ قويساڭلار ، تېما ئىگىسى ئىملا خاتالىقىنى شۇنداق تەكىتلەپتۇيۇ ئۆزى دىققەت قىلماپتۇ . ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم بارلىق قېرىنداشلار ! ئانا تىل يۈرەك تىل ،ئۇ بىر مىللەتنى دۇنياغا تونۇتىدۇ ۋە يوقىتىدۇ ، ئۇيغۇرلار بۇرۇندىن تارتىپ ئانا تىلغا ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن ، ئۆز تىلغا مۇكەممەل بولۇپ ھەم باشقا تىللارنى ناھايىتى ياخشى ئۆگىنىپ ئۆز ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزغان . لېكىن ھازىرقى جەمىيتىمىزگە نەزەر سالىدىغان بولساق ئانا تىلىنىڭ <بۇلغىنىشى > ئىنتايىن ئېغىر بولماقتا ، ئانا تىلىمىزنىڭ ساپلىقى كۈنسايىن تۆۋەنلىمەكتە . ھەم ئانا تىل قاتتىق خىرىسقا دۇچار بولماقتا . شۇ سەۋەپ شەبنەم مۇنبىرىدە ئانا تىلنى قەدىرلەش ، تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە گۇللەندۇرۇشنى مەزمۇن قىلغان ئەدەبىي ئەسەرلەرنى (ژانىرى چەكلەنمەيدۇ ) يېزىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدۇق ! پائالىيەت مەزگىلىدە <ئانا تىل > توغرىسىدىكى ماقالە ، نەسىر ، شېئىر ۋە ھەرخىل لاھىيە ئەسەرلىرى قوبۇل قىلىنىدۇ ! (ئەسكەرتىش : < ئەسەر چوقۇم ئۆز ئىجادىيتىڭىز بولىشى كېرەك ! > باشقا مۇنبەرگە ھەم گېزىت ژۇرناللارغا يوللانمىغان بولىشى شەرت ! ) ئەسەر قوبۇل قىلىش ۋاقتى ئىككى ئاي بولىدۇ ! يوللانغان ئەسەرلەر [ ئۆزىمىزگە نەزەر ] سەھىيپىسىگە يوللىنىشنى كېرەك ! باشقا ئەسەرلەردىن پەرقلىق بولىشى ئۇچۇن تېما ئالدىغا < مۇكاپاتلىق ئەسەر > دېگەن خەتنى خەتنى قوشۇپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن ! ئەسەر قوبۇل قىلىش ۋاقتى توشقاندىن كىيىن بارلىق تېمىلار ئوچۇق ئاشكارە باھالاشقا قويۇلىدۇ ھەم ئۈچ دەرىجىگە تۇرغۇزۇپ باھالىنىدۇ ! بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن ئەسەر : ئەسىرى نادىرلىنىدۇ ، بىر مېدال ، 20تۆھپە ، 20 ياخشى باھا بىرىلىدۇ ! <ئۆز يېنىمدىن > 100 يۈەن خەلق پۇلى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ ! ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن ئەسەر : ئەسىرى نادىرلىنىدۇ ، 15تۆھپە ، 15 ياخشى باھا بىرىلىدۇ ! <ئۆز يېنىمدىن > 50 يۈەن خەلق پۇلى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ ! ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن ئەسەر : ئەسىرى نادىرلىنىدۇ ، ، 10تۆھپە ، 10ياخشى باھا بىرىلىدۇ ! <ئۆز يېنىمدىن > 50 يۈەن خەلق پۇلى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ ! ئانا تىل توغرىسىدا يېزىلغان ئەسەر بولغاندىن كىيىن ئىملا خاتالىققا ئالاھىدە ئېتىبار بىرشىمىز كېرەك ! مۇكاپاتلىق ئەسەرلىرىڭلارنى 6.ئاينىڭ 15.كۈنىدىن باشلاپ يوللىساڭلار بولىدۇ ! 8. ئاينىڭ 15 كۇنى ئەسەر قوبۇل قىلىش ئاخىرلىشىدۇ ! ئانا تىلنى قوغداش مىللەتنى قوغدىغانلىق جۈملىدىن ئۆزىمىزنى قوغدىغانلىق! | ||||
---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
Ark-zat ئەمەتجان مۇھەممەت | uyghurjan
مەنچە سىز موختېرىم ئورۇنلاشتۇرغان بۇ پائالىيەت تۈگىگەندىن كېيىن، كىيىنكى قەدەمدە ئورۇنلاشتۇرۇڭ،بولمىسا ئۇماش بولۇپ ئارلىشىپ كەتمىسۇن. موختېرىم ئەپەندىمنىڭ بۇ ئىشى ياخشى بولۇپتۇ،ئاكتىپ قاتنىشىمەن.رەھمەت سىلەرگە،بۇرۇن شەبنەمدە ئېلان قىلىنىپ بولغان ئانا تىل توغرىسىدىكى تىما بولسىمۇ بولامدۇ؟ | ||||
---|---|---|---|---|---|
sumbulqaqkiz دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەنمۇ بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىمەن،
| ||||
---|---|---|---|---|---|
uyghurjan مۇنبەردە يوق؟؟؟ دەرىجىسى :شەبنەم باشقۇرغۇچى | بۇ ياخشى پائالىيەت بولدى ، تورداشلارنىڭ قىزغىن ئاۋاز قوشىشىنى ئۈمىد قېلىمەن .
كىيىن يەنە ئورۇنلاشتۇرساق بولىدۇ ئەمەسمۇ ...؟! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
awaskar007 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | يۇقارقى مەزمۇنلارنى بىر قۇر ئوقۇپ چىقىپ ،شەبنەم تور مەسئۇللىرىنىڭ مىللى تىل -يىزىق ئىشلىرىغا ئىنتائىن كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقىىدىن ناھايىتى خۇرسەن بولدۇم .
ئالدىنقى يىللىق مائارىپ يورنىلىنىڭ بىر سانىدىن ئالى بىلىم يۇرتى شىنجاڭ ئۇنۋىرستىتى ئالدىدىكى بىرقانچەدۇككان ۋە ئاممىۋى سورۇن ۋىۋىسكىسىدىكى ئۇيغۇر يىزىقى ئىملا خاتالىقىغا ئائىت رەسىملىك ئوبزۇرنى كۆرۈپ بىرئاز تەئەججۈپلەنگەن ئىدىم . يىقىندا بىرقانچە يەردە بىرقانچە ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىمىزنىڭ << بىز ئۇرغۇي خەق دىگەننىڭ ..ئانداق....مانداق ...>> دەپ ئۆز مىللىتىنىڭ نامىنى توغرا ئاتىيالماي تۇرۇپ كىملەرنىڭدۇر ئۈستىدىن داتلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ سەل پىغانىم ئۆرلەپ ، كەڭ تورداشلىرىم بىلەن بىرلىكتە ئۆز مىللىتىنىڭ نامىنى تولۇق ، توغرا ئاتىيالمايدىغان قىرىنداشلىرىمىزغا تۆۋەندىكى شېئرنى يەتكۈزۇش لازىملىقىنى ھىس قىلدىم . بۇ تىمىنى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇش نىيىتىم يوق ، چۈنكى مەن بۇ شېئىرنىڭ ئەسلى ئاپتۇرى ئەمەس ، بۇ مىنىڭ بۇندىن 20 نەچچە يىل ئىلگىرى بىر قىتىملىق كۇرستا بىر ئوقۇتقۇچۇمنىڭ ئەيتىپ بەرگىنى ، بۇ شېئىر ماڭا ناھايىتى تەسىر قىلغان بولسا كىرەك ، ۋاقىت گەرچە شۇنچە ئۇزۇن بۇلسىمۇ ، ئەمما ھىلىھەم ھازىرقىدەكلا ئىسىمدە تۇرۇپتۇ .كەڭ تورداشلىرىم ۋە كەسىپداشلىرىمنىڭ بۇنداقلارغا دەل ۋاقتىدا سەمىمى ياردەم قولىنى سۇنىشىنى ئۈمۈت قىلىش يۈزسىدىن يوللاپ قويدۇم . تور مەسئۇللىرىنىڭ توغرا كۆرسە ، مۇۋاپىق پايدىلنىپ تەشۋىق قىلىشىنى سەمىمى ئۈمۈت قىلىمەن . شۇڭا بۇ مەزمۇننى ئىنكاس يوللاش ئورنىغا يوللاپ قويدۇم . ئۇرغۇي ئەمەس ئۇيغۇر مەيلى دەيتىم گەپمۇ قىلمايتىم ، قارچۇغىنى قۇرغۇي دىسىڭىز . كۈلۈپ كەتتىم غىدىقىم كىلىپ ، ئۇيغۇر تۇرۇپ ، ئۇرغۇيدىسىڭىز . سىزگە شۇنداق ئۈگەتكەنمىدى ، ئۇستازىڭىز ، ئاتا - ئانىڭىز . ناچارمىدى ياكى باشتىلا ، تىل دەرسىدىن ئىمتىھانىڭىز . ناچار بولسا ئۆزىڭىزدە گەپ ، ئارتماڭ ئۇنى مىللىتىمىزگە. ئۇيغۇر تىلى سۈكۈت قىلالماس ، ئۇرغۇي دىگەن ئىللىتىڭىزگە . | ||||
---|---|---|---|---|---|
bul`bul`naz دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ياخشى گەپ ،،، قىنى مەنمۇ تىرىشىپ باقاي،،، ئۇيغۇرجاننىڭ خەلىق پۇلىنى بىركۆرەي قىنى،،،،،
| ||||
---|---|---|---|---|---|