«دوزاخ بەندىسى»نىڭ ئۇلانما ئادرېسى:
./read.php?tid-53744-keyword-.htmlئۆ.س.ياشلىق
شۇنداق قىلىپ «دوزاخ بەندىسى»ئاخىرلاشتى،ھىمىت ھاياتىدا تۇنجى قېتىم سۆيگەن قىز ــ ئاينىسانىڭ قەبرىسى ئالدىدا مۇڭلانغان ھالدا قالدى.
مىنىڭدىكى تەسەۋۋرۇمدىكى «دوزاخ بەندىسى»ھىمىتنىڭ قەسىدىسى بۇنداق ئاياغلاشماسلىقى كېرەك ئىدى.
مىنىڭ ئەسەر باش پىرسوناژى ھىمىتنى بۇ ھالدا تاشلاپ قويغۇم يوق ئىدى،ئۇ سېلىم بىلەن بىرلىكتە يەنە بىر قاتار چوڭ ئىشلارنى قىلسا بولاتتى،ئەپسۇس....«زىمىستان كۈيى»نىڭ ئاپتورى ئابلىكىم ئابلىمىت تاغتېكىننىڭ ھىكايىدىكى زامان-ماكان ئۇقۇمىنى ئارىلاشتۇرۇۋەتكەنلىكى سەۋەبلىك ھىكايە مۇشۇ ھالدا توختىتىپ قۇيۇلۇشقا مەجبۇر بۇلۇندى.
«زىمىستان كۈيى»ھىكايىسىدىكى زامان-ماكان ئۇقۇمى
بۇ ھىكايىنى تەپسىلىيلىك بىلەن ئۇقۇغان كىشى مۇنداق بىر نۇقتىنى ھېس قىلالايدۇ،ھىكايىدىكى تەسۋىرلەر بىردە بىزنى 20-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يىللىرىغا باشلاپ قويىدۇ،گاھىدا ئازاتلىقتىن كىينكى چاغلارغا باشلاپ كېلىدۇ،ھىكايىدىكى ۋاقىت ئۇقۇمى ئېنىق ئەمەس.
ھىمىتنىڭ دادىسى ئەسلى بىر ئوۋچى،ئۇ خېلى يىللار ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ،كىيىن ھۆكۈمەتنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنىغا بىنائەن ئوۋچىلىقتىن قول ئۈزۈپ دېھقانچلىق قىلىشقا باشلايدۇ،دېھقانچىلىق قىلىش داۋامىدا سۇ تالىىشپ داۋۇت بەڭگى بىلەن سوۇقۇشپ قالىدۇ،بوزەك بولىدۇ...
نادىرخاننىڭ چوڭ ئوغلى كامال داۋۇت بەڭگىگە پوپوزا قىلىپ «سوتقا ئەرز قىلىدىغانلىقى»نى ئېيتىپ يۈرىدۇ.
ئەمدى شەھەردە ئەركىن ھالدا «يايلاپ»يۈرگەن شەھەر لۈكچىكى سېلىمنىڭ گوروھلىرى بىلەن شەھەردىكى كىىشلەردىن «قوغداش پۇلى»ئېلىپ يۈرىشىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟
كامالنىڭ «سوتقا ئەرز»قىلىمەن دېيىشى ھىكايە ۋەقەلىكىنى ئازاتلىقتىن كىيىن بولغان قاتارغا كىرگۈزىدۇئۇنىڭدىن ئىلگىرى دىيارىمىزدا «ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش»«سوتقا ئەرز قىلىش»قااتارلىق ئىشلار مەۋجۇتمىدى؟ سېلىمنىڭ «قوغداش پۇلى»ئېلىپ يۈرىشى ،ھىكايىنى ئازاتلىقتىن بۇرۇنقى ئىشلار دەۋرىگە باشلاپ قويىدۇ.
ئەگەر ھىكايىنى تاغتېكىن ئازاتلىقتىن بۇرۇنقى چاغلاردا يۈز بەرگەن قىلىپ يازغان بولسا،«دوزاخ بەندىسى»نىڭ ئاخىرى باشقىچە بولغان بولاتتى،مەن سېلىم قاتارلىقلارنى ھىمىت بىلەن ئۇچراشقاندىن كىيىن ئاستا-ئاستا «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى »نىڭ بىرەر ئۇچقۇنىغا ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ باقماقچى ئىدىم
ھىكايىىدكى ۋاقىت ئۇقۇمى مىنى بۇ خىيالدا مەھرۇم قىلدى،سېلىمنىڭ گوروھىنى تارقىتىۋېتىشكە،ھىمىتنى ئاينىسانىڭ قەبرىسى ئالدىغا تاشلاپ قۇيۇشقا مەجبۇر بولدۇم.
«زىمىستان كۈيى»نىڭ كەمچىلىكى ۋاقىت ئۇقۇمىدىن چەتنەپ كەتكەن،باشقا تەرەپلەردە ناھايىتى ئۇتۇقلۇق چىققان بىر نادىر ھىكايە.
مەن ئابلىكىم ئابلىمىت تاغتېكىننىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن!