![]() |
| ||||||||
| ئۇيغۇرا
| | |||||
|---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
| parwin
| نادىر تىمىڭىزنىڭ داۋامىنى كۈرۈشكە ئىنتىزارمەن.
تىمىڭىز نادىر تىما بوپ قالغۇسى. ئىڭەك يۆلەپ مۈگدەپ قالمايلى-ھە، | |||||
|---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
| gulqikiz
| ياخشى تىمىكەن. داۋامىنى تىزراق يوللارسىز!
| |||||
|---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
| SUKUT315
| ئۇلانما قىلىپ قويغان ئادىرىسىدىن، بۇ تىمىنىڭ قىسقىچە تۇنۇشتۇرشىنى كۆردۈم. بۇ تىمىنىمۇ تەپسىلى ئۇقۇپ چىقىتىم، ھەقىقەتەن ئسىل يېزىلغان ئەسەر ئىكەن.
داۋامىنى كۈتىمەن، ئويغۇرا ئەپەندى............................ | |||||
|---|---|---|---|---|---|---|
| nuraniya
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | تىمىڭىزنىڭ ئاخىرى قاچان چىقىدۇ ؟ ھېرىپ قالمىغايسىز.............
| |||||
|---|---|---|---|---|---|---|
| ئۇيغۇرا
| قەھرىتان قىشنىڭ ئاچچىق سۇغۇقى يارىلانغان سېلىمنىڭ يۈز-كۆزلىرىدىكى قان داغلىرىنى توڭلىتىۋەتكەنىدى.
ئىڭەكلىرى يارا ۋە ئىششىقتىن كۆكەرگەن سېلىم ئاتقا چاپلىشىپلا قالغانىدى. يولدا ئۇلارنى توسقان يۇچۇن كىشى ئۇلارنىڭ ئەندىشىنى كۈچەيتىۋەتكەنىدى،ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ھېلىقى بىر توپ يەجۈجى-مەجۈجىلەرنىڭ قوغلاپ چىقىپ كېلىشىنىمۇ يوق دېگىلى بولمايتى. ھىمىت يول تۇسۇپ ۋارقىرىشى بىلەن توپنىڭ ئەڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان ئاتلىق توختىدى،بۇنىڭغا ئەگىشىپلا توپنىڭ ئوتتۇرىسىدا مۇھاپىزەت ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن كېلىۋاتقان سلىم باشلىق كىشىلەرمۇ ئاتنى توختاتتى. ھىمىت سېلىمنىڭ بۇ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىنى ھەرگىزمۇ ئويلاپ باقمىغانىدى،سېلىمنىڭ ئالتە يىل ئاۋالقى كۆرگەن كىشلەرنى تىترەكۈدەك ئەلپازى بۈگۈن قالمىغانىدى.ئۇنىڭ ئاتقا ئاران چاپلىشىپ تۇرغان ھالىتىلا بۇ «ئەركىن دۇنيانىڭ قەھرىمانى»غا نىسبەتەن كىشىنىڭ ئىچىنى سىيرىلدۈرەتتى. ھىمىت سېلىمغا بولغان ئېچىنىش ھېسسياتىنى ئاران بېسىپ تۇرۇپ،تىترەڭگۈ ئاۋاز بىلەن:-سىلەر سېلىمنىڭ توپىدىكىلەرمۇ؟سېلىمغا نىمە بولدى؟،-دېدى. ئۇلار ھىمىتقا سوئال نەزىرى بىلەن قايتىدىن تىكىلىپ قارىدى،ۋە ئارىدىن بىرى:-سەن ئۆزۈڭ كىم؟بىزنى يولدىن قويما!گېپىڭ بولسا ئۇچۇق قىل!،-دېدى دېدى شەھەر يولىغا قاراپ قۇيۇپ دوق بىلەن. - ئالتە يىل ئىلگىرى ھېلىقى قورۇدا سېلىم بىلەن ئېلىشقان ھىمىت مەن بولىمەن!،-دېدى ھىمىت. ئاتقان چاپلىشىپ ئاران تۇرغان سېلىم بۇ گەپنى ئاڭلاپ تۇيۇقسىز ئاتتىن باشقىچە چاققانلىق بىلەن ئۆرە بۇلۇپ ھىمىتقا سىنچىلاپ قارىدى.توپىتىكلەر ناھايىتى چاققانلىق بىلەن سېلىمنى ئارىغا ئېلىپ ئالاھىدە مۇھاپىزەت قىلىش ھالىتىگە كىردى. سېلىم ئۇلارغا ئىشارەت بىلەن يولنى بوشاتقۇزۇپ ھېمىتنىڭ ئالدىدا ناھايىتى تەسلىكتە ئاتتىن چۈشۈپ خۇددى ئۇزۇن يىل كۆرۈشمىگەن قېرىندىشنى ئۇچراتقان كىشىدەك ئۇنىڭغا ئېسىلىپ بۇقۇلداپ يىغلىۋەتتى. شۇ تاپتا ھىمىتنىڭ يۈرىكىمۇ سېلىمنىڭ بۇ ھالىغا قاراپ ئېزىلىپ كەتمەكتە ئىدى. سېلىم بىر ھازا يىغلاپ ئىچىنى بوشىتىۋالغاندىن كىيىن ئاجىزلاشقان جىسىمىنى قېلىن يۇڭلۇق جۇۋىنىڭ ئىچىگە ئالدى. ھىمىت سېلىمنىڭ قانداق بۇلۇپ بۇ ھالغا چۈشۈپ قالغىنى سورىدى،سېلىمنىڭ ئېيتىشىچە ئالدىنقى كۈنى بولغان بىر جېدەلدە ئۇ ئۆزىگە ئۇزاقتىن بۇيان چىشىنى بىلەن كەلگەن دۈشمەنلىرىنىڭ چىشىغا تېگىپ قويغانىدى،ئۇلاردىن بىرنەچچىسى گۇرۇھلىرى بىلەنلا بىرلىشىپ بۈگۈن سەھەردە سۈت ئۇيقۇدا ياتقان سېلىمنىڭ تۇرالغۇسىغا بىراقلا كالتەك-توقماق بىلەن ھۇجۇم قىلىشقانىدى، ئۆزىنى ئوڭلاپ بولالمىغان سېلىم بىراقلا چېكىنىپ كۆپ بەدەل تۆلىگەننىڭ ئۈستىگە تاياق زەربىسىدىن مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالغاندا ئاران قېچىپ قۇتۇلغىنى،ئۇنىڭ بىر قىسىم ئادەملىرىنىڭ بەلكىم ھازىرمۇ مۇشتلىشپ قالغىنى ئېچنىپ تۇرۇپ يىغا ئارىلاش سۆزلەپ بەردى. ھىمىت ئۆزىنىڭ ئەينى يىللاردا دادىسنىڭ ئۆيدىن قوغلىۋېتىشى بىلەن شەھەردە «دوزاخ بەندىسى»بۇلۇپ يۈرگەن چاغلىرىدا دادىسنىڭ داۋۇت بەڭگە تەرىپىىدن بوزەك قىلىنغانلىقىنى شۇڭا ھىمىتنىڭ ئۆيىگە چىققان كۈنىلا داۋۇت بەڭگىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ قېچىپ كېتۋاتقانلىقنى،سېلىمنىڭ ھېلىقى سۆزى بويىچە سېلىمنى ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئىككلەيلەن قايتىدىن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈشتى. ھىمىت شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا سېلىمنىڭ توپىدىكى بىرسىنىڭ ئېتىغا مىنگىشىپ ئۇلار بىلەن بىللە مېڭىپ كەتتى. ....داۋامى بار [ يوللىغانئۇيغۇراتەرىپىدىن2008-04-28 14:36قايتا تەھر ] | |||||
|---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
| SUKUT315
| داۋاملىق، بارغانىسىرى قىزىقىپ قېلۋاتىمەن بۇ ھىكايىگە..............................
قېنى ئويغۇرا ئەپەندى، بىزنى ئۇزاق ساقلاتمىغايسىز..................... | |||||
|---|---|---|---|---|---|---|
| ئۇيغۇرا
| كەچۈرۈڭلار،ۋاقىت بىر ئاز قىس،داۋامىنى كەچتە يازاي!
توغرا چۈشىنەرسىلەر! | |||||
|---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
| sadam76
دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | تېز بۇلۇڭ ، ئۇسسىغان ئادەمگە سۇنى كۆرسىتىپ قۇيۇپ بەمىگەندەك ئش قىمماي !
![]() | ||||
|---|---|---|---|---|---|
| ئۇيغۇرا
| | |||||
|---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
| nidaislam.cn
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇنى سىز داۋاملىق يىزىۋاتامسىز ياكى بىرەر كىتاپتىن كۈچۈرۈپ يىزىۋاتامسىز .؟ داۋامى تۈگەپ كەتتما ئەمدى. ؟
| |||||
|---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
| yigana2
| تۈگىدىما؟
شۇنداق ياخشى مەزمۇن ئىكەنتۇق..... ئاخرى بولسا تىزىراق يازارسىز.... | ||||
|---|---|---|---|---|---|
![]() |
| xaxyigit2008
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئاخىرى قاچاندا چىقائەمدى ............بوپتۇ ساقلاي!!!!!!!!!
| |||||
|---|---|---|---|---|---|---|
| heniya
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | شائېر ئەپەندى ، سىز نى نەگە كەتتىكى دىسەم بۇيەردە ئىكەنسىزغۇ ، دوسىتلارنى تەقەززا قىلماي داۋامىنى تىزراق يوللاپ چىقشىڭىزغا تىلەكداشمەن.
| ||||
|---|---|---|---|---|---|
| SUKUT315
| ئويغۇرا ئەپەندى بۇدا قىتىمقى تىمىنىڭ ئاخىرىغا "داۋامى بار" دەپ ئەسكەرتىپ قويماپسىزغۇ؟
كىين ھىمىت سېلىم يوغانباش بىلەن كۈرۈشەمدۇ؟ يەنە قانداق ئىشلارنى تەۋىرىتدۇ؟................... | |||||
|---|---|---|---|---|---|---|
| alim0012
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | دىگىنىگە ئەمەل قىلمايدىغان موللىلاردىن،زىيالىيلاردىن ۋەدىسىدە تۇرىدىغان ساۋاتسىز لۇكچەكنىڭ ئېتىقادى كۆپ پاكىز
| ||||
|---|---|---|---|---|---|
| geni
دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | داۋامىغا تەشنامەن ،تېزراق بولسىڭىز.
| ||||
|---|---|---|---|---|---|
| otyurti2
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | | |||||
|---|---|---|---|---|---|---|
| KANHOR
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | راقمىت سىزگى ئۇيۇردان يوللاڭ
![]() | ||||
|---|---|---|---|---|---|
| aliali
دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | داۋامىنى ئوقۇغۇچە باش تەرپىنى ئۇنتۇلۇپ قالمىسام بولاتتى
![]() | ||||
|---|---|---|---|---|---|
















ـــــ «دوزاخ بەندىسى» ــــ ( ئۇيغۇرا )













