ئۇنتۇلغان ئانا 1
./read.php?tid-53844.html كۈرەش ئوتى ئىچىدە تاۋلانغان ئۇيغۇر پەرزەنتى ماناس ئالدىنقى سىپىدە ئوغۇلچە ياسىنىپ ، ئىسمىنى جامالدىنغا
ئۆزگەرتىپ ، رازۋېت قىلىشقا قاتناشتى . بىر قىتىملىق رازۋېت جەيرانىدا خائىننىڭ ساتقىنلىقى سەۋەبىدىن 7 نەپەر سەبدىشى بىلەن بىللە دوشمەن قولىغا چۈشۈپ قالغان << جامالدىن >> ئەكسىيەتچى قانخورلارنىڭ ھەر -خىل قاتتىق يۇمشاق نەيرەڭلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىپ ، قېيىن -قېستاقلارغا بەرداشلىق بەردى ، ھەربىي مەخپىيەتلىكنى ئاخىرغىچە جان تىكىپ قوغدىدى .ئىنقىلاۋى سەبداشلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن دۈشمەن ئۇۋىسىغا ئۇشتۇمتۇت زەربە بەرگەن مىللى ئارمىيە جەڭچىلىرى ساھىپجامالنى دۈشمەن سوراقخانە تورۇسقا ئېسىغلىق يېرىدىن پۇتۇن بەدىنى قانغا بويالغان نىمجان ھالەتتە تاپتى ۋە خائىننى تىرىك تۇتۇپ ، ئۇنىڭ تىگىشلىك جاجىسىنى بەردى .
1946-يىلى مىللى ئارمىيە باش شىتابى ئازادلق ئىشلىرىغا ئۆزىنى بىغىشلىغان بۇ تەلەپچان ياش ئىنقىلاپ جەيرانىدا سۇلماس گۈل-رىزۋانگۈلنىڭ شانلىق ئىزىنى بىسىپ كۆرسەتكەن تۆھپىلىرى ئۈچۈن <<ساداقەت >> ئوردىنى بىلەن مۇكاپاتلىدى .
مۇكاپاتلاش سەھنىسىدە ئوردىن بىلەن مۇكاپاتلىنىپ شەرەپ قۇچقان گەۋىرلىك بىر پېلىمۇچچىك يىگىتمۇ بار ئىدى . ساھىپجامال بۇ يىگىتنى ئاكوپ ئىچىدە قانغا بويۇلۇپ ياتقان يىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققان . ئۇلار نۇرغۇن جەڭلەردە مۈرىنى -مۈرىگە تىرەپ ھەمكارلىشىپ كۈرەش قىلىپ تىللاردا داستان بولغۇدەك قەھرىمانلىق تارىخنى يازغان ئىدى . ئورتاق غايە -ئورتاق تەقدىر بۇ ئىككى ياشنى مەڭگۈلىك بىرلەشتۇردى .....
بۇ پېلىمۇچچىك يىگىت بىردىن -بىر ھايات شاھىد ، قىرىغاندا ھەمرىيدىن ئايرىلىپ قالغان نادامەتلىك بوۋاي -جۇماخۇن ھوشۇرۇپ ئىدى .....
*******************************************************************************************************
1952-يىلى گېنرال ۋاڭ جىننىڭ بويرىقى بىلەن مىللى ئارمىيە جەڭچىلىرى ھەربى سەپتىن بوشۇتۇلۇپ ، بوز يەر ئېچىپ ئاشلىق تىرىشقا سەپەرۋەر قىلىندى .دولانيۇزدە < ئەخمەتجان قاسىمى > نامىدا ، چاپچالدا < ئابدۇكېرىم ئابباسۇۋ > نامىدا ، سۈيدۈڭدە < ئىسقاقبېك > نامىدا دېھقانچىلىق مەيدانلىرى قۇرۇلۇپ ھەربىيدىن بوشۇتۇلغان مىللى جەڭچىلەر تۈركۈم -تۈركۈملەپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى . ساھىپجامال يولدىشى جۇماخۇن ھوشۇرۇپ بىلەن بىللە ئىسھاقبېك نامىدىكى دېھانچىلىق مەيدانىنىڭ لوسىگوڭ تارمىقىغا ئورۇنلاشتى .ئۇستازىنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە پىشىپ يېتىلگەن ساھىپجامال بۇ يەردىمۇقۇمۇشلۇق -سازلىقلار بىلەن كۈرەش قىلىپ ئۇلارنى بوي سۇندۇردى ؛ ئۇ كەتمەن چىپىپ بوز يەر ئاچتى ، سوقا تۇتۇپ يەر ھەيدىدى ،سىيالكا بىلەن ئورۇق سالدى ،كېسەك قۇيۇپ قۇرلۇشقا قاتناشتى ......
1957 -يىلى بۇ ئانا تۇغۇت ئۇستىدە ئوپىراتسىيە قىلىندى .لېكىن ئوپىراتسىيە بولۇپ 8- كۈنى قورساقنى مەككەم باغلاپ ئەمگەك مەيدانىغا باردى . ئۇ جاپالىق ئىشلەۋاتقان تەقدىرداش سەبداشلىرىغا ئىسسىق چاي ،گۆشسىز بولسىمۇ تاماقلارنى تۇشۇپ ئاپىرىپ ئىللىقلىق يەتكۇزدى. ئەقىللىق ئانا جىسمانى ئەمگەكلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ ، قەدىمىي سازلىق -قۇمۇشلۇقلاردا يېڭىدىن يېزا قۇرۇشقا ھەسسە قۇشۇش بىلەن توختاپ قالماستىن يەنە ئاياللار خىزمىتىگە مەسئول بولۇپ ئىشلەپ ، ئۇلارنى يېرىم دۇنيالىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلىدى .دېھقانچىلىق مەيدانىدا تۇنجى بولۇپ بالىلار يەسلىسى ۋە بالىلار باغچىسى قۇرۇشنى ئىجاد قىلىپ كەلگۈسى ئەۋلاتلارنى تەربىيەلەشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى .
ھاياتىدا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى ئۇرۇش مەيدانىدا جان پىدالىق بىلەن كۈرەش قىلىپ قان ئاققۇزغان ھەم دېھقانچىلىق مەيدانلىرىدا زور غەيرەت بىلەن ئەرلەردىن قېلىشماي جاپالىق ئەمگەك قىلىپ تەر ئاققۇزغان بۇ قەھرىمان ئانا 2 نۆۋەت ئوپىراتسىيە قىلىنغانلىقى ئۈچۈن جىسمانى جەھەتتىن كۆپ ئاجىزلاپ كەتتى ۋە ئېغىر دەرىجىدە چارچاش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالدى . شۇڭلاشقا مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر ۋە سەبداشلىرى ئۇنىڭغا كۆيۈنۈپ دەم ئېلىشقا دالالەت قىلدى ،بىراق بوشاشماس قەيسەر جەڭچى قەتئىلىك بىلەن : << رىزۋانگۈل ھەدەمنىڭ روھى ماڭا مەدەتكار ،مەرھۇمە ئازاتلىق -ئەركىنلىك يولىدا ياش قېنىنى ئاققۇزدى .مەن ئۇنىڭ ئىزباسار سىڭلىسى تۇرۇپ جاپا- مۇشەققەتتىن قورقۇپ ، ئارام ئېلىشنى ئويلىسام بولمايدۇ .ھاياتلا بولىدىكەنمەن ، خەلقىم ئۈچۈن ئىشلەۋىرىمەن >> دەپ جاۋاپ بەردى .
ۋىجدانلىق قەيسەر ئانا قىلغان ۋەدىسىگە ئەمەل قىلدى . ئۇ ئەمگەك ۋە خىزمەتتە ئۈلگە يارتىپ << ئەمگەك ئىلغارى >> ، <<8- مارت قىزىل بايراقدارى >> ، << ئىلغار يەسلى قۇرغۇچىسى >> ۋە << نەمۇنىلىك ئانا >> مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشتى .قەھرىمانلىق تارىخى ، نەمۇنىلىك ئىش- ئىزلىرى << ئىلى گېزىتى >> دە ، كېيىن << شىنجاڭ ئاياللىرى >> ژورنىلىدا تۇنۇشتۇرۇلدى . ئاپتۇنۇم رايۇن رەھبەرلىرىمۇ ئالاھىدە كېلىپ ، بۇ يېڭىلمەس تەۋەرۈك ئانىدىن ھال سورىغان ، ماھىنۇر قاسىم ھەدىمۇ بۇ بىر جۇپ كونا ئىنقىلاپچىلارنىڭ نامرات تۇرمۇشىنى كۆرۈپ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىپ تۇرغان ئىدى .
* * * * * * *
مەن 1986- يىلى ھايات شەپقەت ھەمشىرىسىنى زىيارەت قىلىش مەقسىتىدە لوسىگوڭدىكى دۆڭمەھەللە كەنتىگە باردىم . كونىراپ كەتكەنلىگىدىن ھازىرلا ئۆرۇلۈپ چۈشىدىغان ئەلپازدا تۇرغان پاكار ھەم قاراقغۇ ئۆيدىن چاچلىرى ئۇپىدەك ئاقارغان 55 ياشلار چامىسىدىكى بۇغداي ئۆڭلۈك بىر ئايال چىقىپ مېنى قارشى ئالدى .ئۇ بىر پۇتىنى ئاياپراق دەسسەيدىكەن . مەن ھازىرقى كېسەللىك ۋە نامراتچىلىق ھالىدىن كەتكۇزۇپ جاپاكەش ئايالنىڭ ئوچۇق چىھرىگە سەپ سېلىپ قاراپ ، ئۇنىڭ ياش ۋاقلىرىدىكى تېتىك ئىرادىلىك جەسۈرلىقىنى كۆرگەندەك بولدۇم .چۈنكى بۇ دەل پولك قىزى پەخىرلىك مېھنەت ئىگىسى ساھىپجامال ئابدۇللامنىڭ ئۆزى ئىدى .
مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ ئالىيجاناپلىقىغا چوڭقۇر قايىل بولدۇم ،ئىپتىخار بىلەن سۆيۈندۈم: ئۇ ئۆزىنىڭ رىزۋانگۈل ھاشىم بىلەن بىللە ئۆتكەن جەڭگىۋار ھاياتىنى ۋە يۇقۇردىكى ئۆچمەس تارىخىنى بىردە يىغلاپ ، بىردە كۈلۈپ يۇرۇپ ئەسلەپ بەرگەن بولسىمۇ ، ھازىرقى نامرات تۇرمىشىدىن زادىلا زارلىنىپ باقمىدى . چۈنكى ئۇ ئېسىل ئىنسانىي پەزىلەت ۋە غورۇرنى قايناق ئىلى دولقۇنلىرىدا ئۆزلەشتۈرۈپ يېتىلدۇرگەن بولغاچقا ، شۇ پەزىلەت ۋە غورۇردىن كەلگەن تۆھپىلىرىنى سەۋرى-تاقەت بىلەن مۇشۇ مۇشەققەتلىك تۇرمۇش ئىچىدە داغ تەككۇزمەي ساقلىغان ئىدى . دېمەك ، ئۇ ئىسمى - جىسمىغا لايىق جەسۇر قەھرىمان ، ئىگىلمەس -سۇنماس غەيرەت بىلەن ئۆلۈمنى يەڭگەن نۇسرەت ئىگىسى بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەرىپلەشكە ، ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدىغان ئالىيجاناپ پەزىلەتلىك ، پەخىرلىك ۋە سۆيۈملۈك قىزى ئىدى ......
كۆڭلى ئالىيجاناپ ئادەملەر مۇشۇنداق بولىدۇ . ئۇلارئەخلاقنى، غورۇرنى ، پەزىلەتنى ۋە ۋىجداننى سېتىپ بايلىق ئالمايدۇ .
1994 -يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى پارتىلغانلىغىغا 50 يىل تولغان خاتىرە يىل . كۈنلەر گويا قۇدۇققا تاش چۇشۇپ كەتكەندەك جىمجىت سەھەر تۇرۇپ << قارا ئاتلىق مازار >> غا قاراپ كېتىپ بارىمەن .يول توپىلىق ، پۇتلىرىم ئېغىر .......
قەدىمىي قۇياش ئاسماننى قان رەڭدە بوياشقا باشلىغاندا شىۋاقلار ئارىسىدا قالغان موڭلۇق بىر تۇپراقنىڭ ئالدىدا يۈكۈندۈم . ئۇنىڭ ئاستىدا بىر ئايال 5 يىلدىن بېرى جىمجىت ياتاتتى. ئۇ ئۇنتۇلغان ئايال ئىدى ..........
مەن سۇكۇتتە ئۇزاق تۇرغاندىن كېيىن ئۆز -ئۆزەمگە ئاستا-ئاستا پىچىرلاشقا باشلىدىم : << سۆيۈملۈك ئانا ، ئاتەش باغرىڭىزنى مۇقەددەس تۇپراققا يېقىپ يېتىپسىز ، سىزنىڭ ئۈن-تۈنسىزلىك ئىچىدە يۇشۇرۇنغان بۈيۈكلىكىڭىز مۇشۇ تۇپراقتىن كەلگەن . شۇڭا سىزنىڭ ھالال تەرىڭىز ، ئىسسىق قېنىڭىز ھەتتا موبارەك جىسمىڭىز مۇشۇ تۇپراققا سىڭىپ كەتتى ...تۇپراق___ قەھرىماننى تۇغىدىغان ئانا ، پەخىرلىك قىز -ئوغلانلىرىنى يەنە قوينىغا ئالىدىغام جەننەت ماكان . سىز ئەشۇ ماكان -ئانا قوينىدا ھاياتسىز -- چۆنكى قەھرىمان ئۆلمەيدۇ ، شۇڭلاشقا روھىڭىز بىر بىلەن ھەمدەم .سىز ياشلىقىڭىزنى ،ھاياتىڭىزنى ئۇلۇغ ئىشلارغا بېغىشلاشنى بىلگەن دانا ئۇيغۇرنىڭ ئەۋلادىسىز . ئىزلىرىڭىز چىراق -ماياك بولۇپ ، يولىمىزغا نۇر چېچىپ تۇرۇپتۇ .
خىسلەتلىرىڭىزدىن سۆيۈنۈپ ھۇششەرە -ئاپىرىن ئوقۇغان ۋارىس -بۇغۇنلىرىڭىزدىن سىزگە ئالىي ئېھتىرام ، سىز خەلقىمنىڭ كۈلپەتلىك ھاياتىنى ئۆزگەرتىش يولىدا كۈرەش قىلغان ئۇلۇغ ئىنسانسىز ! ...........
تۇگىدى
**********************************************************************************************************
رىزۋانگۈل باشلىق 8 نەپەر كۈرەش قىزلىرى شەپقەت-ھەمشىرلىرىنىڭ بۇنىڭدىن يېرىم ئەسىر بۇرۇن < 1944-يىلى قىش مەزگىلىدە > بىرلىكتە چۈشكەن ئاخرقى سۈرىتى . 2-رەتنىڭ ئوتتۇرىسدىكى قارا قۇمچاق قىز دەل يۇقۇردا سۆزلەنگەن پولك قىزى ساھىپجامال ئابدۇللا . < سۇرەتنى تاپالمىدىن كەچۇرۇڭلار >
**********************************************************************************************************
سۇرەتتنى يوللاپ بەرگەن يىگانە 2 گە تەشەككۇر بىلدۇرىمەن
مەنبە- ئىلى دەرياسى
[ يوللىغان0999yurutتەرىپىدىن2008-04-29 12:09قايتا تە ]