سىز بۇ تېمىنىڭ 592ـ ئوقۇرمىنى
0999yurut
ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى :ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 31008
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1524
ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1524دانە
شۆھرەت: 1535 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 219 سوم
تۆھپە: 66 نۇمۇر
ياخشى باھا: 45 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :648(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-01-28
ئاخىرقى :2008-04-29

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 ئۇنتۇلغان ئايال

ئۇنتۇلغان ئايال

1931- يىلى 3-مارت كۈنى غۇلجا شەھەر ئۈچدارۋاز مەھەللە مەشرەپباي كوچىسىدىكى نامرات قول ھۆنەۋۋەر ئابدۇللا ئاكا ئائىلىسىدە بىر قىز پەرزەنت دۇنياغا كەلدى . غۇربەت تۇرمۇش دەستىدىن مىسكىنلىشىپ كەتكەن بۇ ئائىلىدىن شۇ كۈنى شادلىق ئاۋازلىرى ئاڭلاندى . ئاتا قىزىنىڭ  چىرايىغا چوڭقۇر  مېھرى بىلەن تىكىلىپ چەكسىز خۇشال بولۇپ كەتتى  - دە ، چىرايلىق بوۋىقىغا << سايىپجامال >> دېگەن مۇبارەك ئىسىمنى قويدى . سايىپجامال بۇ ئائىلىنىڭ خۇشاللىق كۈلكىسى ، ئۈمىد چىرىقى ئىدى .شۇڭا ئۇنىڭغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ ، ئىمكانىيەت يار بەرمىسىمۇ كىچىككىنە سايىپجامالنىڭ ساغلام -ئەركىن چوڭ بولىشىغا قىسمەن شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن تىرىشتى ، تىرماشتى ،مۇشەققەتلىك ھايات بىلەن ئېلىشتى . شۇنداق قىلىپ 1940 -يىلىغا كەلگەندە 9 ياشلىق سايىپجامال << ئۈمىد >> مەكتىۋىگە كىرىپ ئوقۇش شارائىتىگە مىڭ بالالىقتا ئېرىشەلىدى .
بۇنىڭ بىلەن سەبىي كۆزلىرىدىن ئاجايىپ بىر ئۈمىدنىڭ نۇرلىرى چاقناپ تۇرغان مەسۈمە قىزنىڭ ئارزۇسىدىكى يېڭى ھاياتى باشلاندى . ئۇ رىزۋانگۈل ھاشىم قاتارلىق ئىلغار ئىدىيەگە ئىگە مۇئەللىمەلەرنىڭ تەربىيىسىدە ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈپ ئوقۇپ ، ئۆزىنىڭ تېتىك ،چىچەن ،ئىرادىلىك قىز ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلدى .
غايىلىك ئوقۇغۇچى سايىپجامال ئەمدىلا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان يىلى غۇلجىدا گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي، مىللىي زۇلمىغا قارشى مىللى ئىنقىلاپ پارتىلدى .
1944-يىلى 11-ئايدا 13 ياشلىق ساھىپجامال مېھرىبان ئۇستازى ، تەلەپچان ھەدىسى رىزۋانگۈلگە ئەگىشىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن مىللى ئارمىيە 1- پولىك 2- باتالىئۇنغا ھەمشىرە بولۇپ كىردى -دە ، ئۆزىنىڭ يەنە بىر يېڭى جەڭگىۋار ھاياتىنى باشلىۋەتتى . كىچىك بولىشىغا قارىماي ،جىگەرلىك- تېتىك ، ئىرادىلىك -جەسۇر ، ئەقىللىق -چىچەنلىكى بىلەن چوڭلارنىڭ مەسلىكىنى كەلتۇرىدىغان بۇ قارامۇتۇق قىزغا جەڭچى -كوماندىرلارنىڭ بارلىقى ئامراقلىق قىلىپ <<پولك قىزى >> دەپ ئىسىم قويىشۋالغاندى .
1944-يىلنىڭ كىرىشى بىلەن ئىلى ۋادىسىدا سوغۇق قاتتىق بولدى . لياڭشىياڭ فىرۇنتىدىكى شىددەتلىك ئۇرۇش ئىچىدە يارىدار بولغان جەڭچىلەرنى جىددى قۇتقۇزىۋاتقان سايىپجامال يېقىنلا بىر يەردىن ئېچىنىشلىق ۋاقىرغان ئاۋازنى ئاڭلاپ ،قورماش قورىغاندەك ئېتىلىپ ئەجەل چىللاپ بېشىنىڭ ئۈستىدىن -قۇلاق تۈۋىدىن ۋىژىلداپ ئۆتىۋاتقان مۆلدۈردەك ئوقلارغا پەرۋا قىلماي ، ئاۋاز چىقىۋاتقان تەرەپكە جان كەچتىلىك بىلەن ئۆمىلەپ باردى .
ئاپلا..... يەنە بىر ھەمشىرە ياتىدىغۇ !؟ ئۇنىڭ ياش كۆكسىدىن بولدۇقلاپ قان چىقىۋاتىدۇ، ھەمشىرىنىڭ گۈلدەك چىرايى قاردەك ئاقىرىپ كېتىپتۇ .... بۇ يەنە كىم بولغىيتى ؟...
ئاھ !.... قەدىرلىك ئۇستازى رىزۋانگۈل ئىكەن  !....
__ گۈل ھەدە ...كۆزۈمنى ئاچقان ئۇستازىم ....سىزنىڭ ئورنىڭىزدا مەن ...._ ، سايىپجامال سۆزلىيەلمەي قالدى . ئۇ ئىچ-ئىچىدىن ئۆرتىنىپ مۇئەللىمەسىنى چىڭ قۇچاقلىغان پېتى ئۇنى مۇزدەك مەڭزىگە ياقتى . قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن پولك قىزىنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ئەمدىلا 18 ياشقا تولغان رىزۋانگۈلنىڭ ئاخىرقى غەيرىتىنى يىغىپ تۇرۇپ قىلغان پىچىرلاشلىرى ئاڭلاندى :
ياق ...يىغلىماڭ سىڭلىم ...بۇ ...بۇ يىغلايدىغان ۋاقىت ئەمەس ...پۇرسەت بەرمەي .... دوشمەننى يۇقۇتۇڭلار ...بىز ..بىز ھايات....كېيىنكى ئەۋلاتلار بىزنى ئەسلەيدۇ...قايغۇرماڭ...باتۇرلارچە ياشاڭ ...
ئاپپاق قار ئۇستىدە مېھرىبان ھەدىسىنىڭ بارغانسېرى سوۋۇپ كېتىۋاتقان غۇنچە بەدىنىگە ئۆز تېنىدىكى بارچە ھارارىتىنى بېغىشلاۋاتقان سايىپجامالنىڭ كۆز ئالدىدا قىپقىزىل گۈللەر ئېچىلىپ كەتكەندەك بولدى . ئەزىز يۇپراق ئاپپاق قارلىرق بىلەن يۇمشاق چۈشەككە ئوخشاپ قالدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە توزىماس قىزىلگۈل بۆككىدە پورەكلەپ قار لەيلىسىدەك مەزمۇت تۇراتتى ... ئەنە تەڭرى تېغى كەبى ھەيۋەتلىك قارىغاي ، ئەبەدى يېقىلماس بۇ تەبىئى ئابىدە ۋەتەننىڭ ئوغۇل -قىزلىرىغا سۇنماس روھ ،مەردانە قىياپەت بەخىش ئېتىپ ئىرادە ، ئىشەنچ ، ئۈمىدنىڭ يۇغۇرۇلمىسىدىن كەلگەن ئاداققى غورۇر بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا ...
قاتتىق چىشلىۋېتىلگەنلىكتىن ئېتىلىپ چەققان قان قىرتاق ياش بىلەن قوشۇلۇپ مەلھەم بولغان چاك-چاك يېرىق لەۋلەر ئارىسىدىن تۆۋەندىكى نىدالار ئىختىيارسىز چىقىپ كەتتى . بۇ مىدالار شۇنداق بىر ئەكىس سادا پەيدا قىلدىكى ، ئۇ ئەتراپتا جەڭ قىلىۋاتقان جەڭچىلەرگە مۇقەددەس تۇرۇراقتىن ، ئۆز بېغىدىكى ئاققار ،قىزىل گۈلدىن ،ئابرال تېغىدىكى ھەيۋەتلىك قارىغايدىن كېلىۋاتقاندەك ئاڭلاندى :
__ گۈل ھەدە خاتىرجەم بولۇڭ  ! سىڭلىڭىز ئىشلىرىڭىزنى داۋاملاشتۇرىدۇ .سىز ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭڭ شانلىق ئۈلگىسى ، مىللەتنىڭ پەخرى سىز  ! سىزنىڭ روھىڭىز بىز بىلەن ھامانەم بىللە !... ئەلۋىدا ...گۈل ھەدە !...
كۈرەش قىزى رىزۋانگۈلنىڭ قۇربان بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان جەڭچىلەر غەزەپكە كېلىپ جەڭ مەيدانىنى شۇنداق لەرزىگە كەلتۈردىكى ،مۇداپىئەدىكى ئەسكەرلەر بىراقلا ھۇجۇمغا ئۆتتى . ھەممە يەردىن : <<ئالغا>> ، <<قۇربان بولغان ئوغۇل قىزلىرىمىز ئۈچۈن  !>> ، <<رىزۋانگۈل ئۈچۈن  ! >>، << ئاتلىنايلى 1 >> ، <<ئىنتىقام ئالايلى  1 >> ، <<ھۇررا !>> سادالىرى ياڭراتتى . ئوق تىگىپ يىقىلۋاتقان جەڭچىلەرمۇ << رىزۋانگۈل ئۈچۈن قىساس ئالايلى ! >> دەپ ۋاقىرايتتى .....
50 يىل مۇقەددەم ئانا زېمىن ئەنە شۇنداق غەزەپلىك ھۆكىرگەن ، دۈشمەن قاقشاتقۇچ زەربە يەپ ، غالجىر ئىتتەك ئۆز گۆشىنى ئۆزى يىگەن ئىدى ....
مانا ، ئەركىنلىك - ھۆرلۈك ئۈچۈن قان تۆكۈپ زەپەر قۇچىۋاتقان ، شىددەت بىلەن ئالغا  كېتىۋاتقان جەڭچىلەرنىڭ قۇلاق تۇۋىدە ، سايىپجامالنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ياكى مېنىڭ قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاۋاتمامدۇ، پەرىق قىلالماي قالدىم ، <<رىزۋانگۈل >> ناملىق ناخشا ساداسى ياڭراۋاتاتتى :
خەۋەر كەلدى گويا بىر ،
سولدى دېگەن قىزىلگۈل .
ۋەتەن ئۈچۈن جان پىدا ،
ئەمەسمىدى رىزۋانگۈل .
........................................
ئۇنتۇلىسۇنمۇ ھېچ قاچان ،
ئۇنتۇلمايدۇ رىزۋانگۈل .
ئۇ توزىماي ئېچىلىپ -
تۇرغان ئەسلا قىزىلگۈل .
لياڭشىياڭ قايتۇرۋىلىندى ! شۇنداق غۇلجا شەھرى قىپقىزىل قان بەدىلىگە ئازاد قىلىندى  ! خەلقىمىزدە  << بەل باغلىغاننىڭ ھەممىسى ئەر ئەمەس ، چاچ تارىغاننىڭ ھەممىسى قىز ئەمەس >> دېگەن ماقال بار .
پولك قىزى سايىپجامال سۈيدۈڭ ، لوسىگۈڭ ۋە كەڭساي  جەڭ مەيدانىدا يېشىنىڭ كېچىك ، جىسمانىيىتىنىڭ ئاجىز بولىشىغا قارىماي 13-14 ياشلىق قىزلار ئەمەس ، <<مەن دېگەن ئوغۇل بالا  ! >> دەپ بېلىنى باغلاپ يۇرگەن خېلى -خېلى يىگىتلەرنىڭ قولدىن كەلمەيدىغان جاسارەت بىلەن ياردارلارنى ھاپاش قىلىپ تۈز يەرلەردە ئۆمىلەپ ،دالىدىن -دالىغا يۈگرۈپ  قۇتقۇزۇش -داۋالاش شەپقەتچىلىكنى ئۆزىنى ئۇنۇتقان ھالدا ئىشلەپ ، ئاجايىپ پىداكار ، قەھرىمانلىقى بىلەن كوماندىر- جەڭچىلەرنى قايىل قىلدى .
تارىختىكى مەشھۇر ئۇرۇش -شىخۇ جەڭ مەۇدانىدا بۇ باتۇر ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئىسسىق قانلىرى تۆكۈلدى : بىر قېتىملىق ھايات-ماماتلىق جېڭىدە يارلانغان بىر جەڭچىنى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقاندا دۇشمەننىڭ زەمبىرەك ئوقى يېقىنلا يەردە پارتىلغان ئىدى ، ساھىپجامال چاقماق تېزلىكىدە جەڭچىنى يەرگە ياتقۇزۇپ ، ئۆزى ئۇنىڭ ئۈستىگە يېتىۋالدى . نەتىجىدە ياردار ئامان قالدى .ئەمما ساھىپجامالنىڭ پۇتىنىڭ ئۈچ يىرىگە سىنارد پارچىسى كىرىپ كېتىپ ھۇشىدىن كەتتى .ھەربىي دوختۇرخانىدا ياتقۇزۇلۇپ جىددى ئوپىراتسىيەدىن كېيىن كۆزىنى ئاچقان قەھرىمان سانىتاركا شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا جەڭ مەيدانىغا بېرىشنى قاتتىق تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالدى ....
ئارىدىن 2 ئاي ئۆتۈپ كەتتى .بىر ھەپتىدىن بېرى داۋالىنىش ۋە تاماقلىنىشنى رەت قىلغان قىزنىڭ قەتئى تەلىپى ئالدىدا دوختۇر -سېستىرالار ئەمدى ھەقىقەتەن ئامالسىز ھالەتكە چۇشۇپ قالغاندى .
دۇنيالىقتا سايىپجامالدەك بىرلا ئەرتىۋالىق قىزى شىخۇ ئۇرۇشىدا ۋاپات بولۇپ كەتكەن ياشانغان دوختۇر ، ئۆزىگە يېڭىپ بولماس ئۈمىد بىلەن قادىلىپ تۇرغان تۇرگۇن قىزنىڭ تاۋلىق قولىنى ئاتىلىق مېھرى چىڭ سىقتى -دە << < قورقاق توختايدۇ ، باتۇر چامدايدۇ >  جەڭ مەيدانى قەھرىمانلارغا مۇھتاج . بېرىڭ قىزىم ، نۇسرەت قازىنىڭ !..>> دېدى ئاخىر قايىل بولۇپ . ئۇ ئالدىنقى سەپ كوماندىرىغا قارىتىپ خەت يېزىپ بېرىۋاتقاندا كۆز چاناقلىرى ياشقا تولدى .
ئەمدىلا يەر دەسسىگىدەك بولغان پولك قىزى ئۆز ئاتا -ئانىسىدىنمۇ چارە دوختۇر -سېستىرالارنى چىڭ قۇچاقلاپ خوشلاشتى- دە،  كىرىچتىن چىققان ئوختەك ئۇچۇپ ، ئالدىنقى سەپ -ماناس بويىغا يۈرۈپ كەتتى .


داۋامى بار
**********************************************************************************************************
تورداشلار ماڭا مىللى ئارمىيە جەڭچىسى رىزۋانگۈل قاتارلىق 8 نەپەر كۈرەش قىزلىرىنىڭ بىللە چۇشكەن سۈرىتى كېرەك بولۇپ قالدى . < قىش مەزگىلىدە چۇشكەن ،قۇلاقچا كىيىۋالغان > بولسا ئىنكاس ئورنىغا چۇشۇرۇپ قويساڭلار .
[ يوللىغان0999yurutتەرىپىدىن2008-04-28 21:38قايتا تە ]
| ۋاقتى : 2008-04-28 20:50 [باش يازما]
MUSULMAN5

رەسىم يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 27291
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 507
ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە507دانە
شۆھرەت: 508 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 5070 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :66(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-12-09
ئاخىرقى :2008-04-29

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

داۋامىنى  ئىتتىكرەك  يوللىسىڭىز بوپتىكەن ......................
ئاللا  ئۇلۇغ  ياشىسۇن ئىسلام  ، ئىسلام مۇقەددەستۇر
| ۋاقتى : 2008-04-28 20:52 1 -قەۋەت
karahanix

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 39184
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 107
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە107دانە
شۆھرەت: 118 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1080 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :14(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-04-26
ئاخىرقى :2008-04-29

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

تىمىڭىزنى ئۇقۇپ بەكمۇ ھاياجالاندىم ..............
راسىت دەيمەن ،ئەسلەشكە تىگشلىك ھەققىي قەيسىەر ئايال ئىدىغۇ ئۇ !!!!!!!!!!!!!!!!!!
ئەركىنلىك !!!!!!!!!!!!!!!
| ۋاقتى : 2008-04-28 21:02 2 -قەۋەت
USULQIKIZ

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 38986
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 75
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە75دانە
شۆھرەت: 76 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 750 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :12(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-04-23
ئاخىرقى :2008-04-29

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

تىمىڭىزنى ئۇقۇپ بەكمۇ ھاياجالاندىم ..............
راسىت دەيمەن ،ئەسلەشكە تىگشلىك ھەققىي قەيسىەر ئايال ئىدىغۇ ئۇ !!!!!!!!!!!!!!!!!!
Uyghurx.com
| ۋاقتى : 2008-04-28 22:10 3 -قەۋەت
karahanix

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 39184
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 107
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە107دانە
شۆھرەت: 118 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1080 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :14(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-04-26
ئاخىرقى :2008-04-29

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

سىز نىمىشقا ئىنكاسىمنى تەكرارلايسىز
Uyghurx.com
ئەركىنلىك !!!!!!!!!!!!!!!
| ۋاقتى : 2008-04-28 22:14 4 -قەۋەت
kemalbey

دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 8386
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 474
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە474دانە
شۆھرەت: 498 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3320 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :240(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-09-21
ئاخىرقى :2008-04-29

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 



birin qi resim qik midi men siz ge yollap beray
Uyghurx.com
304747098  
مېنى ئىزدە  
| ۋاقتى : 2008-04-28 22:48 5 -قەۋەت
0991nafisa

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 23634
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 224
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە224دانە
شۆھرەت: 225 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1980 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :340(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-10-12
ئاخىرقى :2008-04-29

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

< قورقاق توختايدۇ ، باتۇر چامدايدۇ >
                    .............
  ھاياجان ئىچىدە ئوقۇپ تۈگەتتىم. داۋامىغا ئىنتىزارمەن. ھارمىغايسىز!
Uyghurx.com
| ۋاقتى : 2008-04-29 01:10 6 -قەۋەت
Pida~kar118

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 38924
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 71
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە71دانە
شۆھرەت: 72 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 710 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :15(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-04-23
ئاخىرقى :2008-04-29

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

تۇلۇمۇ ھاياجان ئىچىدە ئۇقۇپ تۇگەتتىم .ئۇلارنىڭ ئۈزى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى مىللىتىمىز ئۈچۈن يەنى بىز ئەۋلاتلىرى ئۈچۇن قانكىچىپ جەڭ قىلىشلىرى.....بىزچۇ  ئاشۇ قەھرىمانلارنىڭ ئىزىنى باسالمايۋاتىمىز..ئەپسۇس تۇلىمۇ ، ئەپسۇس....<<بۇركۇتنىڭ بالىسى چۈجە ئالالماس ئاخسا بۇلۇپ تۇغۇلۇپمۇ قالىدىكەن>>
| ۋاقتى : 2008-04-29 04:11 7 -قەۋەت
yigana2

ئالاھىدە ئىلگىرلەش يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 19313
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 758
ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە758دانە
شۆھرەت: 789 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 0 سوم
تۆھپە: 98 نۇمۇر
ياخشى باھا: 57 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :316(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-07-20
ئاخىرقى :2008-04-29

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

文字


ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻚ ﻗﯩﺰﻯ ، ﻣﯩﻠﻠﻰ ﻗﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻥ ، ﺷﻪﭘﻘﻪﺕ ﻫﻪﻣﺸﯩﺮﯨﺴﻰ ﺭﯨﺰﯞﺍﻧﮕﯘﻝ 1925 - ﻳﯩﻠﻰ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻤﺎﺋﺎﺗﺎ ﺋﻮﺑﻼﺳﺘﻰ ﭼﯩﻠﻪﻙ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﺪﺍ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ . ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﻫﺎﺷﯩﻢ ﺋﺎﺧﻮﻥ ، ﺋﺎﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﻣﻪﺭﻳﻪﻣﺨﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻳﯘﯓ ﺗﯩﺠﺎﺭﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ .
1932 - ﻳﯩﻠﻰ ﺭﯨﺰﯞﺍﻧﮕﯘﻝ 7 ﻳﺎﺵ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﮕﻪ ( ﭘﯘﺷﻤﺎﻥ ﻣﻪﻫﻪﻟﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ) ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ . 1933 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1940 - ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﺭﻕ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﯞﻩ ﺋﯘﻣﯘﺕ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ . 1940 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﺭﯗﻣﭽﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺑﻮﻏﺎﻟﺘﯩﺮﻟﯩﻖ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ .1943 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯘﺗﺘﯘﺭﯗﭖ ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﭘﻮﭼﺘﺎ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﮕﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﻘﺎﻥ .
ﺭﯨﺰﯞﺍﻧﮕﯘﻝ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺋﯘ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭙﻼ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻥ ، ﺋﻮﺗﻜﯘﺭ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﯩﻚ ، ﻛﻪﻣﺴﯚﺯ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺧﻮﺭﻟﯘﻕ ﯞﻩ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻜﻪ ﭼﯩﺪﺍﭖ ﺗﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭ ﻗﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﺸﻜﻪﻥ . ﺋﯘ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﺋﯚﻛﺘﻪﻣﻠﻪﺭ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﺑﯚﺯﻩﻙ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﻧﺎﺭﻩﺳﯩﺪﻩ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻯ ﺋﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺧﻮﺭﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﻫﯩﭻ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﻪﻧﻤﻪﻱ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .
ﺭﯨﺰﯞﺍﻧﮕﯘﻝ ﭘﻮﭼﺘﺎ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﺪﻩ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﻳﯘﺭﮔﻪﻥ ﻛﯘﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﭺ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﯞﻯ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ . ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﭖ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﻟﺘﯩﻨﭽﻰ ﻛﯘﻧﯩﻼ ﺭﯨﺰﯞﺍﻧﮕﯘﻝ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺩﻭﺳﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺟﻪﯕﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﻰ . ﺋﯘ ﭘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺳﯧﭙﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻗﯩﺴﯩﻤﻨﯩﯔ ﺷﻪﭘﻘﻪﺕ ﻫﻪﻣﺸﯩﺮﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﺟﻪﯕﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺴﺎ ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻫﻪﺭﺑﻰ ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ ﯞﻩ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﻗﯧﺘﯩﺮﻗﯩﻨﯩﭗ ﺋﯘﮔﻪﻧﺪﻯ . ﺋﯘ ﺩﺍﺋﯩﻢ : << ﺩﯗﺷﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺭﻙ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻼﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺑﯩﺰ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﻯ . ﻗﯩﺰﻻﺭﻣﯘ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺳﻪﭘﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ >> ﺩﯦﺴﻪ ، ﻫﻪﻣﯩﺸﯩﺮﻩ ﻗﯩﺰﻻﺭﻏﺎ :<< ﻓﺎﺷﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﯘﺭﻩﺵ ﻗﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻧﻰ ﺭﻭﺱ ﻗﯩﺰﻯ ﺯﻭﻳﺎﺩﻩﻙ ﺑﻮﻻﻳﻠﻰ >> ﺩﻩﻳﺘﻰ . ﺭﯨﺰﯞﺍﻧﮕﯘﻝ ﺟﻪﯓ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺟﺎﭘﺎ ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻨﻰ ﻳﯧﯖﯩﭗ ، ﺋﯚﻟﯘﻣﮕﻪ ﭘﯩﺴﻪﻧﺖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ، ﻣﻮﻟﺪﯗﺭﺩﻩﻙ ﻳﯧﻐﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩﯗﺷﻤﻪﻥ ﺋﻮﻗﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻧﻼﺭﭼﻪ ﻳﯘﮔﯘﺭﯗﭖ ﻳﯘﺭﯗﭖ ﻳﺎﺭﯨﺪﺍﺭ ﺟﻪﯕﭽﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺷﻪﭘﻘﻪﺕ ﻳﻪﺗﻜﯘﺯﺩﻯ . ﺋﯘ ﺟﻪﯕﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺟﺎﺳﺎﺭﯨﺘﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﺭﯨﺪﺍﺭ ﺟﻪﯕﭽﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯚﻳﯘﻣﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺮ - ﺟﻪﯕﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﻠﯩﻚ ، ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ ﻫﻪﻣﺸﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .
ﺭﯨﺰﯞﺍﻧﮕﯘﻝ 1945 - ﻳﯩﻠﻰ 13 - ﻳﺎﻧﯟﺍﺭﺩﺍ ﻫﻪﺭﻩﻣﺒﺎﻍ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﯩﺪﺩﻩﺗﻠﯩﻚ ﺟﻪﯕﺪﻩ ﯞﯨﮋﯨﻠﺪﺍﭖ ﺋﯘﭼﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﻗﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻳﺎﺭﯨﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯘﭺ ﺟﻪﯕﭽﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺭﻗﺎ - ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺗﯧﯖﯩﭗ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﯟﯦﺘﯩﭗ ، ﺋﺎﺭﻗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺧﻪﯞﭘﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﺟﻪﯕﭽﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﻨﯩﻐﺎ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﺩﯗﺷﻤﻪﻥ ﺋﺎﺗﻘﺎﻥ ﺋﻪﺟﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﯘﻕ ﺑﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﯩﮕﯩﭗ ﻗﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻧﻼﺭﭼﻪ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺋﯘ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ 19 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ ، ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﯩﻤﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺋﯧﭽﯩﻨﺪﯗﺭﯨﺪﯗ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﯞﻩﺗﻪﻥ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﻗﺎﻥ ﺗﯚﻛﻜﻪﻥ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﻮﺕ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺋﻮﻏﯘﻝ -ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺑﯧﺘﯩﮕﻪ ﻣﻪﯕﮕﯘﻟﯘﻙ ﻳﯧﺰﯨﻠﺪﻯ .

رىزۋانگۈل
<دىلبەر قەييۈم>

1

باش شىتاپ ئەتراپىدا ئادەمگە تولغان،
پىدائى بولۇشقا كەلگەن چوڭ -كىچىك.
قەلبىگە دۈشمەنگە بولغان نەپرىتى،
ۋولقانغا ئايلانغان ئاۋام _ كۆپچىلىك.

ئەي يولداش تىزىملاڭ مېنى.
__ مېنى _ دەپ ،
بەس - بەستە بۆلۈمگە كىرەر كىشىلەر:
پىدائى قوشۇنغا تىزىملاۋاتقان_
ئىگىز بوي يىگىتكە قاراپ تىكىلەر.

_بىزنىمۇ تىزىملاڭ كۆپنىڭ قاتارى،_
ئاڭلاندى قاتاردىن نازۇك بىر ئاۋاز،-
تازىلاپ ۋەتەننى قاغا- قۇزغۇندىن،
لاچىندەك سامادا قىلايلى پەرۋاز.

«يالت» قىلىپ قارىدى ئىگىز بوي يىگىت،
بۇرۇلۇپ بۇ ئاۋاز چىققان تەرەپكە.
تۇراتتى يېنىدا بىرنەچچە قىزلار،
قاتناشماق بولۇشۇپ پىدائى سەپكە.

ھەيرانلىق ئىلكىدە تىكىلدى يىگىت،
قىزلارنىڭ چىرايلىق نازۇك بەستىگە.
ئويلىدى ئىچىدە «بۇ قىزلار قانداق-
قاتنىشار ئىس -تۈتەك قاپلىغان چەڭگە..»

__ سىڭىللار ، __دىدى ئۇ سەل -پەل ھىجىيىپ،_
ئويلانماي كەپسىلەر تىزىملىتىشقا.
جەڭ دېگەن ئۇ قونچاق ئويۇنى ئەمەس،
قورقۇمسىز ئەر كېرەك بۇنداق ئۇرۇشقا.

__ ياق خاتا چۈشىنىپ قالدىڭىز ئاكا،_
سۆزلىدى بىر قىزچاق تەمكىنلىك بىلەن_
قىز- يىگىت ئايرىشنىڭ پەيتى ئەمەس بۇ،
پىدائى بولۇشقا ھەقلىق ھەيمەيلەن.

گەرچە قىز بولساممۇ تۇغۇلغاندىلا
«كەل قوزام» دەپ ئاچقان ئانا يەر قويۇن.
ئەرلەرگە ئوخشاشلا پەپىلەپ باققان،
«قىزكەن» دەپ ھەرگىزمۇ تولغىماي بويۇن.

ئاھ! بۈگۈن ۋەتەننى باسقاندا زۇلمەت،
بىر چەتتە قانداقمۇ قاراپ تۇرىمىز؟
ئاتلىنىپ ئۇرۇشقا _ ئالدىنقى سەپكە،
دۈشمەننىڭ كۆكسىگە خەنجەر ئۇرىمىز.

بۇ سۆزنى ئاڭلىغان قويۇق قاش يىگىت،
قەلەمنى تۇتقانچە قېتىپلا قالدى.
ئەتراپقا توپلاشقان ھەممە كىشىنى،
ھاياجان ھىسلىرى ئىلكىگە ئالدى.

__رىزۋانگۈل پۈتۈنلەي توغرا ئېيتىدۇ.
ئۇ بىزنىڭ ھەققانى يۈرەك سۆزىمىز.
ۋەتەننىڭ ئەتىسى _ كېلىچەك ئۈچۈن.
پىدائى بولۇشقا كەلدۇق ئۆزىمىز.

خەلقىمىز قوزغىلىپ ئاتلانسا جەڭگە
بىر ئۆيدە غەلبىنى كۈتۈپ ياتامدۇق؟
«ئەركىنلىك كېرەك» دەپ ياڭرىسا «ئۇررا»،
دالدىدا مۆكۈنۈپ ماراپ تۇرامدۇق؟

«چەڭ دېگەن ئۇ قونچاق ئۆيۈنى ئەمەس»
دىسىڭىز بىز ئۈچۈن ئەلەم ئەمەسمۇ؟
گومىنداڭ قانخورنىڭ بۇ ۋەتەن ئۈچۈن_
كەلتۈرگەن خورلۇغى بىزگە يەتمەسمۇ؟

تىزىملاڭ بىزنى تېز پىدائىللىققا،
چاتاق يوق بارىمىز ئالدىنقى سەپكە.
غەزەپ ۋە نەپرەتتىن ياسالغان ئوقنى
ئاتىمىز دۈشمەننىڭ رەزىل كۆكسىگە.

__بولىدۇ سىڭىللار،_ دىدى ئۇ يىگىت،
تىزىملىك ئۈستىدە تەۋرىدى قەلەم.
سۆھبەتنىڭ شاھىدى بولۇپ كۆرۈندى،
پىشانە ئۈستىدە مەرۋايىت شەبنەم...

2

رىزۋانگۈل قوي كۆزلۈك، ئوتتۇرا بويلۇق،
قاراقاش، قاڭشالىق، بۇغداي ئۆڭ ئىدى.
سەپ تۈزۈپ تۇراتتى تال-تال كىرپىگى،
قاپىغى بادامدەك توم ھەم دۆڭ ئىدى.

ئون توققۇز ياشلارغا كىرگەن بۇ قىزچاق،
شۇنچىلىك چىچەن ھەم ئەقىللىق ئىدى.
دوستلىرى ئىچىدە تېتىك ، تىرىشچان.
قىلىقى چىرايلىق يىقىملىق ئىدى.

قوشۇنغا كىرىپلا ئۇزۇن ئۆتمەستىن،
ئىگەللەپ ئالدى ئۇ ھەربى ماھارەت.
پىلمىيۇت، بەش ئاتار گىراناتلارنى،
نىشانغا تەككۈزۈپ ئاتتى كارامەت.

بىر كۈنى كىردى ئۇ _ شىتاپ باشلىغى
ئالدىغا يەنىلا تەلەپ قويغىلى:
_ باراي مەن ئالدىنقى سەپكە_ فۇرۇنتقا،
شۇم، قانخور دۈشمەننىڭ كۆزىن ئويغىلى.

_بۇ تەلەپ -مەقسەتىنى ئۇزۇندىن بۇيان
قويدىڭىز تەشكىلگە، بۇنى بىلىمەن.
قەلبىڭىز بەش قولدەك ئاياندۇر بىزگە، _
سۆزلىدى باشلىقمۇ تەمكىنلىك بىلەن._

سىز ھازىر ئارقا سەپ گوسپىتالىدا،
بۇمۇ بىر دۈشمەنگە قارشى ئىستىھكام.
ئۇرۇشتا يارىدار بولغان سەپداشلار،
كېلىدۇ شۇ يەرگە، رىزۋانگۈل ئۇكام.

بارمىسا ئەگەردە ئالدىنقى سەپكە،
بولمايدۇ دۈشمەنگە قارشى تۇرغانلىق؟
بۇ ئارقا سەپتىمۇ جىڭ تۇرۇپ ئىشلەش،
بولىدۇ دۈشمەنگە خەنجەر ئۇرغانلىق.

-بىلىمەن ئارقا سەپ ئىشىمۇ مۇھىم،
ئارقا سەپ ئالدىنقى سەپ ئۈچۈن بۆلەك.
باشقىچە ئارزۇ يوق مېنىڭدە، باشلىق،
ئالدىنقى سەپكىلا بېرىشتىن بۆلەك.

مەن بېرىپ ئۇرۇشقا_ ئالدىنقى سەپكە،
دۈشمەننىڭ كۆكسىگە بىر خەنجەر ئۇراي.
ئەجداتتىن مىراس بۇپ قالغان تىغىمنى،
رەقىپنىڭ قېنىدا راسا سۇغىراي.

قانداقچە ئۆلەركىن ئەلنىڭ دۈشمىنى،
مەن ئۇنى ئۆز كۆزۈم بىلەن بىر كۆرەي.
رەقىپلەر قانلىرى ئاقسا دەريادەك،
شاتلىقتىن قاھ- قاھلاپ قانغىچە كۈلەي.

سۆزلەيتتى رىزۋانگۈل غەزەپ ئىلكىدە،
يۈزلىرى ئاناردەك قىزارغان ئىدى.
بولاقتەك ئېتىلىپ چىققان ياشلىرى،
چىرايلىق كۆزىدە ئاستا ئەگىدى.

ئۇنىڭ شۇ ھالىتى بەكمۇ ئوخشايتتى،
يېرىلىش ئالدىدا تۇرغان بومبىغا.
شۇ ھالدا ئالدىدا بولسا گەر دۈشمەن،
يېرىلغان بولاتتى بومبا «گوممىدا».

__ بولىدۇ! قوشۇلدۇم. رىزۋانگۈل سىڭلىم،
قەلبىمگە يازدىڭىز ئۆچمەس خاتىرە،
ئالدىنقى سەپتىكى سەپداشلار ئۈچۈن،
سىز بولۇڭ ياخشى بىر شەپقەت ھەمشىرە.

3

«ئاق لىپاس يېپىنغان يانۋار ئايلىرى،
ئاق قاردىن دەل -دەرەخ چېكىسىدە گۈل».
كۈندىلىك يېزىشنى داۋاملاشتۇردى،
يۇقۇرقى تەسۋىردىن باشلاپ رىزۋانگۈل.

«شۇ قاردا، شۇ سوغدا دەرەخ شېخىغا
قونۇپتۇ بىر جۈپ قۇش ھەممىنى ئۇنتۇپ.
سۆزلىشەر ۋىجىرلاپ ئۆز تىللىرىدا،
گاھىدا بىر - بىرىنى قويار نوقۇشۇپ.

ئېھتىمال بۇ قۇشلار ئاشۇ شاختىكى
ئاق قارنى چىچەككە مىسال ئەتكەندۇ.
ۋە ياكى شۇ ئاق قار سېھرى كۈچ بىلەن،
چىچەكنىڭ ھىسسىدىن لەززەت بەرگەندۇ.

مەنمۇ بىر ياش غۇنچە سۆيگۈ-مۇھەببەت،
غۇبارسىز قەلبىمدە تۇرۇپتۇ تولۇپ.
ئەنە شۇ قۇشلاردەك نىگارىم بىلەن.
ئۆتۈشنى خالايتتىم مەڭگۈ جۈپ بولۇپ.

قول تۇتۇپ يۈرۈشتەك ئەركىن -ئازادە،
يۇرتۇمنىڭ ئازادە قۇچاقلىرىدا.
ساياھەت قىلساق بىز ئاھۇدەك يايراپ،
ياپ - يېشىل چىمەنزار يايلاقلىرىدا.

چەكلىك ۋە قىسقىكەن ياشلىق مەزگىلى،
شۇڭائۇ ئىنساقغا بەكمۇ قىممەتلىك.
كۈتىدۇ شۇ ياشلىق ھەر بىر كىشىدىن،
ئۆزىگە بولۇشنى سېخى - ھىممەتلىك.

خالىماس قايسى ياش گۈلشەنلەر ئارا،
ھۇپپىدە ئېچىلغان بىر گۈل بولۇشنى؟
خالىماس قايسى ياش گۈلنىڭ شېخىدا
سايرىغان ۋاپادار بولبۇل بولۇشنى.

بىراق بۇ كۈنلەرد ۋەھشى قۇرغۇنلار،
گۈلزارلىق باغلارنى يەنچىپ چەيلىدى.
غەزەلخان خوش ناۋا بۇلبۇلجانلارنىڭ
نەۋ باھار پەسلىنى ۋەيران ئەيلىدى.

شۇ سەۋەپ كۆپلىگەن سادىق يۈرەكلەر ،
بىمەھەل چەكمەكتە ھىجران ئازاۋى.
ياقمايدۇ داۋاملىق كاج پەلەك تەتۈر،
يۈز ئاچار ئاخىرى سۆيگۈ ۋىسالى.

شۇ گۈزەل كۈنلەرنىڭ تەشناسى بولغان،
ئوت يۈرەك پىداكار قىز - ئوغۇللار بىز.
ۋەتەننىڭ كەلگۈسى ئەۋلات بەختىچۈن،
كۈرىشىش قەرزىمىز ھەممە بۇرچىمىز.

يوقاتساق شۈم نىيەت ئالۋاستىلارنى،
كۆكىرەر قايتىدىن چەيلەنگەن گۈلزار.
جەم قىلىپ قوينىغا پەرزەتلىرىنى،
شاتلىنار ۋەتىنىم، گۈللىگەن دىيار.

ئەنە شۇ چاغلاردا مۇھەببەت گۈلى،
ئېچىلار كۆزلەرنى قاماشتۇرغىدەك.
ئاڭلىنار باغلاردىن بۇلبۇل ناۋاسى،
پۈتۈن يەر -جاھاننى چاڭ كەلتۈرگىدەك.

گەر نىسىپ بولمىسا ئۇ كۈنلەر بىزگە،
ياتارمىز قەۋرىدە روھىمىز كۈلۈپ.
ئەۋلاتلار چېھرىدە نۇر چېچىپ تۇرغان،
بەختنىڭ يۇلتۇزىن كۆرۈپ، سۆيۈنۈپ».

4

ئۆرلىگەن چاغدا كۈن نەيزە بويىدەك،
باشلاندى دەھشەتلىك ئۇرۇش يەنىلا.
ھەرەمباغ غەربىدە تۇرغان چەڭچىلەر،
ئاق قارغا كۆمۈلۈپ باسماقتا ئالغا.

شاھاجى بېغىدا تۇرغان سەپ ئىچرە،
بار ئىدى بىرنەچچە شەپقەت ھەمشىرە،
يۈركۈتتەك كۆزىنى تىكىپ چەڭگاھقا،
تۇراتتى رىزۋانگۈل كۈتۈپ ۋەزىپە.

قوشۇننىڭ ئالدىنقى سېپى دۈشمەننىڭ
خەتەرلىك ئوت كۈچى تەرەپكە كەتتى.
ئالدىدا سىلجىغان بىرنەچچە جەڭچى،
ئۇلارنىڭ پوتىيى ئالدىغا يەتتى.

ئورنىدىن چاچراپلا تۇردى رىزۋانگۈل،
سۆزلىدى جاراڭلىق سەپداشلىرىغا:
__ نە ئۈچۈن بۇ يەردە تۇرىمىز قاراپ،
چىقايلى بىزمۇ جەڭ مەيدانلىرىغا...!

بۇ سۆزلەر بەزىلەر ئۇنىماي قالدى،
چىڭ تۇردى رىزۋانگۈل ئۆز تەكلىۋىدە.
ئاستى-دە، سومكىنى يۈگۈردى ئوقتەك،
يالقۇنلاپ ئۆچ -غەزەپ ئوتلۇق كۆزىدە.

ئەل-ۋەتەن ئىشقىدا يانغان ئوت يۈرەك.
تېپەتتى ئەجداتلار روھىنى يادلاپ.
«ئەركىنلىك، ھۆرلۈك» دەپ تومۇردا قېنى،
قايتماتتى ئۈزلۈكسىز تىنماي پورۇقلاپ.

ئەل -ۋەتن سۆيگۈسى ئالدىدا ئۆلۈم،
ئۇنىڭغا ئۆيۇندەك كۆرۈنەر ئىدى.
قەيەردە يىقىلسا بىرەر يارىدار،
خەۋپكە قارىماي يۈگۈرەر ئىدى.

دەھسەتلىك تۈس ئالدى بارغانچە ئۇرۇش.
ئۇچماقتا ۋىژىرداپ دۈشمەن ئوقلىرى.
يىرتقۇچ ھايۋاندەك چىقىرىپ تۇرار،
ھەرياندا مىلتىق ۋە پىلمىيۇتلىرى.

ئۈچ نەپەر جەڭچىگە ئوق تەگدى دېگەن_
خەۋەرنى بىردىنلا ئاڭلىغان ھامان.
ئۇچقاندەك يۈگۈردى ئۇلار ئالدىغا،
ھەممىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇغان ھالدا.

__ توختاڭ رىزۋانگۈل!
__ توختاڭ، ھەي سىڭلىم!
توۋلىدى سەبداشلار ئارقا- ئارقىدىن.
ئاڭلانماس ھىچقانداق سۆز قولىغىغا،
ۋىژىرداپ ئۇچىسىمۇ ئوقلار ئالدىدىن.

«چەڭچىگە ئوق تەگدى!... ئۇ ماڭا مۇھتاج»
شۇنىلا ئويلاتتى رىزۋانگۈل پەقەت.
شىددەتلىك ئوق ئىچرە ئىلگىرىلەيتتى ئۇ،
قەلبىدە يانغاچقا ئەلگە مۇھەببەت.

ئاجايىپ چەبدەسلىك بىلەن رىزۋانگۈل،
يارىدار چەڭچىنى ئەپچىقتى چەڭكە.
ئوق تەككەن جايلارنى تازىلاپ - تېڭىپ،
يۈگۈردى يەنە بىر جەڭچى تەرەپكە.

ئۆتۈشۈپ تۇراتتى قايچا شەكلىدە،
دۈشمەننىڭ ئوت كۈچى ئۈچ تەرەپتىن تەڭ.
پىچىرلاپ دەيتتى ئۇ ئۆزىگە ئۆزى:
«ئەي رىزۋان، غەيرەت قىل، بۇ مۇشكۈلنى يەڭ!...»

كۆتىرىپ جەڭچىنى قەيسەر رىزۋانگۈل،
ئەپكەلدى بىر چولاق تامنىڭ يېنىغا.
سۈرتتى جەڭچىنىڭ يۈز -كۆزلىرىنى،
ئاخىرى كەلتۈردى ئۇنى ھۇشىغا.

دۈشمەننىڭ ھەيۋىسى سۇنماقتا ئىدى،
ئىلگىرلەپ باراتتى بىزنىڭ جەڭچىلەر.
ئۇلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا قالدى.
ئەجەلنىڭ ھاڭلىرى، نۇرغۇن خەتەرلەر.

ئىنتايىن خەۋپلىك پەيتتە بىر جەڭچى،
يىقىلدى دۈشمەنگە يېقىنلا جايدا.
«قۇتقۇزۇش كېرەك، دەپ _ يارىدارنى
يۈگۈردى رىزۋانگۈل قاراپ ئۇنىڭغا.

سول ياندى ۋىڭىلداپ كەلگەن ياۋ ئوقى،
يىقىتتى رىزۋاننى تېگىپ بېشىغا
«ئاھ رىزۋان» دېگەنچە يەنە بىر قىزچاق،
شامالدەك يۈگۈردى ئۇنىڭ قېشىغا.

__ رىزۋانگۈل، رىزۋانگۈل، ئاچقىن كۆزۈڭنى!_
چۆچۈتتى بۇ ئاۋاز ھەممىنى تەڭلا،_
ئاھ دوستۇم! جان دوستۇم! ماڭا قارىغىن،
كىشىلەر توپلىشىپ كەلدى بىردىنلا.

ئۇنىڭ قوي كۆزلىرى مەھكەم يۈمۈلغان،
سەدەپتەك چىشلىرى كەتكەن كىرىشىپ.
پىشانە-ماڭلايغا چۈشكەن قاپ -قارا
چاچلىرى تۇراتتى شۇنچە يارىشىپ.

يۇمىلاق يۈزىنى بويلاپ ئاققان قان،
سىرغىتتى ئاستىلاپ ئانا تۇپراققا.
مۇڭلىنىپ سايراتتى «ئىلى تورغىيى»،
تەلپۈنۈپ ئالدىدا ياتقان ياپراققا.

ئۆزىنى گۇناكار سەزدىمىكىن، تاڭ؟
نەگىدۇ غايىپ بوپ قاچتى ئىس-تۈتەك.
ئاپپاق قار ئۈستىگە تۆكۈلگەن قانلار،
چاقنايتتى گوياكى كەچكى شەپەقتەك.

خاتىمە

ئىلىنىڭ ئالمىلىق باغلىرى ئارا،
بولبۇللار چاڭىلداپ قىلىدۇ ناۋا.
كۈيلەيدۇ دولقۇنلۇق ئىلى دەرياسى،
كۈي - ناۋا مەناسىن تارقىتار سابا:

«ئۆتسىمۇ قانچىلىك يىللار، ئەسىرلەر،
ياشايدۇ ئەل بىلەن رىزۋانگۈل ھامان.
پاك بولغاچ شېھىتلەر روھى، بىگۇمان_
ئۇنىڭكى ماكانى «جەننەتۇل رىزۋان».
مەنبە:مۇشۇ مۇنبەرنىڭ ./read.php?tid-44255.html دىن ئېلىندى.
يوللىغۇچى:munbarhumar




Uyghurx.com
تەن ساقلىق زوربايلىق.ئاتا-ئانىدىن ئەزىز كىشى يوق.
| ۋاقتى : 2008-04-29 07:03 8 -قەۋەت
yigana2

ئالاھىدە ئىلگىرلەش يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 19313
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 758
ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە758دانە
شۆھرەت: 789 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 0 سوم
تۆھپە: 98 نۇمۇر
ياخشى باھا: 57 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :316(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-07-20
ئاخىرقى :2008-04-29

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

شەپقەت ھەمشىرىسى رىزۋانگۈلنىڭ ھايات سەبداشلىرى










سىزنىڭ ئىزدىگەن رەسىمىڭىز مۇشۇمۇ؟
[ يوللىغانyigana2تەرىپىدىن2008-04-29 07:10قايتا تەھر ]
تەن ساقلىق زوربايلىق.ئاتا-ئانىدىن ئەزىز كىشى يوق.
| ۋاقتى : 2008-04-29 07:04 9 -قەۋەت
kokyupurmak

دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 31970
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 349
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە349دانە
شۆھرەت: 350 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3490 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :230(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-02-09
ئاخىرقى :2008-04-29

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

نىمە دىگەن تەسىرلىك.مەن ئوقۇپ بولغىچە يىغلاپ كەتتىم، داۋامىنى تېزراق يوللىغان بولسىڭىز،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،بىز ئۇلارنى مەڭگۇ دورىيالمايمىز،ئەپسۇس!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
| ۋاقتى : 2008-04-29 08:44 10 -قەۋەت
gulqikiz

ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 35805
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 662
ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە662دانە
شۆھرەت: 663 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 49 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :202(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-18
ئاخىرقى :2008-04-29

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

Quote:
بۇ يازما10قەۋەتتىكىkokyupurmakنىڭ2008-04-29 08:44يوللىغان  :
نىمە دىگەن تەسىرلىك.مەن ئوقۇپ بولغىچە يىغلاپ كەتتىم، داۋامىنى تېزراق يوللىغان بولسىڭىز،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،بىز ئۇلارنى مەڭگۇ دورىيالمايمىز،ئەپسۇس!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!




ئەلۋەتتە بىز ئۇلارنى دورىيالمايمىز .چۈنكى ھازىر ئۇرۇش دەۋرى ئەمەس.لىكىن ئۆزىمىز ياشاۋاتقان ھازىرقى دەۋردىمۇ ھاياتنىڭ قەدرى-قىممىتىنى بىلسەك ،ياراتقان ئىگىمىزنى تۇنۇپ،ئاتا-ئانىمىزنى رازى قىلىپ . مىللىتىمىزگە ئازراق بولسىمۇ ئىش قىلىپ بىرەلىسەك بۇ بىز ئۈچۈن ئەڭ چوڭ قەھرىمانلىق!
ئەلۋەتتە بۇنداق قىلىش ئاسان ئەمەس،ھازىر جەمئىيىتىمىزگە قارايدىغان بولساق كۆپ سانلىق  ئادەملەرنىڭ كۆڭلىدە ئىنساپ-ئىمان سۇسلىشىۋاتقان. بىر -بىرسىگە ئىشىنىش دىگەن نىمە ئىش قىلسۇن؟ ھەي توۋا!بۇ ئىشلارغا نىمە دىگۈلۈك!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
ھەر كۇنى خۇشال ياشىساق بىر ئۆمۈر خۇشال ياشايمىز!
| ۋاقتى : 2008-04-29 09:45 11 -قەۋەت


 

Time now is:04-30 00:02, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation