| |||||||||
nur-ziya | دېڭىزدىكى قەبرىستانلىقسىز ئالدى بىلەن دۇنيا خەرىتسىنى ئىچىپ ئامېرىكىنىڭ فېلورىدا يېرىم ئارىلىنىڭ جەنوبى تۇمشۇقى ، كارايىپ دىڭىزدىكى پورتورىكو ئارېلى ۋە ئۇلۇغ ئوكياننىڭ بېرمۇدادىن ئېبارەت ئۈچ نۇقتا ھاسىل قىلغان ئۈچ بۇرجەكلىك رايونغا قاراڭ . بۇ ئۈچ بۇرجەكلىك رايون قارىماققا پايانسىز دىڭىز سۇلىرى ۋە سۇلاردىن چوقچىىيپ چىقىپ تۇرغان ئۇششاق ئاراللاردىن تەركىپ تاپقان بولسىمۇ ئەمما ئەڭ پىشقان لىيوتچىكلارنىڭ ، قابىليەتلىك دىڭىزچىلارنىڭ بۇ سىرلىق ئۈچ بۇرجەكتىن قانچىلىك قورقىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
دەرۋەقە يەلكەنلىك كىمىلەر كەشىىپ قىلىنىپ ، شۇنداقلا ھاۋا قاتنىشى پەيدا بولغاندىن تا ھازىرغىچە بۇ سىرى ئېچىلمىغان رايون كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ،30دىن ئارتۇق ئايرۇپىلان ، 100دىن ئۇشۇق پاراخوتنى دەم تارتىپ كەتكەن .1000دىن ائرتۇق ئادەمنىڭ جىنىنى جەھەنەمگە ئۇزاتقان . چۆچەكلەردىكى غايەت زور ئەجدىھا ياكى رەھىمسىز دىۋېلەرگە ئوخشاپ كىتىدىغان بۇ ئۈچ بۇرجەك رايوننىڭ رەھىمسىز قىلمىشلىرىنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى دەلىللەرگە قاراڭ: 1945-يىل 12-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 2:10مىنوت ئۆتكەندە ،«قىساسچى»ناملىق بەش قىرغۇچى ئايرۇپىلان ئامېرىكىنىڭ فېلورىدا شىتاتىدىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن ھاۋاغا كۆتۈرۈلدى. بۇ ئايرۇپىلانلار دىڭىزدىكى خادا تاشلارنى نىشانلاپ تورپىداغا ھوجۇم قىلىش مەشىقىنى ئېلىپ بارماقچىتى، ھاۋا ئۇچۇق ، بىرەر پارچىمۇ بۇلۇت يوق ئېدى. دەل شۇ چاغدا بۇ ئايرۇپىلانغا يىتەكچىلىك قىلغۇچى داۋىي دەرىجىلىك ھەربى ئەمەلدار تەيلور بازىدىكى كونتىرول قىلىش مۇنارىسىغا «ھاۋا ئنتايىن ياخشى ، گېنراتور ئاۋازىمۇ نورمال »دەپ دوكلات قىلدى. ئەمما ئۇلار بىر يېرىم سائەت ئۇچقاندىن كىيىن غەلىتە ئەھۋال يۈز بەردى. تەيلور ناھايتى ئاجىزلىشىپ كەتكەن سىمسىز رادىئو ئاۋازى بىلەن « ئورۇننى مەلوم قىلغۇچى ئاپپارات نورمال ئەمەس ! ھازىر نەدە تۇرىۋاتقانلىقىمىزنى بىلەلمىدۇق» دەپ دوكلات قىلدى. دىمىسىمۇ ، ھەممە ئيرۇپىلانلارنىڭ سىتىرىلكىسى جايىغا مىقلاپ قويغاندەك ھېچ قوزغالمايتتى . كونتىرول قىلىش مۇنارىدىن تەيلورغا «ئايرۇپىلان بېشىنى غەرىپكە بۇرا!» دىگەن بۇيرۇق كەلدى . ئەمما تەيلور قايسى تەرەپنىڭ ۈەرىپ ،قايسى تەرەپنىڭ شەرىق ئېكەنلىكىنى پەرىق قىلالمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ھالبوكى ئۇزۇن ئۆتمەي ئايرۇپىلانلار ئۆزىنى كونتىرول قىلالماي خوددى باشسىز چىۋىندەك تەرەپ-تەرەپكە ئۇسقىلى تۇردى. چۈشتىن كىيىن سائەت 7:4 مېنوت ئۆتكەندە ئالاقە تامامەن ئۈزۈلدى . ھاۋا ئارمىيە بازىسى دەرھال «مارتىن مارىنا» ناملىق جىددى قۇتقۇزغۇچى ئايرۇپىلانىنى ئەۋەتتى. بۇ ئېككى ئايرۇپىلانمۇ تەيلورنى تىپىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئۆزلىرىمۇ ئېز-دېرەكسىز يۇقالدى. شۇنىڭ بىلەن دېڭىز ئارمىيە دائېرلىرى تارىختا مېسلى كۆرۈلمىگەنقۇتقۇزۇش ئۇيۇشتۇرۇپ بىر ئاۋىئاماتكا،21 پاراخوت، 100ئايرۇپىلاننى ئېشقا سالدى ئەمما ئۇلار شۈنچە قىدىرىپ قاراپ باقسىمۇ بىر تالمۇ سۇنۇق ، ھەتتا لەيلەپ تۇرغان بىر تامچە ماينىمۇ تاپالمىدى. بۇ پەقەت يۈز بەرگەن سىرلىق ۋەقەلەرنىڭ بىرى ، ئەمما بۇنداق ئېزسىز يۇقۇلىش - تارېختا كۆپ قىتىم يۈز بەرگەن. 1948-يىلى ئەنگىلىيەنىڭ بىر پاساژېر ئايرۇپىلانى تەيلور ئۇچۇپ ئۆتكەن ھاۋا يولىدا لوندۇندىن بېرمۇداغا كىلىۋېتىپ ئۆزىنىڭ نورمال ھالىتىنى يۇقۇتۇپ 26 نەپەر يوللوچى بىلەن ئېزسىز يوقۇلۇپ كەتكەن . 1949-يىلى 1- ئايدا ئەنگىلىيەنىڭ يەنە بىر ئايرۇىلانى بېرمۇدا ئۈچ بۇرجەك رايونىنى كىىسپ ئۈتىۋېتىپ يۇقۇرقىدەك قېسمەتكە دۇچار بولغان. 1946-يىلى ئامېرىكىنىڭ بىر سۇدا قۇنالايدىغان ئايرۇپىلانى بېرمۇدادىن ئانچە يېراق بولمىغان جايدا ئېز-دېرەكسىز يۇقالغان. 1943-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى ئامېركىنىڭئېككى رېئاكتىۋ ئايرۇپىلانى فېلورىدا شىتاتىدىن ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ بېرمۇدادىن ئۆتكەندە خۇددى ھاۋادا ئېرىپ كەتكەندەك يۇقالغان ...ۋەقەنىڭ ئېغىرى شۇكى ، بۇ رايوندا ئېزسىز يۇقالغان ئايرۇپىلاندىن ئۆزگە پاراخوتلارمۇ ئاز ئەمەس. بۇندى ن500يىل بۇرۇن ، يەنى 1502-يىلى كولۇمبو ئامېرىكىغا 4 قىتىم بارغاندا ، يەن مۇشۇ بېرمۇدا رايونىدا دەھشەتلىك بوران ، شىددەتلىك دولقۇنلارنىڭ ھوجۇمىغا دوچ كەلگەن . بۇ دىڭىزچى ئېسپانىيە پادىشاھىغا يازغان خېتىدە :« دىڭىز دولقۇنى ئاسمان پەلەك ، 8-9 كۈن قۇياش ياكى يۇلتۇزلارنى كۆرەلمىدۇق ، مەن ئۆرۈمدە بۇنداق دەھشەتلىك ۋەقەلەرنى كۆرمىگەن ئېدىم» دەپ يازغان. 17-ئەسىردە كىشىلەر كېمىلەرنىڭ يۇقاپ كىتىشىنى دىڭىز قاراقچىلىرىدىن كۆرگەن ، ئەمما ئادەملەرنىڭ جەسىىتى ياكى كېمىلەنرىڭ سۇنۇقلىرىنى تاپالمىغان. 20- ئەسىردە دىڭىز قاراقچىلىرى تامامەن تۇقالدى ، ئەمما كېمىلەر ئۈزلۈكسىز يۇقىلىۋەردى. 1924-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى ياپۇنىيەنىڭ لىققىدە بۇغداي باسقان پاراخوتى پولىستون پورتىدىن يولغا چىقىپ بېرمۇدا رايونىدىن ئۆتكەندە كومپاس ئېشتىن چىقىپ پاراخوت ئىزسىز يۇقالغان. ئامېركىنىڭ 19 مىڭ توننىلىق زور پاراخوتى پاراخوتتىكى 193 خېزمەتچى بىلەن بىللە ئېزسىز يۇقالغان.شۇنداق قىلىپ بۇ ئالۋاستى ئۈچ بورجىكى كىشىلەر ئارىسىدا ھەر خىل خۇراپى ھىكايىلەرگە سەۋەپ بولۇپ ، غەلىتە چۆچەكلەر تۇقۇلۇپ تارقىلىپ كەتكەن . يېقىندا بۇنداق سىرلىق ۈئچ بۇرجەك رايونلار كۆپىيىشكە باشلىدى. بۇرۇن بۇنداق قورقۇنۇچلۇق رايون ئالتە يەردە بولغان بولسا ھازىر يەنە بىر قانچىىس قۇشۇلدى.بۇ خەتەرلىك ئۈچ بۇرجەك رايونلارنىڭ ئالاھىدىكى نىمە؟ بۇ رايونلاردا ھاۋا رايى تۇراقسىز . يەر تەۋرەش كۆپ كۈچلۈك ھاۋا ئېقىمى مەۋجۈت. يەنە بىرى بۇ رايوننىڭ ھەر قانداق يېرىدە كومپاسنىڭماگىنىتلىق سىتىرلىكىىس ئۆز رولىنى يۇقىتىدۇ.ياپۇنىيەدىكى «ئالۋاستى دېڭىزى » ۋە بىز يۇقىرىدا تۇنۇشتۇرغان بېرمۇدا رايونىدىكى ماگنىت ئېغىش بولۇڭى نۆلگە تەڭ . شۇنىڭ ئۈچۈن بەزى ماگنېت ئېلمى بىلەن شوغۇللىنىدىغان ئالىملار بۇ زور ماگىنىت يەر مەركىزىدىن يەر يۈزىگە سوزۇلغان ، بۇ ماگىنىتنىڭ ماگىنىت كۈچ سىزىقلىرى سىمسىز تېلگىراف دولقۇنى ۋە يول باشلىغۇچى ئەسۋاپلارغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ دەپ قارىغان ، ئەمما ھازىرغىچە بۇ ماگىنىتنىڭ نەدە ئېكەنلىكى تىپىلمىغان . بۈگۈنكى دۇنيا كىشىلىرىنىڭ ئالدىدا تۇرغان زور بىر سىرلىق تېما . بۇ تېما ئۈستىدە كۆپلىگەن ئالىملار نۇرغۇن ۋاقىت سەرىپ قلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ ھەتتا ئون مىڭ پارچىلاپ ماقالە ، پۈتۈن -پۈتۈن كىتاپلارنى يازغان بولسىمۇ تاھازىرغىچە كىشىنى قانائەتلەندۈرگىدەك بىرەر جاۋاپقا ئېرىشەلمىدى. بەزىلەر بۇ ۋەقەلەرنى باشقا سەييارىلەرنىڭ قول سىلىشى بىلەن پەيدا بولغان دەپ قارىغان ، بولۇپمۇ ئۇچار تەخسە كۆزىتىلگەندىن كىيىن بۇ قاراش ئەۋج ئېلىپ يۇقۇلىپ كەتكەن ئايرۇپىلان ۋە پاراخوتلارنى ئۇچار تەخسە بۇلاپ كەتكەن دەپ قارىغان . بەزىلەر بېرمۇدادا يۇقالۇپ كەتكەن پاراخوتلار خادا تاشقا ئۈسۈپ پاچاقلانغان دەپ قارىغان ، ئۇنداقتا ئاسماندا ئۇچۇپ كىتىۋاتقان ئايرۇپىلانلارمۇ دىڭىزدىكى خادا تاشقا ئۈسىۋالغانمۇ؟ ئۇمومەن ئالغاندا بۇ ھەقتە بىرلىككە كەلگەن پاكىتلار تۈۋەندىكىچە : بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگەن ۋاقتى ئاساسەن تولۇن ئايلىق كېچىلەرگە ئۇدۇل كەلگەن . بىزگە مەلوم تولۇن ئاي يەر يۈزىگە ئالدىنى قىلغاندا ئۇنىڭ تارتىش كۈچى ئەڭ چوڭ بولىدۇ. دىڭىز سۈيىنىڭ تارتىلىش كۈچىمۇ ۋە كۆپجىشىمۇ چوڭ بولىدۇ. يەنە بىرى، دىڭىزدا كۈچلۈك بولران چىققاندا دولقۇن ئۆرلەپ ئولتىرا ئاۋاز دولقۇنى تارقىلىپ سىمسىز رادىئو دولقۇنلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۋىتىدۇ. يەنە بىرى ، دىڭىز ئاستىدىكى يۇشۇرۇن ئېقىم بۇ چۈكۈپ كەتكەن ئايرۇپىلان ۋە پاراخوتلارنى يىراقلارغا ئېلىپ كەتكەن ۋە ئۇنى قىرغاققا ئېلىپ بېرىپ قۇملارغا كۆمىۋەتكەن . ئەلۋەتتە بۇ پاكىتلار ئېنىق بولمىغان قىياسلار .ئۇمومەن بېرمۇدادىكى بۇ سىرلىق رايوننى داۋاملىق تەتقىق قېلىشقا توغرا كىلىدۇ. «ئاجايىپ ۋەقەلەر» ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kuxbeg526 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئوۋ................. مەن تېخى ئۇ يەرگە ساياھەتكە بېرىشنى ئويلىشىۋاتاتتىم، بولدى ئاپىسى نىيىتىمىزدىن يانايلى، مەن سىنى باشقا يەرگە ئاپىرىپ ئوينىتىپ كېلەي.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
weros دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | (百慕大三角)دىگەن كىنۇ دەل مۇشۇ توغرىسىدا ئىشلەنگەن```كۆرۈپ بىقىشقا ئەرزىدۇ```
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
nur-ziya | ./read.php?tid-28899-keyword-.html بۇ تېمامدا بۇتۇغۇرلۇق تەپسىلاتلار ئېنىق چۈشەندۈرۈلگەن. قىزىققۇچىلار كۆرۈپ باقسا بولىدۇ.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
0999yurut | مەن مۇشۇنداق ۋەقەلەرگە قىزىقىمەن .بۇلسا يەنە يۇللاپ تۇراسىز ..تىما ئىگىسگە تەشەككۇر.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
sultan313 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | دېڭىزدىكى بۇنداق سىرلىق رايۇنلارنىڭ ئىچىدە بىرسىنىڭ سىرى ئېچىلدى! مەزمۇنى كۆپ بولغاچقاي يوللاشقا پۇرسەت چىقمىدى . يوللاشنى خالايدىغان دوسلارغا ئەۋەتىپ بەرسەممۇ بولىدۇ! مەزمۇنى رەسىم ھالەتتە ئىدى.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
X دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | كارايىپ ئەمەس كارىپ دىڭىزىدۇ.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
153 | نەدە بىر ئەپسانە كىتاپلارنى ئۇقۇۋەرمەي '' بىلىم كۈچ '' دىگەندەك ژورنالنىمۇ ئۇقۇپ قويايلى، بۇ ژورنالىنىڭ ئۆتكەن يىلقى بىر سانىدا بۇنى دۇنيادىكى مانچە ئەپسانىنىڭ بىرى، پۈتۈنلەي يالغان، لىكىن بۇ ئارقىلىق بۇ رايۇن نۇرغۇن ساياھەت كىرىمىنى جەلىپ قىلغان دەپ يازغان...............
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
SIMBA دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ئۇنداق ئەمەستۇ
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yusup121 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | شىنجاڭدىكى لوپنۇر ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ئەمەسمۇ؟؟؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yahxi0997 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بەزىلىرى راسلا ئويدۇرما چۇنى ئاشۇنداق ۋاستە ئارقىلىق ساھەتچىىلەرنى جەلىپ قىلىش كىتاب چىقىرىپ بازا تېپىش
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
almjan23 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yigana2 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | بىلمەيدىغانلىرىم ھەقىقەتەن كۆپ ئىكەن..........................................................................
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
JAHANGIR51 | نۇر زىيا ئجرىڭىزگە رەەھمەت! داۋاملىق ئىسىل تىمىلارنى يوللاپ تۇرارسىز!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
amirika دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئاللا ئۇلۇغ [s:8 لوپنۇر ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ئەمەسمۇ؟؟؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|