| |||||||||
nur-ziya | «ئالۋاستى ئۈچ بۈرجەك»نىڭ سىرى-<نۇر-زىيا>دۇنيانىڭ دىققىنتىنى تارتىۋاتقان شىمالى ئاتلانتىك ئوكياندىكى بېرمۇدا رايونىدا كىشىلەر ئۇزاقتىن بۇيان قىزىققىپ كەلگەن سىرلىق بىر ئۈچ بۇرجەك دېڭىز رايونى بار،بۇ رايوننى كىشلەر «ئالۋاستى ئۈچبۇرجەك»دەپ ئاتېشىدۇ. يىقىنقى يۈز يىلدىن بۇيان بۇ جايدا يۈز بەرگەن سىرلىق غايىپ بۇلۇش ۋەقەلىرى تېخىچە ئېچىلمىغان سىر بۇلۇپ كەلدى.ئېيتىشلارغا قارىغاندا،پۇچتا پاراخوتى، يۈك پاراخوتى، ئۇرۇش پاراخوتى، ،سۇ ئاستى پاراخوتى، شۇنداقلا ئايرۇپىلان بۇ جايدىن ئۆتكەندە، مېنوت،سىكونت ئېچىدە ئۇلارنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ ، خۇددى دېڭىز سۈيىدە ئېرىپ كەتكەندەك دېرەكسىز يۇقىلىدىكەن. ئېنىقسىز سىتاتىستىكىلارغا قارىغاندا ،ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىردىن بۇيان بۇ رايوندا 240قىتىمدىن كۆپ پاراخوت چۈكۈپ كېتىش، ئايرۇپىلان چۈشۈپ كىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ،2000غا يىقىن ئادەم قازا قىلغان. كۆپ يىللاردىن بۇيان بېرمۇدا« ئالۋاستى ئۈچ بۇرجەك» رايونىدا يۈز بەرگەن غەلىتە ۋەقەلەر خەلىققارا جەمىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى. كۆپلىگەن ئالىملارمۇ ئۇنىڭ سىرىنى يېشىش ئۈچۈن تېرىشتى. بۇنىڭ بىلەن ب د ت داڭلىق ئالىملاردىن تەشكىللەنگەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ ، بۇرايوننى ئېنچىكە تەكشۈرۈشكە باشلىدى. نەتىجىدە بۇ سىرلىق رايون تۇغۇرسىدا نۇرغۇن قىياسلار مەيدانغا كەلدى.
سارگاسسسو تەلىماتى تەكشۈرۈشتىن بۇ رايوندا كەڭ كەتكەن سارگاسسو دېڭىزى بارلىقى ئېنىقلاندى. بۇنىڭدىن بەزى ئالىملار :سارگاسسسو پاراخوتلارنىڭ پىقىرغۇچىغا يۆگىشۋېلىپ پاراخوتلارنى چۆكتۈرۋەتكەن، دىگەن قاراشنى ئۇتتۇرغا قويدى. دىڭىز تۇرغۇن دولقۇنى تەلىماتى تۇز مىقدارى ئۇخشاش بولمىغان ئىككى خىل دىڭىز ئېقىمى ئۆز-ئار ئۇچراشقاندا ، قاينام شەكىللىنىپ تۇرغۇن دولقۇن ھاسىل قىلىدۇ. بۇخىل دولقۇن پاراخوتلارنى ئۆز جايىدا پىقىراشقا مەجبورلايدۇ ياكى ئېلگىرلىشىنى چەكلەپ قويىدۇ ۋە ئۇزاققا بارمايلا پاراخوتلارنى سۇغا غەرىق قىلىدۇ. تۈۋەن ئېچكى ئۇيۇشۇش كۈچى تەلىماتى ئامېركىنىڭ داڭلىق ئېلىكتىرون ئېلمى مۇتخەسسى سېمىت نۇرغۇن قىتىم تەجىربە ئېشلەش ئارقىلىق ئاتموسغىرا قاتلىمىدىكى مەلۇم بىر قەۋەتتە بىر خىل تۈۋەن ئېچكى ئۇيۇشۇش كۈچ مەيدانى بولىدىغانلىقىنى ، بۇخىل كۈچنىڭ بەزىدە پەيدا بۇلۇپ ،كومپاس ۋە سىمسىز ئالاقە ئۈسكۈنىسىگە كاشىلا قىلدىغانلىقىنى ، ھەتتا ئادەمنىڭ نېرۋا سېستىمىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۋىتىدىغانلىقىنى بايقىغان . بۇنداق بولغاندا ، پاراخوت ۋە ئايرۇپىلانلار خاتا ھۆكۈم تۈپەيلى تېزلا ئېزىپ قىلىپ چاتاق چىقىدىكەن. ۋاقىتتىن ھالقىغان بوشلۇق تەلىماتى ئالىملارنىڭ ئەڭ يىڭى تەلىماتىدىن قارىغاندا ،ۋاقىت ئىنسانلار ئادەتتە بىلىدىغاندەك مەڭگۈ بىر خىل ئۆزگەرمەس سۈرئەت بىلەن ئەمەس ، بەلكى ئوخشاش بولمىغان سۈرئەت بىلەن ئۆتىدىكەن ،ۋاقىتىنىڭ يەر يۈزىدىكى ئۆتۈش سۈرئىتى ئاتموسغىرا قاتلىمىدىكىدىن ئاستا بۇلۇپ ، پاراخوت ياكى ئايرۇپىلان «ۋاقىت قاينىمى» غا كىرىپ قالسا ، بۇ دۇنيادىن ۋاقىتىلىق ياكى مەڭگۈلۈك ئايرىلدىكەن. ۋاقىت نورمال يۈرۈش ئوربىتىسىدىن ئايرىلىپ قالسا ، شۇ مەزگىل ، شۇ رايوندا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بارلىق جىسىمنى بىرگە ئېلىپ كىتىدىكەن .جىسىملار ئۈتمۈش ياكى كەلەۈسى دەۋىرگە كېتىدىكەن،ھەتتا «ئالەمسىمان» ۋاقىت بوشلىقىغا كىرىپ قالىدىكەن. پرامىدا ماگنىت مەيدانى تەلىماتى تەتقىقاتچىلار «ئالۋاستى ئۈچ بۇرجەك » رايونى دىڭىز ئاستىدا ئىككى غەلىتە پرامىدا بارلىقىنى ، ئۇلارنىڭ غايەت زور ماگنىت مەيدانى ھاسىل قىلىپ ، يۇقرى ئېندوكسىيەلىك ماگنىت كۈچى بىلەن ئايرۇپىلان ۋە پاراخوتلارنى دىڭىز ئاستىغا تارتىپ كىتىدىغانلىقىنى بايقىغان . تاشقى پىلانت ئادەملىرنىڭ دېڭىز ئاستى سىگنال سېستىمىسى تەلىماتى ئالىملارنىڭ بۇ رايوندا قىلغان تەجىربىلىرىدىن بايقىلىشىچە ، بۇجاي ئالەمگە ئۇچۇش ئەسۋابى قۇيۇپ بىرىش ۋە سىمسىز يول باشلاش سىگىنالى تارقىتىشقا تولىمۇ ماس كىلىدىكەن .بۇنىڭدىن پەرەز قىلىشقا بولىدىكى، تاشقى پىلانت ئادەملىرى مەلوم خىل سىگنال تارقىتىش سېستىمىسىنى دىڭىز ئاستىغا جايلاشتۇرۇپ ، ئۇچار كېمىلىرىگە يول باشلاشقا ئېشلەتكەن بولىشى ، بۇخىل سېگنال پاراخوت ۋە ئايرۇپىلانلارنىڭ يول باشلاش سېستىمىسى ۋە ئادەملەرنىڭ غىزولوگىيەلىك ئورگانىزىملىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ ،ھالاكەتكە باشلىغان بۇلىشى مومكىن. دىڭىز ئاستى ئۇچار تەخسە بازىسى تەلىماتى تەتقىقاتچىلار كۆپلىگەن ئالامەتلەردىن بۇ رايوندىكى دىڭىز ئاستىدا بىر ئۇچار تەخسە بازىسى بۇلۇش مومكىنچىلىكىنى پەرەز قىلغان.1965-ئېيولدىن 1977-يىلى ئېيولغىچە نۇرغۇنلىغان ئايرىپىلان ۋە پاراخوتتىكى ئادەملەر ئۇچار تەخسىلەرنىڭ كۆپ قىتىم بېرمۇدا تاقىم ئاراللىرى رايونىدا پەيدا بولغانلىقىنى كۆرگەن. بۇ دەل ۋەقە كۆپ يۈز بەرگەن مەزگىلگە تۇغرا كەلگەن. «قانونچىلىق گىزىتى» دىن ئېلىندى. ئەترىبە تەستىقلىدى [ يوللىغانnur-ziyaتەرىپىدىن2008-03-19 13:46قايتا تەھ ] | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
aplisin دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | رەخمەت كوپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
SUKUT315 | دۇنىيادا ئاجايىپ غارايىپ ئىشلار بار دە!! بەزىدە «ۋاقىت تونىلى» دىگەن ئاتالغۇنى ئاڭلاپ قالىمەن. بۇ خىل ئەھۋالدا غايىپ بۇلۇپ كىتىش، نەچچە يىلدىن كىين پەيدا بۇلۇپ قېلىش قاتارلىق ئشىلارنى ئاڭلاپ تۇرىمەن، لىكىن بۇنىڭ تىگىگە يىتىشكە ھازىر ئىنسانلارنىڭ ئەقلى ئاجىزلىق قىلىپ قالدى، ئاڭلىسام قارا دىڭىزغا بارغانلار ئۇ يەردە بىر نەچچە ئاي تۇرۇپ يۇرتىلىرىغا كەلسە باشقىلار «سىلەر كەتكىلى بىر نەچچە يىل بۇپ قالدى» دەرمىش!!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
hack دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | بۇ غايىب بولغان قەدىمكى مايا مەدىنىيىتى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق....مايا مەدەنىيىتىنى بىلمەيدىغانلار يوقتۇ؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
alyar214 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | نېمە ئۇ مايا مەدىنىيىتى دېگەن؟ تەپسىلى چۈشەنچە بەرمەمسىز؟ دوستۇم. بىلمەيدىغانلاردىن مەن بار ئىكەنمەن.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ئوت يۈرەك دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | Quote:بۇ مەزمون 5 جى قەۋەتتىكى alyar214 نىڭ 2007-10-26 20:13 دە يوللىغان يازمىسى“”: مەنمۇ بار مەنمۇ بىلمەيدىكەنمەن لىكىن بىر يەردە ئەڭلىغاندەك قىلىمەن ........مايا دەب ....... بولسا بىر ...... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
nanhabala دەرىجىسى :تېما چولپىنى | رەخمەت كوپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
paynekbax دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ھەي باللا مانمۇ ئېشىنىمەن مۇشۇ ۋاقىت تونىلى دىگەنگە .مەن بەزى چاغلاردا بىر ئىشلارنى خۇددى بۇرۇن بىر قىلىپ باققاندەك .مەسلەن مۇشۇ خەتنى بۇرۇن .دەل مۇشۇ ئورنۇمدا .يېزىپ باققاندەك ھىس قىلىمەن .ئىشقىلىپ مۇشۇنداق ئىشلار بەك تولا ئۇچرايدۇ مەڭا .بەزى تونۇشلۇرۇمدىن سورىسام ،ئۇلارمۇ شۇنداق بولىدىكەن .سىلەرمۇ مۇشۇن داق ئىشقا ئۇچراپ باققانمۇ ؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
nur-ziya | Quote:بۇ مەزمون 8 جى قەۋەتتىكى paynekbax نىڭ 2007-10-27 01:41 دە يوللىغان يازمىسى“”: مەنمۇ سىزدەك بولۇپ باققان ، شۇڭا بۇ تېما ماڭا بەك تەسىر قىلىپ يوللاپ قويدۇم | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
سەبى دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | مەنمۇ ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن.بولسا تەپسىلى چۇشەنچە بەرگەن بولساڭلار.بىلىمىمىز ئېشىپ قالاتتى.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
gulmera دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | رەھمەت كۆپ بىلىمگە ئېرىشتىم يەنىمۇ كۆپرەك بىلىم ئالسامكەن دەيمەن..........
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
owqi117 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | نە دىكى قاملا شمىغان ، ئاتالمىىش چۇشكۈن مۇ ھەببەتنىڭ قۇلى بولغان سىلەر نىڭ بۇنداق ئىشلارنى ئاڭلاشقا ، كۇ رۇشكەۋاقتىڭلار چىقامدۇ؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
بۆرە | دۇنىيادا ئاجايىپ غارايىپ ئىشلار بار دە!! بەزىدە «ۋاقىت تونىلى» دىگەن ئاتالغۇنى ئاڭلاپ قالىمەن.
بۇ خىل ئەھۋالدا غايىپ بۇلۇپ كىتىش، نەچچە يىلدىن كىين پەيدا بۇلۇپ قېلىش قاتارلىق ئشىلارنى ئاڭلاپ تۇرىمەن، لىكىن بۇنىڭ تىگىگە يىتىشكە ھازىر ئىنسانلارنىڭ ئەقلى ئاجىزلىق قىلىپ قالدى، ئاڭلىسام قارا دىڭىزغا بارغانلار ئۇ يەردە بىر نەچچە ئاي تۇرۇپ يۇرتىلىرىغا كەلسە باشقىلار «سىلەر كەتكىلى بىر نەچچە يىل بۇپ قالدى» دەرمىش!!! بۇ راستمىدۇ!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tannaz دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | جىڭ،مەنمۇ نەچچە قېتىم بىرە ئىشنى قىلىپ بولغاندەكلا ھېس قىلىمەن،تېخى مەندىكىلا خاتا سەزگۇمىكى دەپتىمەن`````
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
usb دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مايا مەدەنيىتى دىگىنىمىز جەنۇبى ئامىرىكا قىتئەسىدىكى ئامازون دەرياسى ئەتىراپىغا جايلاشقان يەرلىك مىللەتلەرنىڭ بىر خىل مەدەنيىتى.بۇ يەر دىكى سىرلىق سىلىنغان ئاجايىپ تۈسگە ئىگە غەلىتە قۇرۇلۇشلار تاكى ھازىرغىچە كىشلەر يىشلمىگەن سىرلارنىڭ بىرى،ھازىرمۇ بۇ مەدەنيەتنى زادى قايسى مىللەت ياراتقانلىقى توغىرىسىدا بەس مۇنازىرىلەر خىلى كۆپ!
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ھازىرمۇ يەرشارىنىڭ ئانتىراكتىدا قىتئەسىدىكى مەلۇم بىر رايوندا ۋاقىت تونىلى بارمىش،ناۋادا كىشلەر شۇ رايون تەۋەلىكىگە كىرگىنىدە قولىدىكى سائەتلەرنىڭ مىڭىشى ئاستىلاپ كىتەرمىش،بۇ رايوندىكى ۋاقىت بىلەن ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئىگىرى كىيىنلىك پەرىقى تەخمىنەن 30يىل ئەتىراپىدا ئىكەن.ئالىمىلار بۇنى يەر ماگىنتىنىڭ تەسىردىن دەپ پەرەز قىلىشتى لىكىن راستىنلا مۇشۇنىڭ تەسىرمۇ بۇنىسى نامالۈم، [ بۇ يازما usb تەرپىدىن 2007-11-19 01:48 دە قايتا تە ] | |||||
---|---|---|---|---|---|---|