| |||||||||
diki-dikkang دەرىجىسى : تېما چولپىنى | قاتاردا ( مۇسۇلمان مەملىكىتى) چىركاۋ قۇرۇلدىبۇ تىمىنى Juda قۇلۇپلىدى(2008-03-21)
ئالدىنقى قېتىم يوللىغان « كورىيەدىكى تۇنجى مۇسۇلمانلار مەكتىۋى »غا ئىنكاس يازغان بەزىلەرنىڭ 'ئىسلام دۇنياسىدا چىركاۋ سېلىش چەكلىنىدۇ' دىگەن ئىنكاسىغا رەددىيە سۈپىتىدە مۇنۇ تىمىنى يوللىدىم: (./read.php?tid-47332.html)
----------------------------------------------------------------------- قاتار پايتەختى دوخاغا سېلىنغان تۇنجى مەڭگۈلۈك چېركاۋ بۇ مەملىكەتتە قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلغان بولۇپ، بىر قىسىم ئادەملەر بۇنى خرىستىيان ئاز سانلىق دىندىكىلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ دېسە بەزىلەر بۇنى پارس قولتۇقى رايونىدىكى ئىسلام مەملىكەتلىرىنىڭ نورمال تەبىئىتىگە دەخلى قىلىدۇ دەپ قارايدىكەن. 2- ئاينىڭ 16- كۈنى قاتار ئۇنىۋېرسىتېتى شەرىئەت فاكۇلتېتىنىڭ بۇرۇنقى باشلىقى Abdul Hamid al-Ansariفرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دەيدۇ: دىنغا ئىشىنىدىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئىبادەت ئورنى بولۇشتەك ئىنسانىي ھوقۇقىغا ئىسلام دىنى كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئانسارى ئەپەندىم قارشى چىققۇچىلارغا مۇنداق دەيدۇ: ئېتىقاتلار ئارىسىدىكى بىر بىرىگە ئۆچمەنلىك قىلىش مەدەنىيەت جەھەتتىكى قارشىلىق قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، جەمئىيەت ئەندىزىسىدىكى غەيرىي مۇسۇلمانلارنىڭ سىياسى ۋە بىخەتەرلىك ئېھتىياجىنى نەزەرگە ئالماسلىقتەك قىلمىش ئەمدى يىتىمسىراپ قالدى . ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز قاتاردىكى بۇ چېركاۋنى قارشى ئالايلى ، بۇ ئىسلام دىنىنىڭ كەڭ قوساق ۋە ئىنسانىي مېھرىبانلىقىنى كۆرسىتىدۇ . بۇ قۇرۇلۇش ئىچىدە يەنە ۋاقىتلىق يېتىپ قوپۇش ئورنى، كۈتۈپخانا ۋە قەھۋەخانىمۇ بار ئىكەن. بۇ چېركاۋنىڭ يېرىنى قاتار ئەمىرى شەيخ خاماد بىن خەلىپە ئەل- زانى بەرگەن ئىكەن . قاتاردا تەخمىنەن 70 مىڭدەك خرىستىيان مۇھاجىر ياشايدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. ئۇندىن باشقا ۋاتىكان تەرەپمۇ سەئۇدى پادىشاھى بىلەن ھەئۇدى ئەرەبىستاندا چىركاۋ قۇرۇش توغرىلىق مەسلىھەتلەشمەكتە: http://www.telegraph.co.uk/news/main.jhtml?xml=/news/2008/03/17/wsaudi117.xml مەنبە: بۈگۈنكى ئامېرىكا تورى ( قىسقارتىلدى) http://www.usatoday.com/news/religion/2008-03-15-qatar-catholicchurch_N.htm --بىپەرۋا تەستىقلىدى . | |||
---|---|---|---|---|
uyhan22 | دىكى دىككاڭ سىز تىخى ئۆتكەندە باشقىلارنىڭ ئىشغا ئارلاشمايلى دەپ جار سىلۋاتىىڭىزغۇ ، ئەمدى باشقىلارنىڭ ئىشنى تەشۋىق قىلغىلى تۇرۇپسىزغۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
| |||
---|---|---|---|---|
elzat79 | نىمە بولۇپ كەتتى ئەمدى ،
| |||
---|---|---|---|---|
ilzade | دۇنيا ئەزەلدىن ئىتتىپاقلىق ۋە تېنىچلىق بىلەن گۇزەلدۇر . ئەزەلدىن ئىسلام دىندا بىرۋانى ئۆز دىنىغا مەجبۇرلايدىغان ئىش يوق . ئىسلام دىنى كەڭ قورساقلىقى بىلەن گۇزەلدۇر .
| |||
---|---|---|---|---|
ilzade | http://www.dailymail.co.uk/pages/live/articles/news/worldnews.html?in_article_id=492052&in_page_id=1811&ito=newsnow ھازىر سەئۇدىيدا تەخمىنەن 3 مىليوندىن ئارتۇق خرىسىتيانلار ياشايدىغان بولۇپ بۇلار ئەزەلدىن سەئۇدىي پادىشاھىدىن ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى قانۇنلارشتۇرۇش توغرىسدا تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە . سەئۇدىي پادىشاھى بۇنىڭغا قۇشۇلسا ئەمدى شەبنەمدىكىلەر ئۆكتۈپ قوپامدىكىن ....... [ يوللىغانilzadeتەرىپىدىن2008-03-18 18:56قايتا تەھرى ] | |||
---|---|---|---|---|
irpan3 | بۇ خەۋەرنى ئىنگىلىزچە ئىسلام ئەۋىنلايىن تورىدا كۆرگەن ۋاقتىمدىلا دىككى دىككاڭ قىزنىڭ تەرجىمە قىلىپ يوللايدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ بولغان ئىدىم،بۇ مۇ ياخشى بوپتۇ،بۇ تىما ئەمدى شەبنەمدىكى بەزى بىر خىرىستىيان تەلۋىلىرىنىڭ ئىسلام ئەللىرىدە دىنى ئەركىنلىك يوق،بولغان بولسا بىر مۇ مۇسۇلمان قالماي ھەممىسى خىرىستىيان بولۇپ كىتەتتى دەپ قارىغۇلارچە جۆيلۇلىرىگە بىرىلگەن ياخشى جاۋاب بوپتۇ،ماۋۇ ئۇستىدىكى ئىلزادە دىگەن ،،،،،،،،،،مۇ نەچچە كۇندىن بۇيان توختىماي موشۇ توغۇرلۇق قاقشاۋاتقان ئىدى،ئەمدى ئوبدان كۆرۇۋالسا بولغىدەك،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
| |||
---|---|---|---|---|
SUKUT315 دەرىجىسى : ئالىي ئەزا | خۇددى دىكى-دىكاڭ دىگەندەك، ئالدىنقى قېتىم كۇرىيەگە ئىسلام دىنى مەكتىپى قۇرۇلغانلىق توغرىسىدا تىما يوللانغان چاغدا بەزىلەر:« بىرەر ئىسلام دۆلەتلىرىدە خىرىستىيانلارنىڭ مەكتىپى ياكى ئىبادەتخانىلىرى قۇرۇلىدىغان بولسا ئۇلارغا ئۈلۈمدىن باشقا يول يوق» دەۋاتقان. ئەمدى بۇ تىما يوللىنپتىكەن، يەنە بىر خىل پاراڭغا چۈشۈپتۇ.
خاتالاشمىسام 4-قەۋەتتىكى تورداش شۇغۇ دەيمەن. مانا ئەمدى بۇ تىمىغا قالدۇرغان ئىنكاسىنى كۈرۈپ توۋا......................................... مەن قارىسام سىزدىن باشقا ھىچ كىم ئۆكتە قوپماپتۇ تېخى................... | |||
---|---|---|---|---|
-xaparang- | باشقىلارنىڭ دىننىي ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك .
دۇنيا رەڭگارەل بولغانلىقى ئۇچۇن ئاندىن گۈرەل. | |||
---|---|---|---|---|
gulbargi2 | يەنىلا گەپ قىلمىغىنىم تۈزۈك!!!!!!!!!!!!!
| |||
---|---|---|---|---|
PAYKAR دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى | پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللاھى ئەلەيھى ۋەسسەللەم ،بۇندىن 1400يىل بۇرۇن ئىسلام دىنىنىڭ بىردىنبىر ھەق دىن ئىكەنلىگىنى تەرغىپ قىلىپ غاپىل ئىنسانلارنى ھەققە باشلىغان ئىدى ..ھەمدە نۇرغۇن ھەققانىي جىھاتلارنى قىلغان ئىدى ...ئەمدىلىكتە 21-ئەسىرنىڭ بۇگۇنكى كۇنىدە بولسا قاتاردەك ئىسلام دۆلىتىدە خىرىستىيان دىنى ئۈچۇن چېركاۋ سېلىپ بېرىۋېتىپتۇ؟!!مەن ھەقىقەتەن ھەيران قالدىم ~؟.....
| |||
---|---|---|---|---|
musat | توۋا دوستلار ؟ بەزى تورداشلارنىڭ ئىنكاسلىرى ئاجايىپ ئىكەن ئەمەەسۇ؟
| ||
---|---|---|---|
musat | بىزنىڭ ئىسلام ھەقىقەتەن ناھايىتى، كەڭ قورساق دىن جۇمۇڭلار، يۇقىرىدىكى بىر نەچچە دوستىمىز ئېيتقاندەك دۇنيا رەڭگا - رەڭلىكى بىلەن گۈزەلدۇر.
| ||
---|---|---|---|
Esma | قاتار « ئىسلام دۆلىتى» ئەمەس. ئاۋۋال ئىسلام دۆلىتى دېگەن ئۇقۇمنى كاللىمىزدىن چىقىرىۋېتەيلى.
سەئۇدى پادىشاھى ئەزەلدىن مۇشۇنداق ئىلمان كىشى، ھەم بىر ناچار ئەبلەخ، ئۇنىڭ قىلىۋاتقانلىرى ئىسلامغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە ئۆزىنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان دىكى-دىكاڭدەك ماڭقۇرتلار نۇرغۇن، چېركاۋ سېلىنسا ئۇلارنىڭ ئەسلىدىنلا كېسەل بار يۈرەكلىرىگە شىپا بولۇشى مۇمكىن. 1000چېركاۋنىڭ ئارىسىدا 1 مەسچىت بولغان ئامېرىكىدا ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشى ئەڭ تېز بولۇۋاتىدۇ. بىزنىڭ دىنىمىز ئەسلىدىنلا بۇنداق مۇناپىقلارنىڭ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا سۇقۇنۇپ يۈرۈشىگە منوھتاج ئەمەس. « ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىتابى--قۇرئان كەرىم» بولغان دىكى-دىكاڭ قىز (بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئۆزىگە مۇشۇنداق نام قويۇۋېلىشى نومۇس ئەمەسمۇ؟) بىر مۇسۇلمان قۇرئان كەرىمدىن، ئاللاھنىڭ ھەق دىنىدىن يۈز ئۆرۈپ خىرىستىئان بولسا خۇشال بولىدۇ. سىزنىڭ ئۆتكەندە باشقىلارنى ئەخمەق كۆرۈپ ئىنگلىزتىلىدە يوللاپ قويغان x-muslim لار يازغان ماقالىڭىز تېخىچە يادىمدا خان! ئۆزىڭىزنى پەردازلىماي ئوتتۇرىغا چىقىۋەرسىڭىز بولاتتى. | |||
---|---|---|---|---|
ghalip | مېنىڭچە مەملىكىتىمىزدەك پۇل،مائاش بېرىپ دىن تارقىتىشنى چەكلىگەن ئاساستا(دۆلىتىمىزدىكى خىرىستىيان جەمىيەتلىرى شۇنداق قىلىدىكەنغۇ ئاڭلىسام،پۇلغا مۇرت سېتىۋالىدىكەن.)چېركاۋ ئاچسا بولىدۇ،چىن ناسارالار بىزگە ئەشەددى دۈشمەن ھېسابلانمايدىغۇ؟ خاتا گەپ قىلىپ سالغان بولسام تۈزۈتۈڭلار،تىللىماڭلار قېرىنداشلار،مېنىڭچە خاتا گېپىممۇ يوق.
[ يوللىغانghalipتەرىپىدىن2008-03-18 21:23قايتا تەھرى ] | ||
---|---|---|---|
urkesh_ili | بۇ 19قەۋەتتىكى(Esma) نىڭ يازمىسىنىمە ئاۋۇ ئەسمامۇ ياكى ئېسمامۇ 19- قەۋەتتىكى تورداش سىز كىمگە ۋەكالىتەن يەنە كىملەرگە سۇزلەۋاتقىنىڭىزنى بىلەمسىز ..؟
سىزنى بىر ئىخلاسمەن مۇسۇلمانمۇ دەيلى ، ئەجەبا سىز گە قايسى دىننىڭ ھەق قايسىسىنىڭ سەپسەتە ئىكەنلىگىگە ، كىمنىڭ زادى قانداق ئادەملىگىگە ھۆكۈم قىلغۇدەك سالاھىيەتنى كىم بەردى. نىمانچە چاكىنا تەكببۇرلۇق بۇ . سۇزلىسىلا باشقىلار قايىل بولىۋەرمەيدۇ، گەپ ئورۇنلۇق پاكىتلىق سۆزلەشتە. مەزكۇر تېما ئۆزىگە كېلەيلى: ئالدى بىلەن مەزمۇن پۈتۈنلەي پاكىتقا ئۇيغۇن شۇنداقلا قالتىس ئەھمىيەتلىك ئۇچۇرنى بىزگە يەتكۈزدى. شەخسەن ماڭا بۇ تېما بەكمۇ يارىدى . كۆرۈپلا تېما ئېگىسگە ئاپىرىن ئېتتىم. مېنىڭچە سىز سوغۇققان بولۇپ سىزنى غىدىقلىغان مەزكۇر تېما ھەققىدە كۆپرەك ئويلۇنۇڭ. | |||
---|---|---|---|---|