كورىيە مۇسۇلمانلار رەھبىرى بۇ مەملىكەتتىكى تۇنجى ئىسلام مەكتىپى قۇرۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، كورىيە ۋاقتى گېزىتىنىڭ جۈمە كۈنىدىكى خەۋىرىدىن كۆرە، بۇ مەكتەپ غەيرىي ئىسلام ئوقۇغۇچىلارغىمۇ مۇۋاپىق كېلىدىكەن.
بۇ مەكتەپنى 2009 – يىلنىڭ مارت ئېيىدا پۈتكۈزۈپ ئوقۇش باشلايدىغانلىقىنى كورىيە مۇسۇلمانلار بىرلەشمىسى (KMB) باش كاتىپى Kim Hwan yoon كورىيە ۋاقتى گېزىتىگە ئېيتىدۇ .
بىز يېقىندا بۇ مەكتەپ قۇرۇش ئىلتىماسىنى يازماقچى ، بۇ ئىسلام مەكتىپىنىڭ خىراجىتى سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چىقىرىلىدۇ دەيدۇ kim ئەپەندى.
جۈمە كۈنىدىكى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سېئۇلدىكى باش ئەلچىسى ئابدۇللا ئەل-ئايىفان كورىيە مۇسۇلمانلار بىرلەشمىسىگە (KMB) بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئىش باشلىشى ئۈچۈن 500 مىڭ دوللار ئىئانە قىلغان.
سەئۇدى ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ، بۇ يېڭى مەكتەپنىڭ ئىسمى سەئۇدى شاھزادىسى سۇلتان بىن ئابدۇل ئەزىزنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان.
سەئۇدى ۋە كورىيە مۇسۇلمانلار بىرلەشمىسى ياردىمى بىلەن قۇرۇلغان بۇ مەكتەپ بارلىق دىنلاردىكى ئوقۇغۇچىلارغا دەرس بېرىدۇ.
دۆلەت دەرس مەزمۇنىدىن سىرت، بۇ مەكتەپ يەنە ئىسلام بىلىملىرى ۋە ئەرەبچە دەرسلىرىنىمۇ تەسىس قىلىدىكەن.
kim ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، دىنى دەرىسلىكلەردىن باشقىسى ئېنگىلىزچە ئۆتۈلىدىكەن. ئۇ يەنە : ئانا تىلى ئېنگىلىز بولغان ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ، دەرسلىكلەرنى چەت تىلدا ئۆتۈشكە كاپالەتلىك قىلىشنى پىلانلاۋاتىمىز، دەيدۇ.
kim ئەپەندىم تەكىتلەپ، ئەرەب ۋە قۇرئان ئۈگىنىشكىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
ئۇ يەنە : ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئېنگىلىز ۋە ئەرەب تىلىدا سۆزلىشىشتىن قىينالمايدىغان بولىدۇ ،دەيدۇ.
بۇ مەكتەپتە يەنە بىر مەسجىد بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ناماز ئوقۇشى ئاسانلىشىدىكەن.
kim ئەپەندىم : غەيرىي ئىسلام دىنىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسلامغا كىرىشى مەجبۇرلانمايدۇ دەيدۇ.
•
ئىسلامنى تونۇش كورىيە مۇسۇلمانلار بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى بۇ مەكتەپنىڭ ئىسلام دىنىنى خاتا چۈشىنىدىغان ئىددىئەلەرنى تۈزىتىشىتىكى بىر سۇپا بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
كورىيە مۇسۇلمانلار بىرلەشمىسى ئىسلام ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى سەئۇدى،مالايسىيا ۋە تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىق پىروگىراممىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان
كورىيە مۇسۇلمانلار بىرلەشمىسى كېلەر يىلى يەنە پايتەخت سېئۇلدا ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى ، پۈتۈن كۈنلۈك تولۇقسىز ئوتتۇرا
مەكتەپ ۋە ئۇنىۋېرسىتېت قۇرۇشنى پىلانلىغان.سىتاتىسكىغا قارىغاندا، 49 مىليون نوپۇستىكى كورىيەدە 150 مىڭ مۇسۇلمان بولۇپ،
52٪ بۇددىست، 20$ خرىستىيان بار ئىكەن.
مەنبە: ئىسلام توردا
http://www.islamonline.com/news/newsfull.php?newid=100133