ئالدى بىلەن ھەسەن - ھۇسەن ئەپەندىمنىڭ پەخىرلىك شائېرىمىز ئادىل تۇنىيازنىڭ ئەسىرىنى يوللىغىنىغا تەشەككۇر بىلدۇرىمەن!
ئاندىن يازما يوللاش جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى كۆرسىتەي :
خەت بىسىش ۋە ئەسلىسىنى ئۆزگەرتىۋېتىشتىن كىلىپ چىققان مەسىلىلەر __________ مۇشۇ سەۋەب بەزى مىسرالارنىڭ مەنىسى ئۆزگىرىپ كەتكەن.
![](./10.gif)
1- كۇبلېت 3-- مىسرادىكى : سامان يولى ئەمەس ، سامانيولى
4- مىسرادىكى : ئۈلۇك ئەمەس ، ئۆلۈك . كىلىدۇ ئەمەس ، كېلىدۇ
![](./10.gif)
2-كۇبلېت 3- مىسرادىكى : قايتىمىز ئەمەس ، قايتارمىز
![](./10.gif)
3- كۇبلېت 3- مىسرادىكى : كەچۇرمەيمەن ئەمەس ، كەچۈرمەيمەن، قىيامەتچىكىچە ئەمەس ، قىيامەتكىچە
![](./10.gif)
6- كۇبلېت 1- مىسرادىكى : مەغرور ئەمەس ، مەغرۇر
![](./10.gif)
ئاخىرقى كۇبلېت 2- مىسرادىكى : ياد ئەمەس ، يات
3- مىسرادىكى : قىتىم ئەمەس ، قېتىم
ئەڭ مۇھىم يەنە بىر مەسىلە __ سىز 2- كۇبلىتنى ئىككى كۇبلىت قىلىپ ئايرىۋېتىپ 6 كۇبلىتلىق شىئېرنى 7 كۇبلېتلىق شىئېرغا ئۆزگەرتىۋېىتىپسىز ، بۇنداقتا شىئېرنىڭ مەنا پۇتۇنلىكىگە تەسىر يىتىپ ، مۇكەممەللىكىگە تەسىر قىلىدۇ.
تەكىلىپ : داڭلىق شائىرلىرىمىزنىڭ شىئېرلىرىنىڭ خەلق ئىچىدە مۇكەممەل تارقىلىپ ، جۇلالىنىپ تۇرىشى ئۈچۈن تېما يوللىغاندا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلساق !
پىكرىمدە ئۆرۇنسىز تەرەپلەر بولسا رەنجىمىگەيسىز !