مەن ياقتۇرغان رۇبائىيلار ( 3 )
ئابدۇكېرىم خوجا
ئانام بۇغدا زەردىن تۇتۇپ جىيەكلىك ،
كىيۋاپتۇ خان ئەتلەستىن كۆڭلەكلىك .
ئولتۇرۇپتۇ قىلىپ چوڭقۇر تەپەككۈر ،
كۆك گىلەمنىڭ ئۆستىدە ئاق لىچەكلىك.
مېۋىلىك قىلغان دەرەخنى يېلتىزى ،
تولىدۇ شۇڭا ئېتەكمۇ كۈز كېزى .
مېۋىنى يېگەن بۇنى ئويلامدۇ يوق ،
بىر خۇدا بىلگەي ئۇنى ھەم بىر ئۆزى .
كۈندۈزى بولسا ھاۋا قانچە ئوچۇق ،
كېتىدۇ سايەم بولۇپ شۇنچە قويۇق .
تۈن بىراق قورشاپ مېنى كەلسە شۇ دەم ،
تاپقىلى بولماس پەقەت ئۇ ياندا يوق .
چوت ۋە كەتمەننى ساپلاش تەس ئەمەس ،
كېتىدۇ ناھايەت ئاڭا ئىرغايلا ، بەس .
تاج ياساشمۇ ئانچە بىر تەس ئىش ئەمەس ،
ئاڭا لايىق باش تېپىش تەس ، بەكمۇ تەس .
ئىت ساڭا ھۈرگەندە رەنجىپ كەتمىگىن ،
ھۈنىرى ، خۇي - پەيلى شۇنداق ئەسلىدىن .
ھۈرمىسە قانداق ئاتالسۇن ئىت بولۇپ ،
كىم سېنى بول دەپتۇ ئادەم نەسلىدىن .
_ يارىشىپتۇ دوپپىڭىز سىزگە قەۋەت ،
نە سەۋەبتىن كەلدىڭىز كىيمەي پەقەت ؟
_ بولمىسا ئۇ چاغدا باش زادى بىكار ،
دوپپىغا نەدىن نېسىپ بولسۇن نۆۋەت .
لاپ قىلىپ ياندى گۇگۇت، ئۆچتى، بىراق ،
قالدى تۈن ئىلىكدە ئۇندىن شام - چىراق .
كى ئۆمۈرنىڭ قىممىتى ھەن قەدرى شۇ ،
بولمىسا ھاجەت نېمە ياشاش ئۇزاق .
ئابدۇكېرىم مەخسۇت
مەن يىغلاپ تۇغۇلدۇم ، كۈلۈپ ياشايمەن ،
ھاياتنى قەدىرلەپ، سۆيۈپ ياشايمەن .
بىلىم ئشتىياقى قەلبىمدە چەكسىز ،
ئۆمۈرنى ئۇزاققا سوزۇپ ياشايمەن .
تېنىڭدە بار ئىكەن جېنىڭ مەرد يىگىت ،
ئەجرىڭدىن چۆللەرنى بوستان ئەت يىگىت .
ياۋ رۇستەم بولسىمۇ ئەگمە بېشىڭىنى ،
ۋەتەن دەپ ئالەمدىن خوشال كەت يىگىت .
ئۆمۈرنىڭ گۈل پەسىلى __ كۆكلىمى ياخشى،
كۆكلەمنىڭ مىنەتسىز تەقدىمى ياخشى .
ھەسىرىتىڭگە ئۆتمۈش قايتىپ كەلمەيدۇ ،
بىلگىنىكى، بۈگۈننىڭ ھەردىمى ياخشى.
ساقىيا ، مەي تۇتساڭ گەر بولۇپ ھەمدەم ،
ئۈلپىتىم بولسىمۇ زۆھرا ۋە سەنەم .
لېۋىمگە بىر نەپەس قۇنمايدۇ كۈلكە ،
بولمىسا خەلقىمنىڭ كۆڭلى خاتىرجەم .
يىل ئىكەن ئۆمۈرگە ئۆلچەم ۋە مىزان ،
ئەزەلدىن بۇ ھېساب ھەممىگە ئايان .
ھاياتىنىڭ قىممىتى ئانا تۇپراققا ،
تۆكۈلگەن ھەر تامچە تەر قىلۇر بايان
لەيلى تەھرىرى