ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯘﻳﯘﺷﻘﺎﻕ ﺗﺎﺭﺧﻼﺭﺩﺍ ﺑﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ،
ﻣﺎﻧﺎ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯘ ﺳﯜﭘﻪﺕ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺑﯩﺰﻟﻪﺭﺩﻩ.
ﻗﻮﺳﺎﻕ ﺑﯧﻘﯩﺶ ﻛﻮﻳﯩﺪﺍ ﻏﯘﺭﯗﺭ -ﯞﯨﮋﺩﺍﻥ ﻳﻮﻗﺎﺗﺘﯘﻕ،
ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻘﯘ ﻛﯚﺭﻣﻪﻳﻤﯩﺰ، ﮬﻪﺭﻳﺎﻥ ﭼﯧﭙﯩﭗ ﺗﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ.
ﺑﯩﺮﺍﯞ ﺩﯨﺪﻯ ﺋﻪﻱ ﻧﺎﺩﺍﻥ ،ﺳﻪﻧﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺑﺎﻕ،
ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺭﻭﮬﯩﯔ ﺑﺎﺭ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ ﺟﺴﻤﯩﯔ ﺷﯘ ﺗﻪﻧﺪﻩ.
ﺗﺎﺭﯨﺨﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﺎﻕ ﮬﻪﻗﻨﻰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺗﯩﯖﺸﺎﭖ ﺑﺎﻕ ،
ﺳﻪﻧﻤﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺑﻪﺭﯨﺒﯩﺮ ﮬﺎﻳﯟﺍﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﯩﺮ ﺑﻪﻧﺪﻩ.
ﻣﻪﻳﺨﻮﺭﻟﯘﻗﺘﺎ ﺩﺍﯕﻘﻰ ﺑﺎﺭ ﻣﻮﺩﯨﻠﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﺑﻪﻙ ،
ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎﻣﯘ ﻳﯩﺘﻪﻟﻤﻪﺱ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﻛﯩﻴﮕﻪﻥ ﻛﯩﻴﯩﻤﮕﻪ .
ﺭﯨﺴﺘﯘﺭﺍﻧﻼﺭ ﺋﺎﯞﺍﺗﺘﯘﺭ، ﺋﯩﻠﯩﻢ-ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺗﺎﺷﻼﻧﺪﻯ ،
ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﺩﯗﻕ ﻳﺎﺗﻼﺭ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺯﻩﮬﻪﺭﺩﻩ .
ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺟﻪﯞﺭﻯ- ﺟﺎﭘﺎﺩﺍ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﻟﺪﯗﻕ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ،
ﺋﻪﭘﺴﯘﺱ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺩﺍﺗﻼﻧﺪﻯ ﺧﯘﺷﺎﻣﻪﺕ ﻛﯚﭖ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﺩﻩ.
ﺩﯦﺪﻯ ﺋﺎﺗﺎ ﺋﻮﻏﻠﯩﻐﺎ ﻣﻪﻧﺴﻪﭖ ﺗﯘﺗﻘﯩﻦ ﭘﻪﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ،
ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﻩﺗﻜﯩﻦ، ﺋﻪﺳﻘﺎﺗﻤﺎﺱ، ﻗﻮﺳﺎﻕ ﺗﻮﻳﻤﺎﺱ ﺑﯩﻠﯩﻤﺪﻩ.
ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺯﺍﺭﻻﭖ ﺗﯩﺘﺮﻩﻳﺪﯗ ﻳﺎﺵ ﻣﯚﻟﺪﯛﺭﻟﻪﭖ ﻛﯚﺯﻟﻪﺭﺩﻩ،
ﺋﯧﺴﯩﺖ ﺟﯧﻨﯩﻢ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﯗﻡ، ﺑﯩﺰ ﺋﯚﺗﻤﻪﻳﻠﻰ ﻏﻪﭘﻠﻪﺗﺘﻪ .
[ يوللىغانkawsar1تەرىپىدىن2008-03-12 22:42قايتا تەھر ]