سىز بۇ تېمىنىڭ 62ـ ئوقۇرمىنى
 
arx

بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 262
شۆھرەت: 263 نۇمۇر
پۇل: 2610 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:214(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-04-27
ئاخىرقى:2008-03-14

نەۋرۇز خىياللىرى

نەۋرۇز خىياللىرى

كەلدى نەۋرۇز باھارنى چىللاپ ،
مەن نەۋرۇزنىڭ خىياللىرىدا .
يازماق بولدۇم نەۋرۇزغا ئاتاپ ،
شېئىر ، باھار ئىلھاملىرىدا .

زىمىن ئويغاندى باھار ئېپكەلگەن ،
مەيىن شامال سەگىشلىرىدە .
قىش بوۋايغا ئىللىقلىق يەتكەن ،
قار - مۇز ئاققان ئەگىزلىرىدە .

بىخ تارتىدۇ قاقشال دەرەخلەر  ،
ئارتىپ يېشىل توندىن يېپىنچا .
تار ئوچاقلار كېڭىيىپ نەلەر ،
بەزمە تۈزەپ سالدى سېلىنچا .

ئات بەيگىسى ئوغلاق تارتىشىش ،
قىززىپ كەتتى يېزا قىزلاقلار .
دىھقان خوشال يەرگە باشلىنىش ،
قىلىپ سالدى ئۇرۇق - پۇرچاقلار .

لېكىن شەھەر جىمجىت پەقەت يوق ،
خوشال بايرام ئەنئەنىلىرى ،
ئۆي - ئۆيلەردە تېلىۋىزور ئوچۇق ،
شۇندا نەۋرۇز تەنتەنىلىرى .

ئەجداد بايرام قىلىپ قالدۇرغان ،
ناۋا نەۋرۇز  قېنى شەھەردە .
ئۇنتۇدۇقمۇ شەھەرلىك ئىنسان ،
ئويلاپ قالدىم خىيال سەھەردە .


لەيلى تەھرىرى
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 19:42 | [باش تېما]


 

Time now is:03-14 15:36, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation