Quote:
بۇ يازما5قەۋەتتىكىlayli0317نىڭ2008-03-12 19:35يوللىغان :
بالدۇرراق يوللىسىڭىزچۇ نۇرى، ئىككىسىگە بىرلا سالاكەنمە ئەسلى....ۋايجان،بانكىدىكى تەلەتىگە جىن تىپىۋەتكەن تۇكۋاشلارنى كۆرگۈمنىڭ يوقلىقى، يەنە بارارمەنما شۇ يەرگە؟ ما جايىمىزدا ئوتتىراپلا سۈيۈملۈك كومپىيوتىرىمىزدىن ئەۋەتىدىغان بولساق ياخشى بولاتتى

يەنە بىر بېرىۋىتىڭە لەيلى خېنىم.
بىز 8-مارت كۈنى سىڭلىم نۇرى بىلەن ئۇ كىچىك ئۇكاشنى يوقلاپ بارغان ۋاقتىمىزدا ،ئەسلىدىنلا ئايالىنىڭ كىسلىنى داۋالىتىپ ئىككى قىزىنى ئالى مەكتەپتەئۇقۇتۇپ قاق سەنەم بوپ كەتكەن بىچارە دادىنىڭ ئامالسىزلىقتىن تەمتىرگەن چىرايى غەم دەستىدە سارغىيىپ تۇرغان ئىكەن ، شۇ چاغدا ئۇلارغا قاراپ ئېھ!نامراتلىق دەپ نالە قىلدىم . ئۈزۈمنىڭ ئاشۇ بىر كۈن بولسامۇ ،ئەمدىلا ھۇشىغا كەلگەن ئاشۇ ئۇكاش ئۈچۈن بولسىمۇ مىليۇنۇر بوپ قېلشىمنى ئارزۇ قىپ كەتتىم .شۇ تاپ ئوكسىگىن كىلاپانى ئاغزىدا ھالدا كۆزلىرنى تەستە ئېچىپ ،تەقازالىق بىلەن تىكىلگەن كۆزلەرگە قاراۋاتقان ئىسكەندەرنىڭ ئاشۇ ھالتى ھېلىمۇ كۆز ئالدىمدا . باغرى يۇمشاق ،ئۆزىدەك گۈزەللىكنى قەلبىدە مۇجەسەملىگەن نۇرى سىڭلىمنىڭمۇ كۆزلىردە لىغىرلاپ قالغان ياشلار قوللىرىمىزنى چىڭ سىقشىپ ، بۇ كۆرنىشكە بەرداشلىق بىرىش ئۈچۈن بىر-بىرمىزگە مەدەت بىرۋاتقان ئىدۇق . مەن بارلىق مۇنبەرداشلىرىمنىڭ بۇ بالا ئۈچۈن ئىللىقلىق يەتكۈزشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن . بولسا كورلا تەۋەسىدىكى قېرىنداشلار ،ئۇ ئۇكىمىزنى يوقلاپ كىلىڭلار ......