1
بۈگۈن نورۇز، بۈگۈن بايرام،
بىزدە تەنتەنە.
ئەجداد روھى چېچەك ئاچقان،
ئېسىل ئەنئەنە.
بۈگۈن نۇرۇز، بۈگۈن بايرام،
ھەر جايدا شاتلىق.
كۈلەر دىلدا ئارزۇ-ئارمان،
ۋىلىقلاپ تاتلىق.
بۈگۈن نۇرۇز، بۇگۈن بايرام،
دەريادا دولقۇن.
كۆكتە پارلاپ ئالتۇن قۇياش،
كۆيدۈرەر يالقۇن.
2
بۈگۈن نورۇز، بۈگۈن بايرام،
قىزىيدۇ سەيلان.
يۇمران مايسا ئۇسسۇل ئويناپ،
قىلىدۇ جەۋلان.
بۈگۈن نورۇز، بۈگۈن بايرام،
قاينايدۇ بەزمە.
ئىلھام ئېلىپ كۈيچى بۇلبۇل،
ئوقۇيدۇ نەزمە.
بۈگۈن نورۇز ، بۈگۈن بايرام،
ئوينار قېرى-ياش.
نۇرغا چۆمۈپ چاقناپ تۇرار،
سۇ ئاستىدا تاش.
بۈگۈن نورۈز، بۈگۈن بايرام،
يايرايدۇ ئەللەر.
قانغا ھۇزۇر، جانغا راھەت،
ئەسكەندە يەللەر.
بۈگۈن نورۇز، بۈگۈن بايرام،
كۆكەردى يەرلەر.
كەتمەن چېپىپ داستان يازار،
ئېتىزغا ئەرلەر...
مەنبە:ئىجادىيىتىم.
[ يوللىغانkok-sultanتەرىپىدىن2008-03-12 20:34قايتا ت ]