مەن كەتسەم يىراقلارغا،
قالدىڭمۇ پىراقلاردا؟
مېنىڭ كۆڭلۈم سەندىدۇر،
يۇرسەممۇ يىراقلاردا.
سېنى ئويلاپ چىقىمەن،
ئاخشاملىرى تاڭغىچە.
سېنى دىلدىن سۈيەرمەن،
خۇدا جاننى ئالغۇچە.
بولسام ساڭا بىۋاپا،
جازا بەرسۇن خۇدايىم.
مەن سۆيگەندەك سەن مېنى،
سۈيەمسەنكىن نىگارىم؟...............
ئاپتۇرى:مەمەتجان تىلۋالدى
2008-يىلى3-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچى
لەيلى تەھرىرى