بۇ بەدىنىگە چىۋىن،پاشا قونىۋالغان بالىنىڭ رەسىمىنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشىنىڭ يۈرەك تارىسى تىترىمەي قالمايدۇ.رەسىمدىكى مۇھىت بىزنى بۇ مەنزىرىگە نىسبەتەن كاللىمىزدا نۇرغۇن ئوي-خىياللارنى شەكىللەندۈرىدۇ.....دۇنيادا راستىنلا موشۇنداق يەر بارمىدۇ؟مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۆسمۈر بارمىدۇ؟
ۋىجىك كەلگەن بەدىنىدىن،ئۇنىڭ ھالىتىدىن،ئەتراپتىكى مۇھىتتىن بىز بالىنىڭ ئېچىنىشلىق قىسمىتىنى كۆرەلەيمىز.ئۇنىڭغائوينايدىغان تور ئويۇنلىرى،KFC、MDLۋەئوينايدىغان ئويۇنچۇقلىرى،دوستلىرى ھەتتا قورسىقى تويغىدەك تاماقىمۇ يوق.
نىمىشقا بالىنىڭ ئۈستى-بېشىغا چىۋىن،پاشىلارقونىۋالغان؟بالا نىمىشقا ئۇلارنىڭ قوغلىمايدۇ؟چۈنكى بالىنىڭ ئاچسىزلىقتىن ئۇلارنى قوغلايدىغان ماغدۇرىمۇ يوق ئۇزاق كۈنلەردىن بۇيان بالا بۇنىڭغا كۆنەك بولۇپ قالغان.بالىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرچۇ؟رەسىمنىڭ ئۈستىنكى ئوڭ تەرىپىدە بىر ئادەم بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولسا يەنە بىر تەرەپتىن پات-پات بالىغا كۆز-قۇلاق بولۇپ تۇراتتى.بىز ئۇنىڭ ھەركەتلىرىدىن،قىياپىتىدىن ئۇنىڭ بالىغا قاراش مۇقەددەس ۋەزىپىسىنى شۇنداقلا كۆپ پۇل تېپىپ ئائىلىسىگە قاراش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلالايمىز.ئۇ بەلكىم بالىنىڭ ئاكىسى ۋە ياكى دادىسى بولۇشى مۇمكىن.بالىنىڭ بەدىنىدىكى چىۋىن-پاشىلارئۇنىڭغا نىسبەتەن ئادەت بولۇپ كەتكەن بولۇش مۇمكىن.
سول تەرەپتىكى بالىنىڭ ئۆيى بولۇپ قاراپلا بۇ ئائىلىنىڭ كەمبەغەللىكىنى،تۇرمۇشىنىڭ غۇربەتچىلىكىنى بىلەلەيمىز.غىرىبانە بۇ كەپە كەڭ كەتكەن ئېتىزلقتا يالغۇز تۇرماقتا.
مانا بۇ يوقىرىدا چۈشەندۈرۈلگەن رەسىم دۇنيا فوتۇ-سۈرەت مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مىدالغان ئېرىشكەن"ئافرىقىلىق بالا"دېگەن ئەسەر
___ جۇدا تەھرىرلىدى