سىز بۇ تېمىنىڭ 1153ـ ئوقۇرمىنى
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
 
بۇ بەتتىكى تېما: «ھەپتىدە بىر ئەزا » 2.سان (دىكى-دىككاڭ) IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
 
butterfly
ئالاھىدە ئىلگىرلەش تەشۋىقات ئەلچىسى

بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 2
يازما سانى: 1001
شۆھرەت: 1056 نۇمۇر
پۇل: 9890 سوم
تۆھپە: 124 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:1092(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-04-20
ئاخىرقى:2008-03-14

«ھەپتىدە بىر ئەزا » 2.سان (دىكى-دىككاڭ)


ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ، بارلىق مۇنبەر كۆرۇرمەنلىرىگە شەبنەم قۇرغۇچى ۋە باشقۇرغۇچىلىرىدىن ئالي ئىھتىرام .
تورداشلارنىڭ ئۆز ئارا چۇشەنچىسىنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇشقا قولايلىق بولسۇن ئۇچۇن «ھەپتىدە بىر ئەزا» مەزمۇنىنى يوللاشنى لايىق تاپتىم . ئەگەر تورداشلارنىڭ قارشى ئىنكاسى بولمىسا بۇنىڭدىن كيىن ھەر ھەپتىدە بىردىن ئىككىگىچە ئەزانىڭ قىسقىچە چۇشەندۇرشى بىلەن بىرگە شەبنەم مۇنبىرىگە بولغان پىكىر - تەلەپلىرى ۋە باشقىلار يوللىندۇ. يولىنىدىغان ئەزالارنىڭ دەرجىسىگە قارالمايدۇ ، مۇناسىپ دەپ قارالغان ھەر بىر ئەزا يوللۇنىدۇ .


<<ھەپتىدە بىر ئەزا >> 2.سان 




  مۇنبەر دەرىجىسى : تېما چولپىنى
      مۇنبەردىكى ئىسمى : دىكى-دىككاڭ ( كۈلكىلىك تور ئىسمى)
  ئەسلى ئىسمى: مەۋھۇم دۇنيادا ئەسلى ئىسىمنىڭ نىمە ئەھمىيىتى
  تۇغۇلغان ۋاقتى: ئاۋغۇست ئېيىدا يۇغۇلغان.
  يۇرتى: ئۇيغۇر دىيارى (مەن يۇرتىڭىز نەدىن دىگەن سوئالغا بەك بىزار )
  مەدەنىيەت سەۋىيەسى : ئاسپىراتلىققا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن.
  كەسپى : جەمىيەتشۇناسلىق
  قىزىقىشى : ئىجىمايى ساھەلەردىكى مىللىتىمىزغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار، مەسىلەن ئېتىقاد، مىللى ساپا، ئانا تىل، چەت تىلى ، ئۇچۇر ، ھاۋاكازالار.
  ئالاھىدىلىكى: تەپەككۈرۈم ئۆتكۈرمىكىن دەيمەن. ( ئۆزەمنىڭ باھاسى، پو ئېتىپ قۇيدۇممۇ نىمە )
  ياخشى كۆرىدىغان پەزىلەتلەر: كەمتەرلىك بىلەن بىلىم ئېلىش، زامانغا زارلانماسلىق، رىقابەتنى بىر خىل ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى دەپ بىلىش.
  يامان كۆرىدىغان ئىللەتلەر: دۇنيانىڭ رەڭدارلىق بولغان دىن ، مىللەت ۋە ئىرقىنى قارا-قويۇق ئىنكار قىلىش ، ئاياللارنى ھۆرمەتلىمەسلىك، بىلىمگە ئىنتىلمەسلىك.
  ياقتۇردىغان مۇزىكىلار: مۇقام ۋە خەلىق مۇزىكىلىرىنى ئانچە مۇنچە ئاڭلاپ قويىمەن.
  ياقتۇردىغان كىتاپلار: قۇرئان ، ھەدىسلەردىن تاللانما ، تۈركى تىللار دىۋانى، قۇتادغۇبىلىك. ئوكيانۇس( تور ئوكيانۇسىنى كۈندە بىر قېتىم كۆرۈپ تورىمەن)
  ئارزۇيى: تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئالسام، ئۇنى مىللىتىمنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىشلىتەلىسەم.
  كەلگۇسى پلانلىرى : ئاسپىرانتلىقنى چەتكە چىقىپ ئوقۇش.
  ئۆزىدىن : مەن يېقىندا بولغان بىر تەسىراتىمنى سۆزلەپ بىرەي،
  ھەر قېتىم ئۈرۈمچى جەنۇبى قوۋۇقتىكى كىتاپخانىغا بارغىنىمدا يول بويىدىكى تىلەمچى ئۇيغۇرلارنى ۋە پىتەك سېتىۋاتقان خەن ئاياللىرنى ئۇچرىتىمەن، تىلەمچىلىك قىلىۋاتقىنى ياش ياكى يالغان مېيىپ ( ئەلبەتتە ھەقىقى مېيىپمۇ بار) ئۇيغۇرلىرىمىز بار. بۇ 100 مېتىرغا بارمايدىغان ئارىلىقتىكى ئىجتىمايى ھادىسىنى كۆرۈپ ئىچىم ئاچچىق بولۇپ تۇراتتى، شۇنىڭ بىلەن 8- مارت كۈنى بىر خەن ئايالنى گەپكە سالدىم ۋە پاراڭ ئارقىلىق قەلبىم تولىمۇ دەرتكە تولدى.
  مەن : چوڭ ئاچا ، بۈگۈن بايرام تۇرسا نىمە دەپ ئارام ئالماي يەنە بۇ كۆچىغا چىقىۋالدىڭىز؟ سىزنىڭ بالا ۋاقىللىرىڭىز بۇ كۈننى بىلمەمتى يا؟
  پىتەكچى ئايال : خانقىز، مىنىڭ بىر ئائىلەم بار، ئوغلۇم ۋە كېلىنىم دائىم مىنى ئۆيدە ئارام ئېلىشىمنى دەۋەت قىلىپ تۇرىدۇ، بىراق مەن ئۇلارنىڭ قولىغا قاراپ قېلىشنى خالىماي كەچتە تېلىۋىزۇر كۆرگەچ پىتەك ياسايمەن، ماتىريالنى توپ تارقىتىشتىن ئەكىلىمەن، شۇنداق بولغاندا تېنىممۇ سالامەت كۆڭلۈممۈ خاتىرجەم بولىدىكەن، بالىلارغا ئېغىرىمنى سېلىشنى خالىمايمەن .
  مەن: سىز كۈندە قانچىلىك كىرىم قىلالايسىز؟
  پىتەكچى ئايال: كۆپ ئەمەس، تىجەپ خەجلىسەم ئايلىق ئۇششاق –چۈششەك خىراجىتىمگە يېتىدۇ.
  مانا مۇشۇنداق ئەتراپىمدىكى ئىشلار دائىم مېنى ئازاپلايدۇ، تىلەمچى ئۇيغۇرلارغا قاراپ باقايلى، ئۇلارنىڭمۇ 2 قولى ساق، يېشى مۇنۇ ياشانغان كەمپىردىن كۆپ كىچىك. ئۇيغۇرلاردا مانا مۇشۇنداق ئىللەتلەر دائىم كىشىنى ئويغا سالىدۇ.
  بىر كۈنى ئەتىگەن ئاق مەسجىتنىڭ( ئۈرۈمچى سەنشىخاڭزىدىكى داڭلىق مەسجىتلەرنىڭ بىرى) ئالدىدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتسام مەسجىت چوڭ دەرۋازىسى يېنىدىلا بىر مەسنىڭ قۇسۇقى ئۇچرىدى. ئاڭلىشىمچە 10 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بۇ مەسجىت ئالدىدا پاھىشىلەر ئۆزىنى بازارغا سالاتتىكەن. مانا مۇشۇنداق ئىجتىمايى ئىللەتلەرنى تازىلاشقا ، مىللىتىمىز ئېتىقادىدىدىكى كاۋاكلىقنى تولدۇرۇشقا ، بىلىم ئىستىەگىدىكى سۇسلۇقنى كۈچەيتىشكە، رىقابەت ۋە ھايات جېڭىغا قاتنىشىشقا تەييارلىنىشقا .... ئۆزەمنىڭ بىرەر كشىلىك كۈچۈمنى چىقىرالىسام، ئۆزەمنىڭ ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكەن بولدى دەپ قارايتتىم.
  مۇنبەردىكى ئەزالار بىلەن دوسلىشىنشنى خالامسىز ؟ مەۋھۇملۇق يەنىلار سىرلىقلىق بىلەن قەلىپكاردۇر.

شەبنەم مۇنبىرىگە


شەبنەم مۇنبىرىنى زىيارەت قىلىۋاتقىنىڭىزغا قانچىلىك بولدى؟ بىر يېرىم يىل بولدىغۇ دەيمەن.

تىما ۋە ئىنكاس يوللاپ باقتىڭىزمۇ؟
يوللىغان تىماممۇ خېلى بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ، بەزىلىرى ھەسەل ھەرىسىدەك تېرىپ كېلىنگەن بولسا ، بەزىلىرى ئۆزەمنىڭ كۆرگەن بىلگەنلىرى ۋە باشقا تىللاردىن تەرجىمە قىلىنغان بوپتۇ. مەقسەت پەقەت بىرلا – بىلمىگەننى ئۈگىنىش بىلگەننى تەڭ بەھىرلىنىش.

يوللانما ۋە ئىنكاسلىرىڭىزغا باشقا كۆرۇرمەنلارنىڭ ئىنكاسى قانداق بولدى ؟
ھەر ئادەمنىڭ كۆز قارىشى ئوخشاش بولمىغاچقا، سەلبى ئىنكاسلارمۇ ئىجابى ئىنكاسلارمۇ بار بولىدۇ. بۇ نورمال ئەھۋال. پەقەت تىما يوللىغۇچىغا زەربە بەرمەي، تىمامغا دەلىللىك زەربە بىرەلىگەن ئادەمگە قايىل بولىمەن.

تىمىلارغا يىزىلغان قالايمىغان ، پىچەك، باشقىلارنى ئەيىپلەيدىغان ئىنكاسلارنى كۆرگەندە قانداق ئويلايسىز ؟
بۇنى پەقەت باشقۇرغۇچىلارىن كۆرۈش كىرەك. چۈنكى ئۇلارنى ئىنكاس يېزىشتىن توسقىلى بولمايدۇ، پەقەت يازغان ئىنكاسلارنى تازىلاپ ماڭغىلى بولىدۇ. بۇ جەھەتتە ئىزدىنىش ۋە بىلىك كۇلۇبى ناھايىتى ياخشى قىلىۋاتىدۇ.

مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىغا پىكىرىڭىز بارمۇ؟
باشقۇرغۇچىلار كەڭ تورداشلار ئۈچۈن خالىس خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ ۋاقىت قۇربان بېرىپ بۇ مۇنبەرنى باشقۇرۇپ بەرگەنلىكى ساۋاپلىق بىر ئىش. چۈنكى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە خالىس خىزمەت قىلىشنىڭ تەسلىكىنى ھەممە بىلىدۇ.
باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئىمتىيازسىز ھالدا كەڭ تورداشلار بىلەن بىللە ئىلمىي مۇنازىرىلەرنى ئېلىپ بېرىشىنى تىلەيمەن، ھەم مەسئۇلىيىتىنى ھوقۇقىدىن ئۈستۈن بىلىپ، تەستىق سالغان تىمىلارنى ۋاختىدا تازىلاپ تۇرىشىنى ، باشلامچى بولۇپ نادىر ئەسەرلەرنى يوللاپ تۇرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن، باشقۇرغۇچى دىگەن تىما يوللاشتا ئۈلگە بولالمىسا ، ئۇنى پەقەت ئىمتىيازى بار ئادەتتىكى ئەزالا دىيىش كىرەك خالاس..

سىز باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئورنىدا بولغان بولسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز؟
ئىنكاس تازىلاشنى چىڭ تۇتۇپ، نادىر ئەسەرلەرنى يوللىغان تورداشلارنى ماددى جەھەتتىن رىغبەتلەندۈرۈپ، شەخسىيىتىگە زەربە بېرىدىغان تورداشلارنى زىندانغا سولاپ ( ۋاقىتلىق) ئۇلارنى توغرا پىكىر قىلىش، توغرا ئىددىيە ھالەتتتە ئىنكاس يېزىشىغا باشلامچى بولۇش... لار.

مۇنبەرنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى ۋە كەمچىلىكى بار؟
بۇ مۇنبەرنىڭ قاتناشقۇچىلىرى كۆپ بولسىمۇ لېكىن كۆپىنچىلەرنىڭ ناخشا – مۇزىكا بىلەن، ياكى چايخانىلاردا " چاكىنا " سۆھبەت بىلەن ۋاقىت ئىسراپ قىلىدىغان ئەھۋال ئازدۇر – كۆپتۈر مەۋجۇت.، سان كۆپ بولغانلىقى بىر ھىساپتا ئارتۇقچىلىق بولسىمۇ لېكىن ئۇنى ياخشى باشقۇرمىسا، سەلبى تەسىرىمۇناھايىتى قورقۇنۇشلۇق.
مۇنبەردىكى گورۇھۋازلىق، گۇپپاڭچىلىك قىلى(، قارىسىغا ئەگىشىش، ) ئەخلاقسىزلىق قىلىپ باشقا تورداشلارنى تىللاش، باشقۇرغۇچىلار شەخسى ئۆچ -ئاداۋەت پەيدا قىلغان تورداشلارنى يىتەكلىمەي ياكى چەكلىمەي، مەيلىگە قويۇۋېتىش، باشقۇرغۇچىلار ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنى يەكلەش قاتارلىق سەلبى ھادىسە داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ.

قانداق قىلغاندا مۇنبەردىكى يامان ئىللەتلەرنى تۇزەتكىلى بولدۇ دەپ قارايسىز؟
باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، باشقۇرغۇچىلار زىددىيەت پەيدا قىلىۋاقان تورداشلارنى جازالاش ۋە ئىنكاس يېزىشنى چەكلەش، ئي پى ئادرىسىنى توڭلىتىش .. قاتارلىق يوللار بىلەن قالايمقان زىددىيەتلىك ئىنكاس يازغۇچىلارنى تەرتىپكە سېلىش كىرەك. ئاندىن تىما مەزمۇنى ۋە سانىغا قاراپ مەلۇم جەھەتتىن رىغبەتلەندۈرۈش ( ماددى جەھەتتىن) پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش. باشقۇرغۇچىلارغىمۇ مەسئۇلىيەت بىلەن مۇكاپاتنى تەڭ ئېلىپ بېرىش كىرەك. كونكىرىتنى قانداق قىلىشنى يەنىلا مۇنبەر باشلىقى ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتسە بولار.

تورداشلارغا كۆڭۇل سۆزىڭىز بارمۇ ؟
شەبنەمنى ھەقىقى " بىلىم ئىگەللەيدىغان، پىكىر ئالماشتۇرىدىغان ئىللىق ماكان" قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تەڭ كۈچ چىقىرايلى.



<<ھەپتىدە بىر ئەزا >> 1.سان (ئەزا 112yulgun)




ئاپتۇردىن :
تىمىدا كەمچىل ياكى ئارتۇقچە كەتكەن يەرلەر بولسا تورداشلارنىڭ ئۇچۇر ئارقىلىق يوللاپ قويشىنى سەمىمى ئۆتۇنىمەن . كىلەركى ساندا كەمچىلىكلەر تولۇقلۇنۇپ يوللۇنىدۇ . يىقىندىن ياردەمدە بولغايسىلەر .
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 15:17 | [باش تېما]
ئىشەنچ
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

مەزھەپ:دالانكارىز دالانكارىز
بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1108
شۆھرەت: 1119 نۇمۇر
پۇل: 11080 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:397(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-09-08
ئاخىرقى:2008-03-14

كىپىنەك ھەدەمنىڭ بۇ يوللانمىسىنى كۆرۇپ بەك خۇشال بولدۇم،،،،،،،،،،،،،،بولسا مۇنبەردىكى ھەممە ئەزالارنى مانا مۇشۇنىڭغا ئۇخشاش زىيارەت قىلىشىڭىزنى چىن قەلبىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن . مۇسۇنداق ياخشى يوللانمىنى يوللىغىنىڭىزغا رەخمەت،ھارمىغايسىز


ئەگەر دۇنيادا پاك ھەقىقىي ساپ ۋە مۇكەممەل مۇھەببەت بار دىيىلسە ئۇ دەل ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتىدۇر.

يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 15:36 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 1 .قەۋەت
gul-sanam
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە تۆھپە

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 7
يازما سانى: 1743
شۆھرەت: 2059 نۇمۇر
پۇل: 17617 سوم
تۆھپە: 515 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:914(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-05-04
ئاخىرقى:2008-03-11

دىكى-دىكاڭ خانىمنى مەن ئەسلىدىنلا ھۆرمەتلەيتىم .
بۈگۈن بۇ سۆھبەتتىن كىيىن بۇ ياققا بولغان ھۆرمىتىم تېىخىمۇ ئاشتى .
مىنىڭ نەزىرىمدە ئۈزلىكسىز ئىلگىرلەش روھى ھەم  ئوز قوۋمىنىنىڭ تەغدىر قىسمىتى
ئۈستىدە باشقاتۇردىغان ھەر قانداق بىر ئىنسان .ئەڭ ئېسىل ھەم قەدىرلىك .
ئاللا  مۇرات مەقسەتلىرىڭىزگە يەتكىلى نىسىپ قىلغاي.
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 15:40 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 2 .قەۋەت
komurqibala

بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 346
شۆھرەت: 347 نۇمۇر
پۇل: 3430 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:228(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-03-22
ئاخىرقى:2008-03-14

ناھايىتى ياخشى تېما يوللاپسىز داۋاملىق تىرىشىڭ.ئەگەر ھاجىتىڭىز چۈشسە قوش قوللاپ ياردەمدە بۇلۇشقا تەيياربىز.
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 15:41 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 3 .قەۋەت
shakira
ئىجاتچان ئەزا

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 898
شۆھرەت: 911 نۇمۇر
پۇل: 9060 سوم
تۆھپە: 25 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:304(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-11-16
ئاخىرقى:2008-03-13

دىككى-دىككاڭنى سىزنى چۈشىنىدىغان پۇرسەت ئىكەن.بەلكىم مۇشۇ پۇرسەتتە ئۇقۇشماسلىقلار يىشىلىشى مۈمكىن.
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
يۈرىكىمنى تۇتىمەن ساڭا.
                _شاكىرە
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 15:56 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 4 .قەۋەت
Ark-zat
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىجاتچان ئەزا

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 4
يازما سانى: 4529
شۆھرەت: 4826 نۇمۇر
پۇل: 28670 سوم
تۆھپە: 416 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:798(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-11-17
ئاخىرقى:2008-03-14

باشقۇرغۇچىلارغا بولغان تەلەپلەر ياخشى بوپتۇ.ئىسمىڭىزنى يۇشۇرغىنىڭىز كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.مەدەنىيەت سەۋىيەرىڭىزنى سورىسا ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن دەپسىز،بۇمۇ  يامان ئەمەس جاۋاپ بولۇپتۇ.
ئەمدى سورايدىغىنىم تۆۋەندىكى مۇنازىرىدىن سىز رازى بولغانمۇ ؟
./read.php?tid-17908-keyword-.html
شائىر دەۋر يار بەرسە سىياسىئون بولىدۇ،يار بەرمىگەندە شائىر ياكى لۈكچەك بولىدۇ.
قوليازمىللىرىمنى رۇخسىتىمسىز ئىشلەتمەڭ!!!
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 16:00 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 5 .قەۋەت
Gulgina
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 1219
شۆھرەت: 1241 نۇمۇر
پۇل: 12200 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:424(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-02-15
ئاخىرقى:2008-03-14

مەن دىكى -دىككاڭ قىرىندىشىمنى ھەدە ياكى ئاكا دەپ ئاتىشىمنى بىلمەيمەن ،
كۈڭلۈمدىكى گەپنى قىلسام : بۇ قىرىندىشىمنىڭ تىمىلارغا يازغان ئىنكاسلىرى ھەم ئۈزى يوللىغان تىمىلارغا قارىتا يۈرگۈزگەن پىكرلىرىگە قاراپ ئۇنىڭغا ھۈرمىتىم ئاشقان ، مەن بۇ قىرىندىشىمنىڭ بىلىم جەھەتتىكى تالانتىغا ھەقىقەتەن قايىل ، بۇ زىيارەت ئارقىلىق ئۇنى يەنىمۇ ئىچكىرلىگەن ھالدا چۈشەنگەندەك بولدۇم .بۇ توغرىسىدا مۇشۇنچىلىك سۈزلەپ تۇراي ، ئاخىرىدا تىما ئىگىسىنىڭ قەلەم قۇۋىتىگە ئۇتۇق تىلەش بىلەن بىرگە دىكى -دىككاڭ قىرىندىشىمنىڭ ھەر بىر باشقان قەدىمىگە بەرىكەت تىلەيمەن
كۈڭۈل خالىغاننى قىلما
ۋىژدانىڭ كۈتۈرگەننى قىل
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 16:08 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 6 .قەۋەت
sada0991

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 3
شۆھرەت: 4 نۇمۇر
پۇل: 30 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:0(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-11
ئاخىرقى:2008-03-12

مەن  دىكى-دىكاڭغا قايىل
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 16:34 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 7 .قەۋەت
sarang0998

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 215
شۆھرەت: 216 نۇمۇر
پۇل: 1630 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:66(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-12-19
ئاخىرقى:2008-03-13

مېنىڭ ھازىرغىچە ئۇنىڭغا ( دىكى-دىككاڭغا ) قاتتىق نارازىلىقىم بار ~~~
بوپتۇ ~~~قالغىنىنى ئالدىرىماي چۈشىنىپ يېتەرمەن ~بەلكىم پېقىر نادان ،سەۋىيەم ئاسپرانت بولمىغاچقا ، بەزى پەلسەپىۋى گەپلەرنىڭ تېگېگە يېتەلمىگەندۇرمەن ~ ئادەم دېگەن نۇقسانسىز بولمايدۇ ~~بىراق
مەن ، ئادەمنىڭ بىلىم ئېلىپ بولۇپ داۋاملىق ئىزدەنمىسە ،ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ مەنمەنچى ،نادان
بولۇپ قالىدىغانلىقىدەك ھەقىقەتنى بىلىمەن ~~~~
ئاللاھۇ ئەكبەر !!!
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 16:40 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 8 .قەۋەت
shakira
ئىجاتچان ئەزا

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 898
شۆھرەت: 911 نۇمۇر
پۇل: 9060 سوم
تۆھپە: 25 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:304(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-11-16
ئاخىرقى:2008-03-13

Quote:
بۇ يازما8قەۋەتتىكىsarang0998نىڭ2008-03-12 16:40يوللىغان  :
مېنىڭ ھازىرغىچە ئۇنىڭغا ( دىكى-دىككاڭغا ) قاتتىق نارازىلىقىم بار ~~~
بوپتۇ ~~~قالغىنىنى ئالدىرىماي چۈشىنىپ يېتەرمەن ~بەلكىم پېقىر نادان ،سەۋىيەم ئاسپرانت بولمىغاچقا ، بەزى پەلسەپىۋى گەپلەرنىڭ تېگېگە يېتەلمىگەندۇرمەن ~ ئادەم دېگەن نۇقسانسىز بولمايدۇ ~~بىراق
مەن ، ئادەمنىڭ بىلىم ئېلىپ بولۇپ داۋاملىق ئىزدەنمىسە ،ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ مەنمەنچى ،نادان
بولۇپ قالىدىغانلىقىدەك ھەقىقەتنى بىلىمەن ~~~~

مىنىڭمۇ نارازىلىقىم ئاز ئەمەس ئىدى،ئەمما مەن بەلكىم خاتا چۈشىنىپ قالغان جايلىرىم باردۇر دەپمۇ ئويلايمەن.
ئاخىردىكى بىر جۈملە سۆزىڭىز ماڭا بەك ياقتى.
ohxax.cn
يۈرىكىمنى تۇتىمەن ساڭا.
                _شاكىرە
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 16:59 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 9 .قەۋەت
qinmodan
ئالاھىدە تۆھپە ئىلغار باشقۇرغۇچى

مەزھەپ:چىن مودەن چىن مودەن
بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 1042
شۆھرەت: 1106 نۇمۇر
پۇل: 9541 سوم
تۆھپە: 98 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:1072(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-09-01
ئاخىرقى:2008-03-13

تورداش دىككى-دىككاڭ مۇنبەردىكى كۆپ سانلىق ئەزالار ھەتتا باشقۇرغۇچىلار سىزگە قىزىقىدۇ  ھەم سىزنىڭ بىر قىسىم ئادەمنى ئويغا سالىدىغان ۋە تەپەككۇر قىلىشقا مەجبۇرلايدىغان تېمىڭىز بىلەن ھۆرمەت قىلىدۇ.
  يوقۇرىدا گۈلگىنە خانقىز سىزنى ئاكا ياكى ھەدە دەپ ئاتاشنى بىلمەپتۇ. ئىشىنىمەنكى سىزنىڭ جىنسىڭىزنىڭ زادى ئايال ياكى ئەر ئىكەنلىكىڭىزگە گۇمان قىلىدىغانلار ئاز ئەمەس. سىز بۇ يەردە ئىسمىڭىزنى، جىنسىڭىزنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان ئىكەنسىز  مەنمۇ سىزنىڭ جىنسىڭىزنى بۇ يەردە ئاشكارىلاپ يۈرمەيمەن. بۇ ئىشنى قانۇن يول قويمايدۇ،  بۇ شەخسنىڭ مەخپىيەتلىكىگە دەخلى قىلغانلىق بولىدۇ.
  يەنە سىز بۇ تېمىدىكى بىر قىسىم پىكىرلىرڭىزغا سىرلىق تۈس بىرىپسز.
 «مۇنبەردىكى ئەزالار بىلەن دوسلىشىشنى خالامسىز ؟ مەۋھۇملۇق يەنىلا  سىرلىقلىق بىلەن جەلىپكاردۇر.»
  بۇ پىكرىڭىزدىن قارىغاندىمۇ سىزنىڭ  ھەقىقەتەن جەمىيەتكە بەك قىزىقىغانلىقىڭىزنى ئىسپاتلىسا يەنە بىر تەرەپتىن سىز مۇنبەردىكى بىر قىسىم ئەزالاردىن ئۆزىڭىزگە كېرەكلىك بولغان، ئېنىق قىلىپ ئېيتسام جەمىيىتىمىزدە جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى زىددىيەتنى چۈشۈنۈشنى ئاساس قىلدىڭىز. بىر قىسىم بىچارە ئەزالار سىزنىڭ ئېرىشمەكچى بولغان خام ماتېريالىڭىزنىڭ يەمچۈكى بولۇپ قالدى.
  سىز يوللىغان تېمىغا نىسبەتەن قارشى پىكىر كۆپ بولدى، سىزنى ئاشكارە تىللىغانلارمۇ بولدى. بىراق سىز بۇنىڭغا قىلچە پىسەنت قىلمىدىڭىز.
  ئەپسۇس، سىز مۇشۇ  تېمىدىكى سۆھبەتتە  ئىككى  يەردە ئۆزىڭىزنى ئاشكارىلاپ قويدىڭىز. ئەزالار ئازراقلا دىققەت قىلسا سىزنى بايقىيالايدۇ... سىزمۇ سىرلىق دۇنيانى ياخشى كۆرىدىكەنسىز. شۇڭا مەن سىرىڭىزنى سىر پېتى قالدۇردۇم.
ohxax.cn
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 17:04 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 10 .قەۋەت
hayrane

بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 164
شۆھرەت: 165 نۇمۇر
پۇل: 1650 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:22(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-01-22
ئاخىرقى:2008-03-14

مۇشۇ دىككى - دىككاڭ ئاچاممۇ يوقاپ كەتكىلى خىلى بولدى جۇمۇ،،،،،،،،،،،،،،بىرە تېما يوولايدىغان بولسا مۇنبەر دىگەن قانياپ ، ھەممە ئادەم ھاياجانلىنىپ جەڭ  باشلىنىپ كىتەتتى،،،،     ئۇنداق قىلماي تېما يوللاپ تۇرۇڭ دەيمەن.ئادەمنى سىغىندۇرۇپ نىمانداق يوقاپ كىتىسىز.
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 17:09 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 11 .قەۋەت
hanatam

بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 484
شۆھرەت: 485 نۇمۇر
پۇل: 4905 سوم
تۆھپە: 3 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:316(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-05-16
ئاخىرقى:2008-03-14

ھا ھا ، دۇنيا رەڭدار بولغىنى ياخشى ، دىككى دېكاڭدەك دككى دېككاڭلار ۋە باشقىلار بېلەن . مېنڭ دىككى دېكاڭڭغا گېپىم يوق ، ئويغۇر بولىشى بېلەن ، ئاسپىرنتلىققا تەييارلىق قىلىۋاتقان بىر دىككى خاننىنڭ يوقىدىن بارى ياخشى !
ohxax.cn
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 17:11 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 12 .قەۋەت
kisek
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 417
شۆھرەت: 474 نۇمۇر
پۇل: 4170 سوم
تۆھپە: 77 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:81(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-10-10
ئاخىرقى:2008-03-14

    ئىلىمگە يول ئالغان كىشى ئادەتتە ئەقەللى كەمتەرلىكنى ئۆزىگە خاراكتىر قىلىشى،نەزەر دائىرىسىنى كەڭ تۇتىشى ،قەلبىدە  قىسمەتداش قېرىنداشلىرىغا بولغان مېھرى-مۇھەببەت ئۇرغۇپ تۇرۇشى،گۇمانى نەزەردە ئۆز  دۇنيا قارىشىنى توختىماي  تەكشۈرۈپ -يەكۈنلەپ تۇرۇشى  زۆرۈر.
   
      ئاخىرىدا توردىشىمىزنىڭ تېنىگە سالامەتلىك،ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىغا تىلەكداشمەن!
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 17:19 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 13 .قەۋەت
karwan808

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 6
شۆھرەت: 7 نۇمۇر
پۇل: 60 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:0(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-12
ئاخىرقى:2008-03-12

ناھايىتى ياخشى تېما يوللاپسىز داۋاملىق تىرىشىڭ.ئەگەر ھاجىتىڭىز چۈشسە قوش قوللاپ ياردەمدە بۇلۇشقا تەيياربىز.
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 17:20 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 14 .قەۋەت
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )


 

Time now is:03-14 13:35, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation