سىز بۇ تېمىنىڭ 3030ـ ئوقۇرمىنى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
 
بۇ بەتتىكى تېما: يالىڭاچ ئۇسسۇل ئارتىسى تېپىشنى خالىمىغان يېگىت IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
 
arkam82

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 24
شۆھرەت: 24 نۇمۇر
پۇل: 240 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:52(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-10-12
ئاخىرقى:2008-03-13

يالىڭاچ ئۇسسۇل ئارتىسى تېپىشنى خالىمىغان يېگىت

ﺋﯘ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺋﻪرز ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻳﺎﻟﺘﯩﻴﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪى؟




«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» ﻣﯘﺧﺒﯩﺮى ﺑﺎھاۋۇدۇن ﻛﯧﺮەم



[size=5]ﺷﯩﺮﻛﻪت دﯦﺮﯨﻜﺘﻮرى ﺷﻪﺧﺴﻪن ﺋﯚزى ﺗﯧﻠﯧﻔﻮن ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺗﻮﺧﺘﺎﻣﻰ ﺋﯩﻤﺰاﻟﯩﺪى. ﺋﯘ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻜﻪ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯘزاق ﺋﯚﺗﻤﻪﻳلا ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﺋﻪۋەﺗﯩﻠﺪى. ﺑﯩﺮاق ﺋﯘ ﻣﯘﺷﯘ ﻣﯧﯖﯩﺸﯩﺪا ﻳﺎﺗﺌﻪﻟﺪە ﺋﯜچ ﺋﺎي ﺗﯘرۇپ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺗﯘﻏﯘﻟﯘپ
ﺗﺎ ﮬﺎزﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﻛﯚرۈپ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎن ﺟﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻠﻪرﮔﻪ دۇﭼﺎر ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳلاﭘﻤﯘ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪى. ﺋﯘ ﻣﯩﯖﺒﯩﺮ ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﺘﻪ ﺋﯜرۈﻣﭽﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﺎرﺗﻘﺎن زﯨﻴﺎﻧﻠﯩﺮى ﺋﯜﭼﯜن ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺷﯩﺮﻛﻪت دﯦﺮﯨﻜﺘﻮرﯨﻨﻰ ﺋﯩﺰدﯨﺪى. ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﯩﻐﺎن ﻳﻪردﯨﻦ دﯦﺮﯨﻜﺘﻮر ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﻗﺎﭼﯘردى. ﺋﯘ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﻗﺎﻧﯘن دەرۋازﯨﺴﯩﻨﻰ ﭼﯧﻜﯩﺸﻨﯩﻤﯘ ﺋﻮﻳﻠﯩﺪى. ﺑﯩﺮاق ﺋﯘ ﻗﻮﻟﯩﺪا ﻣﻪﻟﯘم ﻗﺎﻧﯘن ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﺮى ﺗﯘرۇﭘﻤﯘ ﻳﻪﻧﯩلا ﺋﻪرز ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻳﺎﻟﺘﺎﻳﺪى. ﺋﯘﻧﺪاﻗﺘﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﺪە ﺋﯜچ ﺋﺎي ﺗﯘرۇپ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻐﺎ زادى ﻧﯧﻤﻪ ﺳﻪۋەب ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪۇ؟ ﺋﯘ ﺷﯘﻧﭽﻪ رﯨﻴﺎزەت ﭼﻪﻛﻜﻪن ﺗﯘرۇﭘﻤﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺋﻪرز ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻳﺎﻟﺘﯩﻴﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ؟



ﺑﺎش دﯦﺮﯨﻜﺘﻮر ﺋﯚزى ﺗﯧﻠﯧﻔﻮن ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺶ


بۇلتۇر 5 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪا ﺋﯜرۈﻣﭽﻰ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪە ﺋﻮﻟﺘﯘرۇﺷﻠﯘق ﺋﻪﻛﺒﻪر ﺋﺎﺑﺪۇرﯨﺸﯩﺖ ﮔﯧﺰﯨﺘﺨﺎﻧﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﮕﻪ ﺋﻪۋەﺗﻜﻪن ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﻏﻪرﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎل ﺋﻮﻳﯘن ﻗﻮﻳﯘش ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺋﻪرزﯨﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎن ﻗﯩﻠﺪى. ﺋﻪﻛﺒﻪرﻧﯩﯔ دﯦﻴﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﯘ ﺋﯜرۈﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘم ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرۈپ ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪا ﺑﯩﺮ ﻣﻪزﮔﯩﻞ ﺗﯘرﻏﺎن. ﺋﯘ ﻳﻪردﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯧﻨﮕﯩﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎرﺗﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﯩﻞ ﺗﻪرﺑﯩﻴﻠﻪش ﻣﻪرﻛﻪزﻟﯩﺮﯨﺪە ﺋﯧﻨﮕﯩﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺷﻮﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﯩﻜﻪن. 2006 - ﻳﯩﻠﻰ 10 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺮى ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﯩﺮەﻳﻠﻪﻧﺪﯨﻦ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮن ﻛﻪﻟﮕﻪن. ﺗﯧﻠﯧﻔﻮن ﺑﻪرﮔﯜﭼﻰ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﻏﻪرﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎل ﺋﻮﻳﯘن ﻗﻮﻳﯘش ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎش دﯦﺮﯨﻜﺘﻮرى ۋاڭ ﺧﻪﻧﺪې دەپ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘرﻏﺎن ۋە ﺑﯩﺮ دوﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻛﺒﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯧﻨﮕﯩﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ ﺳﻪۋﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﮬﺎزﯨﺮ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺋﯩﺨﺘﯩﺴﺎس ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘۋاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﺪە ﺋﯩﺸﻠﻪﺷﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﻐﺎن. ۋاڭ دﯦﺮﯨﻜﺘﻮر ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻧﺪﯨلا ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎش ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﻨﻰ ﺳﻮرﯨﻐﺎﻧﺪا ﺋﻪﻛﺒﻪر ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ 3000 ﻳﯜەن دﯦﮕﻪن. ۋاڭ دﯦﺮﯨﻜﺘﻮر ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ دەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﺳﯩﻨﺎق ﻣﺎﺋﺎﺷﻨﯩﯔ 1100 ﻳﯜەن ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺴﯩلا ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﺪﯨﻜﯩﺪەك ﺋﯚﺳﺘﯜرۈپ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎن. ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺋﯘلار ﻳﯜز ﺗﯘراﻧﻪ ﻛﯚرۈﺷﯜپ ﻛﯩﻠﯩﺸﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺗﻮﺧﺘﺎﻣﻰ ﺋﯩﻤﺰاﻟﯩﻐﺎن.
ﺋﻪﻛﺒﻪر ﺗﻮﺧﺘﺎم ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ 11 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 1 - ﻛﯜﻧﻰ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻜﻪ رەﺳﻤﯩﻲ ﺗﻪرﺟﯩﻤﺎﻧﻠﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪن. ﺋﻪﺟﻪﺑﻠﯩﻨﻪرﻟﯩﻜﻰ، ﺋﯘ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﭼﯜﺷﯜپ ﺗﺎﻛﻰ ﺷﯘ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 18 - ﻛﯜﻧﯩﮕﯩﭽﻪ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺪا ﺑﯩﻜﺎر ﺋﻮﻟﺘﯘرۇپ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰور ﻛﯚرۈﺷﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎن. 19 - ﻛﯜﻧﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ۋاڭ دﯦﺮﯨﻜﺘﻮر ﺗﻮﺳﺎﺗﺘﯩﻨلا ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﺰدەپ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﺸﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ رەﺳﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮى ۋە ﺋﺎﻳﺮۇﭘﯩلان ﺑﯧﻠﯩﺘﻰ ﻛﯚﺗﯜرۈپ ﻛﯩﺮﮔﻪن ۋە ﺋﻪﺗﯩلا ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺋﯘﭼﯘپ، ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﻣﯚﮬﻠﻪت ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﯘ ﻳﻪردﯨﻦ 25 ﻗﯩﺰ - ﺋﻮﻏﯘل ﺋﺎرﺗﯩﺲ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺶ ۋەزﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘرﻏﺎن. ﻧﻪﭼﭽﻪ ۋاﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﺑﯧﺮى ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺪا ﺑﯩﻜﺎر ﺋﻮﻟﺘﯘرۇپ ﻳﻪﺗﻜﯜﭼﻪ زﯦﺮﯨﻜﻜﻪن ﺋﻪﻛﺒﻪر ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﯩﻜﺮﯨﮕﻪ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎن. ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘ ﺑﯘرۇن ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪا ﺑﯩﺮ ﻣﻪزﮔﯩﻞ ﺗﯘرﻏﺎﭼﻘﺎ ﺋﯘ ﻳﻪر ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﺗﻮﻧﯘش ﺋﯩﺪى. ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘ ﺋﻪﺗﯩﺴﯩلا ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎن ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﺋﯩﺴلاﻣﺌﺎﺑﺎد ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎراپ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎن. ﺋﯘلار ﻣﯧﯖﯩﺶ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻣﺎﺋﺎﺷﯩﻨﯩﯔ 1500 ﻳﯜەن، ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺋﻪﻣﮕﻪك ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﯩﯔ 80 ﻳﯜەن ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﯩﯔ 3900 ﻳﯜەن ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﺎﻏﺰاﻛﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎم ﺑﯩﻠﻪﻧلا ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪن ﮬﻪﻣﺪە ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﺮۇﭘﯩلان ﺑﯧﻠﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻮﺷﯘپ 300 ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ دوﻟﻠﯩﺮى ﺑﻪرﮔﻪن.




«ﻗﯩﺰلارﻧﻰ ﻳﺎﻟﯩﯖﺎچ ﺋﯘﺳﺴﯘل ﺋﻮﻳﻨﯩﺘﯩﻤﯩﺰ»




ﺋﻪﻛﺒﻪر ﺋﯩﺴلاﻣﺌﺎﺑﺎدﻗﺎ ﺑﺎرﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯧﺰلا ﺑﯩﺮ ۋاﺳﺘﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰدەپ ﺗﯧﭙﯩﭗ، ﺷﯘلار ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎرﺗﯩﺲ ﺗﯧﭙﯩﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪن. ﺑﯩﺮاق ﺋﯘ ﻳﻪردﯨﻦ رەﺳﻤﯩﻲ ﺳﻪﻧﺌﻪت ﺋﯧﻨﯩﺴﺘﯩﺘﻮﺗﻠﯩﺮﯨﺪا ﺗﻪرﺑﯩﻴﻪ ﻛﯚرﮔﻪن ﺋﺎرﺗﯩﺴلارﻧﻰ ﺗﺎﭘﻤﺎق ﺑﻪك ﺗﻪس ﺋﯩﺪى. ﺋﻪﻛﺒﻪر ﺑﯘ ﻗﯧﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻣﯧﯖﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘرۇﻧلا ۋاڭ دﯦﺮﯨﻜﺘﻮرﻏﺎ دﯦﮕﻪﻧﯩﺪى. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪا ۋاڭ دﯦﺮﯨﻜﺘﻮر ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ «ﭘﻪﻗﻪت ﺋﯘﺳﺴﯘل ﺋﻮﻳﻨﯩﻴﺎﻟﯩﺴﯩلا، ﭼﯩﺮاﻳﻠﯩﻘﺮاق، ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘلارﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﺴﯩلا ﺑﻮﻟﺪى» دﯦﮕﻪن. ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﻐﺎ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪن ۋاﻗﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﻪﻛﺒﻪر ﺗﻪرەپ - ﺗﻪرەﭘﻜﻪ ﻗﺎﺗﯩﺮاش ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ 20 ﻗﯩﺰ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻮﻏﯘل ﺋﺎرﺗﯩﺲ ﺗﺎﭘﻘﺎن. ﺋﯘ ﺑﯘ ﺟﻪرﻳﺎﻧﺪا ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻰ ﺳﻪۋەﺑﻠﯩﻚ ﺋﺎﻳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ 35 ﻣﯩﯔ رۇﭘﯩﻴﻪدﯨﻦ ﻣﻪﺧﺴﯘس ﻛﯩﺮا ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺴﻰ ﻳﺎﻟﻠﯩﻐﺎن، ﮬﻪر ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩلار ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯚﮬﺒﻪﺗﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﯩﻤﯘ ﻧﯘرﻏﯘن ﺧﯩﺮاﺟﻪت ﻛﻪﺗﻜﻪن. ﺋﯘ ﺑﯘ ﺗﺎﻟﻮﻧلارﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﻣﺎﯕﻐﺎن.
ﺋﻪﻛﺒﻪر ﺋﺎرﺗﯩﺴلارﻧﻰ ﺗﺎﻟلاپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ دەرﮬﺎل ۋاڭ ﺧﻪﻧﺪﯦﻐﺎ دوﻛلات ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻛﯚزدﯨﻦ ﻛﻪﭼﯜرۈﺷﯩﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﻐﺎن. ﺋﺎرﺗﯩﺴلارﻧﯩﯔ ﮔﯧﭙﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﻨﯩﯟﯨﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﻪﻛﺒﻪر ﻳﻪﻧﻪ ۋاڭ ﺧﻪﻧﺪﯦﻨﯩﯔ رۇﺧﺴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘلار ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻢ ﺗﯜزۈﺷﻜﻪن. ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﺪە ﺋﺎرﺗﯩﺴلار ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎرا ﭼﻮڭ ﺑﺎزاردا ﺋﻮﻳﯘن ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎن، ﻳﺎﺗﺎق - ﺗﺎﻣﺎق ﻛﯚﺗﯜرۈﻟﯜپ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺷﻰ 400 ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ دوﻟﻠﯩﺮى ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن، ﺗﻮﺧﺘﺎم ﺋﯩﻤﺰالاﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ 200 ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ دوﻟﻠﯩﺮى ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭗ، ﻗﺎﻟﻐﯧﻨﯩﻨﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﺑﺎرﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎن، ﻛﯩﻢ ﺗﻮﺧﺘﺎﻣﻐﺎ ﺧﯩلاﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺴﺎ 400 ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ دوﻟﻠﯩﺮى ﺧﯩلاﭘﻠﯩﻖ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺗﯚﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎن، ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺪﯨﻜﻰ ۋاﺳﺘﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ 120 ﻣﯩﯔ رۇﭘﯩﻴﻪ ﻛﯩﭙﯩﻠﻠﯩﻚ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺗﯚﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪن.
ۋاڭ دﯦﺮﯨﻜﺘﻮر ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﺳﻮزۇپ، ﺑﯘ ﻳﯩﻞ 1 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 8 - ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨلا ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺑﺎرﻏﺎن ۋە ﺋﺎرﺗﯩﺲ، ۋاﺳﺘﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯚرۈﺷﯜپ، ﺳﯚﮬﺒﻪﺗﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎرﺗﯩﺴلار ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ 11ﯨﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﯟاﻟﻐﺎن. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻤﯘ ﺋﯩﻤﺰالاﻧﻐﺎن. ﺑﯘ ﺋﯩﺸلارﻧﻰ ۋاڭ دﯦﺮﯨﻜﺘﻮر ﺋﯚزى ﺑﺎش ﺑﻮﻟﻤﺎي ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ - ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺋﻪﻛﺒﻪرﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﯩﻠﻐﺎن. ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻢ ﺋﯩﻤﺰاﻟﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻪﻣﺪى ﻳﯧﺘﻪرﻟﯩﻚ رەﺳﻤﯩﻴﻪت ﮬﻪﻗﻘﻰ ۋە ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻖ ﻗﻪﻏﯩﺰى ﺋﻪۋەﺗﯩﻠﺴﯩلا ﺑﻮلاﺗﺘﻰ. ﺑﯩﺮاق ۋاڭ دﯦﺮﯨﻜﺘﻮرﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﺎۋۋاﻟﻘﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺳﯚﮬﺒﻪﺗﺘﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺳﯚزى ﺋﻪﻛﺒﻪرﻧﻰ ﺋﻮﻳلاﻧﺪۇرۇپ ﻗﻮﻳﺪى:
-- ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪم ﺑﻮل، ﻗﺎﻳﺘﯩﭙلا ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻖ ﻗﻪﻏﯩﺰى ﺋﻪۋەﺗﯩﻤﻪن. ﻗﯩﺰلارﻧﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﺋﺎﭘﺎرﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘدۇل ﺋﯩﭽﻜﯩﺮى ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﻪرﮔﻪ ﻳﯚﺗﻜﻪپ ﻳﻪر ﺋﺎﺳﺘﻰ ﻛﻮﻟﯘﺑلاردا ﻳﺎﻟﯩﯖﺎچ ﺋﯘﺳﺴﯘل ﺋﻮﻳﻨﯩﺘﯩﻤﯩﺰ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﺎﭘﻘﺎن ﭘﯘﻟﺪا ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﺳﯧﻨﯩﯖﻤﯘ ﮬﻪﺳﺴﻪڭ ﺑﺎر. ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﺳﺎﻟﺴﺎ 50 دوﻟلار، ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﻟﺴﺎ 30 دوﻟلار، ﺗﯚۋﯨﻨﯩﻨﻰ ﺳﺎﻟﺴﺎ 10 دوﻟلار، ﭘﺎﻳﺪﯨﻨﻰ ﺗﻪڭ ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﺰ ...
ﺋﻪﻛﺒﻪر ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﯕلاپ ﭼﯚﭼﯜپ ﻛﻪﺗﺘﻰ. «ﺋﯘﺳﺴﯘل ﺋﺎرﺗﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯩﺴﯩﺰ دەپ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﭗ ﻳﺎﻟﯩﯖﺎچ ﺋﯘﺳﺴﯘل ﺋﻮﻳﻨﺎﺷﻘﺎ ﺳﺎﻟﺴﺎق، ﺑﯘ ﺋﯘﭼﯘﻗﺘﯩﻦ ﺋﯘﭼﯘق ﺋﺎﻟﺪاﻣﭽﯩﻠﯩﻖ، ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﯩﻤﯘ ﺧﯩلاپ. ﻳﺎق، ﻣﻪن ﺑﯘﻧﺪاق رەزﯨﻠﻠﯩﻜﻨﻰ ﻗﯩلاﻟﻤﺎﻳﻤﻪن ...»
ۋاڭ دﯦﺮﯨﻜﺘﻮر ﺗﻮﺧﺘﺎﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، 1 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 14 - ﻛﯜﻧﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎن ۋە ﭘﺎت ﺋﺎرﯨﺪﯨلا ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻖ ﻗﻪﻏﯩﺰى ۋە ﭘﯘل ﺋﻪۋەﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا ۋەدە ﺑﻪرﮔﻪن. ﺑﯩﺮاق ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻖ ﻗﻪﻏﯩﺰى ﺋﻪﻛﺒﻪرﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺘﺎ - ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮن ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪن 2 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 15 - ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨلا ﻛﻪﻟﮕﻪن. ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﻪﻏﻪزدﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﯩﻴﻠﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﯩﻤﻰ ﺧﺎﺗﺎ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎن، ﭘﯘل ﺋﻪۋەﺗﯩﻠﻤﯩﮕﻪن. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﻪﻛﺒﻪر «ﻳﺎﻟﯩﯖﺎچ ﺋﯘﺳﺴﯘل» ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﻳلاﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﺧﯩلاﭘﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ۋاڭ دﯦﺮﯨﻜﺘﻮرﻏﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻧﻪﭼﭽﻪ رەت دﯦﮕﻪﻧﯩﺪى.


«ﺋﺎﻟﺪاﻣﭽﻰ»ﻧﯩﯔ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﺪﯨﻜﻰ ﺟﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮى



ﺋﻪﻛﺒﻪر ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻖ ﻗﻪﻏﯩﺰﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ۋﯨﺰا ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﺑﺎردى. ﻛﻮﻧﺴﯘل ﺧﺎدﯨﻤﻠﯩﺮى ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻛﯧﻨﯩﺸﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﻠﯩﻘﻰ، ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻲ ۋەﻛﯩﻠﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻰ، ﺗﻮﺧﺘﺎﻣﻐﺎ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻲ ۋەﻛﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻤﺰا ﻗﻮﻳﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺟﯘﯕﮕﻮﻏﺎ ﺑﺎرﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪرﻟﯩﻚ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮەﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻖ ﻗﻪﻏﯩﺰﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯩﺴﯩﻤﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻰ، ﺗﻮﺧﺘﺎﻣﺪا ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪن ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﮬﻪﻗﻨﻰ ﺑﻪرﻣﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮﻗﺎﺗﺎر ﺳﻪۋەﺑﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ ۋﯨﺰا ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ رەت ﻗﯩﻠﻐﺎن.
ﻗﺎﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮەك؟ ﺋﻪﻛﺒﻪر ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪرﻧﻰ ۋاڭ دﯦﺮﯨﻜﺘﻮرﻏﺎ دوﻛلات ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻨﯩﯔ لازﯨﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎن. ﺑﯩﺮاق ۋاڭ دﯦﺮﯨﻜﺘﻮر ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﻗﺎﭼﯘرۇپ ﺋﺎﻣﺎل ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎرﺗﯩﺴلارﻧﻰ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﺸﻨﻰ دﯦﮕﻪن، ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺳﺎﻟﻤﯩﻐﺎن. ﻛﯜﻧﻠﻪر ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮى ﺋﯚﺗﯜپ، ﺟﯘﯕﮕﻮﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﻮﻳﯘن ﻗﻮﻳﯘش ﺋﯩﺴﺘﯩﻜﯩﺪە ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﮬﯧﺴلارﻏﺎ ﭼﯚﻣﯜپ ﺗﻮﺧﺘﺎم ﺋﯩﻤﺰاﻟﯩﻐﺎن »ﺋﺎرﺗﯩﺲ«لار ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﺰدەپ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﮬﻪدەپ ﻗﯩﺴﺘﯩﻐﯩﻠﻰ ﺗﯘرﻏﺎن. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮى ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﺴﺘﯩﭙﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎن ﺗﻪﻳﻴﺎرﻟﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪى.
-- ۋﯨﺰا ﻗﺎﭼﺎن ﺗﻪﻳﻴﺎر ﺑﻮﻟﯩﺪۇ؟ ﺟﯘﯕﮕﻮﻏﺎ ﻗﺎﭼﺎن ﻣﺎﯕﯩﻤﯩﺰ؟ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺑﻪرﻣﻪﻣﺴﯩﺰ؟ ...
ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪا ﺋﯘ ﻳﺎﻟﻠﯩﯟاﻟﻐﺎن ﻛﯩﺮا ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﮬﻪﻗﻘﯩﻤﯘ 70 ﻣﯩﯔ رۇﭘﯩﻴﻪدﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪى. ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﺑﯧﺮەﻟﻤﯩﮕﻪﭼﻜﻪ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘلاﻧﻐﺎن ﺷﻮﭘﯘر ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﺎﺳﭙﻮرﺗﯩﻨﻰ ﺗﺎرﺗﯩﯟاﻟﺪى. ﺋﻪﻣﺪى ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﺎﺗﺌﻪﻟﺪە ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق ﺳﺎلاﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯘ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪى. ﺋﻪﻛﺒﻪر ﺑﯘ ﺋﯩﺸلارﻧﻰ ۋاڭ دﯦﺮﯨﻜﺘﻮرﻏﺎ ﺷﯘﻧﭽﻪ دەﭘﻤﯘ ﺋﺎﻗﺘﯘراﻟﻤﺎي، ﺋﺎﺧﯩﺮى ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﯘﭼﯩلارﻏﺎ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﻪﮬﯟاﻟﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ، ﺟﯘﯕﮕﻮﻏﺎ ﺑﺎراﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ دﯦﺪى. ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎن «ﺋﺎرﺗﯩﺲ»لار ﻏﻪزەﭘﻠﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘ«ﺋﺎﻟﺪاﻣﭽﻰ»ﻧﻰ ﺳﺎﻗﭽﯩﻐﺎ ﻣﻪﻟﯘم ﻗﯩﻠﺪى. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘ ﭼﻪﺗﺌﻪل ﺳﺎﻗﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪا ﺑﻪش ﻛﯜن ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪى. ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎن ﺷﯘﻳﻪردە ﺗﯩﺠﺎرەت ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ۋاڭ دﯦﺮﯨﻜﺘﻮرﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ دوﺳﺘﻰ 45 ﻣﯩﯔ رۇﭘﯩﻴﻪ ﻛﯩﭙﯩﻠﻠﯩﻚ ﭘﯘﻟﻰ ﺗﯚﻟﻪپ ﺋﯘﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟاﻟﺪى. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎرﺗﯩﺴﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﯘﭼﯩلار ۋە ۋاﺳﺘﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﺋﯘﻧﻰ ﺳﻮﺗﻘﺎ ﺋﻪرز ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺗﻮﺧﺘﺎﻣﻐﺎ ﺧﯩلاﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﻰ 4400 دوﻟلار، ﻛﯩﭙﯩﻠﻠﯩﻚ ﮬﻪﻗﻘﻰ 120 ﻣﯩﯔ رۇﭘﯩﻴﻪﻧﻰ ﺗﯚﻟﻪﺷﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﺪى. ﻳﯧﻨﯩﺪا ﺗﯩﻴﯩﻨﻨﯩﯔ ﺳﯘﻧﯩﻘﯩﻤﯘ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎن ﺋﻪﻛﺒﻪرﮔﻪ ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪا ﻳﺎﺗﺎق ﺗﺎﻣﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻏﯧﻤﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻤﯘ ﺗﻪﺳﻜﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪن ﺗﯘرﺳﺎ، ﺑﯘ ﭘﯘﻟلارﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪاﻗﻤﯘ ﺗﯚﻟﯩﻴﻪﻟﯩﺴﯘن؟ ﺋﻪﻛﺒﻪر ﺋﯘلاردﯨﻦ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﻗﺎﭼﯘرۇپ ﻳﯜردى. ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪر دەل ﭼﺎﻏﺎن ﻣﻪزﮔﯩﻠﯩﮕﻪ ﺋﯘدۇل ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﭗ، ﺟﯘﯕﮕﻮدﯨﻜﻰ ﺑﺎﻧﻜﯩلار ﺋﺎرام ﺋﺎﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪردﯨﻨﻤﯘ ﭘﯘل ﺗﺎﭘﺸﯘرۇۋالاﻟﻤﺎي، ﮬﻪﭘﺘﻪ ﺋﺎچ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﻛﯚرﻣﯩﮕﻪن ﻛﯜﻧﻰ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪى.
-- ﻣﻪن ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪردە ﻛﻮﭼﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯩﻠﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎزلا ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﮬﻪ دﯦﮕﻪﻧﺪە ﺋﯘلار ﺋﯩﺰدەپ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﯩﺴﺘﺎۋاﺗﻘﺎن، ﻳﺎ ﺗﺎﻣﺎﻗﻘﺎ ﭘﯘل ﻳﻮق. ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﺗﻮﻏﯘﻟﯘپ ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﻪرﮔﻪ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻧﻤﻪن. ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﺎم زادﯨلا ﻛﺎﻟلاﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻤﻪﻳﺪۇ. ۋاڭ ﺧﻪﻧﺪې ﻣﺎﯕﺎ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺋﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﺪۇ؟ ﺋﯘ ﺋﯚزى ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻛﯚزدﯨﻨﻤﯘ ﻛﻪﭼﯜرۈپ ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻐﯘ؟ ﺋﺎﻗﯩﯟەﺗﺘﻪ ﺋﻪۋەﺗﻜﻪن ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻖ ﻗﻪﻏﯩﺰﯨﺪﯨﻤﯘ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﺑﺎر ﺋﯩﻜﻪن. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯘ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻲ ۋەﻛﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸلاردا ﻣﯧﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﻤﺎي ﺋﯚزى ﺑﺎش ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەك ﺋﯩﺪﯨﻐﯘ؟ ... ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﺪەك ﺑﯩﺮﻗﺎﺗﺎر ﺳﻪۋەﺑﻠﻪر ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﭼﻪﺗﺌﻪل ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﯘلارﻏﺎ ۋﯨﺰﯨﻤﯘ ﺑﯩﺠﯩﺮﯨﭗ ﺑﻪرﻣﯩﺪى. ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﺘﺎ ﻣﻪن »ﺋﺎﻟﺪاﻣﭽﻰ« ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘ ﻳﻪردﯨﻦ ﻣﯩﯔ ﺗﻪﺳﺘﻪ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ. ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎن ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺗﻪرەپ ۋە ﺳﻮت ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﯩﻠﯩﺮى ﻣﯧﻨﻰ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﺑﻮش ﻗﻮﻳﯘۋﯦﺘﻪرﻣﯘ؟ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﯘ ﺋﻮﻳﯘن ﻗﻮﻳﯘش ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ۋە ﺑﺎش دﯦﺮﯨﻜﺘﻮر ۋاڭ ﺧﻪﻧﺪﯦﻨﻰ ﺳﻮﺗﻘﺎ ﺋﻪرز ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎرﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﯩﻤﻪن. ﻗﻮﻟﯘﻣﺪا ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪا ﺋﯩﻤﺰاﻟﯩﻐﺎن ﺋﺎرﺗﯩﺲ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺗﻮﺧﺘﺎﻣﻰ، ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪا ﺗﯘرۇﺷﻠﯘق ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﻪۋەﺗﻜﻪن ﮬﺎۋاﻟﯩﻨﺎﻣﯩﺴﻰ، ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻖ ﻗﻪﻏﯩﺰى، ﺑﯩﺰ ﮬﻪﻣﻜﺎرلاﺷﻘﺎن ﺷﯩﺮﻛﻪت «ﺷﻪرﯨﻖ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﮔﯜﻟﻠﯩﻜﻰ» ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪرﮔﻪن ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻰ، ۋاڭ دﯦﺮﯨﻜﺘﻮر ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺑﺎرﻏﺎﻧﺪا ۋە ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻧﺪا ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎن ﭘﺎراﯕلار ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎن ﻟﯧﻨﺘﺎ ﺑﺎر. ﻟﯧﻨﺘﯩﺪا ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﺎﻟﯩﯖﺎچ ﺋﯘﺳﺴﯘل ﺋﻮﻳﻨﺎش ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﮔﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﺎر، - دﯦﺪى ﺋﻪﻛﺒﻪر ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪا ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻏﺎ.


ۋاڭ دﯦﺮﯨﻜﺘﻮر: ﺋﻪﻛﺒﻪر ۋەزﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮرۇﻧﺪاﻟﻤﯩﺪى



ﻣﯘﺧﺒﯩﺮ ﻏﻪرﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎل ﺋﻮﻳﯘن ﻗﻮﻳﯘش ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﯩﯔ دﯦﺮﯨﻜﺘﻮرى ۋاڭ ﺧﻪﻧﺪﯦﻨﻰ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜن ﺋﯩﺰدەپ 6 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 3 - ﻛﯜﻧﻰ ﻣﯩﯔ ﺗﻪﺳﻠﯩﻜﺘﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﻳﯜز ﻛﯚرۈﺷﺘﻰ. ﺋﯘ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻏﺎ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﻣﯘﻧﺪاق دﯦﺪى:
-- ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪا ﺋﻪﻛﺒﻪر ﮔﯧﺰﯨﺘﻜﻪ ﺑﻪرﮔﻪن ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﻰ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯧلاﻧﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚرۈپ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﺰدەپ ﻛﯧﻠﯩﭙﺘﯩﻜﻪن. ﺋﯘ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺋﺎدەم ﺋﻪۋەﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕلاپ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘرۇن ﺋﯘ ﻳﻪردە ﺑﯩﺮ ﻣﻪزﮔﯩﻞ ﺗﯘرﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، دوﺳﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﺋﺎرﺗﯩﺲ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﻤﯘ ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﯨﻜﯩﺪەك ﺑﯧﺠﯩﺮەﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺗﯘرۇۋاﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﭘﯘرﺳﻪت ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﻐﺎن. ﺑﯘﻟﺘﯘر 11 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 19 - ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺋﻪۋەﺗﺘﯘق. ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺑﻮﻟﺪۇم دﯦﮕﻪﭼﻜﻪ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﺎردﯨﻢ، ﺑﯩﺮاق ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﮬﯧﭽﻘﺎﻳﺴﯩﺴﻰ رەﺳﻤﯩﻲ ﺗﻪرﺑﯩﻴﻪ ﻛﯚرﮔﻪن ﺋﺎرﺗﯩﺴلار ﺋﻪﻣﻪﺳﻜﻪن. ﻣﻪن ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﺋﻪﻛﻪﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻨﻰ، ﺳﻪﻧﺌﻪت ﺋﯧﻨﯩﺴﺘﯩﺘﻮﺗﻠﯩﺮﯨﺪا ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن ﺋﺎرﺗﯩﺴلارﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﮬﻪر ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﯩﯔ ﻳﯜەﻧﺪﯨﻦ ﻗﻮﺷﯘپ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﯩﻢ. ﺑﯩﺮاق ﺋﯘ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﻪﻟﻤﯩﺪى. ﻣﻪن ﺋﯘ ﺗﯜزﯨﮕﻪن ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻨﯩﻤﯘ ﻛﯚرۈپ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎن. ﺋﻪﻛﺒﻪرﻧﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺷﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﺴﻪك، ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﺎﻳﻨﻰ 800 ﻳﯜەن، ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ 1500 ﻳﯜەﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪن. ﺋﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺷﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﺪى. ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺑﺎرﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ۋەزﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮرۇﻧﺪاﻟﻤﯩﺪى. ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﻪﮬﯟاﻟﺪا ﻣﻪن ﻗﺎﻧﺪاﻗﻤﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘﻧﭽﻪ زور ﭼﯩﻘﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺗﭽﻮت ﻗﯩلاي؟
ﺋﯘ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﺴﻪ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻖ ﻗﻪﻏﯩﺰى ﺋﻪۋەﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ۋە ﻟﯧﻨﺘﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎن ﻳﺎﻟﯩﯖﺎچ ﺋﯘﺳﺴﯘل ﺋﻮﻳﻨﯩﺘﯩﺶ ﭘﺎرﯨﯖﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺳﻮرﯨﻐﺎن ﺳﯘﺋﺎﻟﯩﻐﺎ:
-- ﺋﯘلار ﺋﻪﻛﺒﻪر ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﺎﭘﻘﺎن ﺋﺎرﺗﯩﺴلار، ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻖ ﻗﻪﻏﯩﺰى ﺋﻪۋەﺗﻜﻪﻧﯩﺪۇق. ﻳﺎﻟﯩﯖﺎچ ﺋﯘﺳﺴﯘل ﺋﻮﻳﻨﯩﺘﯩﺶ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯘ ﭘﺎراڭ ﺋﺎرﯨﻠﯩﻘﯩﺪا ﭼﯩﻘﺎرﻏﺎن، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎرﺗﯩﺲ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﻳﻮق، - دﯦﺪى.


ﺋﻪﻛﺒﻪر: ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ دەۋادﯨﻦ ۋاز ﻛﻪﭼﺘﯩﻢ



ﺋﺎدۋۇﻛﺎت: ﺋﯩﺴﭙﺎﺗلار ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﺎ ﮔﯘۋاﮬﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەك



ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜن ﺋﺎۋۋال ﺋﻪﻛﺒﻪر ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻏﺎ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮن ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪرز ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻳﺎﻟﺘﯩﻴﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯔ دﯦﻴﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮى ﻧﯘرﻏﯘن ﺋﺎدۋۇﻛﺎﺗلارﻧﻰ ﺋﯩﺰدﯨﮕﻪن. ﺑﯩﺮاق ﺋﺎدۋۇﻛﺎﺗلارﻧﯩﯔ ﺑﻪرﮔﻪن ﺟﺎۋاﺑﻰ «ﺋﯩﺴﭙﺎت ﺗﯘﻟﯘق ﺋﻪﻣﻪس، دەۋادا ﻳﯧﯖﯩﺶ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻟﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺗﯚۋەن» ﺑﻮﻟﻐﺎن. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﺎزﯨﺮ دەۋاﻟﯩﺸﯩﺸﺘﯩﻦ راﻳﻰ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎن.
-- ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﺋﯚزۈﻣﺪﯨﻦ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻣﯧﯖﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘرۇﻧلا ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺗﻮﺧﺘﺎﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻣﺎﯕﺴﺎم ﺑﻮﭘﺘﯩﻜﻪن. ۋاڭ دﯦﺮﯨﻜﺘﻮرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻏﺰاﻛﻰ ﺑﻪرﮔﻪن ۋەدﯨﺴﯩﮕﯩلا ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯩﻤﻪن. ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮔﯧﭙﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﻨﯩﯟاﻟﯩﺪۇ دەپ ﻛﯩﻢ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎن. ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻟﯘﻣﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗلارﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎﺷﯩﻤﺪا ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﺎ ﮔﯘۋاﮬﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈۋﯦﺘﯩﺸﻤﯘ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻤﻐﺎ ﻛﻪﻟﻤﻪﭘﺘﯘ. ﺋﻪﻣﺪى ﻣﯩﯔ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎن ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﺋﻮرﻧﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪۇ. ﮬﺎزﯨﺮ ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗلارﻧﻰ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﺎ ﮔﯘۋاﮬﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈﺷﻤﯘ ﺑﻪك ﺋﺎۋارﯨﭽﯩﻠﯩﻖ، ﭼﯩﻘﯩﻤﯩﻤﯘ ﻛﯚپ. ﺑﯘ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﭼﻮڭ ﺳﺎۋاق ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪى. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪا ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﯩﻤﻪن، - دﯦﺪى ﺋﻪﻛﺒﻪر ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪا ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻏﺎ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺧﯘرﺳﯩﻨﻐﺎن ﮬﺎﻟﺪا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەت ﺑﯩﻠﻪن «ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﺎدﯨﻞ - ﭘﺎك ﺋﺎدۋوﻛﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻮرنى»نىڭ ﺋﺎدۋوﻛﺎﺗﻰ ﺋﯩﻤﯩﻨﺠﺎﻧﻨﻰ زﯨﻴﺎرەت ﻗﯩﻠﺪى. ﺋﯘ ﺑﯘ دەۋا ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﻧﺪاق دﯦﺪى:
-- ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﺪە ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪن دەﻟﯩﻞ - ﺋﯩﺴﭙﺎﺗلاردا ﭼﻮﻗﯘم ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪا ﺗﯘرۇﺷﻠﯘق ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ راﺳﺘﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەك. ﮬﺎزﯨﺮ دەۋاﮔﻪر ﺋﻪﻛﺒﻪرﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪا ﺑﻮﻟﻐﺎن، ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪا ﺋﯘلار ﮬﻪﻣﻜﺎرلاﺷﻘﺎن ﺷﯩﺮﻛﻪت «ﺷﻪرﯨﻖ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﮔﯜﻟﻠﯩﻜﻰ» ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯘ ﻳﻪردە ﻏﻪرﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎل ﺋﻮﻳﯘن ﻗﻮﻳﯘش ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﮕﻪ ۋاﻛﺎﻟﯩﺘﻪن ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪت ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ۋە ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﭼﯩﻘﯩﻤﻠﯩﺮى ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪرﮔﻪن ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻰ، ﻏﻪرﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎل ﺋﻮﻳﯘن ﻗﻮﻳﯘش ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪا ﺗﯘرۇﺷﻠﯘق ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﻪۋەﺗﻜﻪن ﮬﺎۋاﻟﯩﻨﺎﻣﯩﺴﻰ، ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻖ ﻗﻪﻏﯩﺰى، ﺋﻪﻛﺒﻪرﻧﻰ ﭼﻪﺗﺌﻪل ﺳﺎﻗﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﭙﯩﻠﻠﯩﻚ ﭘﯘﻟﻰ ﺗﯚﻟﻪپ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟاﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻰ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪا ﭼﯩﻘﯩﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺗﺎﻟﻮﻧﻠﯩﺮى ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلار ﭼﻮﻗﯘم ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪا ﺗﯘرۇﺷﻠﯘق ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮔﯘۋاﮬﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەك. ﺑﯘلار ﺋﻪﻛﺒﻪرﻧﯩﯔ ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪا ﻏﻪرﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎل ﺋﻮﻳﯘن ﻗﻮﻳﯘش ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﮕﻪ ۋاﻛﺎﻟﯩﺘﻪن ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪت ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ۋە زﯨﻴﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗلاﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺑﯘلالاﻳﺪۇ. ﺷﯘﻧﺪﯨلا ﺑﯘ دەۋا ﺋﯩﺸﯩﺪا ﺋﯘﺗﯘش ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺋﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪن، ﺑﯘ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗلار ﺑﯩﻠﻪن ﺳﻮﺗﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﯘﺗﯘش ﺗﻪس.
ohxax.cn
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 14:56 | [باش تېما]
AnWaR0991

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 87
شۆھرەت: 88 نۇمۇر
پۇل: 820 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:19(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-03
ئاخىرقى:2008-03-13

قانداق گەپ بۇ  ؟؟؟؟    تېما ئىگىسىگەرەخمەت  ....
ohxax.cn
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 15:21 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 1 .قەۋەت
uykujan0903

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 4
شۆھرەت: 5 نۇمۇر
پۇل: 40 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:1(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-11
ئاخىرقى:2008-03-13

بۇجاھاننىڭ ئىشلىرىنى زە
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 15:34 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 2 .قەۋەت
UYGURIYA23

بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 80
شۆھرەت: 81 نۇمۇر
پۇل: 800 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:19(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-10-10
ئاخىرقى:2008-03-14

    ھەر نېمە بولسا بىزنىڭ ئارىمىزدىمۇ  مۇشۇنچىلىك ۋىجدانى  ، غورۇرى بار  ئەركەكلىرىمىز  باركەن                 
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 15:57 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 3 .قەۋەت
bahartekin-9

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 12
شۆھرەت: 13 نۇمۇر
پۇل: 120 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:2(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-07-13
ئاخىرقى:2008-03-13

خەنلەرنىڭ  شاھمەت ئۇينىغا دەسسەپ  قاپتۇ  دە .    بۇ  خەقنىڭ  ھىلىسى كۆپ .
ohxax.cn
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 15:57 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 4 .قەۋەت
daTMan520

بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 35
شۆھرەت: 36 نۇمۇر
پۇل: 350 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:9(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-11
ئاخىرقى:2008-03-14

نىمە دىگەن رەزىلىك  .بۇ  خەنلەرنىڭ يۈزىدە تۈكى بار  خەق  .
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 16:05 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 5 .قەۋەت
daTMan520

بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 35
شۆھرەت: 36 نۇمۇر
پۇل: 350 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:9(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-11
ئاخىرقى:2008-03-14

تور داشلار  شەبنەمگە سۈرەتلىك  ناخشىنى  قانداق يوللايدۇ .
بىلىدىغان تورداشلار  بولسا ياردەم  قىلغان  بولساڭلار بوپتىكەن .
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 16:09 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 6 .قەۋەت
masuma

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 12
شۆھرەت: 13 نۇمۇر
پۇل: 120 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:4(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-08
ئاخىرقى:2008-03-14

    ئەكبەرگە  ھەقىقەتەن  بەك  ئۇۋال  بوپتۇ  ،  ھەي  ھازىرقى  جاھاندا  بۇ  خەققە  شۇنداقمۇ  ئىشەنگەن  بارمۇ ؟
ohxax.cn
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 16:17 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 7 .قەۋەت
ekbal0999

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 33
شۆھرەت: 34 نۇمۇر
پۇل: 230 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:25(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-02-13
ئاخىرقى:2008-03-14

قانۇن ئىڭىمىزنى ئۆستۈرەيلى دوسلار.
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 16:57 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 8 .قەۋەت
0316088

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 49
شۆھرەت: 299 نۇمۇر
پۇل: 31 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:15(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-02-29
ئاخىرقى:2008-03-13

بەك ئۇۋال بولۇپتۇ،بۇ خەقنىڭغۇ ئاشۇنداق يۈزىدە تۈكى بار،لېكىن كىشىگە ئالدىراپ ئىشىنىپ،توختامدىن خەۋىرى يوق كىشىدەك ئىش قىلىپتۇ!!ئىبرەت ..........................
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 17:07 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 9 .قەۋەت
hayrane

بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 164
شۆھرەت: 165 نۇمۇر
پۇل: 1650 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:22(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-01-22
ئاخىرقى:2008-03-14

ھەي بۇ ئەكبەر ، ماۋۇ مۇناپىقلارنىڭ دامىغا چۈشۈپ كىتىدۇ ، ۇلار پۇل دىسە ، خوتۇنىنى ، قىزىنى  يالىڭاچ ئۇسسۇل ئوينىتىپ پۇل تاپىدىغان خەق،،،،،،،،،،،،،ھەي ئۇۋال بوپتۇ ئەكبەرگە.
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 17:23 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 10 .قەۋەت
لاچن

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 263
شۆھرەت: 264 نۇمۇر
پۇل: 2580 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:428(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-12-19
ئاخىرقى:2008-03-14

ھەق ناھەق ئاستىن ئۈستۇن ،بوپكىتىپتۇ .ئەكپەرگە ئۇۋال بوپتۇ .
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 17:33 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 11 .قەۋەت
SIMBA

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 312
شۆھرەت: 313 نۇمۇر
پۇل: 3025 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:23(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-02-16
ئاخىرقى:2008-03-12

  ھەي بۇ ئەكبەر ، ماۋۇ مۇناپىقلارنىڭ دامىغا چۈشۈپ كىتىدۇ ، ۇلار پۇل دىسە ، خوتۇنىنى ، قىزىنى  يالىڭاچ ئۇسسۇل ئوينىتىپ پۇل تاپىدىغان خەق،،،،،،،،،،،،،ھەي ئۇۋال بوپتۇ ئەكبەرگە.

ياخشى گەپ
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
ئوسرۇكشاخى
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 17:40 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 12 .قەۋەت
xapkatqi

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 6
شۆھرەت: 7 نۇمۇر
پۇل: 60 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:2(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-03
ئاخىرقى:2008-03-12

    ئوغۇل بالا ئىكەن ... بۇ يىگىت
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 18:00 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 13 .قەۋەت
adila

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 153
شۆھرەت: 157 نۇمۇر
پۇل: 1327 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:41(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-03-01
ئاخىرقى:2008-03-13

  مۇشۇ  خەق  توغرىسىدا  گەپ  چىقسا  ئۆزەمنى  تۇتالمايمەن  ،شۇڭا  مەن  جىق  گەپ  قىلماي!!
ohxax.cn
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 18:05 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 14 .قەۋەت
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )


 

Time now is:03-14 13:35, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation