kaysar007 دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى نادىر تېما:
0 يازما سانى: 2 شۆھرەت: 3 نۇمۇر پۇل: 20 سوم تۆھپە: 0 نۇمۇر توردىكى ۋاقتى:2(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-12 ئاخىرقى:2008-03-13 | ھاۋايدىكى كۈنلەر( يېڭىسى - 2 زۇلپىقار بارات ئۆزباش ) دىيارىم تور بېتىدىن ئېلىندى
ھاۋايدىكى كۈنلەر( 2 ) --- ئادەت تۈرمىسىدىن قېچىش
زۇلپىقار بارات ئۆزباش
ئادەمنىڭ قەدرى
ئابدۇقادىر داموللا: «سەپەرگە چىقىڭلار، رىزقىلىق بولىسىلەر» دېگەنىكەن. ئامېرىكىغا ئوقۇشقا مېڭىشتىن بۇرۇن، بۇ قېتىملىق سەپەرنىڭ روھىي دۇنيايىمغا ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىمغا نىسبەتەن نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى خىرە-شىرە پەرەز قىلالىساممۇ، ماڭا قانداق رىزقىلارنى ئاتا قىلالايدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم، توغرىراقى بىلىشكىمۇ قادىر ئەمەس ئىدىم. شۇغىنىسى، بۇ قېتىملىق ئوقۇش پۇرسىتى ئۈچۈن جىق قۇربانلارنى بەردىم. ئازابلىق تاللاشلارغا دۇچ كەلدىم. ماڭا ۋاقىتلىق مەنپەئەت ئاتا قىغان رئېاللىق مازغاپلىرى ئارىسىدىن شېكەر يالىتىلغان زەھەرلىك يىلىنى چىقىرىپ خاسلىقىمنى ، ئۆزۈمگە خاس تۇيغۇلىرىمنى ، پىكىر - قۇۋۋىتىمنى يالاپ ، مېنى پەپىلەشكە باشلىغاندا ، ئجتىمائىيلىشىش داۋامىدا خىرەلىشىۋاتقان ئۆزلۈكۈم چاڭلىشىش ئالدىدا تۇرغان خاراكتېرىمدىن ۋە بۇنىڭدىن كېيىن يولۇقىدىغان ئاچا يوللىرىمدىن شەپە بەرگەندە مەن چۆچۈپ ئەسلىمگە كەلدىم - دە ، ئۆزۈمنى بىر تەۋەككۇلچىلىك سەپىرىگە ، توغرىسى مەنە ئىزدەش سەپىرىگە ئاتىدىم . بەلكىم بۇ قېتىملىق ئوقۇش پۇرسىتىدىن بەرگەن قۇربانلىرىمغا تۇشلۇق نېسىۋىگە ئېرىشەلمەسلىكىم مۇمكىن ئىدى . ئەمما ، ھازىرقى ھالىتىمگە قانائەت قىلىپ ياشاۋەرسەممۇ بولمايىتتى . تەۋەككۇلچىلىك - تېشىغا پارتلاشنى ئادەت قىلغان روھنىڭ بىر قېتىملىق قاڭقىش جەريانى . ئىچكى دۇنيارىمىزدىن شەپە كەلگەندە ئۇسساۋاتقان روھىمىزنى سۇغارماي توخۇ يۈرەكلىك قىلساق ياكى ئىمكاس قايتۇرمىساق ، ئىجتىمائىيلىشىش داۋامىدا ئادەتلەنگەن ياشاش ئۇسۇلى بويىچە ئۆزىمىزنى مەيلىگە قويۇۋەتسەك ، ھاياتنىڭ تۈگمەس غەۋغالىرى ئىچىدە ئۆزلۈكىمىزنى يۈتتۈرۈپ قويىمىز . ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىغا كەلگەندىكى تۇنجى ھەپتە يېڭى مۇھىتقا بارغان چاغدا تەبىئىي ھالدا دۇچ كېلىدىغان «مەدەنىيەت ئەندىكىشى» (Culture shock)نى باشتىن كەچۈرۈش، يېتىرقاش ھەم ئازراق دېلىغۇللۇق ئارىلاشقان قىزىقسىنىش ئىچىدە ئۆتتى. مەن ۋەتەندىكى چېغىمدا ئالدىراشلىقتا تاماق ئېتىش، كىر يۇيۇش دېگەندەك ئىشلارنى ئۆگىنىپ قويماپتىكەنمەن، ھەممىنى باشتىن باشلاشقا توغرا كەلدى. ھايات مېنى ئەمدى يەنە بىر قېتىم چېنىقتۇرۇپ چىقىدىغاندەك قىلاتتى. دەسلىپىدە ئادەتلەنگەن راھەت ئىزدەش تۇيغۇسىنى يېڭەلمەي خېلى قىينالدىم. ئىنگلىز تىلىدىكى ئەۋزەللىكىم بىلەن كۈندىلىك ئالاقە جەھەتتە ھېچقانداق توسالغۇ ياكى قىيىنچىلىققا ئۇچرىمىغان بولساممۇ، يېڭى مۇھىت مەندىن رېتىمى تېز ھايات شەكلىگە ماس ھالدا ئۆزگىرىشىمنى، يارىماس ئادەتلىرىمدىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلۇشنى تەلەپ قىلىۋاتاتتى. تىرىشتىم، ئەمما راھەتلىنىش پسىخىكىسىنى يەڭمەك خېلىلا تەس كەلدى. فاكۇلتېتتا ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ كىرسەم، بۇرۇنقىدەك تاماق تەييار قىلىپ تۇرىدىغان ئادەم يوق. ئۇنى قىلىپ، بۇنى قىلىپ تاماق ئېتىشكىمۇ قولۇم كېلىپ قالدى. ئەمما، تاماقتىن كېيىن قاچا يۇيۇش بەك ئېغىر كېلەتتى. ئاخىر جىق تىرىشچانلىقلار بىلەن يېڭى مۇھىتقا ئاستا-ئاستا ماسلىشىشنى ئۆگەندىم. بارغانچە ماڭا يېڭىچە ئوي-خىيال ئاتا قىلىدىغان ئىشلار كۆپەيگىلى تۇردى. ئادەمگە بولغان ھۆرمەت ۋە پىكىرنى ھۆرمەت قىلىش تۇنجى ھەپتە ماڭا تەسىر قىلغان مۇھىم بىر ئىش بولدى . فاكۇلتېتلاردا مېيىپ پروفېسسورلارنىڭمۇ بولىدىغانلىقى مېنى ھەيران قالدۇردى. ھەر بىر بىنا ئالدىدا، چىقىش-كىرىش ئېغىزلىرىدا چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرىدىغانلار ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغان يول بار ئىدى. دەسلىپىدە جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتىدا مېيىپلارنىڭ ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىدىغان بىر پروفېسسورنىڭ بارلىقىنى ئۇقۇپ، بۇ بىر ئايرىم ئەھۋال ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن، ئەمما كېيىنچە كۇتۇپخانىلاردا، باشقا فاكۇلتېت بىنالىرىنىڭ ئالدىدا چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ كىرىپ-چىقىۋاتقانلارنى كۆپ ئۇچراتتىم. جىسمانىي جەھەتتە قانداق بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، سىزدە بىلىم بولسىلا باشقىلار ھۆرمەت قىلاتتى. يولدا كېتىۋاتقان چېغىڭىزدا بىرەر ئوقۇتقۇچى ياكى ناتونۇش بىرى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالسىڭىز، سىزگە بېشىنى لىڭشىتىپ قويىدۇ ياكى كۈلۈمسىرەيدۇ. كەلگەن كۈنۈمنىڭ ئەتىسى ياتاق بىناسىدىن خىيال بىلەن كىرىۋېتىپ ئېگىز بويلۇق بىر ئامېرىكىلىق يىگىتكە (ئامېرىكىلىق ئىكەنلىكىنى كېيىن بىلدىم) يېنىك سوقۇلۇپ كەتتىم. قارشى تەرەپ مەندىن ئاۋۋال ئەپۇ سورىۋىدى ، كالامپايلىقىمدىن خىجىل بولۇپ تۇرغاندا «كەچۈرۈڭ!» دېيىشنى ئۇنتۇپتىمەن. بۇ قېتىمقى ئىش ماڭا بىر قېتىملىق ئەمەلىي دەرس بولدى. ئاشخانىدا، كۇتۇپخانىدا، يوللاردا، كىتابخانىلاردا ئىللىق مۇئامىلىگە ئۇچرىغاندا ئاستا-ئاستا ئىنكاس قايتۇرۇشنى ئۆگەندىم. ئاپتوبۇسلار بېكەتكە كىرگەندە چىقماقچى بولغانلارنىڭ ئارىسىدا پېشقەدەملەر بولسا، ئاپتوبۇسنىڭ پەلەمپىيى ئاپتوماتىك ھالدا تۆۋەنلەيتتى. ناۋادا يولۇچىلار قاتارىدا چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرىدىغانلار بولسا، شوپۇر چۈشۈپ-چىقىشىغا ياردەملىشەتتى. بىر قېتىم كۇتۇپخانىدىن كىتاب ئارىيەت ئالدىم. مۇلازىمەت پوكىيىدىكى ئايال ئالماقچى بولغان كىتابلىرىمغا قايتۇرىدىغان چېسلا تامغىسىنى ئۇرۇپ، سۇلياۋ خالتىغا قاچىلاپ بەردى ۋە «كىتابىمىزنى ئىشلەتكەنلىكىڭىز ئۈچۈن رەھمەت!» دېدى. ئەسلىي مەن ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىشىم كېرەك ئىدى. مەن ئامېرىكىلىقلارنى ياۋروپالىقلارغا قارىغاندا قىزغىن، ئوچۇق-يورۇق دەپ ئاڭلىغانىدىم. ئەمما، بۇ نۇقتىنى ئۆز تۇرمۇشۇمدىن كۆرۈۋاتاتتىم. ھاۋاي شتاتىنىڭ نوپۇسى كۆپ خىل ئىرق، كۆپ خىل مىللەتتىن تەركىب تاپقانىدى. ئىجتىمائىي سورۇنلاردا، كۈندىلىك ئالاقە داۋامىدا ئاشكارا كەمسىتىش كەيپىياتلىرىنى كۆرگىلى بولمايتتى (بەلكىم يۇقىرى قاتلام ئارىسىدا، مەنپەئەت توقۇنۇشلىرىدا بۇ نۇقتىنى ھېس قىلىش مۇمكىن). ئىللىق مۇئامىلىگە ئېرىشكەندە ئادەم ئۆزى ھەققىدە تەبىئىي ھالدا ئويلىنىشقا مەجبۇر بولۇپ، باشقىلارغىمۇ قىزغىن، ئەدەپلىك بولۇشنى ئۆگىنەتتى. مانا بۇ تەربىيىنىڭ كۈچى ئىدى. ئارىلىقتا بىر كىتاب بىلەن بىر باتارېيىنى سېتىۋېلىپ بولۇپ، خاتا ئېلىپ قالغىنىمنى بايقىدىم. باتارېيىنىڭ قېپىنى چۇۋۇشقا ئۈلگۈرگەنىدىم. بىرەيلەندىن ئالغان نەرسىلەرنى يەتتە كۈن ئىچىدە قايتۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۆزۈمچە سىناپ بېقىش ئويىدا باتارېيە بىلەن ئالغان كىتابىمنى تاللا بازىرىغا قايتۇرغىلى ئاپاردىم. مۇلازىمەت پوكىيىدىكىلەر پۇلۇمنى ساق-سالامەت قايتۇرۇپ بەردى. قېپى چۇۋۇلۇپ كەتكەن باتارېيىنى مال ساتقۇچىغا تەڭلەۋاتقان ۋاقتىمدا ئۆزۈمچە خىجىل بولدۇم. ئەمما، مال ساتقۇچى پۇلۇمنى قايتۇرۇپ بەرگەچ تاللا بازىرىغا كىرگىنىم ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى. بۇ قېتىم مەنمۇ رەھمەت دېدىم. كۈندە دېگۈدەك قەلبنى ئىللىتىپ تۇرىدىغان قىزغىن مۇئامىلىلەر ، مۇلازىمەت كەيپىياتىغا ئايلانغان يېقىملىق كۈلۈمسىرەشلەر كىشىنى ئادەم بولغانلىقى ، بۇ تۇپراقتا ياشاۋاتقانلىقى ئۈچۈن مەمنۇنلۇق تۇيغۇسىغا ئىگە قىلاتتى ،. قەدىرلىنىش ھېسسىياتى ئاتا قىلىدىغان بۇنداق ئىجتىمايى ھاۋادا كىشى تەبى ھالدا ئالاقىدە سىپايە ، مۇئامىلىدە سەمىمىي بولۇشقا ئادەتلىنەتتى . ھونولولو شەھرىنىڭ بىر چېتىدە جوڭگۇ بازىرى بار ئىدى . بۇ يەردە كۆپىنچە جوڭگۇلۇق ، ياپونلۇق ، ۋىيېتناملىق سودىگەرلەر ، تىجارەتچىلەر كۆپ ئىدى . سەي - كۆكتات ، مىۋە - چىۋە ۋە باشقا كۈندىلىك بۇيۇملار نىسبەتەن ئەرزان ئىدى . ھەر ھەپتىدە دېگۈدەك بۇ بازارغا نەرسە ئالغىلى كېلەتتىم . بىر دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن دەرىسىم يوق ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ بىزدىن بىر قارا بۇرۇن كەلگەن بىر جوڭگۇلۇق ئوقۇغۇچى بىلەن جوڭگۇ بازىرىغا نەرسە - كېرەك سېتىۋالغىلى كەلدىم . بىر دۇكان ئالدىغا 40 - 50 كە يېقىن ئادەمنىڭ ئۇزۇن سەپ بولۇپ ئۆچرەتتە تۇرغانلىقىنى كۆردۈم . - بۇلار نېمىشقا بۇنداق ئۆچرەتتە تۇرىدۇ ؟ - سورىدىم مەن يېنىمدىكى جوڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىدىن . - ھەر دۈشەنبە ، سەيشەنبە چۈشكىچە بۇ يەردە ھەقسىز تاماق بېرىلىدۇ . ماكانسىزلار ، ئىش تاپالمىغانلار ، ئىگە - چاقىسىزلار ، يىتىم - يىسىرلەر بۇ يەرگە كېلىپ ھەقسىز تاماق يەيدۇ . بۇنى شىتاتلىق ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرغان ، - دېدى ئۇ . - ئۇنداقتا يېگۈدەك نەرسىسى تۇرۇپ ھەقسىز تاماق يېگىلى كېلىدىغان ئۇششۇق مېھمانلارمۇ يوق ئەمەستۇ - ھە ! - بەلكىم ، - دېدى ئۇ . كېيىن ئاڭلىسام ، ئامېرىكا دۇنيادىكى باي - كەمبەغەللىك پەرقى ئەڭ چوڭ ھەم ئەڭ باي دۆلەتكەن . بۇ دۆلەتتىكى نامراتلارنىڭ سانىمۇ دۇنيا بويىچە خېلى زور نىسبەتنى ئىگىلەيدىكەن . ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز شىتاتىنىڭ ئەھۋالىغا يارىشا نامراتلار ئۈچۈن چىقارغان سىياسەتلىرى بولىدىكەن . ھاۋاي يىلبويى قىش بولمايدىغان ، تېمپىراتۇرا ئەڭ تۈۋەن بولغاندىمۇ نۆلدىن يۇقىرى 15 گىرادۇس بولىدىغان گۈزەل بىر شىتات ، شۇڭا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خېلى بىر قىسىم ئۆي - ماكانسىزلارنى قىشتا سۇغۇقتا توڭلاپ قالماسلىقى ئۈچۈن ھاۋايغا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ . تىنىچ ئوكيان بۇيىغا ، گۈزەل ئوخائو ، ۋايپاخو ئاراللىرىغا بارغىنىمدا بۇ نۇقتىنى رۇشەن ھىس قىلدىم . ساھىل بۇيىغا كەپىلىرىنى تىكىشىپ ئازغىنە روزىغارى بىلەن تىرىكچىلىك قىلىۋاتقانلارنى ئۇچراتقىلى بولاتتى . گاھىدا ئىتلىرىنى يېنىغا ئولتۇرغۇزۇپ پايانسىز ئوكيانغا قارىغىنىچە خىيالغا كەتكەن بۇۋايلار كىشىگە ھېمىڭۋاينىڭ <<بۇۋاي ۋە دېڭىز >>ناملىق ئەسىرىدىكى قەيسەر كىشىنى ئەسلىتەتتى . تۇرمۇش قانداق رىتىملىق ئۈتۈشيىن قەتئىينەزەر ، بۇ يەردە ئادەملەر بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى گارمۇنىك مۇناسىۋەت ئۈزۈلۈپ قالمايدىغاندەك قىلاتتى .
ھاۋاي 1959-يىلى ئامېرىكىنىڭ شتاتى بولغان. بۇ يەردە كۆپ قىسىم يەرلىكلەر تىل جەھەتتە ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۆزىگە خاس چىراي، ئەنئەنە ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرنى ساقلاپ قېلىشقان. ھۆكۈمەتمۇ نوپۇسى ئاز ساندىكى يەرلىكلەرنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتىنى ساقلاش، تەتقىق قىلىشقا كۈچىگەن. كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىنگلىز تىلى ئىشلىتىلگەن بىلەن، بېكەت ناملىرى، يول ناملىرىنىڭ كۆپىنچىسى يەرلىك ھاۋاي تىلىدا، بىز تۇرۇۋاتقان 12 قەۋەتلىك ياتاق بىناسىغا يەرلىك ھاۋاي تىلىدا Hale Manoa دەپ ئات قويۇلغان بولۇپ، «ھەسەن-ھۈسەن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. بۇ يەردە ئادەملەرگە قىلىنىدىغان سىپايە مۇئامىلىلەر قاتارىدا، يەرلىك ھاۋايلىقلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتى، تىلغا بولغان ھۆرمەت ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتاتتى. ئەمما، مەن ئۆزۈمچە ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئادەمنى قەدىرلەش ئېڭىدا زىددىيەتلىك نۇقتا باردەك ھېس قىلاتتىم. يوللاردا كېتىۋاتقىنىمدا ئەتىۋارلىق ھايۋانلىرىنى يېنىغا ئولتۇرغۇزۇپ ماشىنىدا كېتىۋاتقان كىشىلەرنى ئۇچرىتاتتىم. بەزىدە قىزىل چىراغ يانغانلاردا، ماشىنا ئىگىسى ئەتىۋارلىق ئىتلىرىنىڭ، مۈشۈكلىرىنىڭ ئاغزى-بۇرنىغا شالاپشىتىپ سۆيۈپ كېتەتتى. مەن ئۆزۈمچە: «بۇلار ئىت-مۈشۈككە شۇنچە پۇل سەرپ قىلغۇچە ساھىل بويلىرىدىكى يېتىم-يېسىرلارغا جىقراق كۆڭۈل بۆلسە بولمامدۇ؟ ئادەم دېگەن بەرىبىر ھايۋاندىن ئۈستۈن-دە!» دەپ ئويلايتتىم. بەلكىم بۇ گۆدەكلەرچە قويۇلغان سوئال بولۇشى ۋە بەلكىم بۇ يەردە ئىنسانلار شەھەرلىشىش، رىتىمى تېز ھايات ئېلىپ كەلگەن يالغۇزلۇق، يېتىمسىراش تۇيغۇسىنى يېڭىش ئۈچۈن ئەتىۋارلىق ھايۋانلىرى بىلەن مەلىكە بولۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم مېنىڭ ئۇلارنىڭ ئىت-مۈشۈكلەرنى ئەتىۋارلاپ كېتىشلىرىنى چۈشەنمەسلىكىم ئۇلارنىڭ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ كەپتەرنى (ياۋا كەپتەرنى) بوغۇزلاپ يېيىشىمىزنى چۈشەنمىگەندەك بىر ئىشتۇر. ئىشقىلىپ، ئىنساندا ئېشىپ بېرىۋاتقان غېرىبلىق تۇيغۇسى تەرەققىيات ئىچىدە تۇرۇۋاتقان بارلىق شەھەرلىكلەرگە يېپىشقان دۇنياۋى مەسىلە.
ئىلمىي مۇھىت
ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىغا كەلگەندىن كېيىنكى ئىككىنچى ھەپتىدە مەن فورد ئوقۇش مۇكاپاتىغا مەسئۇل خادىمنىڭ ماسلاشتۇرۇپ بېرىشى بىلەن ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنستىتۇتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتىدا يېتەكچى پروفېسسورىم بىلەن كۆرۈشتۈم. پروفېسسورۇم ئامېرىكا ستانفۇرد ئۇنىۋېرسىتېتى (Standford University)دا جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان 45 ياشلار چامىسىدىكى كىشى ئىدى. ئۇ مېنى ئىشخانىسىدا قىزغىن كۈتۈۋالدى. - مەن سېنىڭ ماتېرىيالىڭنى كۆرگەن، - دېدى ئۇ تىپىك ئامېرىكا تەلەپپۇزىدا تېز-تېز گەپ قىلىپ، - باكالاۋرلۇق ئۇنۋانىنى جەمئىيەتشۇناسلىقتا ئالماپتىكەنسەن. ئاسپىرانتلىق ئىلتىماسىىڭدىكى بىرقانچە نۇقتا مېنى قىزىقتۇردى. سەن نېمە ئۈچۈن جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇماقچى بولدۇڭ؟ - جەمئىيەتشۇناسلىق بىز ئۈچۈن بىر يېڭى پەن. جەمئىيەتشۇناسلىق مېتودى ۋە نەزەرىيىسى بىلەن تەتقىق قىلىدىغان، جاۋاب ئىزدەيدىغان تېمىلار بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزدە خېلى بار. ئىجتىمائىي تېمىلار ھەققىدە پۇبلىستىك ماقالىلەر خېلى جىق يېزىلدى. ئەمما، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى كەسپىي نۇقتىئىنەزەر بىلەن كۆزىتىدىغان ئىلمىي تەتقىقات تېخى رەسمىي باشلانغىنى يوق، - دېدىم مەن. - مەقسىتىڭنى چۈشەندىم، - دېدى پروفېسسور بېشىنى يېنىك لىڭشىتىپ، - جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ مەقسىتى كىشىلەرنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان رېئاللىقنىڭ ئىچكى ماھىيىتىنى ۋە جەمئىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىش. شۇڭا، تەسەۋۋۇر بىلەن يېزىلغان ئىجادىي ماقالىلەر بىلەن ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى تېگى-تەكتىدىن چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ. جەمئىيەتشۇناسلىقتا لازىم بولىدىغىنى ئىلمىي مېتود . جەمئىيەت نەزەرىيىسى ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشكە مۇناسىۋەتلىك ستاتىستىكا بۇ خىل ئىلمىي مېتودنىڭ جېنى، - پروفېسسور گېپىنىڭ ئاخىرىدا قوشۇپ قويدى، - سەن ئاساسلىقى قايسى نۇقتىنى تۇتقا قىلماقچى؟ بۇ سوئالنىڭ تۇنجى كۆرۈشۈشتىلا سورىلىدىغانلىقىنى خىيالىمغا كەلتۈرمىگەچكە، دەسلەپتە بىرئاز جىددىيلىشىپ قالدىم. ئەمما، تېزلا ئۆزۈمنى ئوڭشىۋېلىپ جاۋاب بەردىم. - ئۇيغۇرلار شەھەرلىشىش داۋامىدا نۇرغۇن يېڭى مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى. مەن ئاساسلىقى «شەھەرلىشىش ۋە ئۇيغۇرلار» دېگەن تېما بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تېمىسىنى چۆرىدەپ تۇرۇپ تەتقىقات ئېلىپ بارايمىكىن دەيمەن! - مەسىلەن، كونكرېت قانداق مەزمۇنلارنى؟ - دېدى پروفېسسور ئىنچىكىلەپ. - مەن ئۇيغۇر شەھەر جەمئىيىتىدىكى رەڭلىك ئولتۇرۇش، سورۇنلاردىكى سېرىق يۇمۇر ھادىسىسى، تورنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى قاتارلىقلارنى مەركەز قىلغان ھالدا قىزىقىدىغان نۇقتامنى بايان قىلدىم ۋە بۇ نۇقتىلارغا ئىزاھات بەردىم. رەڭلىك ئولتۇرۇش ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشۈم پروفېسسورغا سەل قىزىق تۇيۇلدى. - جەمئىيەتشۇناسلىق - بىر خىل كەڭ دائىرىلىك ئىلىم، جەمئىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق بىر نۇقتىنى نەزەردىن ساقىت قىلمايدۇ. سېنىڭ قىزىقىدىغانلىرىڭ جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ تۈرلىرى بولغان جىنس جەمئىيەتشۇناسلىقى، مەدەنىيەت جەمئىيەتشۇناسلىقى ۋە شەھەر جەمئىيەتشۇناسلىقى قاتارلىق تەرەپلەرگە چېتىلىدىكەن. جەمئىيەتشۇناس بولغان ئادەم بەك جىق ماتېرىيال كۆرمىسە بولمايدۇ. ياخشىسى، ماگىستىرلىق ئوقۇشۇڭ داۋامىدا كونكرېت بىر تۈرنى تۇتۇپ ئىچكىرىلەپ كىر. بىز شۇ تەرىقىدە يېرىم سائەتكە يېقىن پاراڭلاشتۇق. بۇ قېتىملىق پاراڭنىڭ ماڭا بەرگەن ئىلھامى چوڭقۇر، ئۇچۇرى كۆپ بولدى. پروفېسسورنىڭ قانداق ماتېرىياللارنى كۆرۈش، نېمىلەرنى قىلىش كېرەكلىكىم ھەققىدىكى تاپشۇرۇقلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىشخانىسىدىن قايتىپ چىقتىم. ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا پروفېسسورلار ئالدىراش بولغىنى بىلەن ئۆزى يېتەكلەۋاتقان ئوقۇغۇچىغا مۇتلەق مەسئۇل بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىزدىشىگە، تەكلىپ-پىكىر ئېلىشىغا قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن، پروفېسسورلار ھەر ھەپتىدە ئىشخانىدا مۇقىم ئولتۇرىدىغان ۋاقتىنى تور بېكىتىدە ئەسكەرتىپ قويىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنى شەخسىي ئىشىغا سالىدىغان (بەزىدە ھەق بېرىپ ھەمكارلاشما تەتقىقاتقا تەكلىپ قىلىدۇ)، دەرسنى قول ئۇچىدا ئۆتۈپ قويىدىغان، ئوقۇغۇچىنىڭ سوئالىدىن ئۆزىنى ئەپقاچىدىغان مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلمىشى پروفېسسورلارنىڭ تەبىئىتىگە يات. ئامېرىكىنىڭ ئالىي مائارىپقا - جۈملىدىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىغا ۋە ئوقۇغۇچىلار پايدىلىنىدىغان ئەسلىھەلىرىگە سالىدىغان سېلىنمىسى ئەنگلىيىنىڭكىدىن ۋە باشقا كۆپ قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭكىدىن كۆپ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىقتىسادىي تەمىناتىنىڭ ياخشى بولۇشى بەلكىم ئامېرىكىنىڭ ياۋروپادىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ مۇنەۋۋەر پروفېسسورلىرىنى قېزىپ يۆتكەپ ئېلىپ كېتەلىشىدىكى بىر سەۋەب بولسا كېرەك. ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلمىي مۇھىتىدىكى ماڭا بەكرەك ياققان يەنە بىر تەرەپ - بۇ يەردە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ، سىمنارىيەلەرنىڭ ئۈزۈلدۈرمەي بولۇپ تۇرىدىغانلىقى. گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى ۋە مۇنازىرە شەكلىدىكى مائارىپ ئەندىزى ئادەمنىڭ زېھنىنى ئېچىپ تەنقىدىي ئويلىنىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ، كىشىگە جىق ئۇچۇر ۋە يېڭى ئىدىيە ئاتا قىلىدۇ. ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىدا سىمنارىيىلەرگە ۋە دەرسلەرگە قاتنىشىش داۋامىدا مەن بۇ نۇقتىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. ئامېرىكا پارلامېنتى مەبلەغ ئاجرىتىپ ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىغا تەسىس قىلغان شەرق-غەرب تەتقىقات مەركىزى بىزگە ئىگە بولىدىغان ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى يەنە بىر ئورۇن. شەرق-غەرب تەتقىقات مەركىزىدىن ئېلخەت ساندۇقۇمغا ھەر خىل مەزمۇندىكى سىمنارىيىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار كېلىپ تۇراتتى. مەن يېڭى مۇھىتقا كېلىپ ئىككى ھەپتىچە ۋاقىت ئۆتكەندە بىر ياپون پروفېسسورىنىڭ شەرق-غەرب تەتقىقات مەركىزىدە «ئىنگلىز تىلىنىڭ دۇنياۋى تىللىق ئورنى ۋە تىل زوراۋانلىقى» تېمىسىدا ئىلمىي دوكلات بېرىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. بۇ دەل مەن قىزىقىدىغان تېما ئىدى. ئىلمىي دوكلات بەرگۈچى ياپونىيە ئوساكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولۇپ، تىل زوراۋانلىقى ھەققىدە ئۇزۇن مۇددەت تەتقىقات ئېلىپ بارغان ۋە خەلقئارالىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا كۆپ قېتىم لېكسىيە سۆزلىگەنىكەن. پروفېسسورنىڭ ئىنگلىز تىلى ئىپادىلەش ئىقتىدارى ئانچە ياخشى ئەمەس، تەلەپپۇزىدا ياپونچە پۇراق كۈچلۈك ئىدى؛ بەزى جۈملىلىرىنىڭ باش-ئاخىرى ئانچە ماسلاشمايتتى. ئەمما، بېكىتكەن تېما ھەققىدىكى كۆزقاراشلىرى ئادەمنى ئويغا سالاتتى. ئانا تىلى ئىنگلىز تىلى بولغان نى-نى سۈرلۈك پروفېسسورلار ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپ خاتىرە قالدۇرۇپ ئولتۇراتتى. ئولتۇرغانلار ئۇنىڭ ئىنگلىزچىسىگە ئەمەس، نېمە دەۋاتقانلىقىغا بەكرەك دىققەت قىلىۋاتاتتى. مەن ياپون پروفېسسورى نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئويلاندىم، ئىككىنچى بىر تىلدا مۇرەككەپ ئوي-پىكىر ئىپادىلەنگەن نۇتۇقىنى سۆزلەشنىڭ ئادەمگە قانچىلىك روھىي بېسىم ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى چۈشىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنى قانچىلىك سۆزلىيەلەيدىغانلىقى، «راۋان ئېغىز تىلى ئىقتىدارى شۇ ئادەمنىڭ كاللىسىدا يېڭى ئىدىيە بارلىقىدىن ياكى بىلىملىك ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئىچكى نۇتقى تەرەققىي قىلغان ئادەم مەسىلىلەر ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىش، ئانالىز قىلىش بىلەن بولۇپ كېتىپ تاشقى نۇتقىنى ياخشىلاشقا كۈچىيەلمىگەن بولۇشى مۇمكىن» دېگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم. ياپون پروفېسسورىنىڭ چىقىش نۇقتىسى - ئىنگلىز تىلىنىڭ دۇنياۋى تىللىق ئورنىغا چىقىشى بىلەن باشقا تىللارنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلەش ۋە ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرنى تونۇشتۇرۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولۇۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا پايدىسىز ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇش ئىدى. تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، بۇ ئانا تىلى ئىنگلىز تىلى بولغانلارغا ئانچە خۇشيېقىپ كەتمەيدىغان تېما ئىدى. لېكىن، دوكلات يىغىنىدىكى پروفېسسورلار ياپون پروفېسسورىنىڭ نۇتقىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. نۇتۇق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ياپون پروفېسسورى سوئالغا كۆمۈلۈپ كەتتى. - ئىنگلىز تىلى ئۆزىنى دۇنياغا تاڭمىدى، بەلكى دۇنيا ئىنگلىز تىلىنى تاللىدى. ئۇنداق بولسا ئىنگلىز تىلىنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرساق، دۇنياۋى ئالاقىدە قايسى تىل يېتەكچى ئورۇندا تۇرۇشى كېرەك؟ - دەپ سورىدى بىر پروفېسسور. - ئېسپېرانتو (دۇنيا تىلى) ئۆلگەن سۈنئىي تىل، ئۇنداقتا سىزنىڭچە بولغاندا سۈنئىي تىلدىن يەنە بىرنى ياساپ چىقىپ دۇنيا تىلى قىلىش كېرەكمۇ؟ - دەپ سورىدى بىرەيلەن. مۇھاكىمە ناھايىتى قىزغىن بولدى. ياپون پروفېسسورى قانچە قىيىن سوئالغا دۇچ كەلگەندىمۇ تەمكىن تۇرۇپ پېتىنى بۇزمايتتى. كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ جاۋاب بېرەتتى. پروفېسسورلار ئوتتۇرىسىدىكى بەس-مۇنازىرە ئىلمىي كەيپىيات ئىچىدە داۋام قىلاتتى. بۇنداق كەيپىيات بىلەن قىلىنغان مۇنازىرە ئادەمنى يېڭى ئۇچۇرغا، ئۆزگىچە ئىدىيىگە ئىگە قىلىپ بىر تەرەپلىمە خۇلاسە چىقىرىشتىن ساقلايتتى. ئەنگلىيىلىك مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس زىگمۇند باۋمەن (Zygmund Baoman) ئۆزىنىڭ بىر ماقالىسىدە: «مېنىڭ يېڭى بىر كىتابنى نەشردىن چىقارغىنىم كەسىپداشلارغا تالاش-تارتىش بارغىقى ئەۋەتكىنىم» دەپ يازىدۇ. بىرئازدىن كېيىن مەن ئۆزۈمنىڭ جۇڭگونىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كەلگەن ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمنى دەپ ئۆتكەندىن كېيىن، ياپون پروفېسسورىدىن ئىنگلىز تىلىدا سوئال سورىدىم. - سىز دۇنيا مىقياسى نۇقتىسىدىن ئىنگلىز تىلىنىڭ زوراۋانلىق مەسىلىسىنى تىلغا ئالدىڭىز. سىزدىن سورايدىغان سوئالىم: ياپونىيىدە ياپون تىلىنىڭ زوراۋانلىق ھادىسىسى مەۋجۇتمۇ؟ يەنى ياپون تىلى ئاساسىي ئالاقە ۋاستىسىگە ئۆتۈۋېلىپ ، باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلى يىتىم ھالەتكە چۈشۈپ قالغان ھالەت بارمۇ ؟ ئەگەر بار بولسا ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارىتا قانداق تەدبىر قوللاندى؟ ياپون پروفىسورى سۇئالىمغا ئەستايىدىل جاۋاب بەردى . مېنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇ بولدىكى، ئاز سانلىق مىللەتنىڭ تىل مەسىلىسى ياپونىيە ئۈچۈن ھېچگەپ ئەمەس ئىكەن. يەنى، ياپونىيىدە ئاز سانلىقلارنىڭ نىسبىتى يوق دېيەرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن بىردەك ياپون تىلى ئىشلىتىدىكەن.
___ جۇدا تەھرىرلىدى |