سىز بۇ تېمىنىڭ 491ـ ئوقۇرمىنى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
 
gul-sanam
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە تۆھپە

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 7
يازما سانى: 1743
شۆھرەت: 2059 نۇمۇر
پۇل: 17617 سوم
تۆھپە: 515 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:914(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-05-04
ئاخىرقى:2008-03-11

<سەنەم>يامغۇرلۇق سەھەر



يامغۇرلۇق سەھەر



               كېتىۋاتىمەن ، ياپيىششىللىققا  تولغان بۇ  گۈزەل كۇچىدا  ئەزەلدىنلا ئادەملەر بۇلۇپ باقمىغاندەك  ھېچكىمنىڭ قارسى كۈرۈنمەيتى ،شىرىلدىغان يامغۇر ئاۋازى ، مەن  بۇرۇن يامغۇرلۇق كۈننى يامان كۈرەتتىم ،سىرتتا يامغۇرنىڭ شىرىلدىشى يۈرۈكۈمنى يەۋەتقاندەك بىئارام بۇلاتتىم ،قار ياققان ۋاقىتتا ئۈزۈم يالغۇز  ئاپئاق قارلارنىڭ مەڭزىمگە ئۇرۇلغاندىكى سالقىن بىر سېزىمى بىلەن ئۇزاقتىن ئۇزاق مېڭىشنى بەكمۇ ياقتۇراتتىم ،ھازىرقى قەلبىمدە تىپچەكلاۋاتقان بۇ تۇيغۇمنى شۇ چاغدىكى  تىمتاسلىقتىكى ئالىچىپار خىياللارغا مەھكۇم ئاشۇ تۇيغۇم بىلەن سېلىشتۇرالمىساممۇ ،بۇ يامغۇرلۇق كۈنگە نىسبەتەن ئاجايىپ  يىنىك ھەم  يىقىملىق تۇيغۇ پۈتكۈل سېزىمىمغا قۇماندان ئىدى . .تۈن قوينىدىكى ھامىلەنى تاڭ  تەۋەللۇت قىلدى .ئەمما يېڭىلا كۆزىنى ئاچقان شەپەق يامغۇرلۇق سەھەردە  تاڭ ئانىنىڭ قوينىغا چىڭ ئورۇنۇپ ،كىچىك يۇچۇقتىن سىرتقا مارىلاپ قاراۋاتاتتى .
بارچە گۈزەللىكنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن  يازنىڭ بۇ تىمتاس سەھىرى مۇشۇنداق باشلاندى .يۇپۇرماقلارغا  چۈشۈۋاتقان يامغۇر شۇ تاپتا ئاشۇ تاللىرى ئۇزۇنچاق كەلگەن ياپراقلار  ،چاچلىرنى يۇيۋاتقان   قىزچاقنى ئەسلىتەتتى . يېشىل مەرۋايىتتەك توختىماستىن تۈكۈلىۋاتقان يامغۇر تامچىسى ،مىنىڭ  تۇيغۇمغا  شاتلىق ئاتا قىلالىغىنى ئۈچۈن ،مەن بۇ مىنۇتلارنىڭ مەڭگۈ داۋام قىلشىنى ،بۇ يىقىملىق ناخشىدەك سەھەرنىڭ ماڭا مەڭگۈ مەنسۇپ بۇلىشىنى ئارزۇ قىلىپ قالغان ئىدىم. چۈنكى،  يامغۇر سۈيىدە  يۇيۇلۇپ چىرايلىق بولۇپ كەتكەن  بۇ  سەيلىگاھ يولىدىكى ئەگىم كوچىلار ،كىشىگە ئاجايىپ زوق بەخش ئېتەتتى. كۆز ئالدىمدىكى ئېزگۈلۈك گويا مەڭگۈ داۋاملىشىدىغان سىمفونىيىدەك  يېڭدىن دەرىزىسى ئېچىلغان سەھەر  مىنى ئۈزۈگە مەھلىيا قىلغان ئىدى .
               شۇ تاپتا بۇ يامغۇر سۈيىگە ،جەڭگاھقا ئايلانغان ئىچكى دۇنيارىمدىن  ،  دېڭىز سەپىرىگە چىققان روھلىرىمنىڭ يەلكەنلىك كېمىسى بولغان ئەقلىمنى يۇلۇپ ئېلىپ ،چاڭقىغان ،ئۇھسىنغان باغرىنى بۇ خاسىيەتلىك يامغۇر سۈيۈدە  سۇغۇرغۇم كەلدى .توي قىزنىڭ چېھرىدىكى تىمتاس جىلۋىدەك جەلىبكار كۆرنىۋاتقان ئەتراپ ،كەيپىمنى كۈتۈرۈپ كۈي ناۋالىرىمدا جىرىڭلايتى .كېچىدە يامغۇردىن بۇرۇنقى ئالقىش  سادالىرى ياڭراتقان يۇپۇرماقلار ، ئەمدىلىكتە ھاردۇق يىتىپ، يامغۇر سۈيىدە يۇيۇنغاچ  ئۈنسىز پىچىرلىشىۋاتقان ئىدى  . مانا مۇشۇنداق گۈزەللىككە لىققىدە تۇيۇنغان ،ئالەمچە مەنالار بىلەن تىرىلگەن دۇنيا  بولغاشقا ،ھايات ماڭا تېخىمۇ مېھىرلىك بىلىنىدۇ .بۇمۇ مىنىڭ شاتلىغىم ،بۇمۇ مېنىڭ قايناق ھاياتىم ،ئاچقۇچى تارىم دەرياسىنىڭ چوڭقۇرلىغىغا مەھكۇم قىلىنغان ، مەڭگۈ داتلاشماس قۇلۇپ بىلەن تىلسىملانغان قۇشۇمىلىرى ،  ئەمدىلىكتە  شاتلىقتىن كۈلۈپ باققان بەردەم  تۇيغۇلاردا  تېمەنلىشىپ كەتكەن ھاكاۋۇر بىر سىما ،يىراق بەكمۇ يىراقتا تۇراتتى ،مەن مەنزىل تامان كېتىۋاتىمەن ،ئارقمدا تالاي كەچمىشلەر  يامغۇر سۈيىدە يۇيۇنۇپ، تارىنىپ ،دىلىمغا ئەمدى ئازار يەتكۈزمەسلىككە ۋەدە بېرىشكەندەك ،ماڭا قوللىرىنى دوستانە سۇزۇشۇپ -،<<سەن غالىبلىقتا سۈيۈنگەن مىنۇتىڭدا ،بىزنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان خاسىيتىمىزنىڭمۇ ئاشۇ خوشاللىقلىرىڭدىن تۆۋەن ئەمەسلىكىنى ھىس قىلاتتىڭ .سەن تەبىەتنىڭ تۆت پەسىلىنى قۇبۇل قىلماسلىققا ئىلاجىسىزسەن ، شۇڭا  قەلبىڭنىڭ تۆت پەسلىدە تاسقىلىپ ئۈزۈڭنى يۇقۇتۇپ قويماي بەردەم تۇر ،قەلبىڭدىكى زىمىستانغا قاچان سۈكۈت قىلىشنى ئۈگىنەرسەن ؟سەن ئاشۇ ئازاپلارنى ئۈزۈڭ تالىۋالغان ،ئۇ سېنىڭ جىسمىڭدىكى بىخۇدلۇق باسقان جاراھىتىڭگە مەلھەم ئاچچىق دورا. كۈنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ سېنڭ قەلبىڭدىكى باھارنىڭ ئارقا ھويلىسى ،يازنىڭ ئالدى دەرۋازىسىدەك ،يەنە كېلىپ بۈگۈندەك گۈزەل ھەم تىمتاس بۇلىشى ناتايىن .كۈز شاماللىرىدا ھۇلۇقۇپ كەتمە ،بولمىسا جۇت- شىۋىرغاننى كۆرمەي تۇرۇپلا  ھالەك بۇلىسەن ...>>دەۋاتقاندەك قىلاتتى . مەن بۇ گۈزەل يامغۇرلۇق سەھەردە  مۇڭلۇق قەدەملىرىم بىلەن كىتىۋاتاتتىم ...


ohxax.cn
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 14:24 | [باش تېما]
nurziba

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 17
شۆھرەت: 18 نۇمۇر
پۇل: 170 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:4(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-08-14
ئاخىرقى:2008-03-12

كوز قارشىمىز  ئەجەپمۇ ئوخشاشكەن.مەنمۇ يامغۇررلۇق سەھەرنى ياخشى كورىمەن.
تەپەككۇرىمىزدا  ئوخشاشلىق باركەن.
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 14:53 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 1 .قەۋەت
anjurguli

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 239
شۆھرەت: 240 نۇمۇر
پۇل: 2390 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:21(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-09-30
ئاخىرقى:2008-03-13

  يامغۇردىن  كېيىنكى  ساپ، گۈزەل  تەبىئەت  قوينىغا  باشلاپ  باردىڭىز  گۈل-سەنەم  خانىم . نەسىرىڭىز  بەك  تەسىرلىك  چىقىپتۇ . قەلەم  تۇلپارىڭىز  چارچاپ  قالمىسۇن .
  ئىنسان  ئۆمرى  بەك  قىسقا  ئۇنتۇپ  كېتىشكە  تېگىشلىك  ئىشلارنى  ئۇنتۇپ  كېتىڭ . ئۆتكەن  ئىشلار  ئۈچۈن  تولا  قايغۇرماڭ ، ئۇمۇ  ئۆتۈپ  كېتىدۇ . تەن  ساقلىق ، بەخىت-ئامەتلەر  ھەممەيلەنگە  يار  بولغاي!!!!!!!!
 
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
كۆڭلۈڭنىڭ ئارامىدا بولۇشنى ئىستىسەڭ،پاك-دىيانەتلىك بول.
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 14:55 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 2 .قەۋەت
sabiha
ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا

مەزھەپ:bbs.xabnam bbs.xabnam
بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 585
شۆھرەت: 670 نۇمۇر
پۇل: 5881 سوم
تۆھپە: 43 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:238(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-02-19
ئاخىرقى:2008-03-14

سەنەم بۇ تەسۋېرلىرىڭىزنىڭ گۈزەللىكىدىن ئاشۇ يامغۇرلىق سەھەردە ئاشۇ تىمتاس كوچىدا خۇددى سىز بىلەن مەن ياندىشىپ كىلۋاتقاندەك تۇيغىدا بولدۇم ئەزىزىم,
سىزنىڭ قەلم كۈچىڭىزگە ئاپرىن!
كۈلۇپ ياشايمەن,
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 15:04 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 3 .قەۋەت
bigane

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 27
شۆھرەت: 28 نۇمۇر
پۇل: 270 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:18(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-09-26
ئاخىرقى:2008-03-13

يامغۇرلۇق سەھەردە ،تۇيغۇ كۆركىدە سىزبىلەن  ئورتاقلىشىپ  مىنىڭمۇ شۇنداق مىڭىپ باققۇم كەلدى...لىكىن نىمە بولدىكىن ، ئىلھام قىز - يىگىتلىرىنىڭ ھەممىسى سەنەم ئاچامنىڭ بويىغا ئورالدىمىكىن ....ياكى ئۇلار مەندىن يامانلىدىمىكىن...يازالمىدىم...

ھەدە ، بەرىكەتلىك بۇلۇڭ، تۇيغۇ  ئالىمىدە پىچىرلىشىپ تۇرايلى! ئامان بۇلۇڭ!
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 15:08 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 4 .قەۋەت
Ark-zat
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىجاتچان ئەزا

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 4
يازما سانى: 4529
شۆھرەت: 4826 نۇمۇر
پۇل: 28670 سوم
تۆھپە: 416 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:798(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-11-17
ئاخىرقى:2008-03-14

قايەردىن كېلىدىغاندۇر بۇ قىزغا بۇنداق ئىلھاملار ،توۋا دەيمەن.بۇ نەسىر ياخشى چىقىپتۇ،يامغۇردىن كىيىنكى ھاۋا تولىمۇ ساپ ۋە ئىللىق بولىدۇ.ئىلھاملىرىڭىز تىپىچەكلەپ تۇرسۇن.ھۆرمەت بىلەن :ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات.
ohxax.cn
شائىر دەۋر يار بەرسە سىياسىئون بولىدۇ،يار بەرمىگەندە شائىر ياكى لۈكچەك بولىدۇ.
قوليازمىللىرىمنى رۇخسىتىمسىز ئىشلەتمەڭ!!!
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 16:20 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 5 .قەۋەت
molla pok-pok
ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا

مەزھەپ:شەبنەم تورى شەبنەم تورى
بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1171
شۆھرەت: 1266 نۇمۇر
پۇل: 35360 سوم
تۆھپە: 3 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:961(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-05-07
ئاخىرقى:2008-03-14

گۈل -سەنەم ھەدە نىمانداق چىرايلىق بېزىۋالدېڭىز  . نەسىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ ، رەڭگارەڭ بۇلۇپ تېخىمۇ جان كىرىپتۇ .
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى




دۇنيادىكى ئەڭ ئىشەنچىلىك ئادەم ـــــــ ئاتا - ئاناڭ !!!
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 17:02 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 6 .قەۋەت
majnuntal666
مۇنبەر قىززىقچىسى

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1009
شۆھرەت: 1050 نۇمۇر
پۇل: 10090 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:218(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-09-10
ئاخىرقى:2008-03-14

بۇ نەسىرنى ئوقۇۋاتقۇنۇمدا قايدۇ قىزىنىڭ سىماسى غۇۋا كۆز ئالدىمدا پەيدا بولغاندەك ھىسياتتا بولۇپ قالدىم .قېرىندىشىم سىزگە بۇ ئىلھاملارنىڭ قانداق كىلىدىغىنىنى سۇرىمىساممۇ قىياس قىلالايمەن .بەكمۇ تەسىرلىك يېزىلغان قۇرلارنى ئوقۇپ ھاياجانلانمىدىم دىسەم ئىشەنمەيسىز .بەك ياخشى يېزىپسىز رەخمەت سىزگە !
  مەن يامغۇرنى بەك ياخشى كۆرىمەن ،يامغۇردا تۇرۇشنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىمەن .كۇنلىك تۇتۇشقىمۇ خوشۇم يوق .كىچىگىمدىن شۇنداق ئىدىم .بۇ قېتىم ئاللا نىسىپ قىلسا بېرىپ قالسام ئەشۇ يامغۇرلۇق كوچىدا قول تۇتۇشۇپ بىر ماڭمىساق ھىساپ ئەمەس( چاخچاق ).قېرىندىشىم بىز كۆرۇشكەندە ئەشۇ چىرايلىق كوچىدا ئەشۇنداق يامغۇر ياغسا دەپ تىلەيمەن .............................
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 17:11 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 7 .قەۋەت
majnuntal666
مۇنبەر قىززىقچىسى

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1009
شۆھرەت: 1050 نۇمۇر
پۇل: 10090 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:218(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-09-10
ئاخىرقى:2008-03-14

شۇنداق ياخشى بىزەلگەن ھەمدە ياخشى يېزىلغان مۇشايىرەلەر يېڭى مۇنبەرگە كىرىپ ئۆچۇپ كىتىپتۇ ،بەك ئەپسۇلاندىم .ئىمكان بولسا شۇنداق بىزەپ قويسا بەكمۇ كۆركەم بولىدىكەن .
ۋاختىڭىز بولسا بىزەپ قويۇيارسىز .جەزىبىدارلىقى تېخىمۇ ئاشىدۇ .
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 17:15 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 8 .قەۋەت
qinmodan
ئالاھىدە تۆھپە ئىلغار باشقۇرغۇچى

مەزھەپ:چىن مودەن چىن مودەن
بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 1042
شۆھرەت: 1106 نۇمۇر
پۇل: 9541 سوم
تۆھپە: 98 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:1072(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-09-01
ئاخىرقى:2008-03-13

بىر پارچە  رەسىمدىن  كەلگەن تاتلىق ئىلھاملىرىڭىز ، ماڭا خۇشخۇي كەيپىيات ئاتا قىلدى...رەھمەت سەنەم!
ohxax.cn
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 18:51 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 9 .قەۋەت
layli0317
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش

مەزھەپ:توغراق قىزى توغراق قىزى
بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 620
شۆھرەت: 736 نۇمۇر
پۇل: 6220 سوم
تۆھپە: 130 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:656(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-10-03
ئاخىرقى:2008-03-14

يامغۇر ئىتقادى ئۈچۈن زەيلەپ كەتكەنلەر ئۈچۈن ئەجەللىك زورۇقۇش، روھى قاغجىراپ ئادىمىيلىكتىن چەتنەپ كەتكەنلەر ئۈچۈن زەررىچە تامچە، ھاياتنى ، تۇرمۇشنى،تەبىئەتنى سۆيىدىغانلار ئۈچۈن تۈگىمەس بۇلاق. تېمىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر دوستۇم!!!
ohxax.cn
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 18:59 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 10 .قەۋەت
arkinomar
يازما يوللاش ئۇستىسى

مەزھەپ:شەبنەم مۇنبىرى شەبنەم مۇنبىرى
بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1656
شۆھرەت: 1657 نۇمۇر
پۇل: 16449 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:852(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-04-19
ئاخىرقى:2008-03-14

سىزنىڭ «يامغۇرلۇق سەھەر»دىكى ھېس-تۇيغۇلىرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ . ئېلھاملىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي .
ohxax.cn
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 19:22 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 11 .قەۋەت
SUKUT315
ئىجاتچان ئەزا

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 906
شۆھرەت: 916 نۇمۇر
پۇل: 9070 سوم
تۆھپە: 80 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:401(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-10-08
ئاخىرقى:2008-03-13

مۇشۇ گۈلسەنەمگە ھەقىقەتەن قول قويمەن جۇمۇ..............كۇنۇپكا تاختىسىنى مۇنداقلا بېسىپ قويسا، نادىر ئەسەردىن بىرسى ۋاچچىدە پۈتۈپ چىقىدۇ دەيمەن...... توۋا...............توۋا.....
(چاقچاق قىلىپ قويدۇم، شۇنداق ئاسان ئىش بولسا مەنمۇ شائىر بولۋالاتتىم دە!!!)

نادىر ئەسەرلىرىڭزىنى بىزدىن ئايىمىغايسىز! رەھمەت!!!
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 19:25 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 12 .قەۋەت
otkunchi-nur
ئىجاتچان ئەزا موللا تاپقاق

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1153
شۆھرەت: 1189 نۇمۇر
پۇل: 11240 سوم
تۆھپە: 26 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:875(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-02-27
ئاخىرقى:2008-03-14



بۇ رەسىمنى باش سۆرىتى قىلىۋالدىم ، ئىسمىمنى ئۆتكۈنچى-يامغۇرغا ئۆزگەرتىۋالايمىكىن .
ohxax.cn
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 20:14 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 13 .قەۋەت
majnuntal666
مۇنبەر قىززىقچىسى

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1009
شۆھرەت: 1050 نۇمۇر
پۇل: 10090 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:218(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-09-10
ئاخىرقى:2008-03-14

ئىسمىڭىزنىمۇ  ئۆزگەرتىۋېلىڭ ،يامغۇرغا تەشنا بولمايدىغان مەۋجۇداتمۇ بارمىدۇ ؟
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 20:21 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 14 .قەۋەت
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )


 

Time now is:03-14 13:35, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation