سىز بۇ تېمىنىڭ 698ـ ئوقۇرمىنى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
 
Esma

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 99
شۆھرەت: 100 نۇمۇر
پۇل: 980 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:63(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-10-20
ئاخىرقى:2008-03-13

ئىسىم قويۇشتا دىققەت قىلىڭ

شۈبھىسىزكى،كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا قانداق ئىسىمنى قوللىنىش تولىمۇ مۇھىم بىر ئىش ھېسابلىنىدۇچۈنكى باشقىلار مەلۇم كىشى توغرىسىدا سۆزلەشمەكچى بولغاندا ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالىدۇ.مەيلى بۇ دۇنيادا ياكى ئاخىرەتتە بولسۇن،ئۇ شۇ ئىسىم بىلەن چاقىرىلىدۇ.شۇ ئىسىم ئۇنىڭ قايسى دىنغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ،شۇنداقلا شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگىمۇ ئۆزىنىڭ مۇشۇ دىننىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ.ئىسىم باشقىلارغا مۇشۇ كىشى توغرىسىدا بەزى مەلۇماتلارنى بېرىدۇ.كىشىلەرنىڭ ئىسىم توغرىسىدىكى ھېسسىياتى خۇددى كىيىم بەك ئۇزۇن ياكى بەك قىسقا بولۇپ قالسا ئوخشاش كۆزگە سىغمىغانغا ئوخشايدۇ.

  ئىسىم قويۇشتىكى ئەڭ ئاساسىي پىرىنسىپ ئىىشلىتىشكە يول قويۇلغان ئىسىملارنى ئىشلىتىشتۇر. شەرىئەتكە ئاساسلانغاندا بەزى ئىسىملارنى قويۇش شەرىئەتتە چەكلەنگەن بولۇپ ئىسىم قويغاندا شۇ ئىسىملارنى قويۇشتىن ساقلىنىش لازىم.

تۆۋەندىكى ئىسىملارنى ئىشلىتىش ھارام قىلىنغان:

1.ئاللاھتىن باشقىغا قۇلچىلىقنى ئىپادىلەيدىغان ئىسىملارنى ئىشلىتىش،مەيلى ئۇ پەرىشتە ياكى پەيغەمبەر بولسۇن.ئاللاھتىن باشقا ھەرقانداق نەرسە ياكى زاتقا قۇلچىلىقنى بىلدۈرۈش قەتئىي چەكلەنگەن ئىشتۇر.شۇڭا ئاللاھتىن باشقا ھەرقاندان زاتقا قۇلچىلىقنى بىلدۈرىدىغان ئىسىملارنى قويۇشمۇ ھارامدۇر.مەسىلەن:"ئابدۇرۇسۇل"(ئەلچىنىڭ قۇلى)،ئابدۇنەبى(پەيغەمبەرنىڭ قۇلى)،ئابدۇلئەمىر (پادىشاھنىڭ قۇلى)دېگەنگە ئوخشاش ئىسىملار ئاللاھتىن باشقىغا قۇلچىلىقنى ۋە ئاللاھتىنمۇ بەكرەك بويسۇنۇشنى ئىپادىلەپ قويىدۇ.كىملەركى ئىسمىنى مۇشۇنداق قويۇۋالغان ئىكەن دەرھال ئۆزگەرتىش لازىم.مەشھۇر ساھابە ئابدۇراخمان ئىبن ئەۋف  رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ:"مېنىڭ ئىسمىم ئەسلى ئابدۇ ئەمىر--يەنە بىر رىۋايەتكە كۆرە ئابدۇ كەئبە --ئىدى،مەن مۇسۇلمان بولغان چاغدا رەسۇلۇللاھ  مېنى ئابدۇراخمان دەپ چاقىردى."(ھاكىم رىۋايەت قىلغان.3/306,زەھەبى توغرا دېگەن).

2.پەقەت ئاللاھقىلا خاس بولغان ئىسىملارنى قويۇش.بەزى ئىسىملار پەقەت ئاللاھ سۇبھانۇ ۋە تائالاغىلا خاس بولغان ئىسىملاردۇر.مەسىلەن خالىق(ياراتقۇچى)،رازىق(رىزىق بەرگۈچى)،رەب،ۋە راخمان(ئەڭ شەپقەتلىك)دېگەندەك.بەزىلىرى پەقەت يىگانە ئاللاھقىلا خاس بولغا سۈپەتلەردۇر.مەسىلەن مالىك-ئەل-مۇلۇك(شاھلارنىڭ شاھى)،قاھىر دېگەنگە ئوخشاش.كىشىلەرنى بۇنداق ئىسىملار بىلەن چاقىرىش ھارامدۇر.كىم بۇنداق ئىسىم قوللانغان بولسا ئۆزگەرتىشى كېرەك.ئاللاھ تائالا  قۇرئانى كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:"سەن ئۇنىڭ شېرىكى(ياكى ئوخشىشى) بارلىقىنى بىلەمسەن؟"(سۈرە"مەريەم"65-ئايەت)

3.روشەن كافىرلارغا خاس بولغان ۋە كافىرلاردىن باشقىلار ئىشلەتمەيدىغان ئىسىملار،مەسىلەن ئابدۇل مەسىھ،بۇتروس(پىتىر)،جۇرجوس(گىئورگى)دېگەندەك ئىسىملارنى قوللىنىش ھارامدۇر.

4.كىشىلەرنى تاغۇتنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىش ھارامدۇر.مەسىلەن ئىبلىسنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتاش دېگەندەك.

يۇقىرىدىكى تۆت تۈرلۈك ئىسىمنى قويۇش قەتئىي ھارام قىلىنغان.كىم بۇنداق ئىسىم قويىدىكەن ئۇ ئىسىمنى دەرھال ئۆزگەرتىشى لازىم.

تۆۋەندىكى سەككىز تۈرلۈك ئىسىمنى ئىشلىتىش مەكرۇھ:

1.مەنىسى كىشىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان ئىسىملارنى قويۇش مەكرۇھ. بۇنداق ئىسىملار مەنىسى ناچار،يېقىمسىز،شۇنداقلا باشقىلارنىڭ شۇ كىشىنى مەسخىرە قىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.بۇ پەيغەمبەر  نىڭ چىرايلىق ئىسىملارنى قويۇش توغرىسىدىكى كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.مەسىلەن،مەنىسى سەلبىي بولغان ھەرب(ئۇرۇش)،راشاش(چېچىش دېگەندەك مەنىدە)،خىيام--تۆگىلەردىن تارقىلىدىغان بىر خىل كېسەللىكنىڭ ئىسمى--دېگەندەك يېقىمسىز ئىسىملارنى قوللىنىش مەكرۇھ.

2.كىشىنى جەلب قىلىدىغان،كىشىلەرنىڭ تۇيغۇسىغا تەسىر قىلىدىغان ئىسىملارنى قوللىنىش مەكرۇھ.بولۇپمۇ قىزلارنىڭ ئىسمىنى تاللىغاندا بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم.باشقىلار قىزلارنى بۇ خىل ئىسىم بىلەن چاقىرغاندا بەزى كىشىلەرنىڭ ھېسسىياتىغا تەسىر قىلىشى ۋە شۇ قىز توغرىسىدا يامان خىياللاردا بولۇشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.

3.ناخشى،ئارتېس دېگەندەك ئەخلاقسىز ئىنسانلارنى دوراپ ئىسىم قويۇشقا بولمايدۇ.ئەگەر ئۇلارنىڭ ياخشى ئىسىملىرى بولسا قوللىنىشقا بولىدۇ،لېكىن مەقسەت شۇ ئىسىمنىڭ مەنىسىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى بولۇشى كېرەككە ھەرگىزمۇ ئۇ كىشىلەرنى دوراش بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.

4.يامان ئىش، گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى ئىسىم قىلىپ قوللانماسلىق كېرەك.مەسىلەن،سارىق(ئوغرى) ياكى زالىم دېگەندەك؛فىرئەۋننىڭ ياكى گۇناھكارلارنىڭ ئىسمىنى قوللانماسلىق كېرەك.مەسىلەن:فىرئەۋن،ھامان،قارۇن..دېگەندەك ئىسىملارنى قويۇش مەكرۇھ.

5.كىشىلەر ئارىسىدا يامان خىسلەتلەر بىلەن تونۇلغان ھايۋانلارنىڭ ئىسمىنى قويۇش مەكرۇھ.مەسىلەرخىمار(ئېشەك)،كەلب(ئىت)،قىرد(مايمۇن)دېگەنگە ئوخشاش.

6."دىن"ياكى "ئىسلام"دېگەندەك سۆزلەر قوشۇلغان ئىسىملارنى قويۇش مەكرۇھ.مەسىلەن، نۇرىدىن(دىننىڭ نۇرى)،شەمسىدىن(دىننىڭ قۇياشى)،نۇرۇل ئىسلام،شەمسۇل ئىسلام دېگەنگە ئوخشاش.بۇنداق ئىسىملار كىشىگە ئۆزى لايىق بولمىغان سۈپەتلەرنى بېرىپ قويىدۇ.سەلەف ئالىملىرى بۇنداق ئىسىملارنىڭ ئۆزىگە لەقەب بولۇپ چاقىرىلىشىنى يامان كۆرەتتى.ئىمام نەۋەۋى(ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسۇن) باشقىلارنىڭ ئۆزىنى "مۇھىيددىن"(دىننىڭ قايتا بەرپا قىلغۇچى)دەپ چاقىرىشىنى يامان كۆرگە؛شەيخۇلئىسلام ئىبن تەيمىيە (ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسۇن) ھەم ئۆزىنىڭ لەقىبى بولغان "تەقىيددىن"(دىننىڭ تەقۋاسى)دېگەن ئىسىمنى يامان كۆرگەن.ئۇ دائىم:ماڭا بۇ لەقەبنى ئائىلەم بەردى،شۇنىڭ بىلەن ھەممە ئادەم بىلىپ كەتتى"دەيتتى.

7.ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىغا بەندىچىلىكنى ئىپادىلەيدىغان"ئابدۇ"كەلىمىسىدىن باشقا سۆزلەرنى قوشۇپ ئىشلىتىش مەكرۇھ.مەسىلەن خەسەبەللاھ،رەھمىتۇللاھ دېگەندەك.شۇنداقلا رەسۇل سۆزىگىمۇ باشقا سۆزلەرنى قوشۇپ ئىشلىتىش مەكرۇھ.

8.پەرىشتىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى قويۇش ۋە قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى قويۇش مەكرۇھ.مەسىلەن تاھا،ياسىن دېگەندەك.بۇ ئىسىملار خۇرۇفۇل مۇقەتتاھ(بەزى سۈرىلەرنىڭ بېشىدا كەلگەن ھەربلەر؛مەنىسىنى پەقەت بىر ئاللاھ بىلىدۇ-تەرجىماندىن)تۇر.رەسۇلۇللاھ   نىڭ ئىسىملىرى ئەمەس.بۇ توغرىدا ئىزدەنمەكچى بولسىڭىز ئىبنۇل قەييىمنىڭ تۇخفەت ئەل مەۋدۇد دېگەن كىتابىغا مۇراجىئەت قىلىڭ.109-بەت.

بۇ ئىسىملارنى قوللىنىش،باشقىلارغا ئىسىم قىلىپ قويۇش مەكرۇھتۇر.ئەگەر بىر كىشىنىڭ مۇشۇنداق ئىسمى بولسا،ئائىلىسى تەرىپىدىن قويۇلغان بولۇپ ئۇنى ئۆزگەرتىش مۈشكۈل بولسا قوللىۋەرسە بولىدۇ.

تۆۋەندىكى بەش خىل ئىسىم ياخشى ئىسىملاردۇر.

1.ئەڭ ياخشى ئىسىملار ئابدۇللاھ ۋە ئابدۇراخماندۇر.بۇ رەسۇلۇللاھ  نىڭ ھەدىسلىرىدە بايان قىلىنغان بولۇپ،رەسۇلۇللاھ  مۇنداق دەيدۇ:"ئاللاھ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىسىم ئابدۇللاھ ۋە ئابدۇراخماندۇر"(سەھىھ مۇسلىم 1398-ھەدىس)

2.ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىغا ئابدۇ سۆزى قوشۇلغان ئىسىملار،مەسىلەن ئابدۇلئەزىز، ئابدۇرەھىم، ئابدۇلمەلىك ،ئابدۇلئىلاھ،ئابدۇسسالام دېگەندەك.

3.پەيغەمبەرلەر--ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن--نىڭ ئىسىملىرى.ھېچ شۈبھىسىزكى ئەڭ ياخشى ﯻﺴﯩﻢ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﯬﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ ﯻﺴﻤﯩﺪﯗﺭ..ئەھمەد ھەم ئۇنىڭ ئىسمىدۇر.ئۇنىڭدىن قالسا "ئىرادىلىك پەيغەمبەرلەر(سۈرە "ئەھقاف"35-ئايەت)نىڭ ئىسىملىرى،ئىبراھىم،مۇسا،ئىيسا ۋە نۇھ.ئۇنىڭدىن كېيىن باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىسىملىرى ياخشىدۇر.

4.ئاللاھنىڭ توغرا يولدىكى بەندىلىرىنىڭ ئىسىملىرى.رەسۇلۇللاھ  بارلىق ساھابىلىرىنىڭ  ئىسىملىرى ياخشىدۇر.ساھابىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى قويۇش،شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىزىدىن ئەگىشىش ۋە تېخىمۇ يۇقىرى نەتىجىگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىش مۇستەھەپتۇر.

5.كىشىنى خوش قىلىدىغان،مەنىسى ياخشى بولغان ئىسىملار.

ئىسىم قويۇشتا يەنە تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

1.شۇ ئىسىمنىڭ ئاشۇ كىشىگە بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك.ئەگەر ئۇ شۇ ئىسىم سەۋەبلىك بەزى ئاۋارىچىلىقلارغا يولۇقسا بەلكى دادىسىن ياكى شۇ ئىسىمنى قويغۇچىدىن رەنجىشى،يامان كۆرۈپ قېلىشى مۇمكىن.

2.ئىسىمنى تاللىماقچى بولغان بىر قانچە تەرەپتىن ئوبدان ئويلىنىش كېرەك.شۇ ئىسىم شۇ كىشىنىڭ ياشلىق ۋاقتىدا قانداق ئاڭلىنىدۇ،ئۆسمۈر چېغىدا ياكى قېرىغان ۋاقتىدا قانداق ئاڭلىنىدۇ،ئۇنىڭ  پەرزەنتى پالانىنىڭ ئوغلى/قىزى دەپ چاقىرىلىشقا خوشال بولامدۇ،دادىسى پالانىنىڭ دادىسى دەپ چاقىرىلىشقا خوشال بولامدۇ دېگەنگە ئوخشاش.

3.ئىسىم قويۇش دادىنىڭ ھوقۇقىدۇر.چۈنكى ئۇ بالا شۇ دادىنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىلىدۇ،پالانىنىڭ ئوغلى ،پالانىنىڭ قىزى دېگەندەك.لېكىن دادىغا نىسبەتەن ئايالىنىڭ ئارزۇلىرىغا قۇلاق سېلىش،ئۆزى تاللىغان ئىسىم توغرىسىدا ئانىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاش ۋە ماقۇللىقىنى ئېلىش مۇستەھەپتۇر.

4.بالا چوقۇم دادىسىنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىلىشى كېرەك.مەيلى دادىسى ئاجرىشىپ كەتكەن بولسۇن،بالىسىدىن خەۋەر ئالمايدىغان، ھەتتا بالىسىنى بىرەر قېتىم كۆرۈپ باقمىغان بولسۇن.بالىنى دادىسىدىن باشقا كىشىنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىش ھارامدۇر.پەقەت بىر خىل ئەھۋال بۇنىڭدىن مۇستەسنا،ئەگەر تۇغۇلغان بالا زىنادىن تۇغۇلغان بولسا ئۇ چاغدا ئانىسىنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىلىدۇ،بۇ چاغدا دادىسىنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىشقا بولمايدۇ.

ئەسكەرتىش: بۇ ئەرەب ئالىملىرى بەرگەن پەتىۋا، شۇڭا ئەلۋەتتە ئەرەبچە ئىسىملار ئارقىلىق ئىسىم قويۇشتىكى پىرىنسىپلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دىنىمىزدا ئۆز تىلىمىزدا ياخشى مەنىلىك ئىسىملارنى قويۇش چەكلەنمەيدۇ. شۇڭا بۇ مەسىلىلەردىن قۇسۇر تاپمىساق، دېگەن ئۈمىدتىمەن.

___ جۇدا تەھرىرلىدى
ohxax.cn
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 14:02 | [باش تېما]
aswatullah

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 14
شۆھرەت: 15 نۇمۇر
پۇل: 70 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:7(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-02-27
ئاخىرقى:2008-03-12

ئېسما ئەپەندى يوللىغان تېمىڭىزغا رەھمەت،مۇشۇ نىڭغا  مۇناسىۋەتلىك تېمىنى خېلى ئۇزۇن كۇتكەن.رەھمەت سىزگە.
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 16:06 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 1 .قەۋەت
UYGURIYA23

بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 80
شۆھرەت: 81 نۇمۇر
پۇل: 800 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:19(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-10-10
ئاخىرقى:2008-03-14

    پايدىلىنىش قىممىتى بار تېما بوپتۇ . تېما ئىگىسىگە  تەشەككۈر !    
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 16:07 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 2 .قەۋەت
sarang0998

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 215
شۆھرەت: 216 نۇمۇر
پۇل: 1630 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:66(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-12-19
ئاخىرقى:2008-03-13

رەھمەت ~ناھايىتى ياخشى تېما يوللاپسىز ~~~بولسا داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ ~~~~~~
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
ئاللاھۇ ئەكبەر !!!
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 16:48 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 3 .قەۋەت
0316088

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 49
شۆھرەت: 299 نۇمۇر
پۇل: 31 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:15(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-02-29
ئاخىرقى:2008-03-13

ئابدۇرۇسۇل دېگەن ئىسىممۇ بولمامدۇ؟لېكىن بىز ئۇيغۇرلانىڭ ئىچىدە بۇ ئىسىمنى قويغانلار كۆپقۇ!!بىلىۋالساق بولىدىكەن!!
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 16:53 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 4 .قەۋەت
bee

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 56
شۆھرەت: 57 نۇمۇر
پۇل: 560 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:19(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-10-25
ئاخىرقى:2008-03-12

ئەپەندىم ، مەن ئىسمىمنى ئۆزگەرتكەن . شۇنداق قىلساق بولىدىغۇ دەيمەن ؟
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 17:00 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 5 .قەۋەت
hanatam

بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 484
شۆھرەت: 485 نۇمۇر
پۇل: 4905 سوم
تۆھپە: 3 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:316(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-05-16
ئاخىرقى:2008-03-14

ئونداقتا ئويغۇرنڭ ئىمىنىڭ 90%تى ھارامكەن ، ئىسلام ، ياسىن ، شەمسىيە ، شەمسىدىن .......ۋاھاكازالار ...
ohxax.cn
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 17:22 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 6 .قەۋەت
hayrane

بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 164
شۆھرەت: 165 نۇمۇر
پۇل: 1650 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:22(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-01-22
ئاخىرقى:2008-03-14

ئىشقىلىپ مىنىڭ ئىسمىم ھالال............            
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 17:29 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 7 .قەۋەت
Turk-zat

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 21
شۆھرەت: 22 نۇمۇر
پۇل: 210 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:13(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-11
ئاخىرقى:2008-03-14

Quote:
بۇ يازما1قەۋەتتىكىaswatullahنىڭ2008-03-12 16:06يوللىغان  :
ئېسما ئەپەندى يوللىغان تېمىڭىزغا رەھمەت،مۇشۇ نىڭغا  مۇناسىۋەتلىك تېمىنى خېلى ئۇزۇن كۇتكەن.رەھمەت سىزگە.


ھاھاھاھاھاھاھاھا

ھەي قېرىندىشىم ، ئۇ خەتنى ئۇقىيالماپسىز ... ئەسما دەپ ئوقۇيمىز .... ئۇ دىگەن قىز بالىنىڭ ئىسمى ....
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 18:28 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 8 .قەۋەت
Omurmanzli

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 178
شۆھرەت: 179 نۇمۇر
پۇل: 1750 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:26(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-12-06
ئاخىرقى:2008-03-12

پايدىلىنىش قىممىتى بار تېما بوپتۇ بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ئىكەن مېنىڭ ئىسمىم ئۇلارنىڭ ئارىسدا يوق ئىكەن
قارىغاندا مېنىڭ ئىسمىم ياخشى ئوخشايدۇ تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر ..........
تىلسىم
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 19:55 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 9 .قەۋەت
juratk

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 12
شۆھرەت: 12 نۇمۇر
پۇل: 111 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:1(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-07-29
ئاخىرقى:2008-03-12

看看看看看看看.http://www.mungtar.cn
ohxax.cn
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 20:10 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 10 .قەۋەت
juratk

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 12
شۆھرەت: 12 نۇمۇر
پۇل: 111 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:1(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-07-29
ئاخىرقى:2008-03-12

看看看看看看看.http://www.mungtar.cn
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 20:10 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 11 .قەۋەت
Zero823

بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 33
شۆھرەت: 34 نۇمۇر
پۇل: 330 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:4(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-11-30
ئاخىرقى:2008-03-14

سىزنى  قوللايمەن  .  دېگەنلىرىڭىز ئورۇنلۇق. سىزگە كۆ پ رەھمەت.
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 20:13 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 12 .قەۋەت
HALET
رەسىم يوللاش ئۇستىسى

بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 148
شۆھرەت: 149 نۇمۇر
پۇل: 1390 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:46(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-01-28
ئاخىرقى:2008-03-14

پايدىلىنىش قىممىتى بار تېما بوپتۇ . تېما ئىگىسىگە  تەشەككۈر ! 
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 21:00 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 13 .قەۋەت
dilbinur

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 5
شۆھرەت: 6 نۇمۇر
پۇل: 50 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:2(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-11
ئاخىرقى:2008-03-12

رەخمەت قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 22:04 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 14 .قەۋەت
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )


 

Time now is:03-14 13:35, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation