سىز بۇ تېمىنىڭ 302ـ ئوقۇرمىنى
 
بۇ بەتتىكى تېما: ئارمانغا تەكلىپ : تاپشۇرۇق دەپتەر پىلانى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
 
samin906

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 12
شۆھرەت: 13 نۇمۇر
پۇل: 120 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:36(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-02-18
ئاخىرقى:2008-03-14

ئارمانغا تەكلىپ : تاپشۇرۇق دەپتەر پىلانى



بىۋاستە قارتىلدىغان مەھسۇلات : ئوقۇغۇچىلار قۇۋۋەت تالقىنى

ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسەت :
ئوقۇغۇچىلار كەلگۈسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ، ئۇلارنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئولىيىتى بۇلۇپ ، ئارمان ئوقۇغۇچىلار قۇۋۋەت تالقىنىنىڭ پايدىلىق تەركىبىنى ئوقۇغۇچىلارغا تېخىمۇ ياخشى بىلدۇرۇپ ئۇلارغا ھەقىقىي قۇۋۋەت ئاتا قىلىش بۇ ئارقىلىق ...........
1.ئوقۇغۇچىلار قۇۋۋەت تالقىنىنىڭ سېتىلىشىنى ئىلگىرى سۇرۇش .
2.پائالىيەتنى يېزا- بازار مەكتەپلەرگىچە كېڭەيتىپ ئىستىمالچىلارنى بىۋاستە نەپكە ئىگە قىلىش ، ۋە ئوقۇغۇچىلارغا تېخىمۇ يېقىنلىشىپ ئۇلارنىڭ ئارمان دەپتىرى ئارقىلىق كېلەچەكتىكى ئارمانلىرىغا يېتىشىگە يېتەكلەش.
3.بۇ شەكىلنى سىناق قىلىش ئارقىلىق 1- ئىيۇن بالىلار بايرىمى ۋە نۇقتۇلۇق رايونلاردا نۇقتۇلۇق مەھسولاتقا قارتا مۇشۇ خىل شەكىلنى قوللۇنىشقا تەجرىبە توپلاش.
كونكىرت شەكلى:
1.ئارمان تاپشۇرۇق دەپتىرىنى ئارمان ماركىسى بىلەن لاھىيەلەش.
2.تاپشۇرۇق دەپتىرىنىڭ ئالدى كەينى بەتكە ئوقۇغۇچىلار قۇۋۋەت تالقىنىنىڭ ئېلانى ياكى شېركەت مەھسولات ئېلانىنى كىرىشتۇرۇپ چىرايلىق لاھىيەلەش.
3.تاپشۇرۇق دەپتەر باسىدىغان زاۋۇت بىلەن ھەمكارلىشىپ دەپتەر باستۇرۇش .( سانىنى كونكىرت ئەھۋالغا قارتا باستۇرۇش)
پالىيەت ئېلىپ بېرىش شەكلى:
1.ھەر قايسى ئارمان تاللا بازارلىرىدا ئارمان ئوقۇغۇچىلار قۇۋۋەت تالقىنى سېتىۋالغۇچىلارغا بىر قاپ سېتىۋالسا بىر دەپتەر قوشۇپ بېرىىش .
2.ئوقۇغۇچى سانى كوپ بولغان شەھەر - يېزا مەكتەپلەر ئالدىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈش .
3.ھەر قايسى رايوندىكى ئارمان تاللا بازىرى ۋە دوكانلىرىدا پائالىيەت تەپسىلاتى تونۇشتۇرۇلغان ئېلان تاختىسى تۇرغۇزۇش.

.:.:.:.بىپەرۋا تەستىقلىدى.:.:.:.
ohxax.cn
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 12:06 | [باش تېما]
arman.apandi

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 52
شۆھرەت: 53 نۇمۇر
پۇل: 320 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:118(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-12-03
ئاخىرقى:2008-03-12

ئەستايدىل ياخشى يېزپسىز  .
بۇنداق ياخشى تەكلىپ _ پىكىرىڭىز  داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ .
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 12:51 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 1 .قەۋەت
sabiha
ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا

مەزھەپ:bbs.xabnam bbs.xabnam
بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 586
شۆھرەت: 671 نۇمۇر
پۇل: 5891 سوم
تۆھپە: 43 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:238(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-02-19
ئاخىرقى:2008-03-14

بۇ تەكلىپ ياخشى بوپتۇ مەنمۇ قوللايمەن ,رەھمەت سىزگە ,
بىز ئاتا ئانىلارمۇ پەرزەنتىلىرىمىزنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن كوڭۇل بولشىمىز زورۇر
كۈلۇپ ياشايمەن,
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 13:44 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 2 .قەۋەت
0316088

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 49
شۆھرەت: 299 نۇمۇر
پۇل: 31 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:15(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-02-29
ئاخىرقى:2008-03-13

ياخشى تەكلىپ بولۇپتۇ،رەھمەت سىزگە ،بىزدىن كېيىنكىلەرنى ئويلىمىساق بولمايدۇ!!
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 14:33 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 3 .قەۋەت
AHMADJAN

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 48
شۆھرەت: 49 نۇمۇر
پۇل: 480 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:10(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-07-14
ئاخىرقى:2008-03-12

مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ كۆزقارشىنى سۆزلەپ باقاي، مۇۋاپىق بولسا، قوبۇل قىلارسىلەر.
توۋا دىدىم، توۋا! بالىلارغا ئىچىمىز ئاغرىسۇن. ھازىر رادىئو-تېلېۋېزىيە، گېزىت-ژورنال، يول بويىدىكى ئېلان تاختىلىرى، ئۆي ئىمارەتلەرنىڭ تاملىرى، كوچىلاردا قولىمىزغا تۇتقۇزۇپ قويىدىغان ئېلان ۋەرەقىلىرى، يانفون ئېلان ئۇچۇرلىرى.......... يەتمىگەندەك ئەمدى تاپشۇرۇق دەپتەرنىڭ ئالدى كەينى مۇۋاقىسى قالغان. بىر قىسىم تورداشلىرىمىزنىڭ ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي، بۇ تەكلىپنى قوللاپ كەتكىنىنى نىمە دەي؟
سىلەر ئېلاندىن زېرىكمىدىڭلارمۇ؟ بىر كىنونى ئارامخۇدا پۈتۈنسۈرۈك پېتى كۆرگىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتتى. شۇ ئېلاننىڭ دەستىدىن.
ئېھتىمال بەزىلەر ئارمان شىركىتى ئېلان لايىھىلىمىگەن تەقدىردىمۇ ھىلىھەم تاپشۇرۇق دەپتەرلەرنىڭ ئالدى-كەينى مۇقاۋىلىرىدا ھەر خىل ئېلانلار، چولپانلارنىڭ رەسىملىرى...بارغۇ؟  دىيىشى مۈمكىن. باشقىلار پۇل ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئارامىنى بۇزسا، ئەمدى قوپۇپ، ئارمان شىركىتىمۇ باشقىلارنىڭ ئارقىسىدىن بۇ مودىغا ئەگىشىشى كېرەكمىكەن.
بۇ تېمىنى يوللىغۇچى samin906 ، سىزنىڭ باشقا ئىشىڭىز يوقمۇ؟ مۈمكىن بولسا سۆيۈملۈك كاللىڭىزنى باشقىلارنى خوش قىلىدىغان، ئۇلارغا بەدىئي زوق ئاتا قىلىدىغان باشقا ئىشلارغا ئىشلەتكەن بولسىڭىز.
گېپىم ئېغىر كەتكەن بولسا مېنى كەچۈرەرسىز.
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 14:56 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 4 .قەۋەت
koknur217

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 167
شۆھرەت: 168 نۇمۇر
پۇل: 1250 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:92(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-10-07
ئاخىرقى:2008-03-14

[quote]بۇ يازما4قەۋەتتىكىAHMADJANنىڭ2008-03-12 14:56يوللىغان :
توۋا دىدىم، توۋا! بالىلارغا ئىچىمىز ئاغرىسۇن. ھازىر رادىئو-تېلېۋېزىيە، گېزىت-ژورنال، يول بويىدىكى ئېلان تاختىلىرى، ئۆي ئىمارەتلەرنىڭ تاملىرى، كوچىلاردا قولىمىزغا تۇتقۇزۇپ قويىدىغان ئېلان ۋەرەقىلىرى، يانفون ئېلان ئۇچۇرلىرى.......... يەتمىگەندەك ئەمدى تاپشۇرۇق دەپتەرنىڭ ئالدى كەينى مۇۋاقىسى قالغان. بىر قىسىم تورداشلىرىمىزنىڭ ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي، بۇ تەكلىپنى قوللاپ كەتكىنىنى نىمە دەي؟
سىلەر ئېلاندىن زېرىكمىدىڭلارمۇ؟ بىر كىنونى ئارامخۇدا پۈتۈنسۈرۈك پېتى كۆرگىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتتى. شۇ ئېلاننىڭ دەستىدىن.

مەن بۇ تەكلىپ -لايىھەنى قوللايمەن، بىزنىڭ بالىلىرىمىز قاچانغىچە باشقىلار لايىھىلگەن تاپشۇرۇق دەپتەرلەرنى ئىشلىتدۇ، نەدىكى چەتنىڭ چولپانلىرىنىڭ رەسىملىرى چۇشكەن دەپتەرلەرنى يەنە قانچىلىك ئىشلتىمىز.ئەگەر بۇ دەپتەر راستىنلا ۋۇجۇدتقا كەلسە، بالىلارنىڭ قەلبىدە كىيىن چوقۇم ئارمانلىقلاردەك ئىشلارنى ۋۇجۇدتقا چىقىرىش ئىستەكلىرى پەيدا بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈنۈمنى يەنە 10 يىلىدىن كيىنلا كورەر ئىدۇق بىز بۇرۇن بىر نەچچە بالا مۇشۇنداق بىر پىلان تۇزگەن ئىدۇق ، ئەمما مەبلەغ يىتەرلىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن توختاپ قالغان ئىدۇق، ئەمما بىر كۈنلەردە مەبلەغ ھەل قىلالىساق چوقۇم قىلىمىز. ئارماندا مەبلەغ يىتەرلىك بولغاندىن كىيىن ، ئۇلار قىلسا تىخىمۇ ياخشى قىلغان بولاتتى. دەپتەرگە يالغۇز ئارماننىڭلا ئېلانى بەرمەي،باشقا بىزنىڭ يۇرتلارنىڭ چىرايلىق مەنزىلىرى ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان ئالىم،داڭلىق شەخىسلەر، بىناكارلىق ۋە ھەر خىل بىزنىڭ ئۆرپە - ئادەتلىرىمىزنى تەشۋىق قىلىدىغان رەسىملەرنى ئارمان ماركسى بىلەن چىقارسا تىخىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى  ئەگەر بۇنى مەھسۇلات بىلەن قوشۇپ بەرمەي ئايرىم پۇلغا ساتسا، بازىرى يەنىلا ياخشى بولغان بولاتتى، مەن بالىلىرىمىغا مۇشۇنداق دەپتەر ئىلىپ بەرگەن بولاتتىم. گەرچە قىممەت چىقىسمۇ...
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-13 02:56 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 5 .قەۋەت


 

Time now is:03-14 15:33, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation