سىز بۇ تېمىنىڭ 1693ـ ئوقۇرمىنى
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
 
بۇ بەتتىكى تېما: يىگانە ۋە گىگانت چولپان _  زاھىر بۇرھان IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
 
abdumijit111

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 4
شۆھرەت: 5 نۇمۇر
پۇل: 40 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:0(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-11
ئاخىرقى:2008-03-13

يىگانە ۋە گىگانت چولپان _  زاھىر بۇرھان

يىگانە ۋە گىگانت چولپان

ئابدۇمىجىت مەمتىمىن (نىجاتكار)

تارىخىي مەنبەلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى،خەلقىمىز ئەزەلدىن سەنئەتنى،
ئىجادىيەتنى قەدىرلەپ كەلگەن ۋە قوغدىغان. يېڭى شەيئى ئەلۋەتتە كونا شەيئىدىن
پەرقلىنىدۇ. يېڭىلىقنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ئوچۇق كاللا، ھاياتقا بولغان قىزغىن مۇھەببەت ۋە كەلگۈسىگە بولغان يۈزلىنىش كېرەك.
  مۇزىكا نوقۇل ھالدىكى ئادەم ھەرىكىتىنى ئۇسۇلغا ۋە تانسىغا ماسلاشتۇرىدىغان”رېتىم ئاۋازى“ ئەمەس، ئۇ بەزىدە ئادەمنى مۇڭلاندۇرىدۇ، بەزىدە ئەسلىمىلەر قوينىغا باشلاپ كىرىدۇ. بەزىدە ئادەمنى گۈزەللىك ۋە يۈكسەكلىك ئالىمىگە باشلاپ كىرەلەيدۇ. بەزىدە ئادەمنىڭ روھىغا جۇشقۇنلۇق ئاتا قىلىپ، ھاياتقا بولغان ئىشەنچنى ئاشۇرىدۇ. مانا بۇ، مۇزىكا .
مۇزىكىنىڭ مانا مۇشۇنداق ئالاھىدىلىكلىرىنى تولۇق چۈشەنگەن ۋە گەۋدىلەندۈرۈۋاتقان، 100دىن ئارتۇق ئۇسۇل مۇزىكىسى ۋە 500گە يىقىن ناخشا ئىجات قىلغان زاھىر بۇرھاننىڭ چۈشىنىشكە ئېرىشەلمەسلىكى ھەتتا گېزىت- ژۇرناللاردا ئۇنىڭ ئىجادى ئەمگەكلىرىگە ئالقىش ۋە مەدەت ئەمەس بەلكى مۇشىت ئېتىشى كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. بەزىلەر ئۆزىچە خەلق ۋە ياشلار بىلەن ھېسابلاشماي، خالىغىنىچە ئۇنى ئۇيغۇر مۇزىكىسىدىن چىقىرىۋەتمەكچى، كۈچى يەتسە مۇزىكا ساھەسىدىن چىقىرىۋىتىشكە ئۇرۇندى، ھەتتا بەزىلەر”ئۇيغۇر ناخشىچىلىىرى “ دەپ قوشاق توقۇپ، بىر قىسىم بەزمىخانا ۋە رېستۇران ناخشىچىلىرىنى ناخشا- مۇزىكا ساھەسىدىكى”تەرجىمان“لارنى كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئۇنى سىقىپ چىقىرىۋەتتى. ئۇنىڭ ناخشا تىكىسىتلىرىنى ئۇيغۇر مۇزىكىسىنىڭ سىرتىغا چىقىرىۋەتمەكچى بولدى.بۇ زادى قانداق ھادىسە؟ بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، تەپسىلى مۇھاكىمە يۈرگۈزۈشكە توغرا كىلىدۇ.زاھىر بۇرھان ناخشىلىرى زادى ئەدەبىياتنىڭ سىرتىدىكى ھادىسىمۇ؟ قېنى ئۇنىڭ تىكىسىتلىرىنى كۆرۈپ باقايلى:
              بۇ ھايات يولىدا كىمنى كۆرمىدىم،
              بۇ ياشلىق پەيتىدە كىمنى سۆيمىدىم.
              ئاياغىم ئىزىدا يوقالدى مەنزىل،
              سۆيگۈنىڭ دەردىدە يېشىم قېپقىزىل،
              ئادەملەر سىلەردىن سۆيگۈ ئىزلەيمەن،
              پۇل ئەمەس، شۆھرەت ئەمەس سۆيگۈ تىلەيمەن.
                          ”سۆيگۈ ئىزلەيمەن“ دىن .
  ئىنسان، دۇنيا، جەمئىيەت، لال بولغان كۆڭۈل، كەچمىش، ماكان ۋە زامان، مىسلىسىز ئازاپ، غالجىرانە سەۋدالىق، تىنىمسىزلىق، بۇلارنىڭ ھەممىسى سۆيگۈ-مۇھەببەت ئۈچۈن ئىدى. بۇ سۆيگۈ بىراۋنىڭ بىراۋغا بولغان ھەۋىسى بولماستىن قۇياشقا ئوخشاش چاقناۋاتقان بىر قەلىبنىڭ پۈتۈن ئىنسانىيەتكە بولغان سۆيگۈسى ئىدى، بۇ غۇبارسىز ۋە يۈكسەك ئىنتىلىش ئنىسانىيەت ئارىسىدا مېھىر- مۇھەببەتنىڭ نۇر چېچىشىنى ئۈمىد قىلاتتى، تەلپۈنەتتى. بۇ كىچىككىنە مىسرالار ئۆزىگە غايەت زور مەنانى، ئىنسانلارنىڭ سۆيگۈسىنى مۇجەسسەملەشتۈرگەن ئىدى. بۇ مىسرالار ئادەمنىڭ كۆز ئالدىغا قانداقتۇر بىر كىنۇ كارتىنىسىنى كەلتۈرىدۇ. چۈنكى بۇ مىسرالاردىكى ھايات بەكمۇ ئۇزۇن، ئىپادىلەنگەن ئازاپ بەكمۇ بۈيۈك، بۇ ئاددى مىسرالارنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئاددى كاللا بولسىلا كۆپايە قىلمايدۇ، ئۇنى ھەزىم قىلالايدىغان مىڭە ۋە سىغدۇرالايدىغان قەلىب بولۇشى كېرەك. بۇ مىسرالار بىر داڭلىق شائىرنىڭ ئەمەس، بەلكى كومپوزىتۇر، ناخشىچى بولۇپ تونۇلغان، زاھىر بۇرھاننىڭ مىسرالىرى.لىكىن ئۇنىڭ بۇ ئالىيجاناپ نىداسى بەزىلەرنى ئەندىشىگە سىلىپ قۇيغان بولسا كېرەك.
سەن كېتىپ، قالدىم يېگانە يامان بولدى،
كۆز ياشلىرىم توختىماي ھېچ قىيان بولدى.
سەنسىز بۈگۈن تەنھالىقىممۇ ئايان بولدى،
بۇ ئالەمدە ھاياتلىغىممۇ گۇمان بولدى.
مانا بۇ ناخشا! مانا بۇ پەقەت تەكلىماكان ۋادىسىنىڭ قۇرغاق زېمىنلىرىدا ياشىغان قۇرغاق پىسخىكا! مانا بۇ جۇدالىقتىن چاقنىغان كۈچلۈك نۇر ، سۆيگەن يارىغا تەلپۈنۈپ ئاھ ئۇرىۋاتقان گۈزەل قەلىبنىڭ ياڭرىشى.
بىر يامان چۈش كۆرۈپ ئۆتتۈم بۇ كېچە،
يار لىۋىدا يارنى كۈتتۈم بۇ كېچە.
نە سەۋەپ بولدى چۈشۈم بۇزۇلۇپ،
ۋە لىكىن كۆڭلۈمدە قالدى بۇ كېچە.
    ” بۇ كېچە“ دىن.
    مەن بۇ خىل يىقىملىق تۇيغۇغا ناھايىتى بۇرۇنلا كەلگەن. يەنە كىلىپ بەش –ئالتە ياش ۋاقتىمدا ئانامنىڭ قۇچىقىدا يېتىپ، چۆچەك ئاۈلاۋاتقىنىمدا ئاللىقانداق دۇنيانى، ئاجايىپ، ئەمما گۈزەل بىر دۇنيانى ھېس قىلغان. چۈنكى، ئۆزۈممۇ قوي –قوزىلار بىلەن ئويناپ چوڭ بولغان سەھرالىق ئىدىم .
زاھىر بۇرھاننىڭ بەزى ناخشىلىرىدىن بالىلارچە سەبىيىلىك، ئېنىقىنى دېگەندە، زاھىر بۇرھانچە سەبىيىلىك چىقىپ تۇرسا، بەزى ناخشىلىدىن پاكىز مۇھەببەتكە بولغان ئەسەبىي تەلپۈنۈش، ئەسەبىي نىدا ياڭرايدۇ.
ھەممە ئادەمدە تالانت بولۇشى مۇمكىن، ۋاھالەنكى ھەممە ئادەم ئۆزىدە تالانتنى يېتىلدۈرەلمەيدۇ.ئادەم ھاياتىنى قۇلىقنى يۇپۇرۇپ تىپتىنىچ ئۆتكۈزسىمۇ، بىر ئۆمۈر ئىجات، ئەمگەك، مېھنەت بىلەن ئۆتكۈزسىمۇ ھېچكىم ھېچنېمە دېمەيدۇ. يېڭىلىقنى بايقاش ۋە كەلگۈسىگە يۈزلىنىش دانىشمەنلەرچە ئەقىل- پاراسەتنى تەلەپ قىلىدۇ.
مەن زاھىر بۇرھان مۇزىكىلىرىنى ئاڭلىغاندا تۇيغۇلىرىم بىر خىل يېڭىچە شادلىقتىن تىرەمگە سىغمايدۇ. بەزىدە بىر خىل زاھىر بۇرھانچە يۈكسەكلىك، ئالىيجاناپلىقنى ھېس قىلىمەن – دە ! ئۆزۈمچە مەنمۇ كەلگۈسىدە بىر بۈيۈك ئادەم بولسام ـ ھە! دەپ ئويلىنىپ كېتىمەن. ئاتلارنىڭ تۇياقلىرىدىن چىققان جەڭگىۋار دۆپۈرلەشلەر، ئاتلارنىڭ دەھشەتلىك كىشنەشلىرى ..... بىزنى يىراق بىر تارىخىي دەۋىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شۆرەتلىك تارىخىنى ئەسلىتىدۇ، يوقالغان باتۇرلۇق تۇيغۇلىرىمىز ئاستا – ئاستا روھىيىتىمىزدىن ئورۇن تۇتىدۇ .....
ئىنساننىڭ روھىيەت دۇنياسىنى ۋە چوڭقۇر مەخپىيەت ئالىمىنى ماكان ۋە مەۋجۇتلۇق بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈش ئازاب ۋە چۈشكۈن روھىي دۇنيانى ۋەتەن ۋە خەلقگە بولغان مۇھەببەت يۆنىلىشىگە ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئاكتىۋال كەيپىياتنى يارىتىش، بەلكى تېخىمۇ يۈكسەك بۈيۈك بولغان يېڭى ھاياتقا يۈزلىنىش زاھىر بۇرھان مۇزىكىلىرىنىڭ ئالاھىدىكى .
فارابىي دېگەندەك سەنئەت- تەبىئەتنىڭ، جەمئىيەتنىڭ تەقلىدى بولۇشى كېرەك.بىزدە ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مۇزىكىسىدا ناخشا ئوقۇغانلار كۆپ بولسىمۇ، ئۇنى زامانىۋى ئۇسلۇبقا كۆتۈرگەنلەر، ئىجادى يوسۇندا مۇزىكا ئىشلىگۈچىلەر زادى قانچىلىكتۇر؟
ئىنسان ئۆرپ- ئادەت ۋە ئەنئەنە ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئەنئەنە ۋە ئۆرپ- ئادەت ئىنسان ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك. بىز ئەڭ دەسلەپ سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن ھايۋانلارنىڭ تىرىسىنى شۇ پىتىلا پۇتىمىزغا ئورىۋالغان بولىشىمىز مۇمكىن، كېيىنكى دەۋرلەردە ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ئەقىل- پاراسىتىگە تايىنىپ، كۆرۈنۈشى ئىنتايىن نەپىس ۋە چىدامچان بولغان ئاياقلارنى ياساپ چىقىتى، ئەجەبا بىز ئەنئەنە ئۈچۈن پۇتلىرىمىزغا ئاياق كىيمەسلىكىمىز كېرەكمىدى؟
ئەگەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئەخمەتجان ئوسمان، ئادىل تۇنىيازنى ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ياراتتى دېسەك، ئۇنداقتا مۇزىكا ساھەسىدە پەقەت زاھىر بۇرھانلا ئۆزىگە خاس مۇزىكا ئۇسلۇبىنى بارلىققا كەلتۈرەلىدى .
«كىرورەن گۈزىلى»،«ئاتۇش ئادىمىي» قاتارلىق ناخشىلىرى بىزگە ئاللىقانداق مەغرۇرۇلۇق، ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ. شۇنداقلا ئۆزىمىز ئۈستىدە قايتىدىن سەمىمىيىلىك بىلەن ئويلىنىشقا ئۈندەيدۇ. زاھىر بۇرھان ناخشىلىرىدا ۋەتەنسىز مۇھەببەت بولمايدۇ، ۋەتەننى سۆيمەي تۇرۇپ بىراۋنى سۆيۈش تاكامۇللاشقان سۆيگۈ ھېسابلانمايدۇ. بىراق، نېمە ئۈچۈن ئاتالمىش ئاقساقال «ئەدىبلىرىمىز» قالايمىقان بىلجىرلايدۇ؟دوكتۇر ئەسئەت سۇلايماننىڭ تۆۋەندىكى بىر ئابزاس سۆزى بۇ مەسىلىگە جاۋاپ بەرسە كېرەك، «ئوتتۇرا ۋە مەركىزى ئاسىيادا ئويغىنىش دەۋرى، جۈملىدىن نەۋايى دەۋرىدىن كېيىن، ياۋرۇپادا پارتلىغان يېڭى پىكىر ئىنقىلابىنىڭ ئەكسىچە تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە ئىجادىيەت ساھەسىدە قەدەممۇ- قەدەم چېكىنىش بولدى، گەرچە كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدا ئۈزۈلۈش بولمىغان يەنىلا نۇرغۇن ئەسەرلەر يارىتىلغان بولسىمۇ ، لىكىن ئۇلارنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى، بەدىئىي ماھارىتى، پىكىر سىزىمى ۋە ئېستىتىك قىممىتى ئالدىنقىلار تىكلەپ بەرگەن ئىجادىيەت رامكىسىدىن تامامەن چىقىپ كېتەلمىدى. بۇ ئۇزاق جەريان ئەنئەنىۋى پىكىر فورمىسىنىڭ بىر خىل ئۈنسىز رەۋىشتە داۋاملىشىشى ئاللىقاچان قېلىپلىشقان تېمىلارنىڭ بەدىئىي ئىجادىيەتتە تەكرار- تەكرار يېزىلىشى، مەدداھلارنىڭ تۈكۈرۈك چاچراندىلىرى ئارقىلىق يېتىپ كەلگەن جەڭنامە پارچىلىرىنىڭ قايتا- قايتا ھېكايە قىلىنىش جەريانى بولدى»(ئەسەت سۇلايمان«تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ» 413-بەت). ئەسەت ئەپەندىمىنىڭ بۇ سۆزى ئەدەبىيات ۋە پەلسەپىگىلا ئەمەس، پۈتۈن ئەدەبىيات- سەنئەت ساھەسىگە ماس كەلسە كېرەك. بىز ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنگىمۇ ھايات ۋاقتىدا ئاراملىق بەرمىگەن، قەدرىنى بىلمىگەن ئىدۇق. ئەمدى ناخشا- مۇزىكا ساھەسىدە بارلىققا كەلگەن بۇ يىتۈك سەنئەتكارغا قاچانغىچە ئاراملىق بەرمەسمىز؟

زاھىر بۇرھان ئىجات قىلغان مۇزىكىلار چەتئەللىكنىڭ مۇزىكىسى بولمىسا ئۇنىڭ مۇزىكىلىرىنى كىملىك ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىن، دۆلەت تەۋەلىكىدىن سۈرۈشتە قىلىشقا توغرا كىلىدۇ. ئۇنىڭ مۇزىكىلىرى زادى كىملەرگە تەئەللۇق؟ ئېنىقكى بۇ زاھىر بۇرھاننىڭ غول ئۇيغۇر مۇزىكىسىغا سۇنغان زاھىر بۇرھانچە ئۇيغۇر مۇزىكىسى.
راج كاپۇر ھىندىستان كىنۇچىلىقىنى دۇنياغا تونۇتقان «سەرگەردان» فىلىمىنى ئۆزى يېزىپ، ئۆزى رىژىسسۇرلۇق قىلىپ، ئۆزى باش رول ئالغان ئىكەن. زاھىر بۇرھان ناخشا تىكىستىنى ئۆزى يېزىپ، ئۆزى مۇزىكىسىنى ئىشلەپ، ئۇنى سەھنىگە ئېلىپ چىقسا ئۇنچىۋالا خاپا بولۇپ، كەتسەك ئادىللىق بولمايدۇ. مېنىڭچە بۇ دۇنيادىكى بارلىق ھەقىقىي سەنئەتكارلاردا ۋە سەنئەتكە ئۆزىنى بېغىشلىغان ھەقىقىي تالانت ئىگىلىرىدە بولىدىغان ئورتاق خۇسۇسىيەت.
ھازىر زامانىمىزدا پەقەت بىرلا ھەقىقىي ئۇيغۇر كومپوزىتۇرى بار. ئۇ بولسىمۇ زاھىر بۇرھاندۇر. ئۇنى غەرب مۇزىكىسىنىڭ پىشۋاسى بىتىوۋىن بىلەن سىلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلساق ھەرگىز مۇبالىغە بولمايدۇ. زاھىر بۇرھان ئۇيغۇر سەنئەت ساھەسىدە بارلىققا كەلگەن يىگانە ئەمما گىگانت چولپان.
ھازىرقى دەۋر ئىجادىيەتنى، يېڭىلىقنى چەتكە قاقىدىغان دەۋر ئەمەس، بەلكى ئىجاتچانلىقنى، سۇنماس روھنى، بۈيۈك چامداشنى، يېڭى- يېڭى نەتىجىلەرنى تەلەپ قىلىدىغان دەۋردۇر .
ئادېرىس: خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيىسى كىلياڭ يېزىسى قارمان كەنتىدىن
ئابدۇمىجىت مەمىتىمىن نىجاتكار
ئاپتۇرنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
  1981-يىلى خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيىسىنىڭ كىلياڭ يېزىسى قارمان كەنتىدە تۇغۇلغان. 2001-يىلى قەشقەر پىداگۇگىكا ئىنىستىتۇتى فلولۇگىيە فاكولتىتى ئەدەبىيات كەسپگە قوبۇل قىلىنغان. << شىنجاڭ ياشلىرى >>،<<شىنجائاياللىرى>>،<<شىنجاڭ مەدەنىيتى>>،<<قەشقەرگىزىتى>> قاتارلىق گېزىت - ژۇرناللاردا «قىزچاق، ئىھتىيات قىلىڭ»، «سىتودىنىت قىز ۋە مۇھەببەت»، «سېنىڭ ئۈچۈن بولاي پرىستان» قاتارلىق بىر قىسىم ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا زور غۇلغۇلا قوزغىغان. 40 پارچىدىن خەت تاپشۇرۇپ ئالغان.

سادىر پالۋان  تەستىقلىدى
ohxax.cn
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-11 21:10 | [باش تېما]
man-boytak

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 18
شۆھرەت: 24 نۇمۇر
پۇل: 30 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:69(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-01-22
ئاخىرقى:2008-03-12

ما ئاداشنىڭ نىرۋىسىدىن چاتاق چىقىپتۇ دوستلار ،،بۇ  بىر  ئالا تاغىل جۆلۈش خالاس ...
بىتخوۋىن كىم زاھىر بورھان  كىم  خۇدايا توۋا  دەيمەن ...........
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-11 22:06 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 1 .قەۋەت
arkhon
ئىجاتچان ئەزا

بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 630
شۆھرەت: 648 نۇمۇر
پۇل: 6102 سوم
تۆھپە: 71 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:1194(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-10-17
ئاخىرقى:2008-03-14

يۇقۇرقى دوستىمىز  راست  دەيدۇ...بۇ  ماقالىنىڭ ئىگىسىنىڭ زادى نىرۋىسى ئېلىشىپ  قاپتۇ
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى

يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-11 22:12 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 2 .قەۋەت
karahan

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 179
شۆھرەت: 179 نۇمۇر
پۇل: 1186 سوم
تۆھپە: 33 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:91(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-01-12
ئاخىرقى:2008-03-12

زاھىر بورھان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر كومپوزىتۇرى ،
بىتخوۋىن دىگەن كىم ،ئۇ ئۇ پەيغەمبەر بولغان ھالەتتىمۇ بىز ئۈچۈن بەرىبىر .
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-11 22:15 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 3 .قەۋەت
907

بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 40
شۆھرەت: 41 نۇمۇر
پۇل: 220 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:21(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-06
ئاخىرقى:2008-03-14

تېما يوللىغۇچى كەلگۈسىدىكى بىر قەلىمى كۈچلۈك يازغۇچى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ، تېما ئاخىرىدا ئۆزىنى بىر تونۇشتۇرۇشنىمۇ ئونتۇپ قالماپتۇ .
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-11 22:19 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 4 .قەۋەت
karayvz

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 103
شۆھرەت: 124 نۇمۇر
پۇل: 1040 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:31(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-11-27
ئاخىرقى:2008-03-13

زاھىر بورھاننىڭ ناخشا -مۇزىكىرى ھەقىقەتەن كىشىنى سۈيۈندۈرىدۇ. ئاپتۇرنىڭ زاھىر بورھان بىلەن بىتخوۋىننى سېلىشتۇرغىنى قاملاشماپتۇ.
ohxax.cn
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-11 22:23 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 5 .قەۋەت
AZADAM
ئىجاتچان ئەزا

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 399
شۆھرەت: 400 نۇمۇر
پۇل: 3990 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:146(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-07-02
ئاخىرقى:2008-03-12

مەن زاھىر بورھاننىڭ  ناخشىللىرىنى ياقتۇرىمەن  ئۇنىڭ ماڭا ياقمايدىغان ناخشىللىرى  يوق دىسەممۇ بولىدۇ    بىزدە  كىم ئالدىغا ماڭسا شۇنى پۇتلايدىغان ئادەت بار    شۇنداق ئەمەسمۇ  يادىڭلاردا بارمىكى    ئۇتكەندە قايسى بىر تېمىدا  ئەمدىلا  ئىشقا كىرىشىپ    سودا ساھەسىگە قەدەم باسقان بىر قىسىم مىللى كارخانىمىزنىڭ  مەھسۇلاتلىرىنى  ئۇزىچە    بىر تىيىنغا ئەرزىمەس  قىلىۋەتتى  لىكىن شۇلار ئويلاپ باقمىدى  ئۇزىمىزنىڭ ئەسكى بولسا خەقنىڭ بەك ياخشىمىكەن    ياخشىمۇ ئاستا ئاستا بولمامدۇ    ھەقىقەتەن  بەزى كەمچىلىكى بولسا  سىلىق  ئەدەپلىك سۇزلەر بىلەن  كۇرسىتىپ بەرسە بولىدۇ ئەمەسمۇ  ئۇنىڭ ئۇچۇن ئالاھىدە تېما يوللاپ پۇتكۇل تور دۇنياسىغا سازايى قىلىۋەتكۇچە  قول قولنى يۇيسا -قول يۇزنى يۇيىدۇ دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ   
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-11 22:26 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 6 .قەۋەت
arkhon
ئىجاتچان ئەزا

بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 630
شۆھرەت: 648 نۇمۇر
پۇل: 6102 سوم
تۆھپە: 71 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:1194(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-10-17
ئاخىرقى:2008-03-14

پارىس قولتۇقى ئۇرۇشىدىن كىيىن چوڭ بوش  بىلەن گىرمانىيە باش مىنىستىرى شىرودىر پاراڭلىشىپ قاپتۇ چوڭ  بوش شۇنداق  دەپتۇ مىنىڭ قۇلۇمدا دۇنياۋى ئۇرۇش  پارتىلىسا ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتكۈدەك ۋەتەنپەرۋەر ناملىق باشقۇرىلىدىغان بومبام بار گىرمانىيەنىڭ قۇلىدا  نىمە  بار؟؟؟  دەپ  سۇراپتۇ
شىلودىر شۇنداق جاۋاپ  بىرىپتۇ مىنىڭ قۇلۇمدا 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتكەن تەقدىر سىمفونىيەسى بارسىزدە بارمۇ دەپ جاۋاپ  بىرىپتۇ بۇنى ئاڭلىغان بوش گەپ  قىلالماپتۇ...
بىتخوۋىن شۇ تەقدىر  سىمفونىيەسىنىڭ كومپىزوتۇرى مىنىڭچە زاھىر بۇرھاننى ئۇنىڭغا سېلىشتۇرۇش سەل بەك  ئېشىپ كەتكەنلىك...
ohxax.cn

يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-11 22:39 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 7 .قەۋەت
aoaoaoa

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 32
شۆھرەت: 33 نۇمۇر
پۇل: 260 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:11(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-02-25
ئاخىرقى:2008-03-12

بۇ چولپىنمىز يوقاپ كەتىغۇ  سەھنە ئېكرانلاردا  كۇرۇنمايدۇ       
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-11 22:54 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 8 .قەۋەت
abdumijit111

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 4
شۆھرەت: 5 نۇمۇر
پۇل: 40 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:0(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-11
ئاخىرقى:2008-03-13

مېنىڭ نېرۋامنى چاتاق دىگۇچىلەرگە ئىككى كەلىمە سۆز:
دەل مىنىڭ  نېرۋام بىر قەدەر تەرەققى قىلغانلىقى ئۈچۇن، زاھىر بۇرھان ئەپەندىمنىڭناخشا - مۇزىكىللىرىنى چۇشەندىم.كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە قىزىىپ چىقتىم، بولمىسا زامانىمىزدىن ھالقىغان بۇ گىگانت مۇزىكانت ، ناخشا چولپىنى توغرىسىدا پىكىر قىلالامتىم؟ دەل ساڭا ئوخشاش نىرۋىسىنىڭ چاتىقى بارلارلا قالايمىقان جۆيلۈيدۇ. چۈنكى سىلەرگە ئوخشاش ئادەملەر شىم- كاستىيۇم كىيىۋالغان،ئەمما كاللىسى ۋار-ۋارلىق يەنى پاترىئارخانلىق دەۋردە قىتىپ قالغان ئادەملەردۇر. مۇبادا  سىلەرنىڭ ئاشۇ سۆزلىرىڭلەرگە ئاساسىڭلار بولسا ئوتتۇرغا ئىلمىي، پاكىتلىق تاشلاپ باقمامسىلەر؟ مېنڭچە سىلەر ۇنداق قىلالمايسىلەر ، چۈنكى سىلەرنىڭ مەقسىتىڭلار مازارغا چالما ئېتىپ ئەۋلىيا بولىۋېلىش. ئەگەر مېنىڭ ئۇنداق بولۇش نىيىتىم يوق دېسەڭلار، مەن سىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە تەييار. چۈنكى مېنىڭ پاكىتىم بار ، ئۇزۇن يىللىق ئىزدىنىشلىرىم بار، مېنىڭ نېرۋامنى ھېسىيات ئەمەس، ئەقىل باشقۇرىدۇ، سىلەردە نېرۋاڭلارنى كونتىرۇل قىلالايدىغان ئىقتىدار بارمۇ؟؟؟
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-11 22:56 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 9 .قەۋەت
abdumijit111

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 4
شۆھرەت: 5 نۇمۇر
پۇل: 40 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:0(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-11
ئاخىرقى:2008-03-13

ھۆرمەتلىك قارا يۇز ئەپەندى سىزنىڭ ئىسىمىڭىز  قەلبىڭىزگە ئوخشاشلا قارا يۇزكەن.
سىز زاھىر بۇرھان ئەپەندى بىلەن بېتخوۋېن توغۇرسىدا سۆزلىمەيلا قويۇڭ. سىز ئۆزىڭىزنى دۇنيادىكى ھەممە ئادەمدىن پەس كۆرەمسىز؟  سىز ئۆزىڭىزنىڭ نەزىرىدە زادىلا ئادەم ئەمەسمۇ؟
ئۇ ياۋۇرپانىڭ كومپازىتورى. زاھىر بۇرھان ئەپەندى بولسا بىزنىڭ  يەنى ئۇيغۇرنىڭ كومپىزىتورى. سىزنىڭ بۇ ئىككىسىنى سېلىشتۇرقانلىقىمدىن غەيرىلىك ھېس قىلغىنىڭىز دەل ئۆزىڭىزنى چۇشەنمىكەنلىكىڭىز ھەم ئېتىراپ قىلمىغانلىقىڭىز.
ئۇيغۇر خەلقى بېتخوۋېننىڭ مۇزىكىسىغا قارىغاندا زاھىر بۇرھان ئەپەندىنىڭ مۇزىكىسىنى ئەڭ كۆپ ئاڭلىدى. زەرداپ يۇركىكىگە تەسسەللى تاپتى، تۇرمۇشىغا ، ھاياتىغا مەنە بەردى. بىز  بېتخوۋېننى غەرىپ  تەتقىقاتچىللىرىنىڭ قەلىمى ئارقىلىق چۇشەندۇق. زاھىر بۇرھان ئەپەندىمدەك كىشىلەرنىڭ دۇنياغا تونۇلىشى ئۈچۇن، مەندەك ئۇنى ھەقىقى چۇشىنىدىغان، ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىنى ئۇزۇن يىل كۇزەتكەن كىشىلەرنىڭ تەقىقاتىغا باغلىق.
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-11 23:07 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 10 .قەۋەت
arkhon
ئىجاتچان ئەزا

بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 630
شۆھرەت: 648 نۇمۇر
پۇل: 6102 سوم
تۆھپە: 71 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:1194(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-10-17
ئاخىرقى:2008-03-14

ما ئاداشنىڭ  راستلا كاللىسىنىڭ  سۈيى  بار  ئىكەن خۇشامەتچىلىك قىلىمەن دەپ  بەك ئاشۇرىۋېتىپتۇ مۇشۇ خۇشامەت ماقالىسىنى ھەقىقى سەنئەتكارلار كۆرسە  نىمە دەر بىتخوۋىن باشقا  مىللەتتىن بولسا  نىمە بوپتۇ ،ئۇ  باشقا  مىللەتتىن بولغانلىقى ئۈچۈنلا دۇنيا سەنئەت تارىخىدىكى ئورنى زاھىر  بۇرھان  بىلەن تەڭ  بۇلۇپ  قالامدىكەن ...ئاللاھ  دۈشمىنىڭلارغىمۇ ئادىل مۇئامىلە قىلىڭلار  دىگەن
قاملاشمىغان يازمىنى  يېزىپ تۇتۇلۇپ  قالسا  يەنە سەكرىگەن  بىكار ....
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى

يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-11 23:14 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 11 .قەۋەت
wolf205

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 50
شۆھرەت: 51 نۇمۇر
پۇل: 400 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:10(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-01-12
ئاخىرقى:2008-03-11

توۋا ~~~~~!!!.مۇشۇمۇ بىر تىما ھە~!!...
  يوللايدىغان باشقا برنىمە چىقمىدىما~~!!!
ohxax.cn
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-11 23:14 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 12 .قەۋەت
Qinakidam

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 231
شۆھرەت: 232 نۇمۇر
پۇل: 2025 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:18(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-01-20
ئاخىرقى:2008-03-13

Quote:
بۇ يازما8قەۋەتتىكىarkhonنىڭ2008-03-11 22:39يوللىغان  :
پارىس قولتۇقى ئۇرۇشىدىن كىيىن چوڭ بوش  بىلەن گىرمانىيە باش مىنىستىرى شىرودىر پاراڭلىشىپ قاپتۇ چوڭ  بوش شۇنداق  دەپتۇ مىنىڭ قۇلۇمدا دۇنياۋى ئۇرۇش  پارتىلىسا ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتكۈدەك ۋەتەنپەرۋەر ناملىق باشقۇرىلىدىغان بومبام بار گىرمانىيەنىڭ قۇلىدا  نىمە  بار؟؟؟  دەپ  سۇراپتۇ
شىلودىر شۇنداق جاۋاپ  بىرىپتۇ مىنىڭ قۇلۇمدا 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتكەن تەقدىر سىمفونىيەسى بارسىزدە بارمۇ دەپ جاۋاپ  بىرىپتۇ بۇنى ئاڭلىغان بوش گەپ  قىلالماپتۇ...
بىتخوۋىن شۇ تەقدىر  سىمفونىيەسىنىڭ كومپىزوتۇرى مىنىڭچە زاھىر بۇرھاننى ئۇنىڭغا سېلىشتۇرۇش سەل بەك  ئېشىپ كەتكەنلىك...



    ho    ho    ho  ho  ho 
ohxax.cn
ساناەت ۋە سەنئەت
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-11 23:22 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 13 .قەۋەت
gadankax

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 218
شۆھرەت: 229 نۇمۇر
پۇل: 2160 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:139(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-01-16
ئاخىرقى:2008-03-12

    قىنى بۇ جىڭجۈ تىياتىرىنىڭ داۋامى؟                            
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-11 23:32 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 14 .قەۋەت
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )


 

Time now is:03-14 15:32, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation