
تۇرمۇشىمىزدىكى ھارغىنلىقنىڭ يېرىمى تىرىكچىلىكنىڭ ھەلەكچىلىگىدىن ،قالغان يېرىمى باشقىلار بىلەن بەسلىشىشتىن كېلىدۇ.

ئىككى ئىت بەزىدە بىر تال سۆڭەكنى تالىشىپ بىر-بىرىنى قانغا بۇيىشىدۇ،ئەمما سۈڭەك يوق چاغدا بىر-بىرىگە دەخلى قىلماي تېنچ ئۆتىدۇ،بەزىدە ئادەملەرمۇ شۇنداق.

خەقنىڭ سىزنى ياشىرىپ كېتىپسىز ،دەپ ماختىغان ۋاقتى دەل سىزنىڭ قېرىپ كېتىۋاتقان ۋاقتىڭىزدۇر.

ھەممە ئادەمنىڭ قەھرىمانغا ئايلىنىپ كېتىشى مومكىن ئەمەس،قەھرىمانلار يولدىن ئۆتكەن چاغدا يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدا تۇرۇپ چاۋاك چالغىلىمۇ ئادەم بولمىسا بولمايدۇ.

مەسلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسولى ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئەمەس،بەلكى ئۇنىڭغا دادىل يۈزلىنىشتۇر.

ئەزەلدىن پۈرسەتكە ئېرىشىپ باقمىدىم ،دەپ قاخشايدىغانلار ئەمەليەتتە ئەزەلدىن تەۋەككۇل قىلىپ باقمىغان كىشىلەردۇر.
قاھار ئوسمان(ت)
شىنجاڭ مائارىپى 2008-يىلى 1-2 سان