| |||||||
chuqan224 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مىللى بۆلگۈنچىلكمۇ ياكى مىىللي كەمستىشمۇ ؟- .
يىقىنقى كۈنلەردە «مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى »غا بۆلگۈنچىلىك قىلىدىغان بايراقنى كىمنىڭ بەك كۆتۇرۈدىغانلقىنى ئازدۇر-كۆپتۇر بولسىمۇ چۈشىنىپ قالدىم . ھېكايە 1- 9-ئاي ۋاقتلىرى ئىدى .سول يوتام تارتىشىپ ئاغرىغىلى بىرقانچە كۈن بولۇپ سەل ئەنسىرەپ قالدىم .ئاخىرى مەكتەپ دوختۇرخانىسغاكىرىپ تەكشۈرتتىم .دوختۇر ھېچ ئىش يوقلۇقىنى ،بىر نەچچە كۈن ئسسىق ئۆتكۈزۇپ بەرسەم ئوڭشىلىپ قالىدىغانلىىقمنى ئېيتتى .شۇ جەرياندا بىر خەنزۇ قىز ،ھەربىي فورما كېيگىنىدىن يېڭى ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلىش تەس ئەمەس .قورسىقى بەك ئاغىرىغان بولسا كېرەك تۈگۈلۈپ بولالماي قېلىۋاتاتتى.دوختۇر ئۇنىڭ ئاۋۋال قان تەكشۈرتۈپ كېلىشىنى ئاندىن دىئاگنوز قويىدىغانلقىنى ئېيتتى .ئۇيالغۇز كەپتىكەن (يېنىدا پۇلى بەك ئاز بولسا كېرەك )دوختۇردىن قان تەكشۈرتۈش ھەققىنىڭ قانچە ئىكەنلىكنى توختىماي سورايتتى . مەن ئۇنىڭغا بولدى ئۇلارنى سورىماي مەن بىلەن بىلەن بىللە بارغىن دەپ ئۇنى يۆلەپ قان تەكشۈرتۈش . دىئاگنوز ،دورا ئېلىش قاتارلىق قىلىپ بەردىم .بۇ جەريانلارنى بىر خەنزۇ دوختۇر كۆزىتىپ تۇرغان بولسا كىرەك .يېنىمغا كېلىپ «يىگىت سىز بەك ياخشى ئىكەنسىز ،سىز مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا ياخشى ئۈلگەبولدىڭىز »دېمەسمۇ .غۇژژىدە ئاچچىقىم كېلىپ ئۇنىڭغا -كەچۈرۈڭ مەن ئۇنىڭ خەنزۇ ئىكەنكىلىكىگەدىققەت قىلماپتىمەن ،پەقەت ئۇنىڭ بىر ياردەمگە مۇھتاج ئادەم ،ياردەمگە مۇھتاج يېڭى ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىگە دىققەت قلىپتىمەن دەپ چىقىپ كەتتىم .... ھېكايە 2- بەلكىم ئوقۇغۇچىلار بولسۇن ياكى باشقىلار بولسۇن ئۆي ئىجارە ئېلىش جەرياندا مۇنداق ئېلانلارغا دىققەت قىلغان بولسا كېرەك . ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بىرىلمەيدۇ (توغرسى پەقەت خەنزۇلار بلەنلا چەكلىنىدۇ )دەپ ئەسكەرتىلگەن. ئۆي ئىزدىمەكچى بولۇپ بىر ئېلاننى كۆرۈپ تېلىفون قىلدىم. - ۋەي مەن سىز چىقارغان ئىلاننى كۆردۈم ،ئۆينى بىرىپ كۆرۈپ باقسام بولامدۇ؟ -ھە بولىدۇ، كىلىڭ(بىر يەرنى دەپ بەردى) شۇنىڭ بىلەن مەن بىرىپ ئۇ ئايال بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇ مىنى كۆرۈپلا ئاپلا ،سىز ئۇيغۇركەنسىز ئەمەسمۇ ،مەن ئاز سانلىق مىللەتلەرگە،ئۇيغۇرلارغا ئۆي بەرمەيتىم. شۇنىڭ مەن ئۇ ئايالنى تىللاپ <ئۇيغۇر سىنى نىمە قىلدى ؟ بەرمىسەڭ مەيلى ئەمەسمۇ ،نىمىشقا ماڭا بۇنداق دەيسەن ؟ ئەسلى مىللى بۆلگۈنچى سەن ئىكەنسەن ... دەپ ئۇنى تىللاپ كەتتىم ...بىر نەچچە كۈندىن كىيىن ئاخىرى بىر ئۆي تاپتىم.بىر كۈنى ئۆيدە ئولتۇرسام ئۆي ئىگىسى كىلىپ، (مەن ئۆينى باشقا بىرەيلەندىن <كىيىن بىلسەم ئۆي ئىگىسىنىڭ ئىنىسى ئىكەن>دىن ئالغان ئىدىم . شۇنىڭ بىلەن ئۆي ئىگىسى مىنى كۆرۈپلا ئىنىسىغا تىلفۇن قىلدى . ئۇ مىنى خەنزۇچە ئۇقمايدۇ دەپ قالغان چىغى ئىنىسىغا <سەن ئۆينى ئۇيغۇرلاغا برىپسەن > دەپ بۇرمۇنچە سۆزلەپ كەتتى . مەن ئۇنىڭغا ئوقۇغۇچىلق كىنىشكەمنى كۆرسىتىپ <مەن بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ،تىرورچى ئەمەس دەپ ،پۇلنى قايتۇر دەپ ئۇ ئۆيدىن كۆچۈپ كەتتىم > ........ يۇقىرقى ئىككى ھىكاينى ئوقۇپ مىنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىنىمنى ئازدۇر -كۆپتۇر چۈشەنگەنسىلەر.... دىمىسىمۇ جەمئيىتىمىز دە بۇنداق ئىشلار ناھايىتى كۆپ ...بۇ يەردە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى سۆزلەپ ئولتۇرۇش بىھاجەت. ... شۇڭا مەن باشقا مىلەتلەرنىڭ ئۇنىڭ مىللىتىگە ئەمەس ئادىمىلىكىگە قاراپ باھا بىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتەيلى دە قۇرۇق شۇئار توۋلىغاندىن كۆرە يۇقارقىدەك ئىشلاردا ئەمىلىيەتچانراق بولۇشىنى ،باشقىلارنىڭ مىللى غۇرۇرىغا تىغ تەگگۈزمەسلىكىنى ئۈمۈد قىلىمەن . <<يۇقارقىلار ئۆز بىشىمدىن ئۆتكۈزگەنلىرىم ۋە كۆز قاراشلىرىم >> ھەر قانداق بىر ئەزانىڭ قالايمىقان كۆزقاراشلىرىنى يازماسلىقىنى ،سۇغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى ئۈمۈد قىلمەن. سەبىخە تەھرىرى [ بۇ يازما chuqan224 تەرپىدىن 2008-03-09 18:25 دە قا ] | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
chuqan224 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | تەستىقلماسمىكىن دەپ ئەنسىرىگەن ئىدىم .
باشقۇرغۇچىغا رەھمەت [ بۇ يازما chuqan224 تەرپىدىن 2008-03-09 17:35 دە قا ] | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
weros دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | راست دەيسىز ````بۇنداق ئشلارغا ئۇچىراپلا تۇرمىز ```بۇنىڭغا نىمە ئامال ؟!....
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
qiqanl دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئىختىساسلىقلار بازىرىغا خىزمەت ئىزدەپ بارسىڭىز بۇنداق ئەھۋال تېخىمۇ كۆپ!!!! خەنزۇ خوجايىنلارنىڭ شىركەتلىرى سىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەتتىن ئىكەنلىگىڭىزنى بىلسە ئوچۇق ئاشكارە لا بىزنىڭ شىركەتتە ئاز سانلىق مىللەتتىكىلەر ئىشلىيەلمەيدۇ دەيدۇ .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
YALHOZ دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | قىزىقكەنسىلەر ،ھەممىسى ھۆكۆمەتنىڭ ئىشى .ئاىزىدا شە ئالىدو .ئەمەليەتتە كارى يوق .ئىشەنمىسىڭز كوچا ئاپتوبىسىغا چىقىپ قاراپ بىقىڭ ،بىزگە قانداق نەزىرى بىلەن قارايدىڭىن
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
qux520 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | شۇنداق ، ئەمدى توغرا گەپ قلساقمۇ ئامال يوق ،. ھەي باشقۇرغۇچىلار ، ئى بى تىمامنى تەستىقلاڭلا ياكى بولىسا بىرە پارچىمۇ بولسا ئۇچۇر يېزىۋەتسەڭلار قاندا بۇلا؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
sabiha bbs.xabnam | Quote:بۇ مەزمون 5 جى قەۋەتتىكى qux520 نىڭ 2008-03-09 17:16 دە يوللىغان يازمىسى“”: ```````````````````````````````````````````````````````````````````````````````````````````````````` ئالدىرماڭ تەھرىر خاندا تىما بەك كوپكەن | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kiran01 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بانكىغا پۇل ئالغىلى كىرسەم،مەن پۇل ئالىدىغان يەردە بىر خەنزۇ ئىشلەۋېتىپتىكەن. ئۆچرەت ماڭا كەلگەندە مۇئامىلىسى باشقىچە بولۇپ كەتتى. كەينىمدە تۇرغان خەنزۇ ئايالدىن :<<ئاۋۇ سىزدىن بالدۇر كەنگەنما؟>>دەپ خەنزۇچە سورىدى. ئۇخەنزۇ ئايالمۇ بالدۇر كەلگەن دىدى. مۇشۇ ئىشبىلەن شۇنداق ئاچچىغىم تۇتۇپ كەتتى.
ئۇلار ئۆزلىرىنى شۇنداق ئەقىللىق شۇنداق ئاڭلىق چاغلايدىغان چېغى !!! ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بىز ئۇيغۇرلار بىر قالاق،ئاڭسىز مىللەت. ئۇلار بىزگە نىمە قىلىپ بەرگىنىگە شۇنچە خورىكى يوغىناپ كەتتى!! نىمىگە بىزگە خۇيلۇنۇپ، قاپاق تۇرۇپ بىرىدۇ؟! غەرىپنىڭ گازىنى شەرىققە يۆتكەپ بەگىنىمىزگىما؟! ھامان بىركۈنى بىز ئۆزىمىزنىڭ قەدىر-قىممىتىنى تاپىمىز ! سىزنىڭ مۇشۇ تىمىنى يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت.~~~ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
wolf_man دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەن يىڭى مەكتەپ پۇتتۇرگەن يىلى ئىدى .خىزمەت تاپالماي يۇرگەن ۋاقىتتا ئىقتىساتلار بازىرىدا مۇنداق ئىلاننى كوردۇم.
تور خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ تىلفۇن ئورنىتىدىغان خادىم قۇبۇل قىلىدىكەن.تىلفۇن قىلدىم.لىكىن ئۇلار ئاز سانلىق خادىم قۇبۇل قىلمايدىكەن. بۇررۇن ئۇچۇق قىلىپ شۇيەردە ئىلانلاردا ئازسانلىق مىللەت قۇبۇل قىلمايمىز دەپ يىزىپ قۇياتتى،كىيىن ئۇنىڭ ئورنىغا تىلفۇن قىلسىڭىز شۇ گەپنى دەيدىغان بولدى ئەمەسمۇ. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
@tamqa@ دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بۇنداق ئىشلارنى سۆزلەپمۇ تۈگىتىپ بولغىلى بولمايدۇ . بۇ خەقنىڭ ئادەمنىڭ زادى نەرىگە قاراپ باھا بېرىدىغانلىقىنى
بىلەلمىدىم . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kaxkariya | ھــــــــــــــەي ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ جەنۇبىدا بۇنداق ئىشلار تېخىمۇ ئېغىر....................................
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
turanshah دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بىزنىڭ ئىدىيىمىزدە كەم بولغىنى ئاشۇلارنىڭكىدەك شۇنداق <<ئىللەت>>لەر.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
chuqan224 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەن يىڭى مەكتەپ پۇتتۇرگەن يىلى ئىدى .خىزمەت تاپالماي يۇرگەن ۋاقىتتا ئىقتىساتلار بازىرىدا مۇنداق ئىلاننى كوردۇم.
تور خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ تىلفۇن ئورنىتىدىغان خادىم قۇبۇل قىلىدىكەن.تىلفۇن قىلدىم.لىكىن ئۇلار ئاز سانلىق خادىم قۇبۇل قىلمايدىكەن. بۇررۇن ئۇچۇق قىلىپ شۇيەردە ئىلانلاردا ئازسانلىق مىللەت قۇبۇل قىلمايمىز دەپ يىزىپ قۇياتتى،كىيىن ئۇنىڭ ئورنىغا تىلفۇن قىلسىڭىز شۇ گەپنى دەيدىغان بولدى ئەمەسمۇ. BBS.Xabnam.Com din kochuruldi راست دەيسىز .مەنمۇ بېشىمدىن كەچۇرگەن | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
rinat | ۋاي شۇنداق ئىشلارغا سىللەرمۇ ئۇچۇردۇڭلارمۇ.....مەنلا ئۇچدۇمىكىن دەپتىمەن ....
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kurxat | ئازراقلا ئەقلى-ھۇشى بار ئادەمگە ھەممىسى ئېنىق. قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر...
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Uyctr دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەن كۆپ سۆزلىمەي ، بىكا مىللى بۆلگۈنچى دەپ قوتانغا تىقىۋەتمىسۇن !!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tokkustara دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | كورگىنىڭدىن كۆپ كورمىگىنىڭ
كۆرمىگەننى كۇرىسەن ئۆلمىگىنىڭ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
bee دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ھەممىمىز كۆرۈپتۇق ، باشتىن كەچۈرۈپتۇق مانا . ئۆتكەن يىلىمۇ ، ئۈرۈمچىنىڭ نىيەنزىگو ئەتراپىدىن ئۆي .ىجارە ئالماقچى بولۇپ بىر ئېلانغا تېلىېفون قىلغان ، ھېلىقى توڭگۇز چىراي گۇي مەن بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن خۇددى ساقچىدەك سوراققا ترتقىلى تۇرمامدۇ . ئاچچىقىم ناھايىتى كەپتىكەن ، ئاغزىمنى بۇزۇپ تازا تىللىدىم . نىمە قىلدۇق بۇ خەقكە بىز ؟ شۇڭا دەيمەن ، تولا ئۆز ئارا بىر - بىرىمىزنى تالاشماي ، ئۆملىشەيلى !!! بولمىسا بەكلا كىچىكىپ قالىمىز !!!!!
رەھمەت تىمىڭىزغا . قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
OGUZ74 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئۇنداك ئشلار ماڭدامدا مئڭ ئۇچرايدۇ ھازىر.لېكىن سۇكۇت كىلماي نە چارە
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
manggutax | مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتەيلى دە قۇرۇق شۇئار توۋلىغاندىن كۆرە يۇقارقىدەك ئىشلاردا ئەمىلىيەتچانراق بولۇشىنى ، باشقىلارنىڭ مىللى غۇرۇرىغا تىغ تەگگۈزمەسلىكىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
بۇ پىكىرگە مەن تامامەن قوشۇلىمەن.... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|