| ||||||||||
Ark-zat ئەمەتجان مۇھەممەت | بىزگە قانداق ئەۋلاتلار كېرەك؟(يالقۇن روزى) يالقۇن روزىنىڭ«بىزگە قانداق ئەۋلاتلار كېرەك؟» ناملىق ماقالىسىدىن ئۈزۈندىلەر ئەگەر بۇنىڭدىن كېيىن ئىنسانىيەتنى ھالاكەتتىن قوغداپ قالىدىغان كىشىلەر بار دىيىلسە،ئۇلار دەل ئىسىل خارەكتىرلىك كىشىلەر بولىدۇ.ئىنسانىيەتكە ئاپەت كېلىش توغرا كەلسە،دەل خارەكتىرسىز نامەرتلەردىن كېلىدۇ.شۇڭا قورقۇش توغرا كەلسە،نادان كىشىلەردىن ئەمەس ،خارەكتىرسىز ئادەملەردىن قورقۇش كېرەك.بىر مىللەتنىڭ ئارىسىدا خارەكتىرسىز ئادەملەر قانچىلىك كۆپەيسە شۇ مىللەتنىڭ بېشىغا كېلىدىغان كۈلپەت شۇنچىلىك ئېغىرلىشىدۇ.خارەكتىرلىك ئەزىمەتلەر كۆپ بولغان مىللەت ھەرقانداق مۈشكۈللەردىمۇ قەددىنى پۈكمەيدۇ. ... خارەكتىرسىز ئادەملەر گەرچە ھەرقانچە ئالىم بولۇپ كەتسىمۇ،ئۇلاردىن مىللەتكە ئاپەت كېلىشى مۇمكىن. ... ئادەم بالىسى ئۈچۈن بۇ دۇنيادا ئېرىشىش لازىم بولغان ئەڭ مۇھىم بەھرىمانلىق مال-دۇنيا ئەمەس،ھوقۇق-ئىمتىيازمۇ ئەمەس،دۇنيانىڭ ھوزۇر –ھالاۋىتىمۇ ئەمەس،بەلكى ئىنساننىڭ ئۆزىگە ئاتا قىلغان ئادىمىلىك ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ ھاياتىدىن نىشان قالدۇرۇش. ... بەزىدە ئوقىغان ئادەملەرمۇ،ئەمەل-مەنسەپ ئىگىلىرىمۇ،بايلارمۇ ئىنسانى ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرالماي،قۇرۇق قول كىلىپ قۇرۇق قول دۇنيادىن كىتىشى مۇمكىن.ھايات دىگەن بۇ تېپىلغۇسىز،قايتا كەلمەيدىغان ۋە كەينىگە قەتئى يانمايدىغان پۇرسەت.... ... ئادەم قانچىلىك نەرسىنى كۆپ بىلسە شۇنچىلىك قۇدىرەتلىك بولىدۇ،دۇنيا ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا تېخىمۇ يۇرۇيدۇ،يوللىرى راۋان ،ئىستىقپالىمۇ پارلاق بولىدۇ.بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا،بىزگە ئۆزىنى قاراڭغۇلۇققا پاتۇرغان،كۆزى پەردىلەنگەن پەرزەنتلەر ئەمەس،بەلكى نەزەر دائىرسى كەڭ،يۈكسەك ئاڭغا ئىگە،ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى يۇرۇتالىغان،ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويالىغان،ھاياتقا ھەم تەلەپچانلىق بىلەن قەدەم قويالايدىغان پەرزەنتلەر كېرەك. ... بىزدە شۇنداق بىر ئومۇمى كېسەللىك باركى،ئۆزىمىزگە ئەڭ لازىملىق نەرسىنىڭ بولىشىنى ئارزۇ قىلىمىز،لېكىن ئونىڭغا ئېرىشكەندىن كېيىن قەدرىگە يەتمەيمىز. ... بىز پەرزەنتلىرىمىزنى قانداق ھالەتتە كۆرۈشنى خالايدىكەنمىز،ئۆزىمىزگە شۇنداق تەلەپنى قويۇشىمىز كېرەك.ئۇلارغا بىرىشكە تېگىشلىك تەربىيىلىنىش ھوقۇقىنى بەرمەي،ئۇلاردىن چوڭ ئۆمىدلەرنى كۈتسەك دۇرۇس بولامدۇ؟! ... مەن بىر كىشىگە بىر چاغدا«ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيىسى»دىگەن كىتاپنى ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلسام،ئۇ«بىزنىمۇ ئاتا-ئانىمىز كىتاپ ئوقىماي تەربىيىلەپتىكەنغۇ...»دىگەن جاۋاپنى بەردى.مەن ئۇنىڭغا«ھايۋانمۇ كىتاپ ئوقىماي بالىنى ئۆز تەبىئىتىگە يارىشا يېتەكلىيەلەيدۇ!»دەپ قىزىرىشىپ قالغان ئىدىم.بىزنىڭ بالىلىرىمىز ئادەم،بۇلارنى بېقىشنى بىلىپ،تەربىيىلەشنى بىلمىسەك بولمايدۇ.شۇ قانۇنىيەتنى ئۇنتۇپ قالمايلىكى،«ھايۋان بالىسى تۇياقتىن سەمىرىيدۇ،ئادەم بالىسى قۇلاقتىن».بىزگە تۇياقتىن سەمىرگەن بالىلار ئەمەس،بەلكى قۇلاقتىن سەمىرگەن بالىلار كېرەك. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
uyghurqq دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | يالقۇن روزىنىڭ ئە سەرلىرى توردا ناھايىتى كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە
دىيارىمدا بولغان سۆھبەتنىڭ تېزراق بىز بىلەن يۈز كۆرۈشىشىگە تەشنا بىز | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
AKBAR0811 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇنىڭدا تىلغا ئېلىنغان بەزى سوزلەر ھەقىقەتەن چوڭقۇر مەنالىق ئىكەن....
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
nawebar873 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇ ماقالىنى نەدىن تاپقىلى بۇلىدۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
anakux دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇ ئەسەرنىڭ تەپسىلاتىنى يوللىغان بولسىڭىزچۇ!!!؟؟؟كۆرۈپ باقاتتۇق!!!!.......
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
@QAWANDAZ@ دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ بىرقانچە ماقالىسى
بىز قانداقلارچە ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى ئاتىلىپ قالدۇق ؟ ./read.php?tid-29432-keyword-.html بىزگە قانداق دادىلار كېرەك ؟ ./read.php?tid-43463-keyword-.html | ||||
---|---|---|---|---|---|
UYGURIYA23 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | يالقۇن روزى دەل - مەن ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان ئەدىبلەرنىڭ بىرى . مەن يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ زور ئۇتۇق ، تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن !
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
aqaro دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | دېمەك:
«بالا بېقىش» تەڭ ئەمەس «بالا تەربىيەلەش» | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
manggutax | بىزدە شۇنداق بىر ئومۇمى كېسەللىك باركى،ئۆزىمىزگە ئەڭ لازىملىق نەرسىنىڭ بولىشىنى ئارزۇ قىلىمىز،لېكىن ئونىڭغا ئېرىشكەندىن كېيىن قەدرىگە يەتمەيمىز.
بەرھەق~~~~~~! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tulparr دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | مەن يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ زور ئۇتۇق ، تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن ! بەزى سوزلەر ھەقىقەتەن چوڭقۇر مەنالىق ئىكەن
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kurxat | مۇشۇنداق چوڭقۇر مەنىلىك ياخشى ئەسەرلەر كىشىلەرنى ھايات يولىدا مۈدۈرۈپ كەتمەي مېڭىشقا دەۋەت قىلىپ تۇرىدۇ.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
happy_boy دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | رەخمەت سىز گە ھەقىقەتەن ياخشى تىما يولاپسىز نەدىكى پايدىسى يوق تىمىلارنى يولىغىچە مۇشۇنداق كىشىلارنى ئويغىتىدىغان تىمىلارنى يوللالى قانداخ دىدىم رەھمەت سىز گە قولىڭىز غا دەرت بەرمىسۇن
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
majnuntal666 | يوللىغان تىمىڭىزغا تەشەككۇر ،يۇقۇرقى سۆزلەرگە مەن بەك قايىل .شۇنىڭ ئىچىدە يەنە مۇنۇ سۆزلەرگە ھەممىدىن بەكرەك قايىلمەن .
بىزدە شۇنداق بىر ئومۇمى كېسەللىك باركى،ئۆزىمىزگە ئەڭ لازىملىق نەرسىنىڭ بولىشىنى ئارزۇ قىلىمىز،لېكىن ئونىڭغا ئېرىشكەندىن كېيىن قەدرىگە يەتمەيمىز. BBS.Xabnam.Com din kochuruldi | |||||
---|---|---|---|---|---|---|