![]() |
| ||||||
@QAWANDAZ@
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بىز قانداقلارچە ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى ئاتىلىپ قالدۇق ؟ بىز قانداقلارچە ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى ئاتىلىپ قالدۇق ؟
يالقۇن روزى 1980-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئويغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئىجتىماىي ئەھۋالى ھەققىدە يېزىلغان ماقالە-ئەسەرلەردە ئۇيغۇرلار ئومۇمەن «باتۇر، ئەمگەكچان، ئەقىل پاراسەتلىك مىللەت » دەپ تەرىپلىنەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېزىلغان شۇ خىلدىكى ماقالە-ئەسەرلەردە بولسا«ئۇيغۇرلار ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر مىللەت » دەپ تەرىپلىندىغان بولدى. يېقىندا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پروفېىسورى ، پەلسەپە دوكتۇرى ياۋۋىي خانىمنىڭ بىر يېڭى كىتابىنى كۆرۈپ قالدىم. 2005-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى خەنزۇ تىلىدا نەشىر قىلغان بۇ كىتابنىڭ نامى « شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىجتىماىي پىسخىكلىق ھالىتى ۋە مىللىي رايۇنلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈستىدە تەتقىقات» بولۇپ، ماۋزۇسىنىڭ ئۆزىلا مېنى ناھايىتى قىزىقتۇردى. دوكتۇر ياۋۋىي خانىم 1-بابنىڭ بېشىدىلا «جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئاىلىسىدە، ئويغۇرلار «ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى» دەپ تەرىپلىنىدۇر. بۇ، باشقا مىللەتلەرنىڭ ئويغۇرلارغا بەرگەن باھاسى ۋە ئۇلار ھەققىدىكى تونۇشى» دەپ يازغاندى. مەن بۇ جۈملىنى ئوقۇپ بىر ھازا ئويلىنىپ تۇرۇپ كەتتىم.« پىسخىكىلىق ھالەت » دېگەن كىشىلەرنىڭ سىياسەت، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى پوزىتسىيىسى، قىممەت قارىشى ۋە ئىنتىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئۇقۇم. بىر مىللەتنىڭ پىسخىكىلىق ھالىتىدىكى بۇ خىل ئامىللار يەنى پوزىتسىيە، قىممەت قاراش ۋە ئىنتىلىش ئۆز نۆۋىتىدە شۇ مىللەتنىڭ ئىجتىماىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ئامىلى ۋە قوزغاتقۇچىسى بولۇپ ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋانى چوڭ بىلىدىغان پوزىتسىيىمىز، قىممەت قارىشىمىز ۋە ئىنتىلىشىمىز جەمىيئەتنىڭ ۋە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىدا قانچىلىق قوزغاتقۇچلۇق رول ئوينىيالىشى مۇمكىن؟! «ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئاساس» دەپ تونۇلىۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادا بىزنىڭ بۇ خىل پوزىتسىيىمىز، قىممەت قارىشىمىز ۋە ئىنتىلىشىمىز مىللەتنىڭ رىقابەتكە تولغان دۇنيادا مەۋجۈت بولۇپ تۇرىشىغا، بىلىم ئىگىلىكىنى بەلگە قىلغان جەمىيئەتتە تىگىشلىك ئىززەت-ھۆرمىتىنى تېپىشىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتەرمۇ ياكى پاسسىپ تەسىر كۆرسىتەرمۇ ؟ ياۋۋېي خانىم كىتابىدا 467نەپەر ئويغۇرنى ئوبىكت قىلىپ، ئۇلارنىڭ «ئۆز مىللىتىنى قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە دەپ تونۇيدىغانلقى» نى تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈلگۈچىلەرنىڭ قاتلىمى كادىر، ئوقۇتقۇچى، دېھقان، ئىشچى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن تەركىب تاپقان: باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئالىي مەكتەپكىچە بولغان ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى قاتناشقان. تەكشۈرۈلگۈچىلەردىن تۈۋەندىكى 14 تۈر بويىچە ئۆز مىللىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىپ بىقىش تەلەپ قىلىنغان. 1.دوستلۇققا ئەھمىيەت بېرىدۇ: 2. ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر؛ 3. يۇمۇرلۇق؛ 4.ئۈمىدۋار؛ 5.بىكىنمە؛ 6. ئوچۇق-يورۇق؛ 7. ئۈمىدسىز؛ 8.ئەقىللىق؛ 9.ئەستايىدىل؛ . 10.ئىچ-مىجەز؛ 11.ئىشچان؛ 12.تۈزكۆڭۈل؛ 13.باتۇر،؛ 14. مەرد. تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان 467 نەپەر كىشىنىڭ 369 نەپىرى « ئويغۇرلار ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر » دەپ كۆرسىتىپ ، بۇ جەھەتتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.تارىختا ئات ئۈستىدە قۇيۇندەك چېپىپ كىتىۋىتىپ ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا، ئارقىسىغا قارىتىپمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئېتىپ ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىندەك دۇنياۋىي غالىب ئىستىلاچىنى ھەيران قالدۇرۇپ«ئوقياچى مىللەت » دەپ ئاتالغان خەلقىمىز؛ چىڭگىزخان دەۋرىدە تۈرلۈك ساھە بويىچە يىتىلگەن ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ كۆپلىكى بىلەن «مەرىپەتچى مىللەت » دەپ ئاتالغان خەلقىمىز قانداقلارچە بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە «ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى» دىگەن تاجنى كىيىپ قالدى؟! شۇ تاپتا ئۆزىمىزمۇ ئۆزىمىزنى ئۇلۇغلايدىغان ، باشقا مىللەتلەرمۇ بىزنى شۇ سۈپەت بىلەن تەرىپلەيدىغان بولدى؟ ئەلۋەتتە، ھەر ئىشنىڭ سەۋەبى بولىدۇ. مىللىتىمىزنى ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋاغا باغلاپ ئۇلۇغلىشىمىز، باشقىلارنىڭمۇ بىزنى مۇشۇ جەھەتتە تەرىپلىشىنىڭ تۈرلۈك كونكىرىت ھەم مۇرەككەپ سەۋەبى بار. ئالدى بىلەن تۇرمۇشىمىزدا رادىئو-تېلېۋىزۇر ،ئۈنئالغۇ-سىنئالغۇ، ۋچد ئاپپاراتلىرىنىڭ كەم كۆلەمدە ئومۇملىششى بىر سەۋەب. رادىۇ ئىستانسىلىرى بىلەن تېلىۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمەتنى ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا قويىۋىلىشى، ئەتىگەندىن كەچكىچە دۇنيادا نەغمە- ناۋا، ناخشا-ئۇسسۇلدىن بۆلەك ئىشلار يۇقتەك شۇنىلا ئاڭلىتىش، شۇنىلا كۆرسىتىشكە كۈچىشى يەنە بىر سەۋەب. بازار ئىگىلكىنىڭ ناخشا -ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋا سەنئىتىگە كەڭ كۆلەملىك بازارلىشىش پۇرسىتى ئاتا قىلىشى يەنە بىر سەۋەب. روشەنكى بۇ سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسى تاشقى سەۋەب. ئەڭ مۇھىم سەۋەب يەنى ئىچكى سەۋەب شۇكى، بىزنىڭ «ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى بولۇش» تەك ھازىرقى ھالىتىمىز بىلەن «نەغمە-ناۋاغا زىيادە ھېرىسمەن بولۇش» تەك پىسخىكىمىز بىلەن ئوڭ تاناسىپتۇر. مۇشۇ كۈنلەردە نەغمە-ناۋا، ناخشا-ئۇسسۇلغا مەستانىلەرچە ئىنتىلىش خەلىقىمىزنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتىغا ئايلىنىپ كەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەڭ تۈپ، ئەڭ يىتەكچى خومار-ھېسسىياتىغا ئايلىنىپ بولدى، دىيىشكە بولىدۇ. ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋا جەھەتتە ئەتىراپىدىكى مىللەتلەرگە نىسبتەن ئەزەلدىن ئۈستۈن ھالەتتە بوپكەلگەن. ئەمما ھەربىي ئىشلاردىكى جەڭگىۋارلىقنى ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋاغا ھامىي قىلغان. سودا تىجارەتنى مۇھىم، ئىلىم مەرىپەتنى چوڭ بىلىشنى، ھۈنەر ئەمگەكنى قولدىن بەرمەسلىكنى ئالدىنقى قاتاردىكى ئىش ھېسابلىغان. ئالدى بىلەن موشۇ نەرسىلەرگە ئىنتىلگەن. ئالدى بىلەن موشۇ نەرسىلەرگە ئىنتىلمەي ۋە ئېرىشمەي تۇرۇپ ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋاغا دۈم چۈشۈشىنى مەسئۇلىيەتسىزلىك، نورمالسىزلىق، ئويۇنقېپىلىق دەپ ھېسابلىغان. ئەمەليەتتە بىر مىللەتنىڭ ئىجتىماىي ھاياتىدا ناخشا-ئۇسسۇل، نەغىمە- ناۋانىڭ زىيادە ئۈستۈنلۈك ئېلىپ يامراپ كىتىشى جەمىيئەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا بىر خىل مىللىي چۈشكۈنلۈك ، دەپ قارىلىدۇ. بۇ خىل پاسسىپ پىسخىكىلىق ھالەت «سەنئەتخۇمار مىللەت » دىگەنگە ئوخشاش ھەر قانداق چىرايلىق سۆزلەر بىلەن سۈپەتلىنىشىدىن قەتئىي نەزەر ، مىللەتنىڭ ئومۇمىي قىممىتى بىلەن ماسلاشمايدىكەن، ئۇ كۈلكىلىك ئىش بوپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن 1000 يىللار ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ئات ئۈستىدە زەپەر قۇچۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئېتەكلىرىدە زور ھەربىي كۈچ بولۇپ تونۇلۇپ، قۇدىرەتلىك خانلىقلارنى قۇرغان، مەدەنىيەت جەھەتتە قېرىنداش مىللەتلەرگە باشلامچى بولغان چاغلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋالىرى قوشنا مىللەتلەرنىڭ، ساياھەتچى سەيياھلارنىڭ نەزىرىدە ئاجايىپ زور ئارتۇقچىلىق ھېسابلانغان. ئەمما، بۇنىڭدىن 100 يىللار ئىلگىرى خەلقىمىزنىڭ سىياسىي،ئىقتىسادىي، مەدەنىي ھاياتى ۋە تۇرمۇش سەۋىيەسى تۈۋەن ھالەتكە چۈشۈپ قالغاندا، بۇ جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىمىز كىشىلەرنىڭ كۆزىگە سىغماي قالغان. مىسالەن:1906-يىلى قەشقەرگە كەلگەن فىللاندىيىلىك ئېكىسپىدىتسىيىچى ماننېر خېيىم (ماننەر ھەىم) ئۆزىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدە :«ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىىتى بىكار تەلەپ، كەيىپ-ساپا تۇرمۇشقا ئادەتلەنگەن، تەييار تاپ، كۈن-كۈنلەپ لاغايلاپ يۈرىدۇ، ئىشلەي دىمەيدۇ. بولۇپمۇ قوغۇن پىششىقىدا ئۇلار توپلىشىپ ئولتۇرۇشۇپ، بىر-ئىككى قوغۇن تاۋۇزنى پىچىپ داستىخانغا قويىۋىلىپ، ئەتتىگەندىن تۈن يېرىمغىچە نەغمە-ناۋا قىلىشىدۇ»، دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋا مىللەتنىڭ ئىجتىماىي ئەھۋالىغا، ئىقتىسادىي قۇۋۋىتىگە گاھىدا يارىشىدۇ، گاھىدا ياراشمايدۇ. بۈگۈنكى شاراىتىمىزدا ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋاغا زىيادە ھېرىسمەن بولۇش بىزگە يارىشامدۇ-ياراشمامدۇ؟ دېگەن مەسىلىگە كەلگەندە ، چوڭقۇرراق ئويلىنىپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ. مېنىڭچە بۈگۈنكى دۇنيادا كۆپ جەھەتتە باشقىلارنىڭ كەينىدە قالغان، ئىقتىسادىي قۇۋۋىتى ئاجىز، ئىجتىماىي تەرەققىياتى نىسبەتەن قالاق، پەن-تېخنىكىسى راۋاجلانمىغان، مائارىپ سۈپىتى تۈۋەن ئىنسانىيەتنىڭ ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زاماندىكى تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە بىر ئۈلۈش ھەسسە قوشالمىغان بىر مىللەتنىڭ ئويۇن- تاماشا ھېسابلىنىدىغان ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋاغا خۇددىنى يۇقاتقان ھالدا ھېرىسمەن بولۇشى، شەك-شۆھبىسىزكى چۈشكۈنلۈك، تېخىمۇ كەسكىنرەك ئېيىتقاندا، دەۋىر بىلەن ھاماقەتلەرچە قارشىلاشقانلىق. بىز كۆزىمىزنى يۇغانراق ئېچىپ بۈگۈنكى دەۋىرگە قاراپ باقايلى! دەۋىر بىزنى نىمىگە چاقىرىدۇ، بۈگۈنكى دەۋىرنىڭ ماھىيىتى نىمە ؟ خەلىق نىمە ئويدا، بىز نىمە كويدا؟! بۈگۈنكى دەۋىر بىلىم ئىگىلىكى دەۋىرى، رىقابەت دەۋىرى! دەۋىرنىڭ تەلىپىگە بىز ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە- ناۋاغا تەلۋىلەرچە ھېرىسمەن بولغان پىسخىكىلىق ھالىتىمىز بىلەن قانداقمۇ تاقابىل تۇرالايمىز ؟! كۆپ خىل ئىقتىدار ئىگىلىرى يېتەرلىك بولغان، ئونۋېرسال ساپاسى ھازىرلانغان مىللەتلەرلا بۇ خىل تەلەپكە يېقىنلىشالايدۇ ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۇ رىقابەتكە قاتنىشالايدۇ. بىزگە ئوخشاش روھىيىتىدە «سەنئەتخۇمارلىق » تەركىبى زىيادە ئارتىپ كەتسە، تەبئىي ھالدا ئەقلىي تەركىبنى چەكلىمىگە ئۇچىرىتىدۇ. ئەقلى تەركىبى كەمتۈك مىللەتلەر قانداقمۇ ئەقىل ۋە بىلىمنى دەسمايە قىلىپ ياشاشقا ئادەتلەنگەن مىللەتلەر بىلەن رىقابەتلىشەلىسۇن؟! بۇنداق بولىۋەرسە ئاخىرقى ھېسابتا رىقابەتتە غەلبە قۇچقان مىللەتلەرگە بىر چەتتە تۇرۇپ ئالقىش ياغدۇرۇشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان «چاۋاكچى مىللەت » بوپقالمايمىزمۇ ؟ بەزىلەر«خەلىق نىمىنى ياخشى كۆرسە، شۇ نەرسە قەدىرلىق بولىدۇ، ئۇلۇغ بولىدۇ؛ خەلقىمىز ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋانى ياخشى كۆرىدۇ، بىز خەلقىمىزنىڭ بۇ خىل تاللىشىنى ھۆرمەت قىلىشىمىز كىرەك » دەيدۇ. بۇ تولىمۇ ئاددىي قاراش. خەلىقنىڭ تاللىشى، خەلىقنىڭ ياخشى كۆرىشى ھەممە ۋاقىتتا توغرا بولىۋەرمەيدۇ. خەلقىمىز ئېلى ھارىقىنىمۇ ئادەمنى چۆچۈتكىدەك دەرىجىدە ئىستىمال قىلىدۇ. بۇمۇ خەلقىمىزنىڭ بىر خىل تاللىشى. ئۇنى ھېچكىم زورلىغان ئەمەس. خەلق ھەقىقەتەن ئۇلۇغ. خەلىقنىڭ ئۇلۇغلۇق مەسلىسى مەڭگۈلۈك مەسىلە. ئەمما، خەلىقنىڭ تۇتقان يولىنىڭ توغرا-خاتا بولىشى باشقا مەسىلە. ئۇلۇغ ئالىم ئېيىنىشتىيىن «مېنىڭ قارىشىم» دىگەن ماقالىىسىدە :«ئاۋام ئىدىيە جەھەتتىن ئومۇمەن قاشاڭ كېلىدۇ» دەپ ئېيىتقان. خەلقىمىز ئاپاق خوجىدەك لەنەتگەردىلەرنى 300 يىللاپ ئەۋلىيا بىلىپ مازىرىغا تاۋاپ قىلىپ كەلگەن. ھەقىقەتنى كۆپ ھاللاردا دانىشمەن-مۇتەپپەككۈرلارلا تونۇيالايدۇ ۋە ئاشكارلىيالايدۇ.خەلىقنىڭ تاللىشى ۋە مايىللىقى ھەرگىزمۇ بىردىنبىر ئۆلچەم بولالمايدۇ.ئەگەر ھەممە ئىشتا، ھەر ۋاقىت خەلىقنىڭ تاللىشى ۋە مايىللىقى ئۆلچەم قىلىنسا، ئۇ ھالدا خەلىقنى يىتەكلەيدىغان، يىراقنى كۆرەر يىتەكچى-داھىيلارنىڭ، پايدا-زىيان ياخشى- ياماننى ئېنىق ئايرىش، ھەقىقەتنى پەرق ئېتىش قابىليىتىگە ئىگە دانىشمەن-مۇتەپپەككۈرلەرنىڭ زۆرۈريىتى قالمايدۇ. خەلىق ئۆزىلا ئۆزىنىڭ بىلگىنىچە ياشاۋەرسە، نىمىنى ياخشى كۆرسە قەدىرلەۋەرسە، نىمىنى خالىمىسا چۆرۈپ تاشلاۋەرسە ئۆزىنىڭ تاللىشى. ئەمما، ئاخىرىدا ھالاك بولىدىغىنى خەلق! بىلىشىمىز لازىمكى، ئىنسانىيەت پەيدا بولغاندىن باشلاپ يىتەكچى داھىيلار بىلەن دانىشمەن مۇتەپپەككۈرلارغا ئىزچىل مۇھتاج بوپكەلگەن. شۇڭا ، ئۇلۇغ مۇتەپپەككۈر بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىب ئۆز داستانىنىڭ 265-بىيىتىدە ناھايىتى ئېنىق قىلىپ مۇنداق يازغان:«قارا، ئېسىل كىشىلەر ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى بەگ، بىرى دانا، (ئۇلار) ئىنسانلارنىڭ باشلامچىسىدۇر». بۇ يەردىكى بەگ ئەل باشچىلىرىنى يەنى يىتەكچى داھىيلارنى، دانا دىگىنى دانىشمەن-مۇتەپپەككۈرلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلۇغ بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىب بىزگە ئۇلارنى ئىنسانىيەت جەمىيئىتىدىكى ئەڭ ئۇسسۇل كىشىلەر، ئۇلار ئىنسانلارنىڭ باشلامچىلىرىدۇر، دەپ كۆرسىتىپ بەرگەن. بەزىلەر «بىزگە سەئدىيە خاندانلىقىدىن 12 مۇقام مىراس قالغان . بۈگۈنكى كۈندە بىزنى 12 مۇقام دۇنياغا تونۇتتى، بىز دۇنيادا «ناخشا -ئۇسسۇل مىللىتى» دەپ ئېتىراپ قىلىندۇق. بىز يا ئىلىم-پەندە، يا تېخنىكىدا تونۇلمىدۇق، شۇڭا خەلىقىمىزنى دۇنياغا تونۇتىۋاتقان ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋانى ئۇنداق-مۇنداق دىيىش خاتا!» دەيدۇ. توغرا، بىز مىللتىمىزنى باشقىلارغا، دۇنياغا تونۇتىدىغان مىللىي بايلىقلىرىمىزنى قەدىرلەيمىز، ھەم ئۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنىمىز. ئەمما بىزنى ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر بىر مىللەت سۈپىتىدە دۇنياغا تونۇتۇشتىنمۇ ئاۋال، بىز مىللىتىمىزنىڭ دۇنيادىكى مىللەتلەر قاتارىدا ئۇزاق مەۋجۈت بولۇپ تۇرىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ھاياتى كۈچكە ئىگە مىللىي بايلىقلارغا تېخىمۇ مۇھتاج. ئويغانغان مىللەتلەر ئونۋېرسال مىللىي كۈچىنى ئاشۇرۇش بىلەن ئاۋارە بولىۋاتسا، بىز ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋالىرىمىز مىللىتىمىزنى دۇنياغا تونۇتىۋاتىدۇ،دەپلا قانائەت قىلساق بولمايدۇ، چۈنكى تونۇلۇشقا قارىغاندا مەۋجۈتلىقنى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش تېخىمۇ مۇھىم! دۇنياغا تونۇتۇشنىڭ يىللىرى تولا، بەزى ھاللاردا ئۇ بىر دەملىك ئىش. ئەمما مەۋجۈتلۇققا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ يوللىرى ئىنتايىن تار ۋە مۈشكۈل. شۇڭا بىز ناخشا-ئۇسسۇلدىن ئىبارەت بىرلا ئىشقا بەنىت بوپ قالمايلى، نەغمە-ناۋادىن ئىبارەت بىرلا ئىشنى ئۇنچىۋالا چوڭ بىلىۋالمايلى، ئونۋېرسال مىللىي كۈچىمىزنى ھازىرلاشقا تىرىشايلى.نەغمە-ناۋا، ناخشا-ئۇسسۇل بىزنىڭ بايلىقىمىز، ئەمما بارلىقىمىز ئەمەس! ئەگەر ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋا جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىمىز بىلەنلا قانااتلىنىپ، پەخىرلىنىپ،مىللىتىمىزنىڭ مىللىي خاراكتىرىنى «سەنئەتخۇمار » دىگەن سۈپەتكە مىخلىۋىتىپ، نەغمە-ناۋا، ناخشا -ئۇسسۇلنى مىللىتىمىزنىڭ تۈپ خۇمارى قىلىپ ياشاشقا ئادەتلىنىپ كەتسەك ، ئۆمىرى كوتام بەختى قارا تەقدىرگە مۇپتىلا بولماي قالمايمىز. مۇتەپپەككۈر ئالىمىمىز ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۆزىنىڭ «يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش » ناملىق چوڭقۇر مۇلاھىزىلىك ماقالىسىدە، قاراخانلار خانلىقى ۋە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى ئونۋېرسال ئەۋزەللىكىمىز، ئەقلىي تەپەككۈرگە ئەھمىيەت بىرىدىغان ، ئەمەليەتچىل، ھاياتى كۈچكە ئىگە جۇشقۇن مىللىي خاراكتىمىز ھەققىدە سۆيۈنۈش بىلەن قەلەم تەۋرىتىپ كېلىپ، 1400 يىللاردىن كىيىنكى مىللىي ھاياتىمىز ھەققىدە ئۆكۈنۈش بىلەن مۇنداق قۇرلارنى يازغان:«ئۇلۇغبەگ پاجىەسىدىن كېيىن ئەدىب-شائىرلىقتىن باشقا بىزدە كۆزگە كۆرۈنگىدەك ئالەمشۇمۇل ئالىملىرىمىز چىقمىدى. مەنىۋىي مەدەنىيەت خەزىنىمىز ھېسسىي سەنئەت ۋە ئەدەبىياتنى بىردىن-بىر ئىپتىخار پەللىسى قىلىشقا مەجبۇر بولدى. قولىمىزنىڭ يەتكىنى ئۇسسۇل، دېمىمىزنىڭ يەتكىنى ناخشا بولدى! بىز «ئېتنولوگىيىلىك مىللەت» كاتىگۇرىيىسىدىكى ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى بولۇپ قېلىۋەردۇق، بۇياقچىدىن ئارتۇق خىمىك، تۆمۈرچىدىن ئارتۇق فىزىكلىرىمىز بولمىدى ..... سەنئەتتە داڭق چىقارغان ، سەنئەتكە يۆلىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان سىگانلارنىڭ ئاقىۋەتتە يۇرت-ماكانسىز جاھان كىزىپ، تىلەپ-تېرىپ ياشاشقا، چۈشكەنلا ماكانلىقى بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ نەزەرىيۋىي تەپەككۈر ۋە ئۆتكۈر پەنلەرگە بولغان يۈكسەك ئېتىبارىدىن «ئالىملار مىللىتى»، قۇدىرەتلىك، زامانىۋىي مىللەت كامالىتىگە يەتكەنلىكىنى نىمىشقا كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرمەيمىز؟!» (ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن : «يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش ».«شىنجاڭ مەدەنىيىتى »ژورنىلى 1995-يىل5-6 (قوشما سان)؛ «يىپەك يولىدىكى 9 ھېكمەت» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2000-يىل نەشىرى ) ئىنسانىيەت يېڭى ئەسىرگە قەدەم قويغان مۇشۇ شاراىتتا، دۇنيادىكى بارلىق چوڭ-كىچىك مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ نىمە قىلىشى زۆرۈرلىكىنى كۈنسايىن چوڭقۇر تونۇپ يىتىۋاتىدۇ. ئۇلار ھەرگىزمۇ ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋانى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئالىي خۇمارى ، ئەڭ ئالىي خوشاللىقى قىلىشىنىڭ كويىدا ئىزدەنمەيۋاتىدۇ. بەلكى، مەدەنىيەتنىڭ ھەممە ئامىللىرىغا ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈپ، بىرلەمچى ئامىللار بىلەن ئىككىلەمچى ئامىللارنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىنى، ماھارەت تىپلىق كىشىلەر بىلەن پاراسەت تىپلىق كىشىلەرنىڭ قىممەت تەرتىپىنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ. قازاقىستاندا نەشىر قىلىنغان «قازاقىستان، ئۆزبىكىستان ، قىرغىزىستانلاردا 20-ئەسىردە تونۇلغان مەشھۇر ئۇيغۇرلار » دېگەن بىر قىممەتلىك كىتاب يېقىندا قولۇمغا چۈشۈپ قالدى. شۇ كىتابنىڭ مۇندەرىجىسىگە قارىساقلا، ئەسلى نىمىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈش، قايسى خىلدىكى كىشىلەرنى كۆپ يىتىلدۈرۈشكە كۈچەشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلىپ يەتكىلى بولىدۇ. بۇ كىتابنىڭ مۇندەرىجە تەرتىپى مۇنداق : 1.ھاكىمىيەت .ئۈستىدە بولغانلار: 2. ئىقتىسادىي ساھەدە باش كۆتۈرگەنلەر؛ 3. ئارمىيىدە داڭىق چىقارغانلار؛ 4. تەشكىلاتچىلار؛ 5. ئالىملار-ئاكادىمىكلار؛ 6.دوختۇرلار؛ 7.مائارىپچىلار؛ 8.ئەدبىلەر؛ 9.ئاخباراتچىلار؛ 10 ئارخىكتورلار؛ 11.رەسسام-ھەيكەلتاراشلار؛ 12. تىياتىر، مۇزىكا، كىنۇ، ئۇسسۇل ساھەسىدىكىلەر؛ 13. تەنھەركەتچىلەر. ھازىر بىزدە بولسا ئەھۋال باشقىچە: ئىككى كۆزىمىز نەغمە-ناۋا، ناخشا ئۇسسۇلچىلارغىلا تىكىكلىك؛ روھىمىز ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋالارغىلا كۆڭۈل بۆلۈكلۈك . ئەڭ ئالىي ھەۋىسىمىز، ئەڭ يوقىرى ئىنتىلىشىمىز، ئەڭ ئومۇمىي خوشاللىقىمىز پەقەتلا نەغمە-ناۋا، ناخشا-ئۇسسۇل! مىللىي ئىپتىخارىمىزمۇ شۇنىڭغا مەركەزلىشىكلىك . شۆھبىسىزكى، بۇ بىر غەلىتە قىسمەت. مەنبە:جەسۇر تورى _____ جۇدا تەستىقلىدى ئەسكەرتىش : بۇرۇن ئېلان قىلىنغانمۇ بىلەلمىدىم ، لېكىن كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ ! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
ozgar
دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | بىزنى ئۈمىدۋار مىللەت دىسە ئاندى تۇغرا بۇلىدۇ !
باشقا ھەرقانداق مەدىنيەتلىك مىللەت بىزدەك كۈن كۈرگۈچىلىك سەۋرى قىلپ قۇياشنى كۈتمەيدۇ ! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
kukbax
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | مىنىڭغۇ مۇقام ،ناخشا -ئۇسۇل دىگەنلەر بىلەن قەتئى خۇشۇم يوق. بۇ ئىشلارنىڭ مىللەتنى دۇنياغا تۇنۇتقىدەك كۈچى بار دىسە ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيمەن.پايدىسى بار دىگەندىمۇ رەھپەرلەرنى كۈتۈۋىلىشقا ئانچە-مۇنچە نايناق خېنىملارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ خالاس. يېقىندىن بۇيان ساياھەتچىلىككە ئازراق پايدىسى تىگىپ قىلىۋىدى ،دىمىگەن گىپى قالمىدى.ھەممىسى مۇشۇ ساھەدىن نان تېپىپ يەۋاتقان كالۋالارنىڭ ئىشى.ھەدەپ كۆپتۈرۈپ داۋرراڭ سېلۋاتقان.ئەمەلىييەتتە مۇقامنى تەتقىق قىلمىساق زادى بولمايدۇ،مۇقام ئۇنداق مۇھىم،مۇنداق مۇھىم دىگۈچىلەر مۇشۇ ئىشنى قىلىپ جان باقىدىغانلار.بۇ ئىشلارغا كەتكەن مەپلەغنى مائارىپقا سالالىغان بولساقمۇ كاشكى؟ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلېرى قامۇسىغا كىردى دەپ خوش بۇلىمىز.ئەمەلىيەتتە بۇ قامۇستا نىمىلەرنىڭ بارلىقى بىزگە نامەلۇم.بەلكىم يۇقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت پائالىيەتلېرىدۇ.مەسلەن،ئافرىقىدىكى قەبىلىلىەرنىڭ يالىڭاچ ئوينىغان يامغۇر تىلەيدىغان،مول-ھوسولنى تەبرىكلەيدىغان ئۇسۇللېرىنى يوق دىگىلى بولمايدۇ. بۇ ھېچقانچە خوش بۇلىدىغان ئىش ئەمەس.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kukbax
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ھەممىدىن مۇھىمى ئىقتىساد بىلەن ھوقوق. بىزدە كىچىكىمىزدىن ھەتتا تارىختىن بۇيان بايلارنى كەمسىتىدىغان بىر خىل خاتا قاراش بار.نەسىرىدىن ئەپەندى لەتىپىلېرىدىمۇ باي ئوبرازى سۆكۈپ تەشۋىق قىلىنىدۇ.بۇنداق بولماسلىقى كېرەك.جەمىيئېتىمىزدە ھەقىقى خەلىقپەرۋەر،خەلىقنىڭ غىمىنى يەيدىغانلار قانداقتۇر يازغۇچى، شائىر،ئارتىسلار بولماستىن بەلكى مۇشۇ ئازساندىكى كان-كارخانىچى بايلار.مۇشۇلارنىڭ قۇلىدىنلا باشقىلارنىڭ غېمىنى يېيىش كېلىدۇ ،قالغانلېرى ئۆزىنىڭ تاماق قاچىسى بىلەن ئالدىراش.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kukbax
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئويلاپ كۆرسەك بىز تازىمۇ كۈلكىلىك ئىشلارنى قىلىپ يۈرىدىغان مىللەتكەنمىز.يانچۇقتا پۇل يوق نەغمە-ناۋا دىگەنگە چاپقىنىمىز چاپقان.ھەي بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
@QAWANDAZ@
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | <<سەنئەت ئارقىلىق مىللەتنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولمايدۇ>>مانابۇ يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ ئوتتۇرغا قويغان پىكىرى.
ھەقىقەتەن توغرا بىز ئۆزىمىزنى ئاللا قانداق بىر سەنئەت بىلەن ئەمەس بەلكى قولىمىزدىكى ئىقتىساد،پەن-تېخنىكا ئارقىلىق تەرەققىي قىلدۇرالايمىز!بولمىسا تارىختا بىزدىن قالىدىغىنى <<ئەخمەق مىللەت>>دىگەن بۇ ئىبارىلا قالىدۇ! تورداشلارنىڭ بۇتىمىنى بەك ئۇزۇنكەن دىمەي 5مىنۇت ۋاقتىنى چىقىرىپ ئوقۇپ چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. [ بۇ يازما @QAWANDAZ@ تەرپىدىن 2007-11-04 17:11 دە ق ] | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
بۆرە
| بولارنى كۆرۈپ كۆڭلۈم ئاجايىپ بىر قىسما بولۇپ قالدى،دېمىسىمۇ ئچكىرىدە نەچچە يىل تۇرۇش جەريانىدا ،خەنزۇلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغىنىم : شىنجاڭلىقلار ئۇسۇلغا ماھىر، قىزلىرى چىرايلىق
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
kaskin919
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بىزگە بۇ <<ناخشا-ئۇسسۇل>>مىللىتى دىگەن ئىمىزگىنى سېلىپ قويۇپ،سەن ئەزەلدىن موشۇنداق بىر ھاڭراشتىن باشقىنى بۈلمەيدىغان مىللەت دىگىنى بولماي نىمە.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ASAN-YUSAN
يـەھـيـا
| ئەگەردە ناخشا-ئۇسۇل ، سەنئەت بىلەن دۇنياغا يۈزلەنگىلى بولسا ئىدى `~ بىز................
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
بۆرە
| Quote:بۇ مەزمون 6 جى قەۋەتتىكى بۆرە نىڭ 2007-11-02 23:19 دە يوللىغان يازمىسى“”: ئەمما سەنئەت باغانسېرى ئەبجەشلىشىپ كېتىۋاتىدۇ ![]() | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
alibaba120
دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | شزRe:بىز قانداقلارچە ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى ئاتىلىپ قالدۇق ؟Quote:بۇ مەزمون 1 جى قەۋەتتىكى ozgar نىڭ 2007-11-01 10:55 دە يوللىغان يازمىسى“”: بەرھەق. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
nokian70
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | كۆكباش توغرا دەيسىز ،،، قەدىمقى زامانلاردا ناخشا ئۇسۇلچىلار پادىشاھلارنىڭ ،بەگ خوجىلارنىڭ ،بۈگۈنكى زاماندا رەئىس ،نازىر ،ۋالىي، ھاكىم ،شەھەر باشلىقلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئاچىدىغان بىر تەبىقىگە ئايلىنىپ قالدى. ئەلۋەتتە ئەدەبىيات سەنئەت بىر مىللەت مەدەنىيتىنىڭ مۇھىم ئامىلى، لېكىن پۈتۈن بىر مىللەت ناخشا ئۇسۇل بىلەن بولۇپ كەتسە بىز دىكى پەن مەدەنىيەت نەگە كېتىدۇ،ئالىم ئابدۈشۇكۈر مۇھەممەتئىمىن <بىر مىللەت ئەڭ تەررەققىي قىلغانداياكى زاۋاللىققا يۈزلەنگەندە شۇ مىللەتتە ناخشا ئۇسۇل ئەۋج ئالىدۇ>دېگەنىدى. توغرا ھازىر بىزدە نېمە تولا لاياقەتسىز ناخشىچى، ساپاسى يوق ئۇسۇلچى تولا،تېلىۋىزىيىدىمۇئەتىدىن كەچكىچە سەنئەت گۈلزارى،ناخشا مۇسابىقىسى،پىلاستىنكا ئۇچۇرلىرى،مەشرەپ دېگەندىن باشقىنى تەشۋىق قىلمىغان، تەلەپ ۋە تەقدىم دېگەندەك ناخشا ئۇسۇل قاناللىرى توشۇپ كەتكەن، تور بەتلىرىمىزمۇ ناخشا ئۇسۇلدىن باشقا نەرسىنى ئۆزىدە پەيدا قىلالمايدۇ، كىچىك بالىلىرىمىزنى چوڭ بولساڭ نېمە بولىسەن دېسە يا ناخشىچى يا ئۇسۇلچى بولىمەن دەيدىغىنى جىق.ئالىم بولىمەندەيدىغىنى ناھايىتى ئاز،،،دېمەك بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى مۇھىت بىزنى مۇشۇنداق قىلىۋەتكەن، ئويلاپ بېقىڭلارچۇ، ئىسمىنىمۇ يازالمايدىغان قارا قورساق ئۇسۇلچىنى،داۋازنى خەلق قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل،پالانى جەمىيەتكە ئەزا ،پۇكۇنى بىرلەشمىنىڭ رەئىسى قىلىۋەتسە،ئۇلار خەلقنىڭ ئاھۇ زارىنى بىلەمتى؟ پوقنىڭ نېمىلىكىمۇ بىلمەيدىغان قاراق قورساق ساۋاتسىز ،ساپاسىز سەنئەتچىلەر ياخشى كېلىۋاتقان مىللىي سەنئىتىمىزنى بۇزۇپ ئەبجەش قىلىۋەتتى. ھەي سۆزلەپ كەلسەك ئادەمنىڭ ئوغىسى قاينايدۇ، بولدىلا ،،،،،،
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
bariber
دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ناخشا مۇزىكىنى يەنە تەرەققى قىلدۇرامسىلەر؟.........................
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
nur-ziya
| ئەجىبا بىزنىڭ ناخشا-ئۇسۇلدىن باشقا پەخىرلەنگۈدەك نەرسىمىز يۇقما؟! ئېچكىرگە بارساق ناگاندا مەدىنيەتلىكرەك خەنزۇدىن بىرەرسى « سىلەر نىڭ ناخشا- ئۇسۇلىڭلار بەك چىرايلىق » دەيدۇ. ئەمما زور كۆپچىلىك خەنزۇلار بىزنى « ئۇغرى » مىللەت دەپ ئاتايدۇ
![]() | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
НаБи
دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | ئۇيغۇرلا ناخشا-ئۇسۇل مۇقام دىگەنلەرنى ئەمدى تاشلىمىسا بۇندىن كېيىنكى پارلاق نېشانلىرىغا يىتىشىدىن ئۈمۈت كۈتكىلى بولمايدۇ ... ناخشا-ئۇسلغا بىرىلگەن مىللەت ھامانەم باشقىلانىڭ تاپىنى ئاستىدا ياشايدۇ ،،( دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق سەنئەت خۇمار ۋە ئەڭ داڭلىق سەرگەردان مىللەت سېگانلا بۇنىڭ ياخشى مېسالى ..)
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
kiran01
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بىزگە ھازىر كەم بولىۋاتقىنى دەل ئىقتىساد! قولىمىزدا پۇلنىڭ تايىنى يوق يەنە تېخى تۈگۈمەيدىغان چاي،باغاق.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
218
دەرىجىسى :يېزىش چەكلەنگەن | ھازىر يۇلغا قۇيۋاتقان ناۋا پىرگۇرامىمىسىنى كۇرسەم كۇزۇم شۇ پىرۇگراممىدا خيالىم باشقا يەردە رىياسەتچىنىڭ گەپلىىرىنى ئاڭلىسام يا كۇلۇشۇمنى يا يىغلىشىمنى بىلەلمەي ئۇتراپ كىتىمەن.[ناۋا سەھنىسى جەمىيىتىمىزنىڭ ئىھتىياجىغا ماس ھالدا يۇلغا قۇيۇلغان بۇلۇپ بۇ سەھنە سىزنىڭ ناخشا ئۇسسۇل جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكڭىزنى جارى قىىلدۇر دىغان ناخشا مۇزىكا جەھەتتە كۇپلەپ بىلىم بىرىپ ..............................................................................................................] بۇلدىلار ئاخىرنى دىمەي..ھەي بۇلسا مۇشۇ تىمىنى بىرەسىڭلار شىنجاڭ لىنىيىسى تۇر بىتىگە يۇللاپ قۇيغان بۇلساڭلار ....
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
UYUXKAK
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئۆزىمىزنى راسلا ناخشا- ئۇسۇلغا ھېرىسمەن مىللەتمىكى دېسەك ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ يۈرۈشلۈك ۋ س د پلاستىنكىسى بېسىلىپ قېلىپ نەچچە قېتىم باھاسى چۈشۈرۈلۈپ سېتىلدى!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ALXIR526
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ھا ھاھا ھا ھا ھا ھاھ اھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھ اھا
![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() يۇقۇردىكىلەر نىڭ12 مۇقام دەپ ئاغزىغا بىر كىلىدىكەن ! لىكىن دىگەندەك ئۇ12 مۇقاملىرى ئۇن-سىن مەركەرزلىرىدە سېتىلماي توپا بېسىپ تۇرمامدۇ.! ھېلىقى يەلىرى چۇ تېخى چۇمپەردەڭنى ئېلىۋەت يۇزۇڭنى بىر كۇرەي ساپلا قاملاشمىغان ، بىز مۇشۇنداق نەرسىدىن پەخىرلىنىمىز ،مىش~! شۇ2توك توك بېكارچى جەمىئىەتنى چۇشەنمەيدىغان توت تامنىڭ ئىچىدىن چىخماي ئاغزىغا كەلگەننى بىلجىرلايدىغان سەنئەتچىلەرنىڭ گىپى بۇ! مىللەت قايسى كۇننى كۇرىۋاتىدۇ ئۇنى بىلەمتى ئۇخەق ! چوڭاراق باشلىقلارنى كورسە ھىلجاراپ كېتىشلىرىچۇ تېخى ، ئارتۇق گەپنى قىلماي ....ئشقلىپ 12مۇقام ياخشى نەرسە ئەمەس! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
boy721
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | شۇنى دېسە ھازىر بىزنىڭ يۇرىت يۇرىتلادا سەنئەت ئۆمەت دىگەن ساماندەك <تېخى بەز ەن يېزىلاردىمۇ بار>
بىراق ماۋۇلارنىڭ (خەنزۇ) ناھىيەلەردە ئەمەس ۋىلايەت بەلىكى ئاپتونوم رايوندىمۇ يوق دېيەرلىك. ئىشەنمىسەڭلار بىرەرسىڭلار دەپ بېڭىڭلار .بىز ئۆمەك دىگەن خىېلى بار ،ھۆكىمەت ئۇلارغا مەبلەغ بەرمەمدىغاندۇ يە بىزگىغۇ بېرىۋاتىدۇ. لېكىن باشقا جەھەتلەردە ھەي...... دېسەم گەپ جىق سەنئەتنىمۇ يوقىتىۋېتىشكە بولمايدۇھەم شۇنداقلا ئۇنىڭغا باشچىلاپ كېرىپ كېتىشكىمۇ بولمايدۇ. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|