سىز بۇ تېمىنىڭ 174ـ ئوقۇرمىنى
 
بۇ بەتتىكى تېما: مۇھەممەد س.ۋ.س قانداق مۇۋەپپىقىيەت قازانغان؟ IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
 
gulbahar9

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 22
شۆھرەت: 23 نۇمۇر
پۇل: 225 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:8(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-08
ئاخىرقى:2008-03-14

مۇھەممەد س.ۋ.س قانداق مۇۋەپپىقىيەت قازانغان؟

ئۇلۇغ ئاللا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ؛‹‹سىلەرگە-ئاللانى،ئاخىرەت كۇنىنى ئۇمىد قىلغان،ۋە ئاللانى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە-رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۇلگىدۇر،››(سۇرە ئەھزاب 21-ئايەت)‹‹سىنى بىز پەقەت پۇتۇن ئىنسانلار ئۇچۇن،(مۇئمىنلەرگە جەننەت بىلەن)خوش خەۋەر بەرگۇچى ۋە(كاپىرلارنى ئازاب)بىلەن ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق،ۋە لىكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى(بۇنى)بىلمەيدۇ،››(سۇرە سەبەئ 28-ئايەت)‹‹ئىمان ئىيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى قاراڭغۇلىقتىن نۇرغا چىقىرىش ئۇچۇن سىلەرگە ئاللانىڭ رۇشەن ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىپ بىرىدىغان پەيغەمبەرنى ئەۋەتتى،››(سۇرە تالاق 11-ئايەت)بۇ ئايەتلەردە ئۇلۇغ ئاللا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سالاھىيىتى،ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇليىتىنى بىكىتكەن بولۇپ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللانىڭ بۇيرۇقى بىلەن مۇھىم ۋەزىپىنى ئۇستىگە ئالغان،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئىسىل ئۇلگىسى ۋە ئىنسانىيەت تارىخىدا ئەڭ زور نەتىجە قازانغان بىر ئۇلۇغ شەخىس ئىدى.
ئىنسانىيەتنىڭ يۇكسەك ئۇلگىسى بولغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللانىڭ ۋەھىيسى ۋە يىتەكلىشى بىلەن،كىشىلەر ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئىمانى،تەپەككۇرى،ئىقتىدارى ۋە گۇزەل پەزىلەتلىرىگە تايىنىپ غايەت زور مۇۋەپپىقىيەت قازانغان بولۇپ تارىختىكى بىر گىگانىت شەخىس بولۇشقا مۇناسىپ ئىدى،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىيىنكى ئەۋلادلارغا ئىچىپ بەرگەن مۇۋەپپىقيەت يولى پەقەت دۇنيادىلا يۇكسەك نىشانغا يىتىش بولماستىن بەلكى ئاخىرەتتىكى گۇزەل جەنەتكە ئىرىشىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالاتتى،ئۇ ھەقىقەتەنمۇ كىيىنكىلەرنىڭ مەڭگۇلۇك ئۇگىنىش ئۇلگىسى،شۇڭلاشقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەربىر گەپ سۆزى ۋە ئىش ھەركەتلىرى مەيلى ئۇ ياشىغان دەۋىردىكى كىشىلەر ئىچىدە بولسۇن ياكى كىيىنكى دەۋىردىكى كىشىلەر ئىچىدە بولسۇن ھەمىسىدىلا يۇكسەك ئىنسانى پەزىلەتنىڭ ئۇلگىسى بولۇپ قالغان،ئۇنىڭ ئاشكارا، يۇشۇن گەپ سۆز ۋە ئىش ھەركەتلىرىدە ئۆچمەنلىك،ھەسەتخۇرلۇق،تەكەببۇرلۇق،شەخسىيەتچىلىك،،،،تەك كىشىلەرگە سەلبى تەسىر بىرىدىغان ھىچقانداق نەرسە مەۋجۇت بولمىغان،چۇنكى ئۇنىڭ پۇتۇن ھاياتى پەقەتلا ئاللا رازىلىقى ئۇچۇن ئىدى،بىز ئۇنىڭ ھاياتى ئىچىدىن بىزنى مۇۋەپپىقيەتلىك تۇرمۇشقا،ۋە ئوڭۇشلۇق جاھاندارچىلىققا يىتەكلەيدىغان تۆۋەندىكى توققۇز پىرىنسپنى خۇلاسىلەپ چىقتۇق؛
1-ئاساننى تاللاش؛
‹‹ئائىشە(ئاللا ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن)نىڭ يەتكۇزىشىچە،ھەرقىتىم ئىككى ئىشنىڭ بىرىنى تاللاشقا دۇچ كەلگەن ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاسان،قولاي بىرىنى تاللايتتى،››(بۇخارى يەتكۇزگەن ھەدىس.)دىمەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەرقانداق ۋاقىتتا مىڭىسىنى سەگەك تۇتاتتى ۋە ئەڭ ئەپلىك يولنى تاللاپ مەقسىدىگە يىتەتتى،‹ئاساننى تاللاش›ىزنىڭ ھاياتىمىزدىكى مۇۋەپپىقىيەتنىڭ بىرىنچى پىرىنسىپى.
2-ئاساننى كۆرۇش؛
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىدە دىن تارقاتقان قىلغان دەسلەپكى مەزگىللىرىدە سانسىز قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن،ۋە ئاللانىڭ ‹‹ئەلۋەتتە ھەربىر مۇشكۇللۇك بىلەن بىر ئاسانىلق بار، ئەلۋەتتە ھەربىر مۇشكۇللۇك بىلەن بىر ئاسانىلق بار،››(94-سۇرە ئىنشىراھ5-6ئايەت)ئىجراھ قىلىپ،ھەربىر قىيىنچىلىق بىلەن بىر ئاسانچىلىقنىڭ بارلىقىنى،ھەرقانداق بىر خەتەر ئىچىدىمۇ بىر پۇرسەتنىڭ بولىدىغانلىقىنى كۆرۇپ يەتكەن،شۇڭلاشقا ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلغاندا ئۇنىڭ ئىچىدىكى قولاي،ئاسان تەرەپلەرنى كۆرۇپ يىتىپ،ئۇمىتسىزلەنمەي ۋە بوشىشىپ كەتمەي داۋاملىق كۆرەش قىلغاندىلا ئاندىن مۇۋەپپىقىيەتكە ئىرىشكىلى،غەلبە قازانغىلى بولىدۇ.
3-ئۆزىنى چەتكە ئىلىش قابىلىيتى؛
مەككىدىكى مۇسۇلمانلار دەسلەپكى مەزگىللەردە ناھايتى زور قىيىنچىلىققا ئۇچىردى،پۇرسەت پىشىپ يىتىلگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ ئاشۇ يەردىن تەرەققىيات ئىزدىشىنى قارار قىلدى ۋە شانلىق بىر تارىخ ياتتى،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يىتەكچىلىك قىلغان بۇ قىتىملىق ھىجرەت ماھىيەتتە بىر جايدىن يەنە بىرجايغا يۆتكىلىشلا بولماستىن،بەلكى بىزگە يەنە ئۆزىنى ۋاقتىنچە چەتكە ئىلىپ ،پۇرسەت كۇتۇش ۋە ۋاقتى كەلگەندە تىخىمۇ زور مۇۋەپپىقيەت قازىنىشتىن ئىبارەت بىر تۇرمۇش پىرىنسىپىنى نامايەن قىلىپ بەردى.
4-كۆپلەپ دوس تۇتۇش؛
دەسلەپكى مەزگىللەردە مەككىدە نۇرغۇنلىغان مۇشرىكلار بار بولۇپ،ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دىن تارقىتىش ھەركىتىگە قارىتا بىلىمسىزلىك،ھەسەتخۇرلۇق ۋە چىكىدىن ئاشقان ئۆچمەنلىك پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىدى،مانا موشۇنداق دۇشمەنلىككە تولغان مۇھىت ئىچىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام،كەڭ كۆلەمدە دوس تۇتۇش ۋە ئىجتىمائى مۇناسىۋەت باغلاش ئىستىراتىگىيەسىنى قولللىنىشى ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قىيىن شارائىتىنى ياخشىلىشى لازىم ئىدى،ئاللا مۇنداق دىگەن؛‹‹ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىش باراۋەر بولمايدۇ،ياخشى خىسلەت ئارقىلىق(يامان خىسلەتكە)تاقابىل تۇرغىن،(شۇنداق قىلساڭ)سەن بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت بار ئادەم،گويا سىرداش دوستۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ،بۇ خىسلەتكە پەقەت سەۋىرچان ئادەملەرلا ئىرىشەلەيدۇ،بۇ خىسلەتكە پەقەت بۇيۇك نىسىۋە ئىگىسىلا ئىرىشەلەيدۇ،››(41-سۇرە پۇسسىلەت34-35-ئايەت)ئاللانىڭ ۋەھىسى ئۇنىڭغا يامانلىق قىلغانلارغا ياخشىلىق قىلىشنى، دۇشمەنلىرىگە كەڭ قورساق بولۇپ ئۇلارنى قولغا كەلتۇرشنى ئۇگەتتى،ۋە ئۇنى غەلبىنىڭ يولىغا يىتەكلىدى،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئۆمۇرلۇك كۆرەش ھاياتىدا،سەۋىرچان،ئاق كۆڭۇل ۋە كەڭ قورساق بولۇپ،دۇشمىنىنى دوسقا ئايلاندۇرۇپ ئىسلامنىڭ بۇيۇك مۇۋەپپىقىيىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى،پەيغەمبىرىمىزنىڭ بىر قىتىملىق ئەڭ ئۇلۇغ دوس تۇتۇش ھەركىتى مەككىنى پەتھى قىلغان كۇنى بولغان بولۇپ،شۇ كۇنى ئۇ بارلىق دۇشمەنلىرىنىڭ گۇناھىدىن ئۆتىۋەتكەنلىكىنى ئىلان قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئەركىنلىك بەردى،مەككىدىكى دۇشمەنلەر لاگىرىدا كۆپ قىتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى يۇشۇرۇن ئۆلتۇرۇشنى،ئۇنىڭغا سۇيقەسىت قىلىشنى پىلانلىغان دۇشمەنلەر بار ئىدى،بىراق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا غايەت زور كەڭ قورساقلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە ئۆتكەن ئىشلارنى سۇرۇشتە قىلمىدى،شۇنىڭ بىلەن ئىلگىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالمغا دۇشمەنلىك قىلغان كىشىلەر ئۇنىڭ دوستىغا ئايلىنىپ،ئىنسانىيەتنىڭ جەڭ تارىخدىكى تىللاردا داستان قىلىشقا ئەرزىيدىغان بىر مىسلىسىز ھادىسە بولۇپ قالدى.
5-مائارىپ ۋە تەربىيلەشنى ئاساس قىلىش؛
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسى،زۇلمەتكە تولغان جەميەتكە ئىسلام نۇرىنى تارقىتىش ئىدى،پەيغەمبەر بولغان تۇنجى كۇندىن باشلاپلا ئۇ ئاممىنى تەربىيلەش ۋەزىپىسىنى ئۇستىگە ئىلىپ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ئەتراپىدىكىلەرگە ھەقىقى بىلىمنى تارقىتىشقا باشلىدى،مەسىلەن بەدىر غازىتىدا ئومومىيۇزلۇك غەلبە قازانغاندىن كىيىن،ئەسىرلەر ئىچىدە 70تىن كۆپرەك ساۋادى بار دۇشمەن ئەسكىرى بارلىقىنى بىلگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلار بىلەن شەرىتلىشىپ،موبادا ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئوندىن مۇسۇلمان بالىغا خەت يىزىش ۋە كىتاب ئوقۇشنى ئۇگىتىپ قويسا بۇ ئەسىرلىكتىن قۇتۇلۇش تۆلىمنىڭ ئورنىدا بولۇپ ئۇنىڭ بەدىلىگە ئەركىنلىككە ئىرىشىدىغانلىقىنى ئىيتقان،شۇنىڭ بىلەن مەدىنىدىكى مۇسۇلمانلار جەميىتىدە تۇنجى قىتىم رەسمى،مۇنتىزىم شەكىلدىكى ئۇگىنىش يولغا قويۇلغان بولۇپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى گۇناھىنىڭ كەچۇرۇم قىلىنىشىنى ئۇمىت قىلىدىغان دۇشمەنلەر ئىدى،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مائارىپ ئەنئەنىسى ئىسلام تارىخىدىكى بىر يىشىل چىراق بولۇپ شەكىللىنىپ تاكى بۇگۇنگىچە ئۇدا داۋاملىشىپ كىلىۋاتىدۇ،مائارىپنى ئاساس قىلىش مۇسۇلمانلار جەميىتىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەۋجۇدىيەت شەكلى بولۇپ،ئۇلار مائارىپقا سەل قارىغان ھەرقانداق ۋاقىتتا ئىمان ۋە مەدەنىيەتتە مۇقەررەر ھالدا چىكىنىش ۋە خاراپلىشىش يۇز بەردى.
6-كۇچلۇك دۇشمەن بىلەن ئىلىشماسلىق؛
مۇسۇلمانلار جەميىتى ھەرقانداق بىر جايدا ئاجىزلىقتىن كۇچلۇكلىككە قاراپ تەرەققى قىلىدۇ،بىر تارىخى قانۇنىيەت،بۇنىڭ سىرى دەلمۇ دەل-كۇچلۇك دۇشمەن بىلەن ئىلىشماسلىق ۋە تەييارلىق پۇختا،تولۇق بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا دۇشمەنگە قارىغۇلارچە ھۇجۇم قىلىپ،ئىغىر زىيان ۋە بالايى قازا پەيدا قىلماسلىقتۇر،ئەينى ۋاقىتتا مەدىنىدىكى ئىسلام جەميىتىنىڭ چىگىرسىنى قوغداش ئۇچۇن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خىللانغان بىر قوشۇننى يىراق سۇرىيە چىگىرسىغا ئەۋەتىپ رىم قوشۇنلىرى بىلەن تۇتىشىپ قالغان،مۇئتە بازىرىدا تۇرغان رۇم قوشۇننىڭ سانى 100مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ،تەييارلىقى پۇختا،ئەسكەرلىرى خىل،ئوزۇق تۇلۇكلىرى يىتەرلىك بولغاچقا، مۇسۇلمانلار قوشۇنى ئۇرۇش قىلسىلا يىڭىلگىدەك ھالەتتە ئىدى،بۇ ۋاقىتتا خالىد ئىبنى ۋەلىد ئىسلام جەڭچىلىرىگە قۇماندانلىق قىلىپ،دۇشمەننىڭ مۇھاسىرسىنى بۆسۇپ چىقىپ مەدىنىگە چىكىندى،لىكىن خالىدنىڭ قوشۇنى شەھەرگە كىرگەندە مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن‹ئاسىيلار›دەپ ئەيىپلەندى،بىراق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ باتۇر،ياخشى قوشۇننى ئەيىبلەشتىن توسۇپ،‹ئۇلار ئاسىلار ئەمەس بەلكى قەھرىمانلار› دىگەن،ئۇ بۇ سۆزى بىلەن مۇنۇلارنى چۇشەندۇرگەن؛ئەقىل پاراسەت جىڭى ئىچىدە ئىلگىرلەش بىلەن چىكىنىشتىن باشقا يەنە ئۆزىنى چەتكە ئىلىشتىن ئىبارەت ئۇچىنچى تۇرلۇك بىر جەڭ ماھارىتىمۇ بار،ئۇ ئەلۋەتتە ئىستىراتىگىيەلىك ئىھتىياج ۋە ئەمەلى كۇچنى ساقلاشتۇر،رۇم قوشۇنلىرى سۇرىيە چىگىرسىدا يىقىن ئەتراپتىكى يىزا كەنىتلەرگە تىخىمۇ كۆپ پاراكەندىچىلىك سالغان،بىراق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇماندانلىقى ئاستىدىكى ئىسلام قوشۇنلىرى قىمىر قىلماي تۇرىۋىلىپ،تولۇق ئۇچ يىل تەييارلىق قىلغاندىن كىيىن،ئەڭ ئاخىرقى بىر قىتىملىق ھەل قىلغۇچ جەڭدە خالىدنىڭ قوشۇنى ئاجايىپ زور خىزمەت كۆرسىتىپ ئىسلام دۆلىتى ۋە رۇم ئىمپىريەسى چىگىرلىنىدىغان رايۇننى تولۇق مۇقىملاشتۇرغان.
7-سۇلھى تۇزۇش؛
ۋەزىيەتنىڭ پايدا زىيىنىغا ئاساسەن مۇسۇلمانلارنىڭ دۇشمەن بىلەن سۇلھى،توختامنامە تۇزىشى-بۇ بىر ئىستىراتىگىيەلىك ئىھتىياج،چۇنكى قىسقا مەزگىللىك يول قويۇش ئىچىدىن يىڭى ھاياتى كۇچ ۋە ئىلگىرلەش،تەرەققى قىلىش پۇرسىتىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ،پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىدىكى كۇچلۇك دۇشمەنلەر بىلەن مەدىننىڭ سىرتىدىكى ھۇدەيبىيە كەنتىدە ھۇدەيبىيە سۇلھىسىنى ئىمزالاپ،ئىككى تەرەپنىڭ ئون يىللىق ئۇرۇش توختىتىشىغا كاپالەتلىك قىلدى،بۇ كىلىشىم ئىچىدە گەرچە مۇسۇلمانلارغا ھاقارەت قىلىدىغان يول قويۇشلار بولسىمۇ،لىكىن بۇ ئون يىل مۇسۇلمانلارنىڭ تولۇق تەرەققى قىلىۋىلىشى،ۋە زورىيىۋىلىشىغا،ئەتراپتىكى كىشىلەرگە ئىسلامنى تەشۋىق قىلىپ،كىشىلەر قەلبىنى ئۇتىۋىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى،ئىككى يىلدىن كىيىن ۋەزىيەتتە زور ئۆزگىرىش بولۇپ،مۇسۇلمانلارنىڭ غەلبە قىلغۇچى بولغانلىقى ئىسپاتلاندى.
8-تەرتىپ بىلەن تەدىرجى ئىلگىرلەش؛
ئىسلامنىڭ تەرەققىياتى بىر قىتىمدىلا ھەممىنى قىلىۋىتىش،ئىجتىمائى،تەبىئى قانۇنىيەتلەرگە رىئايە قىلماي ھەممىنى بىراقلا ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇش بولماستىن بەلكى پايدىلىق شارائىت ئاستىدا تەرتىپ بىلەن تەدىرجى ئالغا ئىلگىرلەش،پەيدىنپەي ئالغا بىسش پىرىنسىپىدا ئىزچىل چىڭ تۇرۇش بولۇشى كىرەك،ئىسلامنىڭ دەسلەپقى تەرەققىياتىغا نەزەر سالساق،قۇرئان كەرىم پىرىنسىپاللىقتىن كونكىرىلىققا قاراپ،تەرتىپ بىلەن تەدىرجى نازىل قىلىندى،دەسلەپتە چۇشكەن ۋەھىيلەر،تەۋھىد،ئاخىرەت،،،كە ئوخشاش ئىماننىڭ ئاساسى پىرىنسىپلىرى توغۇرسىدا بولۇپ،بۇ ۋەھىيلەر كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭىپ كىرىپ ئۇلارنى ئۆزگەرتىپ بولغاندىن كىيىن،ئاخىرقى باسقۇچتا تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائى تۇزۇمگە ئالاقىدار ئايەتلەر چۇشتى،ئاللانىڭ ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋەھى چۇشۇرۇش جەريانىدىن كۆرىۋىلىش تەس ئەمەسكى،ئىسلامنىڭ تارقىلىشى ۋە كىشىلەر قەلبىگە سىڭىپ كىرىشىمۇ ھەم بىر تۇرلۇك تەرتىپ بىلەن تەدىرجى ئىلگىرلەش بولۇشى كىرەككى،بىر تۇرلۇك ئالدىراپ كەتكەن جىددىيلىك جەريانى بولماسلىقى كىرەك.
9-ئەمەلى ئۇنۇمگە ئەھمىيەت بىرىش؛
نۇرغۇن ئادەملەر ناھايتى مەسىلىگە يۇزە قارايدىغاندەك كۆرۇنىدۇ،بىراق ئەڭ مۇھىم تاللاش پەيتلىرىدە بۇ يۇزەلىكىنى بىراقلا تاشلىۋىتىپ ئەمەلى ئۇنۇمگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىدۇ،ھۇدەيبىيە سۇلھىسى تۇزگەن ۋاقتىدا مەككىدىكى قۇرەيىش قەبىلىسىنىڭ ۋەكىللىرى كىلىشىمنامىگە‹ئاللانىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد›دەپ يىزىشقا قوشۇلمىدى،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنىڭغا يول قويۇش پوزىتسىيەسىنى تۇتۇپ ئۇنى‹ئابدۇللانىڭ ئوغلى مۇھەممەد›دەپ يىزىشقا قوشۇلدى،ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇن ساھابىلەر بۇ پىرىنسىپاللىق مەسىلىگە قارىتا يول قويماسلىقنى ئىپادىلىگەن بولۇپ،ئۇلارنىڭ قارىشىچە موھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللانىڭ ئەلچىسى ئىكەنلكىنى قۇرەيىشلەرگە ئىتراپ قىلدۇرۇش كىرەك ئىدى،لىكىن بۇ بىر قەدەم يول قويۇش مۇشىرىكلارنى تىنىچلاندۇرۇش رولىنى ئوينىغان بولۇپ،مۇسۇلمانلار ئىككى تەرەپ ئۇرۇش توختىتىش كىلىشىمى ئىمزالىغان بۇ بىر مەزگىل ئىچىدە كىيىنكى غەلبە ئۇچۇن ئاساس سىلىۋالدى.
بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمھالىنى ئالدىرماي،تەپسىلى ئوقۇساق،ھەممىلا يەردىن ھىس قىلىدىغىنىمىز،بىر تۇرلۇك تەجىربە ساۋاق بولىدۇ،ئاللانىڭ ئەلچىسىنىڭ بارلىق ئىش ھەركەتلىرى ھەقىقەتەنمۇ كىيىنكى ئەۋلاد مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلگە نەمۇنىسىدۇر،ئۇنىڭ ئىستىراتىگىيەلىك تەپەككۇرى كىيىنكىلەرنىڭ ئىسلامنى تەشۋىق قىلىش ۋە تارقىتىشى ئۇچۇن بىر تۇرلۇك نەمۇلىك ئۇسۇل تىكلەپ بەردى،خۇلاسىلىگەندە ئۇلارنى يۇقارقى توققۇز خىل چوڭ پىرىنسىپقا يىغىنچاقلىغىلى بولىدۇ،بۇگۇنكى مۇسۇلمانلار دۇنياسى دۇچ كىلىۋاتقان ۋەزىيەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەينى ۋاقىتتا دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت بىلەن نۇرغۇن جەھەتلەردە بەكمۇ ئوخشايدۇ،دۇشمەن كۇچلۇك بىز ئاجىىز،لىكىن ھەقىقەت بىز تەرەپتە بولۇپ،قەلبىمىز غەلبىگە بولغان يۇكسەك ئىشەنىچكە تولغان،بىز ئىستىراتىگىيە جەھەتتە پەيغەمبىرىمىزنى ئۇلگە قىلىشىمىز لازىم،شۇندىلا ئۇنىڭ ئۇلگىلىك ھاياتى ۋە ئىش ھەركەتلىرى بىزنىڭ غەلبىگە ئىرىشىمىزنىڭ پۇتمەس تۇگىمەس،مول تەپەككۇر مەنبەسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ،ئاللا مۇنداق دەيدۇ؛‹‹سىلەرگە—ئاللانى،ئاخىرەت كۇنىنى ئۇمىد قىلغان،ۋە ئاللانى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە—رەسۇلۇللا ئەلۋەتتە ياخشى ئۇلگىدۇر››(33-سۇرە ئەھزاب21-ئايەت)

ماقالىنىڭ مەنبەسى؛خەنزۇچە نور ئىسلام تورى.




__________ ئۇيغۇرجان تەستىقى
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-09 09:21 | [باش تېما]
irpan3

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 90
شۆھرەت: 113 نۇمۇر
پۇل: 850 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:31(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-01-26
ئاخىرقى:2008-03-14

شۇنداق ئىسىل تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز،رەھمەت،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 20:07 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 1 .قەۋەت
$BARNA$

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 14
شۆھرەت: 15 نۇمۇر
پۇل: 140 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:99(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-09-18
ئاخىرقى:2008-03-13

راستىنلام ئالتۇنغا تىگەشگۇسىز  تىما ئىكەن ، ئاللاھ خالىسا قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن...
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 21:27 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 2 .قەۋەت
imran1979
ئىجاتچان ئەزا

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 355
شۆھرەت: 386 نۇمۇر
پۇل: 3492 سوم
تۆھپە: 25 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:106(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-09-29
ئاخىرقى:2008-03-14

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكەنلەر نىجات تاپماي قالمايدۇ،ئاللاھ بىزلەرنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ يولىنى مەھكەم تۇتىدىغانلاردىن قىلسۇن!
بۇ ئېسىل تېمىغا قارىتا ئىنكاس سۇپىتىدە بىر ھەدىسنىڭ ئاساسى مەزمۇنىنى يېزىشنى توغرا تاپتىم.
<پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە بېرىلمىگەن بەش خىل ئارتۇقچىلىق بېرىلگەن بولۇپ ئۇلار:1.قىيامەت كۇنى ئوز ئۇممەتلىرىگە شاپائەت قىلىش ھوقۇقى.2.غەنىمەت<جەڭ ئولجىسى>نىڭ ھالال قىلىپ بېرىلگەنلىكى.3.زىمىننىڭ ھەممە يېرى ئىبادەت قىلىشقا پاك قىلىپ بېرىلگەنلىكى 4.باشقا پەيغەمبەرلەر بىر مىللەت،بىر قەۋمگە ئەۋەتىلگەن بولسا ،مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسەللەم پۇتۇن مىللەتلەرگە تاكى قىيامەتكىچە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەنلىكى .5.دۇشمەننىڭ قەلبىگە قورقۇنچ سېلىش قابىلىيىتى بېرىلگەنلىكى.

ئەسلى ھەدىسنىڭ تولۇق تېكىستى يادىمدا يوق،شۇڭا ئاساسلىق مەزمۇنى دەپ يوللىدىم،بىلىدىغانلار تولۇقى بىلەن يوللاپ قويغان بولسا.
گۇلباھار خانقىز، قوللىرىڭىزغا بەرىكەتلەر بولسۇن!
مېنىڭچە <سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم>نى قىسقارتماقچى بولساق< س ئە ۋ> دەپ ئالساق توغرىراق بولامدىكىن.
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
قەيسەر يۇرەك .
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 21:52 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 3 .قەۋەت
aysan

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 13
شۆھرەت: 14 نۇمۇر
پۇل: 80 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:18(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-12-27
ئاخىرقى:2008-03-12

تىمىڭىزغا رەخمەت ،نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە بولدۇق،اللا قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن!
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 21:54 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 4 .قەۋەت
muzat505

بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 88
شۆھرەت: 89 نۇمۇر
پۇل: 830 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:86(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-11-16
ئاخىرقى:2008-03-14

  اللە تىن سىزگە ئامانلىق بولغاي...نىجاتلىق ياخشى سۆز ياخشى ھەركەتتە بولغۇچىلارغا مەنسۇپ...
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-12 23:06 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 5 .قەۋەت
hadi

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 30
شۆھرەت: 31 نۇمۇر
پۇل: 300 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:5(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-02
ئاخىرقى:2008-03-13

ھەقىقەتەن ئىسىل تىما ئىكەن،رەھمەت قولىڭىزغا دەرىت كەلمىسۇن،موشۇنداق ئىسىل تىمىلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-13 10:19 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 6 .قەۋەت


 

Time now is:03-14 15:32, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation